بۇ 6قەۋەتتىكىorkex يوللىغان 2011-04-07 23:07 غا قارتىلغان :
لېكىن بەزىدە كىچىك بالىمۇ بەك خاپا سالىدۇ ، شۇنداق چاغلاردا تىللاشتىن قانداق ساقلانسا بۇلا؟؟؟
ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دېققىتىنى بۇراش ئۇسۇلى.بالىلار خاپا قىلغاندا،ئۇلارغا ئاچچىقلىساق ،تىللىساق ياكى ئۇرساق ،بالا بىز بىلەن تېخخمۇ قارشىلىشىدۇ.چۈنكى بالىلارنىڭ خاراكتىرىدىن ئېيتقاندا،ئۇلار باشقىلار قىلما دېگەننى بەك قىلغۇسى كېلىدۇ.قارشىلىشىش پىسخىكىسى بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ.شۇڭىلاشقا خاپا قىلغان ۋاقىتلاردا ئامال بار سەۋىرچان بولۇش،دېققىتىنى بالىلار ياخشى كۆرىدىغان ساھەگە يۆتكەش كېرەك.مەسىلەن:ياخشى كۆرىدىغان كارتۇن فىلىم،كىتاپ،ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان چولپان قاتارلىقلارغا يۆتكەش كېرەك.ئۇلار قىزىقىدىغان ساھەدىن گەپ ئاچسىڭىزلا كۆپىنچە بالىلار يىغىسىنى توختىتىپ ياكى قەغىشلىكىنى توختىتىپ سىز بىلەن پاراڭلىششىقا چۈشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا ئۇلارنى دېگەن گېپىڭىزگە كۆندۈرۈپ ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلالايسىز.