
[sub]تەكلىپلىك يازما[/sub]
[sub]
[/sub]
[sub] (guest post) ئاپتۇرى دىلنۇر رەيھان (پۇلات) 2004 -يىلنىڭ ئاخىرى فرانسىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن. بىر يىللىق فرانسۇز تىلى ئوقۇشىدىن كىيىن، ۋېرسال ئۇنىۋېرسىتىدا بىر يىل سىياسەت ئىلمى ۋە ئالاقە كەسپىدە كەسپى ماگىستىرلىق ئوقۇغان. كىيىنكى يىلى پارىژ 13-ئۇنىۋېرسىتىدا ئۇچۇر ۋە ئالاقىگە دائىر يۇقىرى تېخنىكىلىق تۈرلەرنى باشقۇرۇشتا ئىككى يىللىق كەسپى ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ، 2008-يىلى پارىژدا بىر يىل پۈبلىسىس ئالاقە گۇرۇھىدا تۈر باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ھەم فرانسىيەدە چىقىدىغان قوش تىللىق ھەپتىلىك گېزىت زامان نىڭ فرانسۇزچە سەھپىسى ئۈچۈن بىر مەزگىل مۇخبىر بولغان. 2008- يىلى سېنتەبىردىن ئېتىبارەن، پارىژ 7-ئۇنىۋېرسىتىتې جەمىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ كۆچمەنشۇناسلىق ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى كەسپى بويىچە تەتقىقات ماگىستىرلىقىنى باشلىغان. بۇ يىل فرانسىيە ستراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتىتىدە كۆچمەنشۇناسلىق بويىچە دۇنيادىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ھەققىدە دوكتۇرلۇقنى باشلىدى. سىز كۆرۈۋاتقان بۇ يازما دىلنۇر ئۆتكەن يىلى يېزىپ نەشىرگە سۇنغان ”مانا بۇ فرانسىيە“ ناملىق كىتابنىڭ بىر بابى بولۇپ كىتاب ھازىرغىچە تېخى نەشىرىياتنىڭ ئامبىرىدا ساقلاقلىق. دىلنۇر ئۇندىن باشقا يەنە ئۈتكەن يىل باشقا ئۇيغۇر ۋە فىرانسوز ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە فرانسىيە 7-ئۇنۋېرسىتىدا ئۇيغۇر مەدىنىيەت كۈنى ئۆتكۈزگەن. ھازىر يەنە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە باشقا شەھەرلەردىمۇ ئۇيغۇر مەدىنىيتىنى تۇنۇتۇرۇشنى مەقسەد قىلغان پائاليەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا فرانسىيەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشى ۋە تۇرمۇشىغا ياردەم بىرىش، ئۈز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش شۇنداقلا مەكتەپداشلىرىغا ئۇيغۇر مەدىنيىتىنى تۇنۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان ئوغۇز نامىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى قۇرۇلغان. يەنە بلوگباستا ئاچقان فىرانسىيەدە ئوقۇشقا چىقىش ئوچۇرلىرىنى بىرىشنى مەقسەد قىلغان بلوگمۇ بار. دىلنۇرنىڭ بۇ بلوگدا تەكلىپ بىلەن يازغان يازمىلىرىدىن يەنە فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار، فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى قاتارلىقلار بار.[/sub]
ئىتالىيەدىكى ئىلمى مۇنازىرە يىغىنىدا ئۇيغۇر تىلى
كۆپلىگەن دوستلىرىم مەندىن بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى كۈنلۈك ئىلمى تەتقىقات يىغىنى توغرىلىق تەپسىلىيرەك بىر نەرسە يېزىش خىيالىم بار-يوقلۇقىنى سوراشتى. توغرا، يېزىش خىيالىم بار ئىدى. لېكىن ھاياتنىڭ ھەلەكچىلىكى ۋە قەلىمىمنى كۈتۈۋاتقان تېمىلارنىڭ كۆپلىكىدىن بۇ ئىشنى قولۇمغا ئالالمىغان ئىدىم. ئەمما بۇ توغرىلىق ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە ئۇچۇر بېرىشنى بىر ۋەزىپەم دەپ كەلگەن ئىدىم. مانا بۈگۈن ئاخىرى بۇ ھەقتە كۆرگەنلىرىم ۋە ئويلىغانلىرىمنى سىلەر بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇش پۇرسىتى يېتىپ كەلدى.
يىغىندىن كىرىش سۆز
2010- يىلى نويابىردا ئىتالىيەنىڭ غەربى جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان، لېكىن ئىتالىيە قۇرۇقلۇقى بىلەن تۇتاشمىغان ئايرىم بىر ئارال رايونى ساردەنىيەدىن بىر تەكلىپ تاپشۇرىۋالدىم. ساردەنىيە رايونى مەركىزى بولغان كالىيارى شەھرىدىكى كالىيارى ئۈنېۋېرسىتى ۋە خەلقئارا ئېراسمۇس تورى بىرلىشىپ ”دۇنيادىكى ئاز سانلىق مىللەت تىللىرى ۋە مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن كۈرەش“ تېمىسىدا ئىككى كۈنلۈك ئىلمى مۇنازىرە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن. تەكلىپنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم ۋە دەرھال بىر پارچە ئىلمى ماقالىگە تۇتۇش قىلدىم. ماڭا ئەۋەتىلگەن يىغىن پروگراممىسىدىن، ماقالە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ئىسپانچە نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ماقالەمنى فرانسۇزچە يېزىش قارارىغا كەلدىم.

بۇ يىغىندا قانداقلارچە ئۇيغۇر تىلى مەسىلىسىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ۋە بولۇپمۇ بۇ تېما ئۈچۈن مېنى نەدىن ۋە نېمىشقا تاپقانلىقىغا قىزىقىدىغانسىلەر. گەرچە پارىژدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىمىز ئوغۇز بىلەن يېرىم يىلدىن بېرى بىر قانچە يېرىم ئۇيغۇرشۇناسقا ئۇيغۇر تىلى دەرسى بېرىۋاتساممۇ، گەرچە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى مېنى داۋاملىق ئەگىپ تۇرغان مۇھىم تېمىلاردىن بىرى بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ تەتقىقات دائىرەم كۆچمەنلىك ۋە مىللى مۇناسىۋەت بولغىنى ئۈچۈن، بۇ تېمىغا مەخسۇس مۇتەخخەسسىس سۈپىتىدە بېرىشنى ئۆزۈمگە تازا لايىق كۆرمەيتتىم. پارىژ دېدىرو ئۇنىۋېرسىتىدا كۆچمەنلىك جەمىيەتشۇناسلىقى ئوقۇۋاتقىنىمدا، سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدىكى بىر قانچە ئىتالىيەلىك ئوقۇغۇچى بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. ئەلۋەتتە، ئۆلمەس ئادىتىم بويىچە، ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرىنى تونۇشلىرىمغا يادقا ئالدۇرىۋېتىش بولغىنى ئۈچۈن، بىر يىللىق پارىژ ئۇنىۋېرسىتى ھاياتىدا، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ئۇيغۇر مىللىتى ئۇقۇمى ئەڭ چوڭقۇر ئورنىغان تېمىلاردىن بولۇپ قالغانكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى كالىيارى ئۇنېۋېرسىتىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى مەسىلىسىنى شۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ، يىغىن تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىردىنلا بۇ تىلنى تونۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، مېنى تەكلىپ قىلغان ئىكەن.
بۇ ئالاھىدە مۇنازىرە يىغىنىنىڭ كالىيارىدا ئېلىپ بېرىلىشىمۇ بىر مۇھىم ئىش. ساردىنىيە ئىتالىيەنىڭ بىر ئاپتونوم رايونى بولۇپ، سارد مىللىتىنىڭ ماكانى ھېساپلىنىدۇ. ئۇزۇن، ئىنچىكە ئىتالىيەدىن ئايرىم چىقىپ، فرانسىيەگە تەۋە كورسىكا رايونى بىلەن خوشنا قالغان ساردىنىيە كورس تىلىگە يېقىن بولغان سارد تىلىنى ئەسلى تىلى دەپ قارىسىمۇ، لېكىن بۇ تىلنى قوللىنىدىغان ساردلار ئىنتايىن ئاز. ئىتالىيانچە ساردلارنىڭ ئانا تىلىغا ئايلىنىپ كەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ساردلارلا ساردچە ئۈگىنىشنى قەتئى بۇرچى دەپ بىلىدۇ ۋە سارد تىلىنىڭ رايون تىلى بولۇپ رەسمى ئىشلىتىلىشىنى تەلەپ قىلىشىدۇ. تىپىك ئوتتۇرا دېڭىزچە ئالاھىدىلىكىنى ھەر مەنىدىن ئىپادىلەپ تۇرغان ساردىنىيە ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئاساسلىق ساياھەت رايونلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. كالىيارى كوچىلىرىنى ئايلانغىنىڭىزدا، سارد مەدەنىيىتىنىڭ پەقەت خاتىرە بۇيۇم دۇكانلىرىدا سودا مېلى ئورنىدىلا قالغانلىقىنى، ھەقىقى تۇرمۇشتا، ساردچە ئالاھىدىلىكنىڭ قالمىغىنىنى كۆرىسىز.
دوستۇمنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ قىزغىن تەكلىپى بىلەن، ماڭا ھازىرلانغان مېھمانخانىغا ئەمەس، دوستۇمنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشقىنىم ئۈچۈن، بىر قانچە كۈن ساردلار ئائىلىسىنى كۆرگەن بولدۇم. ئەمما، سارد ئۇقۇمى ساردىنىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدىنلا ئەمەس، ئېڭىدىنمۇ كەتكەن ئىكەن. ھەربىر جۈملىسىدە، سىز ئۇلارنىڭ ساردلارغا ئەمەس، ئىتالىيانلارغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز. ساردلىق پەقەت ناھايىتى ئۇزاق ئەسىرلەر ئىلگىرى بۇ رايوننىڭ ئۆتمۈشىدە بولۇپ ئۆتكەن چۈش، بۈگۈننىڭ سودا مەھسۇلاتى تەسىرىنى بېرىدۇ. بۇلارنى ئويلاپ ۋە ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان خىرسنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، تېنىم شۈركىنىپ كەتتى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەلگۈسى بىلەن سارد تىلىنىڭ بۈگۈنىنى سېلىشتۇرۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم.
ساردىنىيە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قوينىغا جايلاشقىنى ئۈچۈن، ناھايىتى قويۇق ئوتتۇرا دېڭىز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەن. كىشىلەرمۇ ناھايىتى قىزغىن، چىقىشقاق ۋە ئوچۇق. رېستوران ياكى قەھۋەخانىلەردە، ياكى ئاپتوبۇسلارغا چىققاندا، خۇددى بىزگە ئوخشاش، مېھماننى تۆلەتكۈزمەسلىكى مېنى يىراقتا قالغان يۇرتۇم كىشىلىرىنى ئەسلەتتى. فرانسىيەدە ناھايىتى جان-جىگەر دوستلاردىن باشقىلىرى، ئويناپ بارغىنىڭىزدا، گەرچە ئۆزى شۇ يەرلىك بولسىمۇ، بۇنداق مېھماننى تۆلەتكۈزمەسلىك ئىدىيىسى ئاساسەن يوق. ھەركىم ئۆزىنىڭكىنى تۆلەيدۇ. كالىيارىدا دوستۇمنىڭ ئۆيىدىمۇ، مېنىڭ ئەركىن بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ياتاق ئۆيىنى تامامەن ماڭا ھازىرلاپ بېرىپ، ئۆزى ئاپىسىنىڭ ياتاق ئۆيىدە يېتىشى، ھەر مىنۇت بىر نەرسە يىگۈم بار-يوقلۇقىنى سوراپ تۇرۇشى، ئاپىسىنىڭ گەرچە فرانسۇزچە ياكى ئىنگىلىزچە بىلمىسىمۇ، ئىتالىيانچە بىر نەرسىلەرنى دەپ ماڭا ئۆزۈرخالىق كۆرسىتىشى مېنى ئەنئەنىنى تۇپراققا كۆمىۋەتكەن غەربى ياۋروپادا ئەمەس، بەلكى ئىسسىق مېھىرلىك شەرقكە كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇ بەردى. دېمىسىمۇ غەرپ بىلەن شەرقنىڭ ئېنىق سىزىقلىق چىگرىسى يوق. پۈتۈن ئوتتۇرا دېڭىز دۆلەتلىرى شەرق دۇنياسىنىڭ ھايات كارتىنىسنى ئاساسەن ساقلاپ قالغان. ئەمەلىيەتتە، غەربى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ بۇنداق تۇرمۇش قائىدىلىرى بار ئىدى، پەقەت يېقىنقى 50 يىلدىن بېرى، زامانىۋى ھېساپلانغان، شەخسى مەنپەئەت بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان دۇنيا ۋە ھايات قارىشى بۇرۇنقى كوللىكتىپ مەنپەئەتى قارىشىنىڭ ئورنىنى تامامەن ئالدى. ئەلۋەتتە، بۇرۇنقى ھايات قارىشى بىلەن بۈگۈنكى ھايات قارىشى ئىككىسىنىڭلا توغرا ۋە ناتوغرا تەرەپلىرى بار، ئىككىسىنىلا چەتكە قاققىلى ياكى پۈتۈنلەي تاڭغىلى بولمايدۇ. لېكىن، بۈگۈنكى غەربى ياۋروپادا، كونا ھايات قارىشى ئاساسەن ئورنىنى زامانىۋى شەخس قارىشىغا بوشىتىپ بەرگەن. نەتىجىدە، كوللىكتىپ ھاياتتا بولۇشقا تېگىشلىك ئىنسانى ئىسسىقلىق، باشقىلارنى ئويلاش ئاستا-ئاستا يوقالغان. مەيلى قايسى دىندىن بولسۇن، رادىكال دىندارلار، مىللەتۋازلار، ئرقچىلارنىڭ غەرپ بىلەن شەرقنىڭ پەرقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆتۈرۈپ چىققان ئاتالمىش ”مەدەنىيەتلەر چۆچۈشى“ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس. بۇ خىل ئىنسانلىق دۇنيا ۋە ھايات قاراشلىرى پۈتۈن دۇنياغا ئومۇمى بولغان ئۇنىۋېرسال ھاياتى قىممەتلەر. ماددى بايلىقنىڭ، شەخسى مەنپەئەتنىڭ ئىنسانى قىممەتلەرنىڭ ئورنىنى بېسىۋىلىشى پۈتۈن دۇنياغا ئورتاق بىر ھادىسە. قاراپ باقساق، بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ 2000-يىلىدىن بېرىقى ئىقتىسادى ۋە ئىجدىمائى ئۆزگىرىشلىرىمۇ بۇنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
تېمىدىن بەك چەتنەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، كالىيارىدا تۇرۇپ، غەرپ-شەرق پەرق مەسىلىسىدە ئويلىغانلىرىمنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ، يىغىن ئەھۋالىدىن بىر سۆز ئاچاي.
باشقا تىللار نەدە، ئۇيغۇر تىلىمىزچۇ؟
گەرچە ئۈچ كۈنگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، يىغىننىڭ رەسمى مۇنازىرە ۋە تەتقىقات قىسمى پەقەت ئىككى كۈن بولدى. ئۈچىنچى كۈنى چەتئەلدىن كەلگەنلەرنى كالىيارى شەھرىنى زىيارەت قىلدۇردى. بىرىنجى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مېھمانلارنى كۈتىۋىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ھەر بىرىمىزگە ساردىنىيە رايونىنىڭ تىپىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى قاچىلانغان بېزەكلىك سېۋەت سوۋغا قىلىندى. چۈشتىن كىيىن، رەسمى يىغىن باشلاندى. يىغىندا سۆز ئالغۇچىلاردىن سارد تىلىنى بىر قانچە يىلدىن بېرى تەتقىق قىلىۋاتقان ۋە سارد تىلىنىڭ رەسمىلىشىشى ۋە ئومۇملىشىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر ياش ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى، ئىسپانىيە مادرىد ئۇنىۋېرسىتىدىن كەلگەن ئىسپانىيەدىكى كاتالان ۋە باسك ئاپتونۇم رايونلىرى سىياسىتىنىڭ ئىسپان تىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەش ئۈچۈن كەلگەن بىر ئىسپان قىز، ئىسپانىيە بارسىلونا ئۇنېۋېرسىتىدىن كەلگەن، كاتالان ئاپتونۇم رايونى ۋە كاتالان تىلى ھەققىدە سۆز ئاچماقچى بولغان بىر كاتالان يىگىت، ئىسپانىيە باسك ئۇنىۋېرسىتىدىن كەلگەن، باسك تىلىنىڭ ئورنى توغرىلىق مەلۇمات بېرىدىغان بىر باسك ياش، ئىتالىيەنىڭ شىمالى ئۇچىغا جايلاشقان تىرىنتىن نېمىس ئاپتونۇم رايونىدىن كەلگەن بىر نېمىس قىز ۋە ئاخىرىدا فرانسىيەدىن كەلگەن مەن غېرىپ ئۇيغۇر بولۇپ، جەمئى ئالتە كىشى ئىدۇق. بۇ پەقەت بىرىنچى كۈنىدىكى مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرە يىغىنىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئىدى. فرانسىيەدە مىللى تىل ۋە مەدەنىيەت مەسىلىسى ياكى توقۇنۇشى يوقمۇ؟ نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئاپتونۇم رايونلىرىدىن بىر ۋەكىل يوق دەيدىغانسىلەر. جاۋاپ ئاددى: مەسىلە ۋە توقۇنۇش ئەلۋەتتە بار، لېكىن فرانسىيەدە ئاپتونومىيە ئۇقۇمى يوق. بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە بىر كىتاپ يېزىشىمغا توغرا كېلىدۇ. ئەپسۇس، يىغىندا فرانسىيەدىكى ئاساسى چوڭ مىللەتلەر ھەققىدە تەتقىق قىلىدىغان بىرەر كىشىنىڭمۇ بۇ سورۇندا بولماسلىقى ھەقىقەتەنمۇ مېنى ئەپسۇسلاندۇردى.
يىغىن باياناتچىلىرى خۇددى مەن يۇقىرىدا تىزىملىغاندەك، رەت تەرتىپىمىز بويىچە مېكرافوننى ئالدۇق. ئۇيغۇر تىلىنى كۆمۈپ قويۇش گىرداۋىغا كېلىپ، خۇددى ئانىمىزنىڭ ئۆلۈمىگە قاتنىشىۋاتقاندەك بىر خىل ئىلاجسىزلىق، بۇ ئادالەتسىز دۇنياغا بولغان غەزەپ، ۋە چوڭقۇر ھەسرەت بىلەن قالغان بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پارچىسى بولغان مەن غېرىپ، ئىڭىكىمنى تۇتۇپ، يىغىن ناتىقلىرىنىڭ بايانلىرىنى ھەيرانلىق ۋە ھەۋەس بىلەن ئاڭلاپ چىقتىم. مانا بۇ دەل مېنىڭ يىغىندىكى مېكرافوننى ئېلىشتىن بۇرۇنقى ھىسياتىم ئىدى. مانا بۇ يەردە، ئىسپانىيەدىكى كاتالانلار، باسكلار ۋە ئىتالىيەدىكى نېمىسلارنىڭ قانداق ئورۇندا ياشاۋاتقانلىقىنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرەي. بۇنى ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ پايلاشمىسام، ئىچىمدە ئوت بولۇپ قالىدۇ ۋە بۇ كۆيگەن يۈرەك تېخىمۇ ھەسرەتتە قالىدۇ.
ساردەنىيە ئاپتونوم رايونى ۋە سارد تىلى
ساردەنىيە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سېسىلىيە ئارىلىدىن قالسا، ئىككىنچى چوڭ ئارال بولۇپ، 1948-يىلى ئىتالىيەنىڭ ئالاھىدە ئاپتونوم رايونى بولۇپ بېكىتىلگەن. ئىتالىيەدە بۇ رايوندىن باشقا يەنە تۆت ئاپتونۇم رايون بولۇپ، سىياسى ۋە مەمۇرى جەھەتلەردىن ئۆز ئالدىغا قانۇن بېكىتىش ۋە ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. بىر مىليون ئالتە يۈزمىڭ ئاھالىدىن بىر مىليون ئۈچ يۈزمىڭى سارد تىلىنى ئانا تىلى دەپ بىلىدۇ. لېكىن ئىشلىتىش دائىرىسى ۋە ئىقتىدارى ئىنتايىن چەكلىك. سارد تىلى ئىتالىيانچىغا ئوخشاشلا رومان تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولۇپ، رەسمى بېرىلگەن سىتاتىسكىلار 85% ساردەنىيەلىكنىڭ سارد تىلىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھالبۇكى يىغىن داۋامىدا سارد تىلىنى پىششىق بىلىدىغان ئىككى-ئۈچ ئوقۇغۇچى بىۋاستە سارد تىلىدا، بىز بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ماقالە ئوقۇۋاتقان سارد ناتىقىمىزغا سوئال سورىۋىدى، تۆۋەندە ئولتۇرغان ئىتالىيان-ساردلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى چۈشەنمىدى. بىزنىڭ ناتىقىمىز ئامالسىز باشتا ساردچە، ئاندىن ئىتالىيانچە سوئالغا جاۋاپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
ساردەنىيەت ئالاھىدە رايون بولغىنى ئۈچۈن، ئىتالىيە بايرىقىغا يانداش قىلىپ، بېشى لېنتا بىلەن باغلاقلىق تۆت ياشنىڭ سۈرىتىنى قويغان تۆت بۇرجەكلىك بايرىقىنى ھەر يەردە لەپىلدىتەلەيدىكەن. ئۆز ئالدىغا سىياسى پارتىيەلىرى بولۇپ، رايون رەئىسى ۋە كېڭەش رەئىسلىرىنى ساردلار ئومۇمى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق سايلايدىكەن. كوچا ۋېۋىسكىلىرى ئىتالىيانچە ۋە ساردچە يېزىقلىق بولۇپ، باشقا ۋېۋىسكىلار تامامەن ئىتالىيانچە ئىكەن. بۇرۇندىن مىراس قالغان ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇللىرىنى ھازىرمۇ ئوينايدىغان كىشىلەر بار ئىكەن. لېكىن بۇلار تامامەن بىر خىل فولكلور تۈسىدە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، كۈندىلىك ھاياتتا ئاساسەن بۇلارنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بولمايدىكەن.
ساردەنىيەدىكى ناھايىتى ئاز قىسىمنى ئىگەللەيدىغان سارد مىللەتچىلەر ياكى سارد مىللى مەدەنىيىتى قوغدىغۇچىلىرى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن زور كۆلەمدە ياشلارنى قوزغاپ، سارد تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش، بولۇپمۇ سارد مىللى كىملىكىنى تونۇشنى بارغانسېرى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋىتىپتۇ. ھازىرغىچە مىللەتچى پارتىيە سايلاملاردا ناھايىتى ئاز ئاۋازغا ئېرىشىپ كەپتۇ. بۇنىڭدىن كىيىن، ساردلارنىڭ مىللى كىملىكىنى تونۇش قىزغىنلىقى ئۆسەمدۇ-يوق، بىر نەرسە دېمەك تەس.
كاتالان ئاپتونوم رايونى ۋە كاتالان تىلى
دۇنيادىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە بۈگۈن كاتالانلار ئەڭ بەخىتلىك كىشىلەر دەپ ئويلايمەن. يىغىندا سۆز ئالغان كاتالان يىگىتنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، قۇلاقلىرىمغا ئىشىنەلمەي قالدىم. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تىل تەقدىرى بىلەن كاتالانلارنىڭ ھالى ئاسمان-زىمىن پەرقلىنىدىكەن. ھەر ئىككىسىلا بىر چوڭ دۆلەتتىكى ئاساسى ئاز سانلىق مىللەت، ئىككىسىلا تارىخى ئۇزۇن، ئىلغار مەدەنىيەت مىراسىغا ئىگە مىللەتلەر. لېكىن ياشاش مۇھىتى ۋە ياشاش دائىرىسى تامامەن پەرقلىنىدۇ.

كاتالانلار ئىسپانىيەنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسلى ئاھالىسى بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق بارسىلونا شەھرى رايون مەركىزى ھېساپلىنىدۇ. كاتالونىيە يەر كۆلىمى پۈتۈن ئىسپانىيەنىڭ ئالتە پىرسەنتىنى، ئاھالىسى يەتتە يېرىم مىليون بولۇپ، ئىسپانىيە ئاھالىسىنىڭ 17% نى تەشكىللەيدۇ. 1979-يىلىدىن بېرى ئاپتونوم رايون بولۇپ بېكىتىلگەن. ئىسپانىيەدە يەنە باسك دۆلىتى ۋە گالىس رايونى كاتالونىيە بىلەن تەڭ ئورۇندىكى ئاپتونوم رايونلار ھېساپلىنىدۇ.
ئىسپانىيە ئاساسى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئاساسەن، كاتالونىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا دۆلەت گىربى، دۆلەت بايرىقى ۋە مارشى بولۇپ، بىرىنچى رەسمى تىل ئىسپانچە ئەمەس بەلكى كاتالونچە. رايون قانۇنىنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەش ۋە ئىجرا قىلىش ، ئۆز ئالدىغا سايلام ئېلىپ بېرىش ، ئۆز ئالدىغا پارلامىنىت ۋە سىياسى كېڭەش تەشكىللەش ۋە تارقىتىش، باج بېكىتىش ۋە باج يىغىش ھوقۇقىغا ئىگە. مەكتەپلەر پۈتۈنلەي كاتالان تىلىدا بولۇپ، ئىسپانچە پەقەت ھەپتىدە ئىككى سائەتلا ئۆتۈلىدۇ. ھەتتا ئالى مەكتەپلەردىمۇ دەرسلەر پۈتۈنلەي كاتالانچە بولۇپ، ئىسپانچە دەرسلەرنى تاللاشقا بولىدۇ ئەمما مەجبۇرى تېڭىلمايدۇ. بارلىق رەسمى ۋە غەيرى رەسمى ھۈججەتلەر، كوچا-كويلاردىكى ئېلان-ۋېۋىسكىلارنىڭ ھەممىسى كاتالانچە بولۇپ، ئەگەر باشقا يېزىقتا بولۇپمۇ ئىسپانچە يېزىلىپ، كاتالانچىسى بولمىسا، قانۇن بويىچە ئېغىر جەرىمانە قويۇلىدۇ.
مۇشۇنداق ئەركىن بىر تىل-يېزىق رايونىدا، كىشىلەر يەنە ئۆز ئالدىغا ئىسپانچە ئۈگىنىدىغان بولۇپ، 2006-يىلىدىكى ئىستاتىسكىلاردىن قارىغاندا، كاتالانلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئىسپانچىنى كاتالانچىدىن ياخشى بىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. لېكىن بارسىلوناغا بارغاندا، پەقەت ئىسپانچە بىلىش ھەرگىز يېتەرلىك ئەمەس. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، بارسىلونا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەرلەردىن بىرى ۋە بۇ شەھەرگە ئوقۇشقا بارىدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىنتايىن كۆپ. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئىسپان تىلى ئۈگىنىپ، بارسىلونا ئۇنىۋېرسىتلىرىنى تاللىغاندىن كىيىن، نەق مەيدانغا بارغاندا، ئۈگەنگەن ئىسپانچىسىنىڭ ھېچبىر رولى يوقلۇقىدىن قاقشايدىكەن. چۈنكى دەرسلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن كاتالونچە، سرتتا ھايات كاتالونچە. گەرچە كىشىلەر ئىسپانچە بىلسىمۇ، ئەمما كاتالونچە سۆزلىمەسلىك ئىنتايىن ئېغىر ئېلىنىدىغان ئىش ھېساپلىنىدىكەن.
كاتالونىيەنىڭ ئىقتىسادى ئىسپانىيەدىكى ئوخشىمىغان رايونلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ بۇ رايون ئىسپانىيەنىڭ بىرىنچى ساياھەت رايونى بولۇپ، ئىسپانىيە ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇن ئىگەللەيدۇ. بارسىلونا پاي-چەك شىركىتى ئىسپانىيەدە مادرد پاي-چېكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. پۇتبول كۇلۇبى بارسىلونانى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى پۇتبۇل كوماندىسى بولغان بارسىلونا ھەر قېتىملىق دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە توپ كىرگۈزگەندە كاتالونىيە بايرىقىنى لەپىلدىتىدۇ. 2010-يىلى ئىسپانىيە دۇنيا لوڭقىسىنى ئالغىنىدا، دۆلەت كوماندىسىدىكى كاتالونلار دەرھال ئىسپانىيە بايرىقىنى ئەمەس بەلكى كاتالونىيە بايرىقىنى پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتلىرىنىڭ كۆزىدە لەپىلدەتكەن ئىدى.
باسك دۆلىتى ۋە باسك تىلى
باسكلار ئىسپانىيەدىكى كاتالانلاردىن قالسا، مىللى مەدەنىيىتى ۋە پۈتۈنلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداۋاتقان يەنە بىر ئاساسى ئاز سانلىق مىللەت. بۇلارنىڭ رايونى خۇددى كۈردلەرگە ئوخشاشلا بىر نەچچە دۆلەتكە چېچىلىپ كەتكەن. لېكىن، كۈردلەردىنمۇ تەلەيلىك ھالدا، پەقەت ئىسپانىيە ۋە فرانسىيەنىڭ تۇتاشقان بىر يېرىدە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ تۇرىدۇ. مەيلى فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى باسك رايونى ياكى ئىسپانىيەنىڭ شىمالىدىكى رايون بولسۇن، باسكلار رايونىنىڭ ئىسمى باسك دۆلىتى ۋە ئىككىلا دۆلەتنىڭ خەرىتە ۋە بارلىق رەسمى، غەيرى رەسمى ھۈججەتلەردە رايون ئىسمى بىلەن ئەمەس باسك دۆلىتى دېگەن ئىسم بىلەن ئاتىلىدۇ. ئىككى دۆلەتتىكى باسك دۆلىتىنى بىرلەشتۈرسە يۈرەك شەكلىگە كېلىدۇ.

خۇددى كاتالونىيەگە ئوخشاشلا، باسك دۆلىتى ئىسپانىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر ئاپتونوم رايونى ۋە ئۆز ئالدىغا پارلامىنتى، سىياسى كېڭىشى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گىربى بولىدۇ.80–يىلىدىن ئېتىبارەن، ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمىتى بولۇپ، باجنىڭ پەقەت بەش پىرسەنتىنى ئىسپانىيەگە بېرىدۇ، قالغىنىنى ئۆزى باشقۇرىدۇ. مۇستەقىل ساقچى سېستىمىسى، مائارىپ-مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، ساقلىق قۇرۇلمىسى بولۇپ، بۇ جەھەتلەردە ئىسپانىيەگە بېقىنمايدۇ. كۆپ پارتىيەلىك دېموكىراتىك تۈزۈم بويىچە، ئاساسلىق پارتىيەلەردىن ئونغا يېقىن بولۇپ، باسك مىللى پارتىيىسى ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدىغان چوڭ سىياسى پارتىيە ھېساپلىنىدۇ.
باسك دۆلىتى دېگەن ئىسىمنىڭ ئەسلى مەناسى باسك تىلى دۆلىتى دېگەننى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئۆز تىلىنى دۆلەت ئىسمى قىلغان دۆلەتتىن يەنە باشقىسى بولمىسا كېرەك. بۇ ئىسىم ئىسپانىيە ۋە فرانسىيەلەردە نۇرغۇن مۇنازىرە قوزغىغان بولسىمۇ، ئاخىرى يەنىلا ئىككىلا دۆلەتتە مەزكۇر ئىسىمنى باسكلار ئولتۇراقلاشقان يەتتە ئۆلكىگە نام قىلىپ بېكىتكەن. بۇ ئىسىم قوزغىغان مۇنازىرە، تالاشلاردىنلا، باسك تىلىنىڭ قانچىلىك قوغدىلىۋاتقىنىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. باسكلار ئۈچۈن، خۇددى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا، مۇستەقىل بىر تېرىتورىيە پۈتۈنلىكىگە ئېرىشىش ئىنتايىن مۇھىم ئىش. لېكىن، بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنى ئۆز ئانا تىلىغا قىل قوندۇرماسلىق ۋە پۈتۈن جان-جېنى بىلەن تىلىنىڭ ئىسپانىيەدىكى ئورنىنى قوغداشتۇر.
فرانسىيەدىكى ئۈچ ئۆلكە ۋە ئىسپانىيەدىكى تۆت ئۆلكىدە ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان باسكلار جەمئى ئۈچ مىليون بولۇپ، ئىسپانىيە ئاھالىسىنىڭ بەش پىرسەنتىنى ئېگەللەيدۇ. ئوتتۇرىچە كىرىمى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىچە كىرىمىدىن ئېشىپ كەتكەن باسك دۆلىتى ئىسپانىيەدىكى ئەڭ باي رايون ھېساپلىنىدۇ. ئاساسلىق كىرىمى يېڭى تېخنىكا ۋە ماشىنا-ئايروپىلان سانائەت ساھەسىدىن كېلىدۇ. باسك دۆلىتى يەنە ئىسپانىيەدىكى ئەڭ شەھەرلەشكەن رايوندۇر.
رايون تىلى باسك تىلى ۋە ئىسپان تىلى بولۇپ، تىل باشقۇرۇش سېستىمىسى كاتالونىيەگە بەك ئوخشاپ كەتمەيدۇ. بۇ رايوندا بەزى مەكتەپلەر پۈتۈنلەي باسكچە ۋە بەزىلىرى تامامەن ئىسپانچە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار تاللاش ئەركىنلىگە ئىگە. ئالى مەكتەپلەرمۇ ئوخشاش شەكىلدە تىل پەرقى بويىچە ئايرىلىدۇ. ئىسپانچە مەكتەپلەردە باسك تىلى ۋە باسكچە مەكتەپلەردە ئىسپانچە قوشۇمچە ئۆتۈلىدۇ. يوللاردىكى بارلىق ۋىۋىسكىلار، بارلىق رەسمى ۋە غەيرى رەسمى ھۈججەتلەر، پىلاكاتلار باسكچە ۋە ئىسپانچە يېزىلىدۇ. يىغىندا سۆز ئالغان باسك ناتىقىمىزنىڭ بايانىچە، ھازىر بارغانسېرى باسك ئوقۇغۇچىلار ئالى مەكتەپ تاللىغىنىدا ئىسپان تىلىدىكى ئۇنىۋېرسىتلارنى تاللاۋېتىپتۇ. بىز بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىسپانچىنىڭ ۋە ئىسپانىيەنىڭ مۇھىم ئورنىدىنمۇ دەپ سورىغىنىمىزدا، پەقەت ئىسپان تىلىدىكى ئۇنىۋېرسىتلاردا سرتتىن كېلىدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار كۆپ، ئۆز-ئارا تونۇشۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۇنيا قارىشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن دەپ جاۋاپ بېرىلدى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى باسك تىلىدا ئوقۇغاندىن كىيىن، ئالى مەكتەپنى بولسىمۇ باسك مۇھىتىدىن نېرىراق ئوقۇش باسك ياشلار ئۈچۈن مۇھىم ئىش ئىكەن. بولمىسا، تامامەن ئۆز مۇھىتى، ئۆز مىللىتى، ئۆز رايونى ۋە ئۆز كىشىلىرى دائىرىسىگە قاپلىنىپ قېلىپ، دۇنيا قارىشى تار بولۇپ قالىدۇ دەپ قارايدىكەن. باسك ئۇنىۋېرسىتلىرىغا كېلىدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئوقۇپ، پىكىرلىشىدىغان ۋە ئوخشىمىغان مائارىپ سېستىمىسىنى سېلىشتۇرىدىغان ئىمكانىيەت ئاز ئىكەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتۈنلەي باسك تىلىدا ئوقۇپ، ئالى مەكتەپنى ئىسپانچە ئوقۇشتا قىينىلامدۇ دەپ سورىغان سوئالىمىزغا، ”ياق، باسك ئوقۇغۇچىلار ئالى مەكتەپكە بارغىچە ئۆز تىلىدىن باشقا يەنە ئىسپان تىلىنى پىششىق ئۈگىنىپ ماڭىدۇ. شۇڭا ئىسپانچە ئۇنىۋېرسىتتا ھېچقانداق قىينالمايدۇ“ دەپ جاۋاپ بېرىلدى. ھالبۇكى يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، كاتالونىيە رايونىدا، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىسپانچە باشقا ئېنگىلىزچە ۋە فرانسۇزچە تىللارغا ئوخشاش تاللاشقا بولىدىغان چەتئەل تىلى سۈپىتىدە ئۆتىلىدىكەن ۋە ھېچقانداق ئىسپانچە مەكتەپ يوق ئىكەن.
ترەنتىن ئاپتونوم رايونى ۋە نېمىسلار
ئىتالىيەنىڭ ئەڭ شىمالى ئۇچىغا جايلاشقان كىچىككىنە كەلگەن ترەنتىن شىمالدا ئاۋىسترىيە بىلەن، شەرقتە سلوۋىنىيە بىلەن چىگرىلىنىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان بۇ رايون ئىتالىيەنىڭ رەسمى قوش تىللىق رايونى بولۇپ، ئىتالىيان ۋە نېمىس تىلى رايون تىلى ھېساپلىنىدۇ.

ترەنتىن ئەسلىدە 1919-يىلىغا قەدەر ئاۋىسترىيە ئىمپىرىيىسىگە تەۋە ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كىيىن، ئۇرۇشتا يېڭىلگەن ئاۋىسترىيە پارچىلىنىپ، چىگرا رايون ترەنتىن ئىتالىيەگە بۆلۈپ بېرىلدى. ئىتالىيەدىكى فاشىست ھۆكۈمەت بۇ رايوننى ئىتالىيانچىلاشتۇرۇشقا كۆپ ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئانچە ئىشقا ئاشمىدى. بۇنىڭ بىلەن ناھايىتى زور تۈركۈمدە ئىتالىيان كۆچمەنلىرىنى بۇ رايونغا يۆتكىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنمۇ ترەنتىن يەنىلا ئىتالىيەگە تەۋە بولۇپ تۇرىۋەردى. لېكىن ئىتتىپاقداش كۈچلەر ئىتالىيەگە بۇ رايوننىڭ ھەقىقى مەنادىكى ئاپتونوم ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋەزىپىسىنى مەجبۇرى تاڭدى. كۆچمەن ئىتالىيانلار ۋە باشقىلارنىڭ زور تۈركۈمدە بۇ رايونغا كېلىپ، نېمىسلارنىڭ ئازلاپ كېتىشى يەرلىك خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىدى ۋە 60-يىللاردا ئىتالىيان ھۆكۈمىتىگە قارشى تېرور ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىلدى. پەقەت 1972-يىلىغا كەلگەندە بۇ رايون رەسمى تۈردە ئاپتونوم ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، ئەدلىيە ۋە مەمۇرى ئىشلار، شۇنداقلا ئىقتىسادى ساھەلەرنىڭ ھەممىسى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا ئۆتتى.
بۈگۈنكى كۈندە بۇ رايون ئاھالىسىنىڭ 62% ئىتالىيانچە سۆزلىشىدۇ ۋە قالغان قىسمى نېمىسچىنى ئانا تىلى ئورنىدا قوللىنىدۇ. يىغىنغا ۋەكىل بولۇپ كەلگەن نېمىس قىزنىڭ دىيىشىچە، ترەنتىندە يەنە بىر تۈركۈم مىللى سىياسى گۇرۇپپىلار بولۇپ، ئىتالىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىكەن ۋە ھەتتا بۇ رايوننىڭ ئىتالىيەدىن ئايرىلىپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. بۇ رايوننىڭ باشقا ئىتالىيە ئاپتونوم رايونلىرىدىن پەرقى يەنە ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم، ئىتالىيە گراژدانلىرىنىڭكىگە ئوخشىمىغان، بىنەپشە رەڭلىك كىملىكى بار ئىكەن. ترەنتىنلىك نېمىس قىز رىمدا ئېراسمۇس(خەلقئارا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى) ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئوقۇيدىكەن.
ترەنتىندە مەكتەپلەر خۇددى باسك دۆلىتىگە ئوخشاش، نېمىس تىلى مەكتىۋى ۋە ئىتالىيانچە مەكتەپلەر دەپ ئايرىلىدىكەن ۋە ئىككىلا تۈردىكى مەكتەپلەردە بۇ ئىككى خىل تىل مۇھىم ئورۇندا ئۆتىلىدىكەن. ئالى مەكتەپلەرمۇ تىل ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بۆلۈنىدىكەن. لېكىن نېمىس تىلىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئاۋستىرىيە ۋە گىرمانىيەگە ئوخشاش نېمىس تىلى دۆلەتلىرىدە ئۇنېۋېرسىت ھاياتىنى تاماملايدىكەن.
خۇلاسە
شۇنداق قىلىپ، بۇ بىر نەچچە شاد-خوراملىق بايانات-نۇتۇقلاردىن كىيىن، نۆۋەت ماڭا كەلدى. ئەلۋەتتە، ئۆمرىدە ئۇيغۇر كۆرۈپ باقمىغان، ھەتتا ئۇيغۇرنىڭ نېمىلىكى، كىملىكىنىمۇ بىلمىگەن بۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مېنىڭ نۇتۇقۇمنى شەپە چىقارماي تىپ-تنچ ئاڭلىدى. مەن نېمە دىيەلەيتتىم دەيسىز. يازغان ماقالەمنى ئوقۇدۇم دېگەندىن كۆرە، ئۇنى قويۇپ، رەسمى نۇتۇق سۆزلىدىم دېگىنىم بەكرەك توغرا. يىغىندىن كىيىن، بىر ئىلمى ماقالىلەر ئوپچە پايدىلىنىش تور بېتىگە ماقالەمنى فرانسۇزچە بىلىدىغانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قويدۇم. يىغىندىن كىيىن، ئەلۋەتتە، سوئاللارغا كۆمۈلۈپ كەتتىم.
يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سارد تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارىخچى بىزگە ئىلمى دوكلات بەردى. چۈشتىن كىيىن، شەھەرلىك تارىخ مۇزىيى كۆرگەزمە زالىدا، يىغىنغا كەلگەن ھەر بىر ۋەكىل ئۆز مىللىتىنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدىغان مەدەنى بۇيۇملار كۆرگەزمىسى ئاچتى. مەنمۇ فرانسىيەدىكى بالىلار ئارىيەت بېرىپ تۇرغان ئۇيغۇر مىللى بۇيۇملىرىنى ئايرىم كۆرگەزمىگە قويدۇم. كەچتە، ھەر بىر مىللەت ۋەكىللىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا بىر پارچە شېئىر ئوقۇپ، ئاندىن بىر مىللىچە ناخشا-مۇزىكا ياكى ئۇسسۇل كۆرسىتىش تەلەپ قىلىندى. قايسى شېئىرنى تاللىغانلىقىمنى مېنىڭچە پەرەز قىلالايسىلەر. ئۇنى بىر كۈن ئاۋۋال فرانسۇزچە نۇسخسىدىن ئىتالىيانچىغا تەرجىمە قىلدى. مەن ئۇيغۇرچە ئوقۇدۇم، رىياسەتچى ئىتالىيانچە دېكلاماتسىيە قىلدى. ئەزەلدىن تۈزۈك ئۇسسۇل ئوينىيالمىغىنىم ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ”ۋەتەندە باھار“ ناملىق مۇزىكىسىنى گارموشكىدا ئورۇنلاپ بەردىم.
بۇ ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەتتە، بىردىنبىر ھەقىقى يىراقتىن كەلگەن مەن بولغىنىم ئۈچۈن (ئوتتۇرا ئاسىيا-جوڭگو)، نۇتۇقۇمنىڭ ۋە كۆرگەزمەمنىڭ باشقىلارنىڭ بۇ قەدەر قىزىقىشى ۋە ھەيرانلىقىنى قوزغىشىمۇ نورمال ئىدى. ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇۋاتقان بۇ كىشىلەر ئۈچۈن، بۇ بىر ئۇنتۇلغۇسىز دەرس بولدى. ھەممەيلەن كېلىپ، ناھايىتى قىممەتلىك بىر قېتىملىق دەرس ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىپ، تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ قېتىملىق يىغىننى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قاتناشقان خەلقئارا ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قانات يايدۇرۇش جەمىيىتىنىڭ رەئىسى كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئوغۇز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىمىز بىلەن بىرلىشىپ، ئىتالىيەدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى ئۆتكۈزۈشكە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنداق قىلىپ، بۇ قېتىملىق يىغىندىن سەل كۆڭلۈم يېرىم ئەمما يەنە مۇۋەپپىقىيەت مەمنۇنىيىتى بىلەن پارىژغا قايتىپ كەلدىم.
http://jeckblog.com/ مەزكۇر يازما جىك تۇراسىدىن ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن كۆچۆرۈپ ئىلىندى.