كۆرۈش: 4619|ئىنكاس: 7

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى رولى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-28 18:10:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى رۇلى
_________بۇ ئەسىرىمنى جاپاكەش ئۇستازلارغا بېغىشلايمەن


                                                                   تۇردى توختى
پىسخىك ساغلاملىق ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى زور بايلىق.بۇ بايلىقنىڭ ساغلاملىغى بولسا- كىشىلەرنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىرى ۋە شۇ مۇناسىۋەت ئارقىلىق نەتىچىلىنىدىغان خىزمەت ئۈنىمىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىشىنىڭ،مۇنداقچە ئېيتقاندا كىشىلەرنىڭ ئۈزىنىڭ ئەمگىگىدىن ئۈزى رازى بۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
ئۇقۇتقۇچىلارمۇ بىر ئىجدىمائى ئادەم بۇلۇش سۈپىتى بىلەن باشقا كىشىلەرگە ئوخشاشلا پىسخىك ساغلاملىققا مۇھتاچ بۇلۇدۇ،پىسخىك توسالغۇلارنىڭ ئۈزىنىڭ خىزمەت نەتىچىلىرىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكنى ئۈمۇت قىلىپ،ئۈزىنىڭ تارتىغان جاپاسىغا يارىشا نەپكە(شان-شەرەپكە)ئىرشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىچكى تاشقى دۇنياسىغا تەسىرلەرنى كۈرسۈتۈپ،ئادەمنىڭ نورمال تۇرمۇش تەرتىۋىنى بۇزىۋېتىدىغان ئىچكى-تاشقى ئامىللار ھامان مەۋجۇت بۇلۇپ،ئادەم كەيپىياتىنىڭ تۇراقلىقلىقىنى بۇزىۋەتىدۇ،بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا قالايمىقان ئىنكاس سىگىنالى پەيدا بۇلۇپ،ئادەمدە خاتا ھۈكۈم چىقىرىش مۇمكىنچىلىكىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
مەسىلەن:تۇيۇقسىز يۇز بەرگەن تەبىيەت ھەدىسىلىرى ۋە ياكى كىشىنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتمەيدىغان تاشقى ئامىللار.ئالدىنقىسىغا كىشلەرنىڭ ئامالى يوق،كىيىنكىسىگە ئامال بولسىمۇ شارايىت يوق.
يۇقارقىدەك رىياللىق كىشىلەردە پىسخىت توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.بۇلۇپمۇ سۈنئى ھالدا پەيدا بۇلۇپ،ئادەمنىڭ ئېڭىغا تەسىر كۈرسۈتپ،ئادەمنىڭ ئىچكى تەڭپۇڭلىقىنى بۇزىۋەتىدىغان سۈبىكتىپ ئامىللارنىڭ، ئادەمنىڭ پىسىىكىسىغا كورسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن زور بولىدۇ.بۇنداق سۈبىكتىپ تەسىرلەرنىڭ زەربىسىگە ئەڭ كوپ ئۇچرايدىغان كىشىلەر تۇپى بولسا –ئۇقۇتقۇچىلاردۇر.
يۇقىردىكى ھۈكۈمدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى ئۇقۇتقۇچىلار داۋاملىق خىزمەت بېسىمى،ئۇقۇقۇچى-ئۇقۇچى مۇناسىۋىتى بېسىمى،غەيرى مائارىپ خىزمەتلىرى بېسىمى،جەمىيەت تەرەقىيادىغا ماسلىشىش تېلىۋى بېسىمى ۋە جەمىيەتتىكى تۇرلۈك تۈمەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ بېسىمى ئچىدە يۇرۇيدىغان كىشىلەر بولغانلىغىدىن ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچىلار كەيپىياتنى تەڭشەشكە ،مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تاكتىكىلىرىغا ماھىر بولىشى كېرەك.بۇنداق قىلمىغاندا ئاسانلا پاسسىپ پىسخىك تەسىر پەيدا بۇلۇپ،خىزمەتلەردە نەتىچە قازىنىش بىر قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
1.جىسمانى ساغلاملىق بىلەن روھى ساغلاملىقنىڭ مۇناسىۋىتى
جىسمانى ساغلاملىق بىلەن روھى ساغلاملى ئوترىسىدا ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەت بۇلۇپ،ئۇ ئىككىسى بىرى بىرنى شەرت قىلىدۇ،بىرى-بىرنى ئىلگىرى سۈرۈدۇ،بىرى-بىرنى تۇلۇقلايدۇ.باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئادەمدىكى بۇ پىسخىكىلىق ۋە پىزلوگىيەلىك ئامللار ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەت ماركىزىملىق دىيالىكتىكىلىق مۇناسىۋەتكە ئوخشاپ كېتىدۇ.
يۇقارقىلاردىن شۇنداق خۇلاسسە چىقىرىش مۇمكىن. روھى ساغلاملىق بىلەن جىسمانى ساغلاملىق بىر پۈتۈن ئۈمۇمى گەۋدە بۇلۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە روھى ساغلاملىق،يادۇرۇلۇق ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.جىسمانى ساغلاملىق زۈرۈر شەرت بۇلۇپ،روھى ساغلاملىقنىڭ تېخىمۇ جۇلالىنىشىدىكى زۈرۈر ماددى مەنبە.
مۇشۇنداق بولغان ئىكەن بىز ھەم روھى جەھەتتىن ھەم جىسمانى جەھەتتىن ساغلام بۇلۇپ،ئىشلىرىمىزنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك نەتىجىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.بۇلۇپمۇ ئۇقۇتقۇچىلار روھى ساغلاملىق بىلەن جىسمانى ساغلاملىق ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ،ئۇقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك ھەم مۇشكۈل ۋەزىپىنىڭ ھۆدىسىدىن سان-سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا چىقىش ئۈچۈن تىرشىشىمىز كېرەك.ئەلبەتتە بۇنى دىمەك ئاسان ئورۇنلىماق ئىنتايىن قىيىن بولغان مەسئۇليەت ھىساپلىنىدۇ.
2.ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىغى ئۈستىدە ئانالىز
ساغلاملىق پەقەت جىسمانى جەھەتتى ساغلام بۇلۇشنىلا كورسەتمەيدۇ.ھازىرقى باسقۇچتا ئۇقۇتقۇچىنىڭ جىسمانى ساغلاملىغىغا قۇيۇلغان تەلەپ قاتتىق بۇلۇپ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ جىسمانى ساپاسى ھەر ھالدا ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ.جىسمانى ساپادىن باشقا يەنە ھازىرلاشقا تىگىشلىك ساپالارمۇ بارغانچا كۆپەيمەكتە.‹‹دۇنيا سەھيە تەشكىلاتىنىڭ خاتىرىسى››دە‹‹ساغلاملىق كىسەللىك ۋە كىسەللىك ھالىتىلا ئەمەس،بەلكى شەخسىنىڭ تىنىدىكى،روھىدىكى،ئىجدىمائى ماسلىشىشچالىقتىكى بىر خىل بىجىرىم ھالەت›› دىيىلگەن .بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بۇلۇدىكى جىسمانى ساپا ھازىرلاشتىن سىرت يەنە روھى ساغلاملىق ساپسى،ئىجدىمائى مۇھىتقا مالىشىش ساپاسىنى يىتىدۈرگەندىلا ئاندىن جەمىيەتتىكى نورمال ئادەملەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغىلى بۇلۇدۇ.
ئۇقۇتقۇچىلاردا جىسمانى ساپا مەسىلىسى ئاساسى جەھەتتىن ئۆلچەمگە يەتسىمۇ ئېغىر خىزمەت بېسىمى ۋە باشقا ئىجدىمائى مۇناسىۋەتلەر ئاتا قىلغان تۈرلۈك بېسىملار ئۇقۇتقۇچىلاردا روھى(پىسخىك)مەسىلە ۋە مۇھىتقا ماسلىشالماسلىقتەك ئېغىر ئىجدىماى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلماقتا.بۇ خىل ئەھۋال ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىدا ئۇمۇمى يۈزلۈك ساقلانماقتا.
1)ئۇقۇتقۇچىلاردىكى پىسخىك مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسى
(1)ئېغىر خىزمەت بېسىمى پەيدا قىلغان پىسخىك توسالغۇلار-ئۇقۇقۇچىلارنىڭ خىزمەت بېسىمى ھەدىدىن ئارتۇق ئېغىر بۇلۇپ،ئۇ سەككىز سائەتلىك ئۆلچەملىك خىزمەت كۈنىدە تۈگىمەيدۇ،ئۇلار يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىشلەيدۇ.بۇنداق ئۇلۇنۇپ كەلگەن مارافۇنچە خىزمەت ئۇقۇتقۇچىلاردا كەسپىدىن زىرىكىش پىسخىكىسنى شەكىللەندۇرۇپ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىغىنى بوغۇپ قويۇدۇ.
(2)ئۈزىنى توغرا تۇنىيالماسلىق-بەزى ئۇقۇتقۇچىلا باشقىلانىڭ ئۈزىدىن ئىقدىدارلىق ئىكەنلىگىنى ھىس قىلسىمۇ لىكىن بۇنى ئىتىراپ قىلمايدۇ.بۇنداق ئىتىراپ قىلماسلىق داۋاملىق پىسىىكا جەھەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش ئېڭىنى بوغۇپ قۇيۇدۇ.بۇ شۇ خىلدىكى ئۇقۇتقۇچىلاردا ئاغرىنىش،قارشلىشى(پاسسىپ قارشىلىشىش)ھالەتلىرىنى پەيدا قىلىپ،ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئوبىرازىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
(3)ئۇقۇتقۇچىنىڭ خارەكتىرىدىكى پاسسىپ ئامىللار-بەزى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مىجەزى ئوسۇل،باشقىلار بىلەن چىقىشالمايدۇ،باشقىلارنى چۈشىنىشنى خالىمايدۇ،ئەفۇچانلىغى يوق دىيەرلىك بۇلۇپ ،بۇنداق ئۇقۇتقۇچىلار ئاسانلا باشقىلار بىلەن ئازارلىشىدۇ.بۇنداق ئازارلىشىش تەكرارلانغانچە ئۇقۇتقۇچى تېخىمۇ ئەسىبىلىشىپ،ئۈزىنىڭ ‹‹ئۇستازلىق››سالاھىتىنى يوقۇتۇپ،دائىم بۇرۇختۇملۇق ئىچەدە ياشايدۇ.
(4)ئۇقۇتقۇچىنىڭ خاسلىق ئالاھىدىلىگى-بۇ يەردە دىيلىۋاتقان خاسلىق ئۇقۇتقۇچىنىڭ يالغۇزچىلىقنى خالاپ،باشقىلار بىلەن ئارلىشىشنى ياقتۇرماسلىققا قارتىلغان.بەزى ئۇقۇتقۇچىلاردا جىمغۇرلۇق،پالىيەتچانسىز خارەكتىر يىتىلگەن بۇلۇپ،بۇنداق ئۇقۇتقۇچىلار داۋاملىق يالغۇزلۇق ھىس قىلىپ،پارتىلاش خارەكتىرلىك ئىچكى بېسىم پەيدا قىلۋالىدۇ.بۇنداق يۇقىرى ھالەتتىكى ئىچكى بېسىم ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مىجەزىنى قاتماللاشتۇرۇپ،ئۇلاردا مۆلچەرلۈگىسىز پىسخىك توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.
2) ئىجدىمائى مۇھىتقا ماسلىشالماسلىقنىڭ مەنبەسى
(1) كىشلىك مۇناسىۋەتكە مالىشالماسلىق-بەزى ئۇقۇتقۇچىلا خىزمەت مۇھىتىدىكى كىشلىك مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمايدۇ.بۇ تۈۋەندىكى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ.بىرى ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلالماسلىق،يەنە بىرى بولسا ئىشداشلار مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماسلىق،ئۈچۈنچى بىرسى بولسا ئاتا-ئانىلار بىلەن مەكتەپ،ئۇقۇغۇچى،ئۈزى ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماسلىق،توتىچى بىرسى بولسا ئائىلىسىدىكى ئىچكى مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلالماسلىق.يۇقارقىدەك ئەھۋال ئاستىدا ئادەم بۇرۇختۇملۇقتا قېلىپ ياشاش ئۈمىدىنى يوقۇتۇپ قۇيۇشىمۇ مۈمكىن شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچىلار بۇنداق مۇناسىۋەتلەرگە نىسپەتەن سەزگۈر بۇلۇشى كېرەك.
(2)ئۈزىنىڭ كىرىمى بىلەن جەمىيەت تەرەققىيادى ئوترىسىدىكى ئىقدىسادى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماسلىق-بۇ دىگەنلىك قىسمەن ئۇقۇتقۇچىلار ئۈزىنىڭ مۇقۇم كىرىم مەنبەسى بولغان ئىش ھەققىنى تولىمۇ يۇقىرى مولچەرلەپ،قالايمىقان پۇل چىقىم قېلىپ،ئاخىرقى ھىساپتا جەمىيەت تەرەققىيادىنىڭ شاللىشىغا ئۇچرايدۇ.بۇنداق رەھىمسىزلىك شۇ ئۇقۇتقۇچىغا قاتتىق زەربە بۇلۇپ،ئۇقۇتقۇچىنىڭ زەيىپلىشىپ كىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈدۇ.
(3)ئىجدىمائى ئەخلاق بىلەن كەسپىي ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماسلىق-بەزى ئۇقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاق دائىرىسىنىڭ ئىجدىما ئەخلاق دائىرىسىدىن كىچىك بۇلۇشتەك رىياللىققا دىققەت قىلماي كىشلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىردىن چۈشۈپ كېتىدۇ.بىز ئۇقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئىككىسى ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىمىز لازىم.بىز بىر نوقتىغا دىققەت قىلمىساق، بىزنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق ئوبىرازىمىز نولگە تەڭ بۇلۇدۇ.ئۇ بولسىمۇ-ئىجدىمائى ئەخلاق يول قۇيۇپ،كەسپىي ئەخلاق يول قويمايدىغان قىلمىشلارنى قەتتى سادىر قىلماسلىقتۇر.
يۇقىرقىلاردىن شۇنداق خۇلاسسە چىقىرىشقا بۇلۇدىكى مەيلى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ جىسمانى ساغلاملىغى بولسۇن،مەيلى پىسخىك ساغلاملىغى بولسۇن،مەيلى ماسلىشىشچانلىقتىكى روھى ھالىتى بولسۇن دىققەت قىلمىغاندا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇقۇتقۇچىلاردا پىسخىك توسالغۇلارنى پەيدا قىلىپ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە بىۋاستە تەسىر كورسىتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچىلار چۇقۇم يۇقارقى ئۈچ تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىقتىدارنى يىتىلدۈرۈپ،ئۈزىنىڭ ۋە باشقىلارنى روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىكى ساغلاملىغىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
3.پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشتىكى رولى
ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىغىنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشتىكى رۇلى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىغىنى يىتىلدۈرۈپ،ئۇلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىغىنى قوغداش-ئۇقۇتقۇچىنىڭ مەكتەپتىكى ۋە جەمىيەتتىكى ئوبىرازىنى گەۋدىلەندۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ئۈن-تىنسىز ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ،جەمىيەتكە تۆھپە قۇشۇپ، ئۈزىنىڭ مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇقۇتقۇچىنىڭ پىسخىك ساغلاملىغىنى يىتىلدۈرش ۋە قوغداشتا تۈۋەندىكى مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم.
(1)ئۇقۇتقۇچىلار ئۈزىنى توغرا تۇنۇپ،ئۈمۈتۋار ھالىتىنى ساقلاشقا ماھىر بولىشى لازىم.
بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ ھەركەت جەرياننى ۋە ھەركەت جەريانىدا بارللىقا كەلگەن سالايىتىنى كۈزىتىپ تۇردىغان ‹‹كۆز››لەر بەك كۆپ بۇلۇدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچى ئۈمۇتۋار بۇلۇپ،داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەش ئۈچۈن تىرشىشى لازىم.
(2)ئۈزىنى خۇشال تۇتۇپ،كەيپىياتنى تەڭشەپ تۇرۇشىقا ماھىر بۇلۇشى لازىم.
خۇشاللىق ئادەمگە ياخشى كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچىلار قىزغىن بۇلۇپ،ھەر قايسى جەھەتلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى تەڭشەپ،كەيپىياتنىڭ نورماللىغىنى ساقلاش ئۈچۈن تىرشىشى لازىم.
(3)ئەفۇچان بۇلۇش-ئۇقۇتقۇچىلار كەڭ قوساق،باشقىلارنى ئەفۇ قىلالايدىغان ياخشى خارەكتىرىنى يىتىلدۈرۋالسا بىر تەرەپتىن ئۈزىنىڭ جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىغىنى قوغدىسا يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تۆھپە قۇشالايدۇ.
(4)ئۇقۇتقۇچىلار پىسخىك ساغلاملىق ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرشىشى لازىم.
بۇ دىگەنلىك ئۇقۇتقۇچىدا ھەرقانداق خىزمەت بېسىمىغا نىسپىتەن ئىدىيەدە تەييارلىق بۇلۇش،چۇقۇم قۇبۇل قىلىشقا مايىل بولۇش كېرەك دىگەنلىك(بۇ دىگەنلىك خاتا نوقتى-نەزەرلەرنىمۇ قارا-قۇيۇق قۇبۇل قىل دىگەنلىك ئەمەس).شۇنداق قىلغاندا نۇرغۇن ئورۇنسىز كوڭۇلسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،ئۈزىنىڭ ئاخىرقى نىشانىغا يىتىپ بارالايدۇ.
(5)تۇرلۇك مائارىپ ئىسلاھاتلىرىغا بولغان تۇنۇشنى ئۆستۈرۈپ،مائارىپ ۋە ئۇقۇتۇش ئىسلىھاتىدا ئۈزىنىڭ رۇلىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرشىش لازىم.ئىسلاھاتنى قۇبۇل قىلالماسلىق ئىدىيەدىكى قاتماللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ئۇقۇتقۇچىلىق ئوبىرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ قۇيۇدۇ.
(6)ئۈزىگە قۇيۇپ ۋە قارشى تەرەپ نوقتسىدا تۇرۇپ ئويلاشقا ماھىر بۇلۇش لازىم.
ئۈزىگە قۇيۇش دىگەندە ئاشۇ مەسىلىنى مەن ئوترىغا قويسام قانداق نەتىچە كىلىپ چىقاتتى،قارشى تەرەپ ئوترىغا قويغاندا قانداق قىلىش كېرەك دىگەنلىكتىنى ئويلاش كېرەك دىگەنلىك.قارشى تەرەپ نوقتىسىدا تۇرۇپ ئويلاش دىگەندە ئاشۇ مەسىلىدە مۇقەررەر شۇنداق نەتىچە بولدىغانلىقتىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تۇنۇپ يىتىش كېرەك دىگەنلىك.بۇنداق بولغاندا ئۈزىنىمۇ،ئۆزگىنىمۇ توغرا چۈشىنىپ،مەسىلىنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ بولىشنى قولغا كەلتۈرشكە پايدىلىق بۇلۇدۇ.
ئۇقۇتقۇچىلاردا يۇقارقىدەك ئاكتىپ پىسخىك ھالەت شەكىللەنسە،ئۇقۇتقۇچىلار تۇرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ،پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەۋلاتلارنى تەربىلەشتىن ئىبارەت مەسئۇليەتنى ئادا قىلىپ،مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بارلىغىنى بېغىشلايدۇ.بۇ نوقتىدىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلىدىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك ساپاسىنىڭ قانداق بۇلۇشى،ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ قانداق بۇلۇشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.
ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك ساپاسى ياخشى بولسا مەكتەپتىكى تۇرلۈك مۇناسىۋەتلەر نورماللىشىدۇ شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ ئىچى مۇھىتى قىزغىنلىققا،مىھرىۋانلىققا،كويۇنۇشكە،دوسلۇققا،چۈشىنىشكە،ياردەم بىرىشكە،كوللىتىۋىزىملىققا،بېغىشلاش روھىغا تۇيۇنۇدۇ دە-ھەممە بىرلىكتە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشتىن ئىبارەت مۇشۇ يادۇرۇ ئىچىدىن خۇشاللىق تاپىدۇ.

پايدىلانغان ماتىرياللار:‹‹مائارىپتىكى ئېقىل-پاراسەت››،شىنجاڭ خېلىق نەشىرياتى ئۇيغۇرچە نەشىرى 278،279-بەتلەر.(لى چوڭدې يازغان)

مەنبە:ئۆز ئىجادىيىتىم

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2091
يازما
1528
تېما
50
نادىر
0
جۇغلانما
50482
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 19:55:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېما يېزىپسىز ، نادىر تېما بولسا بولغۇدەك . ئادەم ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىق .

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

كۆيۈمچان ئەزا

ئويلانماقتىمەن..

UID
10201
يازما
106
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
3188
تىزىملاتقان
2011-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 22:17:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:‹‹مائارىپتىكى ئېقىل-پاراسەت››،شىنجاڭ خېلىق نەشىرياتى
بۇ يەرنى ئوقۇپ ئەجەپ كۈلگۈم كەلدى دېسە!
"ئېقىل" ، "خېلىق"  دىگەن سۆزلەرنى ئۆز شىۋىڭىز بويىچىلا يېزىۋېتىپسىزغۇ!  ماقالە ئىچىدىمۇ  نۇرغۇن جايلار شۇنداق بوپتۇ
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 22:37:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mutepekkur
شىۋىنى ساقلاپ قېلىشمۇ،ئەمىليەتتە يامان ئىشمۇ ئەمەس،يۇتتۇرۇپ قويغاندىن ساقلاپ قالساق ياخشى ئەمەسمۇ؟(چاقچاق)
بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
ئامان بۇلۇڭ!

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

UID
5883
يازما
57
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
2437
تىزىملاتقان
2010-9-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-28
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 01:26:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزنىڭ پىسخىك ساغلاملىقنى ساقلاش ئادەتلىرىنى قېزىشمۇ بىز قىلىدىغان موھىم ئىشلارنىڭ بىرى.

UID
32749
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-1
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 00:42:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ئېقىل" ، "خېلىق"  دىگەنلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويساڭلا .

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 20:44:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kahriman39 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-18 00:42
"ئېقىل" ، "خېلىق"  دىگەنلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويس ...

بۇ ئىملادىكى خاتالىق،قارىمامسىز خەت نۇسخىسى ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ.
تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

UID
38523
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2012-5-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-16
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 21:31:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش