تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1739|ئىنكاس: 10

قەلبىمدىكى سەپەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىملىق ئەزا

..ئىھ  سىنىڭ كۆز

UID
2827
يازما
529
تېما
66
نادىر
0
جۇغلانما
18115
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-28
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 20:13:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




قەلبىمدىكى سەپەر

مەن سەپەرنىڭ قەلبىدە
سەپەر مىنىڭ قەلبىمدە
ئۇچراشتۇق سەپەر بىلەن
دەرۋىش دېگەن مەلىدە

سەپەر ئۇلۇغ ئاي ئىسمى
سەپەر دوستۇمنىڭ بالىسىنىڭ ئىسمى
سەپەر راھەت-ئازابنىڭ سىمۋولى
سەپەر ئەلچىنىڭ سالام خېتى

سەپەر ھىجرىيە كالېندارىدىكى ئاي
دوستۇم سەپەر بىلەن باي
ئادەم ئاتا يارالغان نەرسە
بىر كوزا سېغىز ئارلاش لاي،

سەپەر سۆزلەر مۇنداق دەپ
-سەن ھەج قىلىپ كەلدىڭمۇ؟
-شەيتانغا تاش ئاتتىڭمۇ؟
-كاللىسىنى ياردىڭمۇ؟
-سەن ھەرەمگە باردىڭمۇ؟
-شەيتان دېگەن قانداقكەن؟
-كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭمۇ؟
سەپەر سۆزلەپ ھارمايدۇ
ياكى ئويناپ تالمايدۇ
ئوينايدىغان ئېتى بار
يىراق جايغا بارمايدۇ
چوڭ سۆھبەتتىن قالمايدۇ
باشقا ئۇماق بالىلاردەك
نەرسە بەرسەڭ ئالمايدۇ
يانچۇقىغا سالمايدۇ
بەكمۇ ئوماق خۇيى بار
يارماسلارغا يارمايدۇ

مەن سەپەرگە ئامراق
سەپەر ماڭا ھەم شۇنداق
ئىشىك چېكىپ كېلىدۇ
بىر قولىدا قوڭغىراق
قول تۇتۇشۇپ ماڭىمىز
گەرچە يوللار بەك يىراق

ناخشىسى بار سەپەرنىڭ
ئېيىتپ قويار ھەر سەھەر
مەس قىلىدۇ سۆزلىرى
ئاڭلاپ قالساڭ سەن ئەگەر

-ئونبەش يېشىمدا
-دوپپام بېشىمدا
-ئونسەككىز يېشىمدا
-ئايالىم قاشىمدا

تۇت ياشقا كىرگەن سەپەر
ئويلاپ قويار ئايالىغا قەدەر،

مەن سەپەرنىڭ قەلبىدە
سەپەر مىنىڭ قەلبىمدە
ئۇ يۈرەكنىڭ پارىسى
يېقىنچىلىق بەيگىدە

2011-2-25

مەن ئىزدىنىۋاتمەن لىكىن سىلەر بىلەن بىرگە،
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
10826
يازما
13
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
130
تىزىملاتقان
2011-4-22
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 13:41:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزدىن ئۆزگىچە پۇراق ھىس قىلىمەن . مۇنۇ شېئىرىڭىزنىڭمۇ ،  قارىماققا  ،تىلى شۇنچە ئاددى كۈرۈنگىنى بىلەن بىر - ئىككى قېتىم ئالدىرماي ئۇقىمىسا ھەزىم قىلماق تەسكە توختايدىكەن ؟!

دائىملىق ئەزا

ئۇنتۇپ كەت يۈرۈگ

UID
2561
يازما
621
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
20247
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 13:53:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن بوپتىكەن  جىن ئەپەندىنىڭ تېمىلىرىنى  كۆرمىگىنىمگە  سالاملار بولسۇن  .

جاھاندا ئۆزۈڭدىن چوڭ كۆڭۈل يوق .

كۆيۈمچان ئەزا

ئادەمنىڭ ئۆتكەن

UID
10819
يازما
114
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3594
تىزىملاتقان
2011-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
61 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 14:11:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزنى قايتا - قايتا ئۇقۇپ ، خېلىلا تەستە ھەزىم قىلدىم ، سىزنىڭ يازغانلىرىڭىزغا ماسلاشتۇرۇپ باقاي دەپ خېلى تىرىڭشىپ باققان بولساممۇ ھېچ قاملاشتۇرالمىدىم ،  نىيەت قىلغان ئىشىمدىن يانماي دەپ جىجىلاپ  يۈرۈپ ئاخىرى بىرقانچە سۆزلەر دۈۋىسى مەيدانغا كەلتۈردىم  ،  قاملاشتۇرالمىغان بولساممۇ ، سىزنىڭ يازغانلىرىڭىز بىلەن ھېچ باغلىنىشى ، مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ يېزىپ قويدىم ، ئەپۇ قىلارسىز .

ماڭدىڭ سەپەر قىپ قايان ،
بۇ كۆڭلۈڭگە ئەڭ ئايان ،
ئاقيول تىلە سەپەردە ،
تىلىمىسەڭ بەك يامان .

سەپەر قايان سورىما ،
سەپەر ھەريان باشلايدۇ .
ئارقىسىغا سېلىپ ئۇ ،
بارار جايغا تاشلايدۇ .

بارار جايىڭ قاياندۇر ،
كەلگەن جايىڭ ئەمەسمۇ .
بۇ ئۆتەڭدە قونساقمۇ ،
قەيتىپ كىتەرمىز راسىتقۇ .

دائىملىق ئەزا

..ئىھ  سىنىڭ كۆز

UID
2827
يازما
529
تېما
66
نادىر
0
جۇغلانما
18115
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-28
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 13:20:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<سەپەر>دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئۆزىلا بىزگە نۇرغۇن سوئاللارنى تاشلايدۇ،
سەپەر ئىنسانىيەتنىڭ سەپىرىلا ئەمەس بەلكى  پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ باقى ئالەمگە  بولغان سەپىرى بۇلۇپ  بىز ھەممىمىز ھاياتلىق كېىمىسدىكى مۇساپىرلارمىز .مۇشۇ  نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھايات بىز ئۇچۇن تولىمۇ قەدىرلىك ماكان بولسا سەپەر ئېڭى ھاياتلىقنىڭ جېنى بۇلۇپ قالىدۇ،
شېئىرغا قانداق كىرىش ،قانداق ئۇقۇش ھۆرمەتلىك ئۇقۇرمەننىڭ  ئېستېتىك .ئاڭ -ساپاسىغا باغلىق مەسىلە،

مەن ئىزدىنىۋاتمەن لىكىن سىلەر بىلەن بىرگە،

UID
2104
يازما
117
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3759
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 15:58:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەپەر  توغۇرلۇق  ئويلىغىنىمىز  ئوخشىشىپ  قالامدۇ  نىمە  ....

مەنمۇ  ئىپادىلەپ  باققان  ئىدىم ، تۇۋەندىكى  قۇرلار  بىلەن    ئويلىغانلىرىمنى  .


يۇرۇۋاتىمەن  مەنزىلىم تامان،
سەپەرداشمەن خىيالىم بىلەن .
ئومۇر مەنزىلىم ئالدىمدا تېخى،
ھايات سەپىرىدە يەنە تەنھامەن.

بىلمىدىم سەپىرىم  تۈگەيدۇ قاچان ،
ھېس قىلدىم ،سەپەردە تەنھالىق يامان.
بولساقمۇ  گەرچە  چوڭ بىر كارۋان ،
يەنىلا  ئوزۇمنى  تەنھا  سىزىمەن.

كەڭ قورساقلىق+سەمىمىيلىك = ئەركەكلىك

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
151
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4411
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-5
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-27 17:57:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىن ئەپەندىنىڭ شىئېرلىرنى ئۇقۇشنى ياخشى كۆ رمەن ، نۇرغۇن ئەسىرڭىزنى ئۇقۇدۇم، ئىستىتىك تىلغان باي قەلمىڭىز ئاجايىپ مىسرالارنى تۈزەيدىكەن، مەنمۇ مۇنۇ شېئرىڭىزنى قايتا - قايتا ئۇقۇپ ئاندىن ھەزىم قىلدىم، قەلمىڭىزگە رەخمەت. مەنمۇ مىسرا تىزىپ باقاي، سىزنى دوراپ باقاي  دىسەم تىلىمغا گەپمۇ كەلمىدى، قەلمىم ئاجىز ئىكەن.

ەەر قانداق ظشتا ظأ زەڭگە ظىشەن .

UID
10888
يازما
24
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
654
تىزىملاتقان
2011-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 17:41:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىن ئەپەندى  شىئىرنى   جىندەكلا   يازىدۇ

ئاللاھ

دائىملىق ئەزا

..ئىھ  سىنىڭ كۆز

UID
2827
يازما
529
تېما
66
نادىر
0
جۇغلانما
18115
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-28
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-1 23:31:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 7قەۋەتتىكىfany يوللىغان 2011-04-30 17:41 غا قارتىلغان  :
جىن ئەپەندى  شىئىرنى   جىندەكلا   يازىدۇ
------------------
مۇشۇ <جىن> دېگەن ئىسمنى ئالماشتۇرمىسام بولمىدى ،لىكىن مەن ئىيمانلىق <جىن> ئىدىم،

مەن ئىزدىنىۋاتمەن لىكىن سىلەر بىلەن بىرگە،

UID
3384
يازما
43
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1374
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-18
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 01:09:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتىن يارالغان جىن دېگەن شۇنداق يازىدۇ.............. [s:2]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش