كۆرۈش: 8399|ئىنكاس: 19

كېرىيە ئەل ئىچى تەنھەركەت پائالىيىتى گاگا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

سالام سەلكىن

UID
10760
يازما
14
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
374
تىزىملاتقان
2011-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 13:46:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل

ئەل ئىچى ئويۇنلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى ھەر خىل بولۇپ، چوڭ جەھەتتىن بالىلار ئويۇنلىرى ۋە چوڭلار ئويۇنلىرى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، مەزمۇن جەھەتتىن كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى ئويۇنلار ۋە مۇسابىقە تۈرىدىكى ئويۇنلارغا ئايرىلىدۇ. مۇسابىقە تۈرىدىكى ئويۇنلاردا كۆڭۈل ئېچىش بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورگانىك بىرىككەن بولىدۇ. مۇسابىقە تۈرىدىكى ئويۇنلارنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، ئۆز ئارا ئوينالغاندىن سىرت، مەسەللە بىلەن مەسەللە، كەنتلەر بىلەن كەنتلەر، يېزىلار بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ.
بۇ خىل مۇسابىقە تۈرىنىڭ بىرى گاگا- چۇك بولۇپ، بەزى رايۇنلاردا يەنە «ۋالەي»، «ۋەللەي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گاگا- چۇك – بۇ ئويۇندىكى ئاساسلىق قورال بولۇپ، گاگا – 50~70 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كەتمەن دەستىسى توملۇقىدىكى كالتەكنى كۆرسىتىدۇ. يۇلغۇن ياغىچىدا ياسالغىنى گاگانىڭ ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇق، ئەپچىل كالتەكنى ياخشى سىلىقلاپ، توم ئۇچىدىن 2~3 سانتىمېتىر بوشلۇق قويۇپ قىناپ، قىناقنىڭ ئۈستىنى 5~8 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا يۇناپ تۈزلەپ، چۇكنى ئىلىشكە قولايلاشتۇرۇپ ياسىلىدۇ. چۇك – باش بارماق توملۇقىدىكى قۇرۇق يۇلغۇن ياغىچىنى 20~25 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىپ، ئىككى ئۇچىنى ئۇچلاپ ياسىلىدۇ. گاگا- چۇك ئويناشقا بىر مودىن يوقۇرى تۈزلەڭ ئوچۇقچىلىق بولسا كۇپايە. مەيداننىڭ بىر تەرىپىدىن مۇۋاپىق بوشلۇق قويۇپ، ئوتتۇرا قىسمىغا ئۇزۇنچاق كىچىك كاتەك كولىنىدۇ. بۇ «ئوردا» دەپ ئاتىلىدۇ. چوكنى ئوردىنىڭ ئۈستىگە توغرىسىغا قويۇپ، گاگانىڭ ئۇچىنى ئوردا ئىچىگە سېلىپ، چوكنى ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
بۇ ئويۇننى ئىككى ئادەم ئوينىسىمۇ، كۆپ ئادەم ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ. ئويۇن قائىدىسى: چۇك ئۇرۇش نۆۋەت بىلەن بولىدۇ. چۇك ئۇرغۇچى چۇكنى ئۇرۇپ بولۇپ، گاگانى ئوردىنىڭ كەينىگە بويلىتىپ قويۇپ قويىدۇ. قارشى تەرەپ چۇك ئورۇلىدىغان تەرەپتە ساقلاپ تۇرىدۇ، چۇك ئۇرۇلغاندىن كېيىن، چۇك يەرگە چۈشۈپ بولغۇچە چۇكنى تۇتىۋالسا ئۇتقان بولۇپ، چۇك ئۇرۇش نۆۋىتىنى ئالىدۇ، تۇتالمىسا، چۇك چۈشكەن يەردە تۇرۇپ، چۇكنى ئوردىغا قارىتىپ ئاتىدۇ، چۇك ئوردىغا چۈشسە، ياكى گاگاغا تەگسە، ئۇتقان بولۇپ، چۇك ئۇرۇش نۆۋىتىنى ئالىدۇ، ئوردىغا چۈشۈرەلمىسە ياكى گاگاغا تەككۈزەلمىسە، چۇك ئۇرغۇچى چۇكنى توختىغان يىرىدە تۇرغۇزۇپ بىر بېشىغا گاگا بىلەن ئۇرۇپ قاڭقىتىپ، يەرگە چۈشۈپ بولغۇچە يەنە ئۇرۇپ، چۇكنى ئوردىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. بۇ «چاقلاش» دەپ ئاتىلىدۇ. چاقلاش 3 قېتىم بولىدۇ. ئاخىرقى قېتىم چۇك چۈشكەن يەر بىلەن ئوردا ئارىلىقى قەدەملىنىدۇ. مۇسابىقىدىن بۇرۇن قەدەم سانى بىكىتىلىدۇ، ئادەتتە 10 قەدەمدىن 100 قەدەمگىچە بولىدۇ. چۇك بىلەن ئوردا ئارىلىقى بۇ شەرتكە توشسا، دەرىجە ئۆستۈرۈپ چۇك ئۇرىدۇ، شەرتكە توشمىسا، شۇ دەرىجىدە قايتا ئورۇپ، كېيىنكى ئارىلىقنى ئالدىنقى ئارىلىققا قوشۇپ ھېساپلاپ، قەدەم سانى توشقۇچە شۇ دەرىجىدە داۋاملاشتۇرىدۇ.
مۇسابىقە چۇك ئۇرۇش شەكلىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بويىچە يوقۇرى ئۆرلەپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. دەرىجە تۈرلىرى ۋە ئۇسۇلى مۇنداق:
1. ئىلىپ: بۇ چۇكنى ئوردىدىن گاگا بىلەن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
2. دوك: بۇ چۇكنى ئوردىدىن گاگا بىلەن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن گاگانى يەرگە بىرنى ئۇرىۋېتىپ، ئاندىن چۇكنى ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
3. قوش دوك: بۇ چۇكنى ئوردىدىن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن گاگانى يەرگە ئىككىنى ئۇرىۋېتىپ، ئاندىن چۇكنى ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
4. كالتە كۈسەي: بۇ گاگانىڭ تۇتىدىغان ئۇچىدىن ئازىراق ئۇچ چىقىرىپ، چوكا تۇتقاندەك تۇتۇپ، شۇ ئۇچ بىلەن چۇكنى ئوردىدىن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن گاگانىڭ يەنە بىر ئۇچى بىلەن چۇكنى ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
5. ئوڭ چات: بۇ ئوڭ پۇتنى ئالدىغا ئېلىپ، گاگانى كەينى تەرەپتىن چات ئارىلىقىدىن چىقىرىپ، چۇكنى ئوردىدىن گاگا بىلەن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن گاگانى چاتتىن ئېلىپ چوكنى ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
6. چاپ چات: بۇ سول پۇتنى ئالدىغا ئېلىپ، گاگانى ئالدى تەرەپتىن چات ئارىلىقىدىن چىقىرىپ، چۇكنى ئوردىدىن گاگا بىلەن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن گاگانى چاتتىن ئېلىپ چوكنى ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
7. ئوڭ توڭكاي: بۇ چۇكنى ئوردىدىن گاگا بىلەن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن ئوڭ پۇتنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، گاگانى ئوڭ پۇت ئاستىدىن چۆرۈش ئارقىلىق چۇكنى ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
8. سول توڭكاي: بۇ چۇكنى ئوردىدىن گاگا بىلەن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن سول پۇتنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، گاگانى سول پۇت ئاستىدىن چۆرۈش ئارقىلىق چۇكنى ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
9. ئالقان: بۇ چۇكنى سول قول ئالىقاندا توغرىسىغا قويۇپ ھاۋاغا ئېتىپ، گاگا بىلەن ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
10. دۈمبە: بۇ چۇكنى سول قول دۈمبىسىدە توغرىسىغا قويۇپ ھاۋاغا ئېتىپ، گاگا بىلەن ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
11. مۇش: بۇ چۇكنى سول قول مۇشتۇمىسى ئۈستىگە توغرىسىغا قويۇپ ھاۋاغا ئېتىپ، گاگا بىلەن ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
12. چوڭ تىماق: بۇ چۇكنى سول قول باش بارماق تىرنىقى ئۈستىگە توغرىسىغا قويۇپ ھاۋاغا ئېتىپ، گاگا بىلەن ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
13. ئۇششاق تىماق: بۇ چۇكنى سول قول تۆت بارماق تىرناقلىرى ئۈستىگە توغرىسىغا قويۇپ ھاۋاغا ئېتىپ، گاگا بىلەن ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
14. قاڭشا: بۇ چۇكنى قاڭشادا توغرىسىغا قويۇپ، باشنى سىلكىش ئارقىلىق ھاۋاغا ئېتىپ، گاگا بىلەن ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
15. ئاقا: بۇ ئوردىغا كەينىنى قىلىپ زوڭزىيىپ، گاگانى كەينى تەرەپتىن ئۆتكۈزۈپ، چۇكنى ئوردىدىن گاگا بىلەن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
16. چۆگلەپ: بۇ چۇكنى ئوردىدىن گاگا بىلەن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن بىر چۆرگىلىۋېتىپ، چوكنى ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ. بۇ تۈرنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بەك يوقۇرى بولغاچقا، «چۆگلەپ چىچا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
قايسى تەرەپ يۇقارقى ئۆتكەللەردىن تولۇق ئۆتۈپ بولسا، شۇ تەرەپ يەڭگەن بولىدۇ. چۇك ئۇرغۇچى چۇكنى لەيلىتىپ بولۇپ ئۇرالمىسا، چۇكنى چاقلاپ ئوردىدىن بىر قەدەم يىراقلىققا ئاپىرالمىسا، چۇك ئۇرۇش نۆۋىتىنى ئۇتتۇرغان بولىدۇ. گۇرۇپپىلار بويىچە مۇسابىقىلەشكەندە، ئالدىنقى ماھىر چۇك ئۇرۇش نۆچىتىنى ئۇتتۇرۇپ قويسا، كېيىنكى ماھىر نۆۋەت ئېلىپ، كەلگەن دەرىجىدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرىدۇ. بىر ئەترەتنىڭ ھەممە ئەزاسى بىر نۆۋەتتىن چۇك ئۇرۇش نۆۋىتىنى ئۇتتۇرۇپ بولغاندا، چۇك ئۇرۇش نۆۋىتى يەنە بىر ئەترەتكە كېلىدۇ. بىر ئەترەت قارشى ئەترەتتىن چۇك ئۇرۇش نۆۋىتىنى ئۇتقاندا، چۇك ئۇرۇشنى ئۆزلىرى توختىغان دەرىجىدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرىدۇ.
بىر تەرەپ تولۇق يىڭىپ بولغاندا، قارشى تەرەپنى جازالايدۇ. ئەڭ ئاددى ۋە ئادەتتىكى جازا ئۇسۇلى «ۋالەي قىچقىرتىش» بولۇپ، ئۇتقان تەرەپ بىرىنچى ئۆتكەلدىكى ئۇسۇل بويىچە چۇك ئۇرىدۇ. چۇك چۈشكەن يەردىن قارشى تەرەپنىڭ بىر قۇلىقىدىن تۇتۇپ، يۈگۈرتۈپ ئوردىغىچە ئېلىپ كېلىدۇ. يىڭىلگەن تەرەپ توختىماي «ۋالەي، ۋالەي، ۋالەي…» دەپ ۋارقىراپ يۈگرەيدۇ.گۇرۇپپىلار بويىچە ئوينىغاندا، ئۇتقان تەرەپنىڭ ھەر بىر ماھىرى قارشى تەرەپنىڭ بىردىن ماھىرىنى يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە ۋالەي قىچقىرتىدۇ.
گاگا- چۇك مۇسابىقىسى توغرىسىدا ئېنىق تارىخى مەلۇمات يوق. لېكىن ئۇ ھازىرقى زاماندىكى خەلقارالىق كالتەك توپ مۇسابىقىسىنىڭ ئىپتىدائى شەكلى بولۇپ، توپنىڭ ئورنىغا چۇك ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن 20 يىللار مۇقەددەم ياشلار ۋە بالىلار ئارىسىدا بۇ پائالىيەت كۈندە دىگۈدەك ئۆتكۈزۈلەتتى. بۇ ناھايىتى ياخشى بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە دەل ئۇرۇش ماھارتىنى يىتىلدۈرۈش پائالىيىتى ئىدى. ھازىرغا كەلگەندە بۇ پائالىيەت ئىستىمالدىن قالدى، ياشلار ۋە بالىلار بۇ مۇسابىقە تۈرىنى بىلمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى. بۇ جىددى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا، ۋارىسلىق قىلىشقا، تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەرزىيدىغان قىممەتلىك مەدەنىي مىراستۇر.

(ئاپتور: كېرىيە ناھىيىلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىدا)


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
3677
يازما
85
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2485
تىزىملاتقان
2010-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 16:56:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك چاغلىرىمىزدا مەھەلىدىكى بالىلار بىلەن ئوينايىتتۇق.چوڭلارنىڭمۇ ئوينايدىغانلىغىنى،تۇرلىرىنىڭمۇ كۆپ خىللىغىنى بۈگۈن بىلدىم.

كۆيۈمچان ئەزا

ئادەمنىڭ ئۆتكەن

UID
10819
يازما
114
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3594
تىزىملاتقان
2011-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
53 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 17:05:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى تىما ماڭا بالىلىق ۋاقتىمىنى ئەسلەتتى .
    ئىسىمدە قېلىشىچە 11-12ياش ۋاقىتلىرىم بولسا كىرەك ، 8-9 توياق قۇيىمىز بۇلىدىغان  ، بىر مەھەللىلىك بالىلار ھەركۈنى مەكتەپتىن قايتىپ پادا باقاتتۇق ، پادىلارنى كەڭرى يايلاققا قۇيىۋېتىپ ، گاگا- چۇك ئۇيۇنى ئوينايتتۇق . شۇ ۋاقىتلاردا خېلى پىشىپ يېتىلگەن ماھىرلاردىن ئىدىم ، ھازىرمۇ  بالىلارنىڭ گاگا - چۇك ئۇيۇنىنى ئوينىغىنىنى كۆرسەم قوللىرىم قىچىشىپ چىدىيالمايلا قالىمەن .

     مۇنبەرداشلارنىڭ مۇشۇنداق مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەرنى مۇنبەردە تۇنۇشتۇرۇپ ، ھەممەيلەننى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .

دائىملىق ئەزا

ئۇنتۇپ كەت يۈرۈگ

UID
2561
يازما
625
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
20247
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 21:40:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغان . كىچىگىمدە ئاپان  قىزىم بۇنداق ئويۇنلارنى ئاكىڭىز ئوينىسا بولىدۇ لىكىن قىزلار ئۇنداق ئويۇن ئوينىمايدۇ دەيتتى .

جاھاندا ئۆزۈڭدىن چوڭ كۆڭۈل يوق .

كۆيۈمچان ئەزا

سْـــــــــــــ

UID
7691
يازما
196
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6080
تىزىملاتقان
2010-12-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 22:27:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىكىمدە چوڭ ئاپاملارنىڭكىگە بارغاندا ئوغۇللار  بىلەن  تالىشىپ  دىگۈدەك ئويناپ  كىتەتتۇق (گەرچە  ئۇلاردەك  ئوينىيالمىساممۇ)،ھازىرقى  بالىلار  بۇنداق  ئويۇنلارنى   ئانچە  ئويناپ  كەتمەمدۇ  ياكى  ئويناشنى  بىلمەمدۇ   ھىچ  ئوينىغانلارنى  كۆرۈپ  باقمىدىم،شەھەردىكى  بالىلارغىغۇ   بۇنداق ئويۇنلارنى  ئوينايدىغانغا  شارائىت  يوق  . بولسا  مۇشۇ  ئويۇنلىرىمىز  يوقاپ  كەتمىسە  ياخشى  بولاتتى .

گۆھەر ياتدۇ سايدا،تونمسا نمەپايدا!!!

UID
10250
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
150
تىزىملاتقان
2011-3-20
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 13:37:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك ۋاقتىمدىكى چىكالدۇك  ئوينىغان چاغلارنى ئەسلەپ قالدىم

مەن

UID
2247
يازما
725
تېما
41
نادىر
0
جۇغلانما
24827
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 13:08:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇلغۇندىن ياسالغان گاگا بەك يىراققا قاڭقىيدۇ.

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

UID
10693
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2011-4-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 13:26:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك ۋاقتىمىزدا قارماي يولغا چىقىپ ئويناۋاتساق ساقچىلار قوغلاپ كەتكەنتى  بىزنى

تىرىشچان ئەزا

لاتىلىقىڭنى ئەم

UID
10536
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
959
تىزىملاتقان
2011-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 14:46:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئوينايدىغان بولسامزە...بەك يىراققا ئۇراتتىم جىما،تاس-ماس قالغان بىرچاغدا مۇشۇ مەيخۇشجاننىڭ قاڭشىرىنى يېرىۋەتكىلى مەن ئاتقان چوق....

لاتىكەنسە ئەسلىدە!

UID
8909
يازما
14
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
150
تىزىملاتقان
2011-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 15:28:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيۇن تۈرلىرىمىز، ياشاپ كىتىڭ ئابدۇرىشاتكا، شەھەرلىشىپ كىتىۋاتكانلار بۇنداق ئۇيۇنلىرىمىزنىڭمۇ بارلىغىنى بىلىپ قالسۇن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش