مەنبە: ئەلكۈيى تورى خەۋەرلەر قانىلى
بۇ ئات كۈچلۈك بىر قىزىقىش بىلەن «ئوڭۇشلۇق» ھالدا ئۆزىنىڭ بېشىنى دەرەخ كامىرىغا تىقىۋالغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئامالسىز توك ھەرىسى بىلەن ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان.
كونىلاردا قىزىقىش بىر مۈشۈكنى ئۆلتۈرەلەيدۇ دەيدىغان گەپ، لېكىن بۇ تەلەيلىك كالىغا نىسبەتەن، قىزىقىش پەقەت ئۇنىڭ ئازىراق يۈزىنى تۆكۈپ قويدى خالاس. بۇ كالا كىرئالغۇنىڭ يۇمىلاق دېسىنى «تەتقىق» قىلىۋاتقاندا بەختكە قارشى بېشى قىسىلىپ قالغان. تاكى بىر كىشى بۇنى كۆرۈپ قېلىپ خان جەمەتى ھايۋاناتلارنى خورلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى (ئەنگلىيە) گە مەلۇم قىلغاندىن كېيىنلا ساق-سالامەت قۇتقۇزىۋىلىنغان.
جەنۇبىي ئافرىقىدا ياشايدىغان بىر بېگموت ئىسسىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھېچنىمىگە قارىماستىن ئون ئىنگلىز چىسى ئىگىزلىكتىكى تامدىن يامىشىپ ئۆتۈپ، سۇ مۇنارىغا كىرىپ سۇغا چىلانغان. ئەمما كىرىش ئوڭاي بولغان بىلەن چىقىش تەس بولغان. دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى بىر ئىشچى ئۇنىڭ سۇ ئۈستىگە چىقىپ قالغان بۇرنىنى كۆرۈپ قېلىپ، سۇيۇقلۇق ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان كران بىلەن ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان. كۆلچەكتىكى سۇنى تارتىپ بولۇشقا نەق 4 سائەت ۋاقىت كەتكەن، ئاندىن ئۇلار تاياق بىلەن بېگموتنى ئاستا ھەيدەپ قەپەسكە كىرگۈزگەن ھەمدە ئوڭۇشلۇق ھالدا قۇتقۇزۇپ چىققان.
بۇ ئىتنىڭ ئىسمى قارشىلاشقۇچى، لېكىن ھېچكىم ئەمدىلا 8 ئايلىق بولغان بۇ گېرمانىيە پادىچى ئىتىنىڭ قانداق قىلىپ بېشىنى تامدىكى تۆشۈككە تىقىۋالغانلىقىنى بىلمەيدۇ. قۇتقۇزغۇچى خادىملار يېرىم سائەت سەرپ قىلىپ، ئاران تەستە ئۇنى 18 ئىنگلىز چىسى كەڭلىكتىكى تۆشۈكتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان.
بەزىلەر بەلكىم بۇنى ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك دېيىشى مۇمكىن، لېكىن 2 ياشلىق بۇ سەرگەردان ئىتقا نىسبەتەن بۇ قېتىملىق قىسىلىپ قېلىش ھەقىقەتەن قارا باسقاندەكلا بىر ئىش. ئۇنىڭ بېشى ئۇزۇن بىر كانايغا چىڭ قىسىلىپ قالغان بولۇپ، بەلكىم ئۇ بىر چاشقاننى قوغلىغان بولسا، ھىيلىگەر چاشقان مۇشۇ كاناينىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان بولۇشى مۇمكىن.
نەس باسقان بۇ قوينىڭ مۈڭگۈزى توك سىمىغا ئىلىشىپ قالغان، تېخى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە سىيرىلىپ ماڭغان، خۇددى رامبودەكلا. كىشىلەر ئۇنى بايقىغاندا بىچارە 15 ئىنگلىز چىسى ئىگىزلىكتە ئېسىلىپ قاپتىكەن ھەم توختىماستىن «قۇتقۇزۇڭلار!» دەپ مەرەۋىتىپتىكەن (قىزىقچىلىق قىلىپ قويدۇم). ئۇنى توك سوقىۋەتمىگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا چوڭ تەلەي-دە!
كىشىلەر ئۇنى بەلكىم تاغ قاپتىلىدىن چۈشۈپ ئانا قويلارنى ئىزدىمەكچى بولغان بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلىشقان. ۋەقەدىن ئىلگىرى بۇ قوي تاغ باغرىدا چۆپ يەۋەتقان ئىكەن، مۈڭگۈزى توك سىمىغا ئىلىشىپ قالغاندىن كېيىن تېخىمۇ جىلە بولۇپ كەتكەن، ئاقىۋەت توك سىمىنى بويلاپ سىيرىلىپ چۈشكەن.
4 ياشلىق بۇ ئىت ئىككى تامنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان، ھازىر ئۇ باشقا جايدا ئارام ئېلىۋاتىدىكەن، لېكىن ئۇنىڭ قانداق قىلىپ ئۇ يەرگە قىسىلىپ قالغانلىقى بىر تېپىشماق. بىر خىل ئېھتىماللىق شۇكى، ئۇ بىرەر ھايۋاننى قوغلىغان چاغدا مۇشۇ تام ئارىسىغا كىرىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. قۇتقۇزغۇچىلار 40 مىنۇتتەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تامدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان.
ئىككى دۆت قوزىچاق مونتانادىكى بىر كۆۋرۈكتە نەق ئىككى كۈن قاپسىلىپ قالغان. بىچارە قوزىچاقلار يېمەي-ئىچمەي 48 سائەت ساقلىغاندىن كېيىن قۇتقۇزىۋىلىنغان. كىشىلەر ئۇلارنى بەلكىم كېچىدە كۆۋرۈكنىڭ قىرىنى بويلاپ شۇ يەرگە بېرىپ قالغان، كۈن چىققاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ قەيەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، مىدىرلىيالمىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلشقان. كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىككى قوزا پات-پات تاش تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كىچىك تەرەپ قىلغان، ئاندىن يەنە تار گىرۋەككە قايتىپ كەتكەن. ھازىر ئۇلارنىڭ كەيپىياتى تولۇق ئەسلىگە كەپتۇ.
«كەپسىز» ئىسىملىك بۇ تايچاق ئېنىقكى، خاتا ھالدا قوشنىسىنىڭ گۈللۈكىگە ئۈسۈپ كىرگەن، كۆلچەك ئەتراپىدىكى سۇدىن ساقلىنىش يوپۇقىنىڭ سەۋەبىدىن ئالدىدىكى كۆلچەكنى كۆرمەي قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ كۆلچەكتىن سەكرەپ چىقالمىغانلىقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن، لېكىن كىشىلەر شۇ يەردىكى ھايۋانات دوختۇرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى بىخەتەر قۇتقۇزۇپ چىققان.
بۇ بىچارىگىمۇ چوقۇم بىر ئىش بولغان ئوخشايدۇ.
تەۋەككۈلچىلىككە ئامراقكەندە...
|