كۆرۈش: 11991|ئىنكاس: 22

10 مۇنەۋۋەر شەخس ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
613
يازما
192
تېما
84
نادىر
1
جۇغلانما
4634
تىزىملاتقان
2010-11-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-28
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 22:02:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ بلوگىنى زىيارەت قىلىۋېتىپ ئۇنىڭ بۇ يىللىق جۇڭگودىكى يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋۋەر شەخس بولغانلىقىنى بىلىپ قالدىم،شۇنداقلا  ئۇنىڭ شۇ توغرىلىق يازىلغان بىر تەپسىلىي خاتىرىسىنى  ئەلكۈيىگە <<ئوغۇرلاپ>>ئەكەلدىم،ئالدى بىلەن ئالىم ئەھەتنىڭ قۇتلۇق مىۋىسىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن،شۇنداقلا بلوگىغا ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەن بىرگە ئالىم ئەھەتنىڭ ئەلكۈيى مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ بۇيەردە بىز بىلەنمۇ دەرقەم ئولتۇرۇپ مۇشۇنداق مۇنازىرەلەردە بىرگە بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.



 
 
 



يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋۋەر شەخس ۋە بېشىمدىكى دوپپا

بېيجىڭغا كېلىشتىكى بىرىنچى ئىش يىغىن ئۈچۈن ئىدى، بۈگۈن بېيجىڭ ئولىمپىك كەنتى قۇش چاڭگىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان دۆلەت يىغىن زالىدا كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىن مۇنەۋەر شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش ئېلىپ باردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادۋۇكات، كارخانىچى، يېڭىلىق ياراتقۇچى،…دېگەندەك شەخسلەر بار ئىكەن. مەن بۇ قېتىم «جۇڭگونىڭ پەخرى. 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو دەۋىردە يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋۋەر شەخس» دېگەن (خەنزۇچە) خەت يېزىلغان لوزۇنكىنى بەدىنىمگە ئوراپ، بېشىمغا چىمەن دوپپا كىيىپ، يېڭىلىق ياراتقانلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ سەھنىگە چىقىپ باشلىقنىڭ قولىدىن گۇۋاھنامە تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ قېتىم دوپپا كىيىپ سەھنىگە چىققان بولغاچقا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن تەكلىپ قىلغان رىياسەتچى مېنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ قويدى. زادى دوپپا دېگەننىڭ پايدىسى كۆپ ئىكەن-جۇمۇ؟ بېشىمدىكى ئۇيغۇر دوپپىسىغا كۆپ رەھمەت ! بولمىسا، ئالىم مۇئەللىمنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى قانداقمۇ بىلسۇن؟ بىر قىسىم مۇخبىرلار ئىسىم كارتۇچكىسىنى تەڭلەپ، مەن جۇڭگو ياشلار گېزىتىدىن، مەن ئىقتىساد گېزىتىدىن زىيارەت قىلىۋالساق دەپ تۇرىۋالدى، ئەمما، رىياسەتچى پائالىيەت تېخى تۈگىمىدى-دەپ، ۋەكىللەر سەھنىنىڭ يېنىدىكى چوڭ رەختكە ئىمزا قويۇڭلار دەپ تەكلىپ قىلدى، مەن بېرىپلا ئۆزەمنىڭ ئىسمىمنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىپ قويدۇم. كىچىك ۋاقتىمدا ئۆينىڭ كەينىدىكى دەرەخكە ئىسمىمنى جىجىلاپ قوياتتىم. مانا ئەمدى جۇڭگودىكى ئەڭ كاتتا زامانىۋى يىغىن زالى-دۆلەت يىغىن زالىدىكى رەختكە ئىسمىمنى يېزىپ قويدۇم.
بۇ مۇكاپاتنى تەشكىللىگۈچى ئاساسىي ئورۇن جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى، جۇڭگو مەدەنىيەت-سەنئەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، نوپۇزلۇق شەخسلەر ژۇرنىلى،…قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ھەر قايسى جەمئىيەتلەر بولۇپ، ئىلگىرى 11 قېتىم ئۆتكۈزگەن ئىكەن. ئىلگىرى ئەلى بابا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۇن ئەپەندىمۇ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ قېتىم ماڭىمۇ بۇ شەرەپنى بەردى، ئىلگىرى مايۈنمۇ «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 مۇنەۋەر ياش»نىڭ بىرى بولغان ئىدى. مەنمۇ كەينىدىنلا باھالاندىم، قارىغاندا مايۈننى قوغلاپلا يۈرۈپتىمەن. قارىغاندا بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە مايۈننىمۇ ئىزدەپ باقايمۇ-يا؟
ئالىم مۇئەللىم مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپلا قالماستىن، يىغىن تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ «دۆلەت يىغىن زالى»غا كېنىشكىسى يوقلارنىڭ كىرىشى بولۇپمۇ خالىغانچە رەسىم تارتىدىغانلارنىڭ كىرىشى چەكلىنىدۇ، سىنئالغۇغا ئېلىش ۋە رەسىم تارتىش ئىشلىرىنى يىغىن تەشكىلىي كومىتېتى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇردۇق-دېگەن تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، سىنئالغۇ ۋە رەسىم ئاپپاراتلىرىنى ياتاقتا تاشلاپ قويۇپ بارغان ئىدى. لېكىن، بەزى يولداشلار يانچۇقلىرىغا ئاپپاراتلارنى سېلىپ، دۆلەت يىغىن زالىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن قانداق ئۆتكەندۇ؟ ھەيران قالدىم. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئاپپاراتلىرىدا ئانچە-مۇنچە رەسىمگە چۈشتۈم، كېيىن ئۇلاردىن سوراپ ئالغاندىن كېيىن يوللاپ قويارمەن، ھازىرچە يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزەمنىڭ تېلېفونىدا تارتقان، يۇقىرىقى سۈرەتلەرنى يوللاپ قويدۇم. ئاۋۇ رەسىملەرنى باسسىڭىز، يەنە ئازىراق چوڭىيىدۇ.
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئازادلىق ئارمىيە مەلۇم قىسىمغا بارىدىكەنمىز، جۇمھۇرىيەت قوغدىغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ماھارەتلىرىنى كۆرىدىغان ئوخشايمىز. ۋەتەننى بىز قوغدايمىز، سىلەر خاتىرجەم تىرىشىپ ئىشلەپ، داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىڭلار-دەپ ماھارەت كۆرسىتىدىغان ئوخشايدۇ. ئەتە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىغا بارىدىكەنمىز. قارىغاندا ئوقۇغۇچىلار بىلەن رەسىمگە چۈشىدىغان ئوخشايمىز.
ئادىل مىجىت ئاكىمىزمۇ 10 يىل بۇرۇن تېلېۋىزىيەدە، بۇ يىل بېيجىڭدىكى نورۇزدا ئوينىغان «دوپپا» دېگەن ئىتوتنى ئوينىغان بولسا، بەلكىم، چوڭ يىغىنلاردا ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ يۈرەركەنمىز. دوپپا بازىرىمۇ ھازىرقىدەك ئانچە كاسات بولماسكەن. يۇمشاق دېتال بازىرىمۇ دەل شۇنداق، ھازىرچە بېشىمدىكى دوپپىغا يەنە بىر رەھمەت !
بىلوگ دېگەن مۇشۇنداق ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتى تېز بولىدىكەن، ئەمدى بىلوگ توغرىسىدا سۆزلەپ قالىدىغان بولسام،….


===================چۈشتىن كېيىنكى پائالىيەت

چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 دە جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇل ئەتىرىتى(中国人民解放军陆海空三军仪仗队)گە بېرىپ، ھۆرمەت قاراۋۇلىنىڭ ماھارەتلىرى كۆردۇق، تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئۆزبېكىستان پرېزدېنتى ئىسلام كەرىموف بېيجىڭغا كەلگەندە، مەن تېلېۋىزوردىن رەئىس خۇجىناۋ بىلەن بۇ ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. بىزمۇ بۇنداق مۇراسىمنى نەق مەيداندا تۇرۇپ كۆردۇق، ئۇلارنىڭ مېڭىش-تۇرۇشلىرى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە رەتلىك ئىدى. بۇ يەردىمۇ نۇرغۇن خاتىرە رەسىمگە چۇشتۇق. ئۆزەمنىڭ ئاپپاراتلىرىنى ئېلىۋالغان ئىدىم، لېكىن، ھەربىي رايون باشلىقىنىڭ خالىغانچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشسەڭلار بولىدۇ، لېكىن توردا تارقىتىشقا بولمايدۇ، بۇ ھۆرمەت قاراۋۇلىغا ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ-دېگەن سۆزى بولغاچقا، رەسىملەرنى يوللىمايمەن. ئەمما، بۇ يەرنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ، دەل مۇشۇنداق.


---------------

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
6825
يازما
604
تېما
45
نادىر
0
جۇغلانما
11865
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
410 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 23:05:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوپپا ئۇيغۇرنىڭ بەلگىسى،دوپپا كىيىپ قەيەردە تۇرسىڭىز سىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭىز نامايەن بۇلۇپ تۇرۇدۇ.
ئالىمنىڭ تېخىمۇ يېڭى مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرشىشىگە تىلەكداشمەن.

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1416
تېما
37
نادىر
0
جۇغلانما
43151
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 23:34:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق مىللىت ئوغلانلىرىمىز كۆپلەپ چىقسا ،،نىمە دېگەن ياخشى بولاتتى -ھە،،،،
ئالىم ئەپەندىمنىڭ بۇندىن كىيىنكى مۇۋاپىقىيەتلىرىگە  ئۇتۇق تىلەيمەن ،،

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

تىرىشچان ئەزا

مىھرى-مۇھەببەت ئ

UID
1946
يازما
155
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
1670
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 00:48:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم مۇئەللىم دەرىسخانىدىمۇ بەزىدە قىزىقچىلىق قىلىپ قوياتتى ،بۇنى ئوقىۋېتىپ بەزى جايلاردا كۈلۈپ سالدىم . توۋا ،مەن ئەينەككە قاراپ باقسام قېرىپ كەتكەندەك قىلىمەن ،لىكىن مۇشۇ ئالىم مۇئەللىم پەقەت قېرىمىدى دىسە ،بۇندىن 16 يىل بۇرۇنمۇ مۇشۇ پېتى ئىدى .
ئالىم مۇئەللىمنىڭ شامشاد دەرىخىدەك ياشىرىپ تۇرۇشىنى ئۇلۇغ اللاھتىن تىلەيمەن .
ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدىكى كۆڭۈللۈك مىنۇتلارنى ئېسىمگە سالغان تېما يوللىغۇچىغا كۆپتىن -كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن !

پىكىر قىلىۋاتىمەن ،دىمەك مەۋجۇتمەن .

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
801
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25564
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 02:36:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوپپامنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن بۇ قېتىم، كېلەر قېتىم ھەرگىز ئۇنۇتمايمەن

UID
10843
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
440
تىزىملاتقان
2011-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 07:55:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجاننىڭ بۇ قېتىم باھالانغىنى ياخشى  ئىش . ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا رەھمەت. ئۇيغۇر دوپپىسىنى تۇنۇتقىنى ئۇيغۇرنى تۇنۇتقىنى.

كۆيۈمچان ئەزا

بلوگىم: http://www.ramiz

UID
3192
يازما
89
تېما
33
نادىر
0
جۇغلانما
3190
تىزىملاتقان
2010-7-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 10:30:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىم ئۆچىرەتنىڭ خېلى ئالدى تېگىپتۇ شۇڭا مەنمۇ بىر-ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قوياي.
ئالدى بىلەن ئالىم ئەپەندىنىڭ ئۇتۇقلىرىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن، ھەمدە ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر كومپيوتېرچىلىقى ئۈچۈن قىلغانلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن ھەمدە چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ئەمدى دوپپىغا كەلسەك، مېنىڭچە ئۇيغۇر دوپپىسى ھازىر <<ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم دوپپىسى>> غا ئايلىنىپ قالغاندەكلا قىلىدۇ، سىرتلاردا قارايدىغان بولساق، ئاساسەن چوڭلىرىمىز باش كىيمى كىيىدۇ، ياشلارنىڭ كىيىدىغانلىرىمۇ ئۇيغۇر دوپپىسى ئەمەس، ئالىم ئەپەندىدەك نەتىجە قازانغان ياش كارخانىچىلىرىمىز بولسا ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا باش كىيمى كىيىپ يۈرمەيدىغۇ دەيمەن؟ قاچانكى بىرەر سەنئەت كېچىلىكى ياكى داغدۇغىلىق مۇراسىملار بولسا بۇ دوپپىلار شۇنچىلىك ئەتىۋارلىشىپ كېتىدۇ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كىيىۋالساق خۇددى بېشىمىزدا بىر نەرسە ئارتۇق بولۇپ قالغاندەك پەقەتلا قولىشالماي قالىمىز شۇنداق ئەمەسمۇ؟ (يوشۇرمايمەن، ئۆزۈممۇ شۇنداق، داداممۇ ھە دېسە مۇشۇ ھەقتە قايشايدۇ). بۇلار پەقەت ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرى، ئەمما مېنىڭچە كۆپچىللىكتىمۇ بۇنداق ئويلار يوق ئەمەس شۇڭا ھەممەيلەن ئويلىغانلىرىنى ئورتاقلىشىپ باقساق بولىدۇ، دوپپىنى زادى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەقىقىي ئۇيغۇرغا لايىقلاشتۇرۇپ ئومۇملاشتۇرغىلى بولامدۇ-يوق؟

ر.ئە.رامىزان

UID
10306
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
210
تىزىملاتقان
2011-3-22
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 11:06:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوپپىسنى ئەكەل دىسە كاللسىنى ئەكىلدىغانلار  جىق جۇمۇ ھازىر،،كىيمىگەن ياخشى....   [s:2]

http://margan_007.56.com

UID
10719
يازما
8
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
100
تىزىملاتقان
2011-4-14
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 11:07:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم ئەپەندىنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ ئىسمى جىسمىغا لايىق ئالىم بۇلىشىغا تىلەكداشمەن.

UID
10525
يازما
443
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
3653
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
227 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 11:30:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر كارخانىچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقان ، شۇ قېتىمقى كۇرستا دەرس بەرگەن بىر مۇئەللىم مۇشۇ دوپپا توغرىسىدا گەپ چىقىپ قېلىپ شۇنداق دىگەنلىكى يادىمدا : " ئەقىللىق ئادەملەر دوپپا ئارقىلىق باشنىڭ ھارارىتىنى ساقلايدۇ ......"

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش