كۆرۈش: 8844|ئىنكاس: 10

دورا چۈشەندۈرمىسىنى قانداق قىلىپ توغرا ئوقۇش كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6683
يازما
45
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
1755
تىزىملاتقان
2010-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-1
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-13 18:19:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دورا چۈشەندۈرمىسىنى قانداق قىلىپ توغرا ئوقۇش كېرەك؟

جاۋاب: دورا چۈشەندۈرمىسى دورىنى قانداق ئىشلىتىشكە يېتەكلەش ئاساسلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ، قانۇنىي كۈچكە ئىگە. دورىنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى دورا چۈشەندۈرمىسىنى توغرا ئوقۇپ چۈشىنىش بىخەتەر دورا ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
ئالدى بىلەن دورىنىڭ نامىنى ئىگىلەش كېرەك. مۇنتىزىم دورا چۈشەندۈرمىسىنىڭ ھەممىسىدە دورىنىڭ ئورتاق نامى، تاۋار نامى، ئىنگلىزچە ئاتىلىشى، خىمىيىلىك نامى )رېتسېپسىز دورىلارنىڭ خىمىيىلىك نامى بولمايدۇ( يېزىلغان بولىدۇ. ئىشلەتكۈچى ئادەتتە دورىنىڭ ئەسلىي نامىنى، ئورتاق نامىنى بىلىۋالسىلا، دورىنى تەكرار ئىشلىتىشتىن ساقلىنالايدۇ. چۈنكى، بىر خىل دورىنىڭ پەقەت بىرلا ئورتاق نامى )يەنى دۆلەت بەلگىلىگەن قانۇنىي نامى( بولىدۇ، تاۋارنىڭكىدەك كۆپ نامى بولمايدۇ. ماس كېلىشى جەھەتتە رېتسېپسىز دورا ئىشلەتكۈچى بىمار ئۆزىنىڭ كېسەللىكىگە شۇ دورىنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ، دورىگەرنىڭ ياردىمىدە تاللاپ سېتىۋالسا بولىدۇ.
           ئىككىنچىدىن، دورىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىنى، يەنى تاماقتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى، كۈندە بىر قېتىم ياكى ئۈچ قېتىم، ئىچىلىدىغانلىقى ياكى سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغانلىقى ۋە ياكى ئوكۇل قىلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئېنىق بىلىۋېلىش كېرەك.
ئۈچىنچىدىن، دورىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىغا دىققەت قىلىش، چۈشەندۈرمىسىدە بەلگىلەنگىنى بويىچە ئىچىش كېرەك. ئادەتتە چۈشەندۈرمىسىدىكى ئىشلىتىلىش مىقدارى چوڭلارغا ئىشلىتىش مىقدارى بولۇپ، ياشانغانلار، بالىلارغا توغرا سۇندۇرۇپ ھېسابلاپ ئىشلىتىش كېرەك.
         ئالاھىدە مۇھىمى شۇكى، چۈشەندۈرمىسىنى ئوقۇغاندا پەرھىزى، ناچار تەسىرى، دورىلارنىڭ ئۆزئارا تەسىرى، دىققەت قىلىنىدىغان ئىشلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، ئېنىق بولمىسا دورىگەر ياكى ۋراچتىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.

باكتېرىيىگە قارشى تۇرغۇچى دورىلارنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟


  باكتېرىيىگە قارشى تۇرغۇچى دورىلارنىڭ ئادەتتە ھەر خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشقا، مىكوپلازما ياكى خلامىدىيىدىن يۇقۇملىنىشقا ئۈنۈمى بولمايدۇ. زۇكام، يۇقىرى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىش بولىدۇ. باكتېرىيىدىن ياكى ئىككىلەمچى باكتېرىيىدىن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىق بېكىتىلگەندىن باشقا، ئانتىبىئوتىكلارنى ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.
كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر ياكى باكتېرىيىدىن يۇقۇملانغان دەپ قارالغانلاردىن باشقىلىرىغا، كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كېسەللەرگە ئانتىبىئوتىكلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا تىپىك كلىنىكىلىق ئالامەتلەر يوشۇرۇنۇۋېلىنىدۇ ۋە كېسەللىك قوزغاتقۇچلارنى تەكشۈرۈش تەسكە توختاپ، توغرا دىئاگنوز قويۇشقا ۋە داۋالاشقا تەسىر يېتىدۇ.
باكتېرىيگە قارشى تۇرغۇچى دورىلارنى يەرلىك ئورۇنغا ئىشلىتىشتىن ئامالنىڭ بارىچە ساقلىنىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيىسى ۋە دورىغا چىدامچانلىق يۈز بېرىدۇ.
باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنىڭ مىقدارى مۇۋاپىق بولۇشى، داۋالاش مۇددىتى يېتەرلىك، ئۇزاق بولۇشى كېرەك. مىقدارى بەك كىچىك بولغاندا داۋالاش مەقسىتىگە يېتەلمەيلا قالماستىن، ئاسانلا دورىغا بولغان چىدامچانلىق يۈز بېرىدۇ. مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، زىيادە ئىسراپ بولۇپ كېتىپلا قالماستىن، بەزىلىرى ئەكسىچە ئېغىر دەرىجىدىكى ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ؛ داۋالاش مۇددىتى قىسقا بولسا، كېسەل ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىككە ئۆزگىرىدۇ، مەسىلەن: تۇبېركۇلوزغا قارشى دورىلارنىڭ داۋالاش مۇددىتى يېتەرلىك بولمىسا، كۆپىنچە قايتا قوزغىلىدۇ.


مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى كىتابلىرىدىن ئۈزۈندە ئېلىندى
تور ئادرېسى:http://xjpsp.com

پۇلنى دەپ ئۇنداق قىلماڭ!!!
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1341
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
43075
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-13 23:33:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىملەتكەن ،،رەخمەت سىزگە ،، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

UID
4121
يازما
191
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
5801
تىزىملاتقان
2010-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-12
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-13 23:53:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەندىن كىلىدىغان تىبابەت دورىلىرىدا مۇشۇ ئىش بەك ئىغىر. بىر دوختۇرخانىدىن چىققان بارلىق دەملەپ ئىچىدىغان دورىلارنىڭ قىپىنىڭ  ئىچىدىكى خالتىسىنىڭ  رەڭگى ھەم يىزىلغان خەتلىرى ئوخشاشكەن. قىپى تاشلىنىپ كەتكەن دورىنى زۇكام دورىسىمۇ ياكى باشقا دورىمۇ  پەقەت پەرق قىلالمىدىم.

مەن دوستقا مۇىتاج

كۆيۈمچان ئەزا

دوستلۇق دائىما ئ

UID
8110
يازما
138
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3948
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-12
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-14 23:42:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىشكە تېگىشلىك پايدىلىق تېما ئىكەن

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئويلاۋاتىسىز؟

UID
10139
يازما
108
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2418
تىزىملاتقان
2011-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-5
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-15 00:11:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت . سىز گە

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىن ئىش يوق ئا

UID
7205
يازما
59
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1859
تىزىملاتقان
2010-11-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-15 11:32:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن،  دىمىسىمۇ ھازىرقى دورا دۇكانلىرىنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ ، بۇنداق ئىشلارغا تېخمۇ دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان بولۇپ كەتتىى ، بەزى دوراخانىلاردا دورا ساتقۇچىلار پەقەت كۈندە نەچچە قېتىم ، قانچە تالدىن يەيدىغىنىنى ئېيتىپ بېرىپلا بولدى قىلىدۇ ، بۇنداق چۈشەندۈرۈشلەرگە دىققەت قىلمايدىغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىز  دورىلارنى شۇ بويىچىلا يەۋىرىدۇ

ھايات ھەقىقىتى ............ كىشى مىنى كىشى دىسە ، كىشى بىلەن پىشار ئېشىم . كىشى مىنى كىشى دىمىسە ، كىشى بىلەن نىمە ئىشىم ..................

كۆيۈمچان ئەزا

تارىم ئۆركىشى

UID
10314
يازما
78
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2688
تىزىملاتقان
2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-6
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-16 23:00:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستە ساقلاشقا تىگىشلىك بىلىملەركەن . رەخمەت سىزگە .

دائىملىق ئەزا

ئۇنتۇپ كەت يۈرۈگ

UID
2561
يازما
625
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
20247
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 17:18:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
erdewil  بۇرۇنقى دىيارىمدىكى  erdewil   سىز شۇمۇ ؟
  
تېمىڭىزغا تەشەككۈر .

جاھاندا ئۆزۈڭدىن چوڭ كۆڭۈل يوق .

يېڭى يۇلتۇز

شەربەتلىرىمنى ت

UID
4350
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
190
تىزىملاتقان
2010-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-18 13:24:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىtiltumar يوللىغان 2011-04-13 23:53 غا قارتىلغان  :
خوتەندىن كىلىدىغان تىبابەت دورىلىرىدا مۇشۇ ئىش بەك ئىغىر. بىر دوختۇرخانىدىن چىققان بارلىق دەملەپ ئىچىدىغان دورىلارنىڭ قىپىنىڭ  ئىچىدىكى خالتىسىنىڭ  رەڭگى ھەم يىزىلغان خەتلىرى ئوخشاشكەن. قىپى تاشلىنىپ كەتكەن دورىنى زۇكام دورىسىمۇ ياكى باشقا دورىمۇ  پەقەت پەرق قىلالمىدىم.
تەستىقتىن ئوتكەن دورىلارنىڭ ئۇنداق ئەمەس ...

UID
6429
يازما
10
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
110
تىزىملاتقان
2010-10-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 18:49:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يوللانمىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش