بۇ قېتىم ئىدارىمىزدا ئادەم تەڭشەيدىغان30 ئادەم ئىچىدىن 1نەپەر ئادەمنى ، شارائىتى ناچارراق يەرگە ئەۋەتىپ چېنىقتۇرماقچى بولدۇق. كىمنى ئەۋەتىش كېرەك؟
ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرى مۇزاكىرىگە چۈشتۈق.
- ئا نىڭ خىزمەتكە كۆڭۈل بۆلىشى يىتەرسىز ، ئۆز قولىدىكى ۋەزىپىنى دائىم ۋاقتىدا تۈگەتمەيدۇ، شۇڭا ئا ئەڭ ياخشى نامزات ، ئۇمۇ جاپانىڭ تەمىنى تېتىپ باقسۇن – دېدى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى .
- ب مۇ ئادەتتە خىزمەتتە چېچىلاڭغۇ ، ھەردائىم خىزمەتداشلار ئارىسىغا ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرۇقىنى چېچىپلا يۈرۈيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دائىم خىزمەتنى ئارقىغا سۆرەپلا يۈرۈيدۇ ، ئۇسۇل – چارە ئىزدەشتىن بانا – سەۋەپ ئىزدەشكە ئامراق . مەن بىۋاستە ئىشلىتىۋاتقان ئادەم بولغاچقا بۇ تەرەپلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىمەن . مېنىڭچە ب نى تاللاشقا بولىدۇ، - دېدى ئىشخانا مۇدىرى .
ئىدارە باشلىقى سۆز ئالدى:
- ھەرئىككىكىلىڭلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئاساسى بار ، مەنمۇ بۇ نۇقتىنى ھېس قىلغان . ئەمما ئا نىڭ بىزنىڭ باش ئىدارىدىكى *** بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن ، ئالدىنقى قېتىم خىزمەت تەكشۈرۈپ كەلگەندە ماڭا ئالاھىدە تاپىلىغانتى ، ئۇنى يۆتكىسەك يەنە خىزمەت تەكشۈرۈپ كەلگەندە ، بىزدىن جىق پۇتاق تېپىپ ، جاپاغا سالىدۇ. ئەمدى ب گە كەلسەك ، ئۇنىڭ ئاتا –ئانىسى بىلەن مەن يېقىن ئۆتىمەن . سالام – سائىتىمىز بار ، شۇڭا ئۇنىڭدا مەن خىجىل بولۇپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ. شۇڭا يەنە بىر ئويلىشىپ باقساڭلار.
ھەممەيلەن جىمىپ كەتتۇق . ئاخىردا ئىدارە باشلىقى ئۆزى سۆز باشلاپ :
- س نى ئويلىشىپ بېقىڭلار. ئۇنىڭ خىزمەتتە ئىپادىسى ياخشى بولغان بىلەن ، ئىستىل جەھەتتىن تازا دۇرۇس ئەمەس، كىشىلەرگە ياخشى تەسىر بەرمەيدۇ. شۇڭا شۇنى تاللىساق قانداق ؟
ھەممەيلەن بىر ئېغىزدىن ماقۇللۇقىمىزنى بىلدۈردۇق.
شۇنداق قىلىپ ئا ۋە ب دىن خىزمەتنى ياخشىراق ئىشلەيدىغان ، ئەمما ھېچقانداق گېپىنى قىلىدىغان ئادىمى بولمىغان س نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ بىر چېنىقىشقا ئەۋەتىلىدىغان ، خىزمەت ئۈنۈمى جەھەتتىن س غا يەتمەيدىغان ، ئەمما يوقىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان ، ئاز-تولا گېپىنى قىلىدىغان ئادىمى بار بولغان ئا ۋە ب داۋاملىق ئەسلى خىزمەت ئورنىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ بىكىتىلدى.
مۇنداق ئىشلارنى كۆپ ئاڭلىغان ۋە گېزىت – ژۇرناللاردىن ئوقۇغان بولساممۇ ، ئەمما ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىپ بىر قىسىمىلا بولۇپ قالدىم .
جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ئىسراپچىلىق ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ سېلىنغان ماددىي ۋە مەنىۋى سېلىنما بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولماسلىقى دەل مۇشۇنداق كۆرۈنمەس مۇناسىۋەت زەنجىرى ئاستىدىكى ئادىل بولمىغان خىزمەت باھالاش ۋە ھەققانىي بولمىغان خىزمەت تۈزۈمىنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك . زىيان بولسا كىمگە بولىدۇ؟ تۇتسا تۇتقىلى بولمايدىغان سوبىيكىتقا بولىدۇ. شۇڭا چىن قەلبى بىلەن ئۇنىڭغا مەسئۇل بولىدىغان «پارتىيە ئەزاسى» ئاز . ھازىرقى بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسدە ئۆز يانچۇقىنى ئويلايدىغانلار ھەققىي خىزمەت ئۈنۈمىنى ئويلايدىغانلاردىن كۆپ .ئوخشاش بىر ئىش ھۆكۈمەت ئورنى تەرىپىدىن قىلىنسا بىر خىل ئۈنۈم بىلەن ، شەخسى ئورۇنلار تەرىپىدىن قىلىنسا يەنە بىر خىل ئۈنۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇمۇ دەل باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئادەم ئىشلىتىش مىخانىزىمىدىكى پەرقتىن كېلىپ چىقىۋاتقان نەتىجە .
10~20 يىل شەخسىيلەشتۈرۈشكە قارشى مۇقام توۋلىدۇق . ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭغان، بازار ئىگىلىكىگە قاتناشقان كىشىلەرنى « كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ئۇنسۇر » دەپ تىللىدۇق. كېيىن ئىسلاھات ئېچىۋىتىش سىياسىتىدىن بۇيان مۇنداق كىشىلەرگە ئىلھام بىرىپ ، كەڭرى يول ھازىرلاپ بەردۇق. نۇرغۇن ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئورۇنلارنى ھۆددىگە بىرىش شەكلى ئارقىلىق شەخىسلەشتۈرۈپ چىقتۇق . دېمەك ئەينى چاغدا قىلغانلىرىمىزنىڭ خاتالىقىنى بىلدۇق ۋە تۈزۈتۈش ئېلىپ باردۇق .
ئەمدى ھازىرقى تۈزۈلمىمىزدىكى خاتالىقلارنى قاچان تۈزۈتۈپ ، ھەققىي تۈردە ئىش ئۈنۈمىگە قاراپ باھالايدىغان ، مۇناسىۋەتنى ئەمەس ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىدىغان خىزمەت مىخانىزىمىنى تۇرغۇزالايمىز؟!
بەلكىم بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزۇن ئەمەستۇ...
2001.4.15
بۇ ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى «ئۆردەك بىلوگى»
ئۆردەك بىلوگى ۋە «ئەلكۈيى مۇنبىرى» دە بولىدۇ. باشقا ئورۇنلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.