- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 8
- تىزىملاتقان
- 2008-12-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2009-2-12
- UID
- 1156
- يازما
- 2
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 8
- تىزىملاتقان
- 2008-12-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2009-2-12
- توردا
- 0 سائەت
|
مەلۇم شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ۋەقە سادىر قىلغانلىقتىن، قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىدى.
بۇلتۇر 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى كەچتە، مەلۇم شىركەت مېھمان كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن زىياپەت ئورۇنلاشتۇرغان. شىركەت خىزمەتچىسى ئەركىن شىركەت مەسئۇلىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە زىياپەتتە مېھمانلارغا ھەمراھ بولۇپ ھاراق ئىچكەن. شىركەت مەسئۇلى ئارىدا ھاراقنىڭ ئاز قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەركىننى ھاراق ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىغان. ئەركىن شىركەتنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ھاراق سېتىۋالغىلى ماڭغان ھەم يولدا بىر ئادەمنى سوقۇۋەتكەن، زەخملەنگۈچى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. قاتناش ساقچىلىرى ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەركىننى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلىكتىن بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ يەكۈن چىقارغان. كېيىن ئەركىننى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى جازا بېرىشىگە ئەيىبلىگەن. خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىپ، ئەركىن ھەم ئۇ ئىشلەيدىغان شىركەتتىن ئۆلگۈچىنىڭ زىيانلىرى ئۈچۈن 530 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئەركىننىڭ قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك بىر يېرىم يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ھەم شىركەتنى ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا 320 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشكە بۇيرۇپ، ئەركىننى تۆلەمگە نىسبەتەن چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھۆكۈم قىلغان.
ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىركەت ئاپتوموبىلنى ئەركىن ھەيدەپ ۋەقە سادىر قىلغاچقا، تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئەركىن ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دېگەن ئاساستا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز سۇنغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا بۇ دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، شىركەتنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىي سوت ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا كېسىم چىقاردى.
تەستىقلىغۇچى : ئۈمىدۋار |
|