ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار، ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام ! ئىشلىرىڭلارنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە ئەلكۈيى تورى نامىدىن چىن كۆڭلىمىزدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك ئەلكۈيى تورى نورۇز بايرىمىنى ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن كۈتىۋىلىش، شۇنداقلا بۇ خۇشاللىق بايرىمىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەلكۈيى مۇنبىرىدە «ئەلكۈيى نورۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتى» نى ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. بارلىق قېرىنداشلارنىڭ پائالىيتىمىزگە ئاكتىپ قاتنىشىشى ھەمدە قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىلىق نادىر ئەسەرلەر خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشكە نىسىپ بولدى .
تورىمىز كوللىگىيەسى تەكلىپ قىلىپ بىكىتكەن مېھنەتكەش باھالىغۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەجىر قىلىپ، كۈندىلىك ئەسەرنى مەزمۇن، ژانىر ، تىل ئامىلى ، تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن رەتلەپ ، تېما-ئىنكاسلارغا بىرلەشتۈرۈپ باھالاپ چىقشى، شۇنداقلا تورىمىزنىڭ نازارەت قىلىپ تۇرىشى ئاستىدا، بۈگۈن «ئەلكۈيى نورۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتى»نىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىمىز.
ئەسەر قوبۇل قىلىش توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان تېما
/viewthread.php?tid=8589
مۇكاپاتلىق ئەسەر يوللاش ھەمدە باھالاشنىڭ شەرت - قائىدىلىرى ئالدىنقى قېتىملىق تېمىمىزدا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغاچقا، بۇ قېتىم قايتا بۇ توغرىسىدا تەكىتلىمەيمىز. قىززىققۇچىلار ئەسلى تېمىدىن كۆرىۋالسا بۇلىدۇ.
پائالىيەت نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:
پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان ۋاقىت: ئەلكۈيى«نورۇزلۇق نادىر ئەسەرلەر» مۇكاپاتلىق پائالىيتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە يولغا قويۇلغان. بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى باھالاشقا مۇشۇ دائىرىدە شۇ سەھىپىگە يوللانغان ياكى يوللىغۇچى ئۆزىنىڭ تېمىسىغا "مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە سۇنۇلغان ئەسەر "دەپ يېزىلغان ئەسەرلەرنى تاللاش ئاساس قىلىندى .
«ئەلكۈيى»تورىنىڭ «نورۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەر»پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى
باھالاش نەتىجىسى
بىرىنچى دەرىجىلىك ئەسەر : باھالاش كوللىگىيىمىز شۇنداقلا شىركىتىمىزدىكى بارلىق خادىملار كۆپ قىتىم قاراپ چىققان بولسىمۇ، بىرىنچى دەرىجىلىك ئەسەر دەپ ئاتاش شەرىپىگە ئىگە ئەسەر بايقالمىدى.(تېپىش قىيىنغا چۈشتى)شۇڭا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر يوق.
ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەسەر 2 پارچە
«ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»
ئاپتورى:ئەلكۈيى مۇنبىرىدىن ئەفىفى
تېما مەنزىلى:/viewthread.php?tid=8589
ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئۇزۇن يىللىق ئەنئەنىگە ئىگە بولغان داستانلارنى نەسرلەشتۈرۈش ئېقىمى بىزنىڭ قەدىمقى مەشھۇر ئەسەرلەرنى چۈشىنىش ۋە بەھر ئېلىشىمىزدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپلا قالماستىن، يەنە نەسرىلەشتۈرگۈچىنىڭ ئۆزلەشتۈرمە بىلەن ئىجادى نەسرىلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرىشىدەك خاسلىقى بىلەن ئەسەرلەر تېخىمۇ ئوقۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ خىل ئەنئەنە بىزدە تاشلىنىپ قالغىلى ئۇزۇن زامانلار بولغانلىقى بىلەنلا ئەمەس، يەنە دىققەت نەزىرىمىزنىڭ سىرتىدا قالغانلىقى بىلەنمۇ ئۇننتۇلۇپ قالاي دىگەن ئىدى.
1. ئۆزگەرتىپ يېزىشتىن ئىبارەت بۇخىل ئىجادىيەت سىنىقى مۇشۇ ئەسەرگە نىسبەتەن مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان.
2. بۇ ئەسەر، ئەسلى ئەسەرگە سادىق بولغان ھالدا ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەسەرنىڭ تىلى راۋان، چوڭقۇر، ئوبرازلىق، گۈزەل چىققان، بۇلار ئەسلى ئەسەرنىڭ بالاغىتى بولسىمۇ، لېكىن ئىككىلەمچى ئىجادىيەت بولغان بۇ ئەسەردىكى تىل تولۇق بەدىئىي تىل بولۇپ چىققان، بۇنىڭدا مۇئەللىپ سۆز-جۈملىلەرنىڭ باغلىنىشى، مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولۇشى، تەكرارلىق ۋە ئارتۇقچە قۇرۇق ھېسسىياتلارنى ئارلاشتۇرۇپ قويمىغانلىقى بىلەن ئەسەرنىڭ ئۇتۇقلۇق چىقىشىغا زور ئەجىر سىڭدۈرگەن.
3.ئەسەر باشتىن-ئاخىر كىشىگە بىرخىل ئەنئەنە تۇيغۇسى، كىلاسسىكلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئەسەرنىڭ تېمىسىغا بولغان ئىستېتىكىلىق ئېھتىياج ئاشۇرۇلغان.
4.شېئىرىيەت(پوئىزىيە) بىلەن پىروزىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولغان «داستان»دىن ئۆزگەرتىپ ئىجات قىلىنغان بۇ ئەسەر، مەيلى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئەسەردىكى ھىسسىيات ئېقىمى جەھەتتىن بولسۇن، تولۇق پىروزا ئەسىرىگە ئايلانغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بوۋاي بىلەن بولغان سەپىرى ۋە بۇ جەرياندىكى قىستۇرمىلىرىدىن داستانغا ئىجادى يوسۇندا مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۆزىنىڭ ھاياتلىق،ئادىمىيلىك ھەققىدىكى قاراشلىرىنىمۇ ئەپچىللىك بىلەن ھىكايىگە سىڭدۈرۈپ، داستان ۋەقەلىكى بىلەن جىپسىلىققا ئىگە قىلغان.
5.ئەسەرنىڭ ئەمەس، ئاپتۇرنىڭ يىتەرسىزلىگى دەپ قارىغان يېرىمىز، ئەسەرنىڭ ژانىرى نامىنى بىكىتمىگەن،ئەسەرگە داستان دېمىگەن تەقدىردىمۇ، ھېكايە، پوۋېسىت، ياكى ھېچ بولمىسا، ئۆزگەرتىپ يېزىلغان ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان «قىسسە» دېگەن نامنى قويغان بولسىمۇ بولاتتى.
«سەن مېنىڭ ئۈمىدىم»(ماقالە)
ئاپتورى:ئەلكۈيى مۇنبىرىدىن زاكىرە
تېما مەنزىلى:/viewthread.php?tid=8770
ئەسەر مەزمۇن جەھەتتىن ساغلام، ، ئەسەرنىڭ تىلى يۇمشاق، تەبىئىي بولغاچقا بەدىئىيلىك جەھەتتىكى كەمتۈكلىكنى يېپىپ كەتكەن، بايانلار تەرتىپلىك، مەقسەت-مۇددىئا ئېنىق تامامەن ئىجادىي يۆلىنىشتە داۋام قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسى كىشىگە ئۈمىد، ئىلھام بېغىشلايدۇ، ئۇنى ئوقۇغان كىشى بۇ ئەسەرنىڭ ھەقىقى بىر ئانىنىڭ ئوغلىغا بولغان يېقىملىق تۇيغۇلىرى ئىچىگە سىڭىپ كېتىدۇ.
ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن قۇرۇلمىسىدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرچە تەپەككۇر، ئانىنىڭ ئوغلىدىن كۈتكەن ۋە كۈتىۋاتقان ئۈمىدى ئۇيغۇرچە قىممەت قارىشى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇڭا ئەسەرنىڭ تەسىرچانلىقى كۈچلۈك.
ئۈچۈنچى دەرىجىلىك ئەسەر 3 پارچە
«نورۇز كېلىدۇ »(شېئىر)
ئاپتورى:رەيھان
تېما مەنزىلى:/viewthread.php?tid=8916
شېئىردا نوقۇل نەۋرۇزغا بولغان خۇشاللىق، ئۈمىتۋارلىق، ئارزۇ ئەكىس ئېتىپلا قالماستىن، بىر پۈتۈن تەبىئەت ئالىمىگە، پۈتكۈل ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋارلىق، ئادەملەرگە بولغان سۆيگۈ ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ.
شېئىر مىسرالىرىدىكى سۆزلەر ئالاھىدە تاللانغان، ئاجايىپ-غارايىپ ئىچكى مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان پاساھەتلىك سۆزلەر ئەمەس، بەلكى ئاددى-ساددا، خۇددى بالىلارنىڭكىدەك ئېغىزىغا كەلگىنىچە مۇنداقلا ئېيتىپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ. دەل مۇشۇ ئاددى-ساددىلىق، سۆزلەرنىڭ ئاممىباپلىقى، شېئىردىكى بىرخىل ئۇرغۇپ تۇرغان ئىچكىي جۇشقۇنلۇقنى ھېس قىلدۇرىدۇ. خۇددى بىردەستە چوغلۇق گۈلىگە يېپىلغان سەنەمنىڭ نىپىز ياغلىقىدەك، سۇس بىرقەۋەت شېئىر تۇيغۇ ئىچىدىن پۈتكۈل مەۋجۇتلۇققا بولغان ساددا، سەمىمىي، غۇبارسىز ئۈمۈد جىملىيىپ قاراپ تۇرىدۇ.
3. «نورۇز ئېشى»(ھېكايە)
ئاپتورى: تىلەك
تېما مەنزىلى:/viewthread.php?tid=8831
1.›بۇ ئەسەر كۆتۈرۈپ چىققان تېما تولىمۇ ئەھمىيەتلىك، بۇ دەل مۇشۇ ۋەقەلىكلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرلۇشى، تەپسىلاتلارنىڭ لايىقىدا بېرىلىشى ۋە دەل مۇشۇ تېمىسى جەھەتتىن ھېكايە دېگىلى بولىدىغان ئەسەر.
2.›تەسۋىرلەرنىڭ ئۆزى ئىنچىكە، ئوبرازلار مۇۋاپپىقىيەتلىك يارىتىلغان ۋەخاسلىققا ئىگە قىلىنغان. ئەسەرنىڭ تىلىغا خېلى ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن.
3.›يېتەرسىزلىگى: دىئالوگلار كۆپ بولسىمۇ، لېكىن مۇۋاپىق رەتلەنمىگەن. ئەسەرنىڭ ئىملاسىدىكى كەمچىلىكلەر خېلى گەۋدىلىك.
«نورۇز بايرىمى ھەققىدە» توغرىسىدا
ئاپتورى:پەرھات مۇھەممەدئىمىن
تېما مەنزىلى: /viewthread.php?tid=8908
بۇ ماقالىدە گەرچە بىزگە تونۇشلۇق بولغان نەۋرۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە جەريانى قاتارلىقلار يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ماقالىدە ھازىرغىچە بىزگە تولۇق مەلۇم بولمىغان خېلى كۆپ ئىلمىي قاراشلار، بىلىش ھەم ساقلاش قىممىتىگە ئىگە ساۋاتلار، بىزنىڭ نەۋرۇزلۇق پائالىيەتلىرىمىز ھەققىدىكى ئىزتىراپلىق ئويلار ساغلام تەپەككۇر بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن.
رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى 5 پارچە:
«دەز كەتكەن يۈرەك» (پوۋېست)
«ئامراق رەقىبلەر» (پوۋېست)
«تۇرداخۇن ئوينىغان كومىدىيە»(ھېكايە)
ئاپتورى: ئابدۇلھەمىد ياسىن
«كۈنىمىزدە نورۇزنى قۇتلۇقلاشنىڭ يوللىرى»(ماقالە)
ئاپتورى: يۈكسەل
«يۈرىكىمگە بىر سەنلا چايان» نامىلىق يۈرۈشلۈك شېئىرلاردىكى
«تۈننى ساڭا چۈش دەپ يوللىدىم» دېگەن بىر پارچە شېئىر
ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن ئەسەرلەرنى باھالاشقا قاتناشقان باھالىغۇچىلار:
ئەخمەتجان خۇما(ئوبزورچى،يازغۇچى)
تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار(يازغۇچى)
چىمەنگۈل ئاۋۇت (شائىرە)
باھالاش خىزمىتىگە ئەجىر سىڭدۈرگەن باھالىغۇچىلىرىمىزغا چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز ،شۇنداقلا ئاز بولسىمۇ تورىمىزنىڭ كۆڭۇل سوۋغىسىنى سۇنىمىز!
مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە بىرىلىدىغان مۇكاپات بۇيۇملىرى تۆۋەندىكىچە:
ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات:سانى 2 نەپەر،مۇكاپات بۇيۇمى- مۇكاپاتقا ئىرىشكەن «زاكىرە »،«ئەفىفى»گە ئەلكۈيى شىركىتى تەييارلىغان 500يۈەن نەخ پۇل ۋە كورىيەدىن كىرگۈزۈلگەن ئالاھىدە مۇكاپات بۇيۇمى(ئومومىي قىممىتى1000 يۈەن) ( ئەزالىق نامىغا نەۋرۇزلۇق مۇكاپاتلانغان ئەزا دەپ بىر ئاي نام بىرىلىدۇ)
ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات: «رەيھان»، «تىلەك»، «پەرھات مۇھەممەدئىمىن» قاتارلىق ئۈچ ئەزاغا تەمىنلىدىغان مۇكاپات بۇيۇمى 500يۈەن قىممىتىدىكى گۈلقەقە ناشتىلىق يېمەكلىكلىرى (ئومومىي قىممىتى 500 يۈەن)
رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى:
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئەسەرلىرىنى قاتناشتۇرغان ھەمدە باھالىغۇچىلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن تېمىلارغا 300ئەلكۈيى مۇنبەر پۇلى، شۇنداقلا ئەلكۈيى مۇنبەر مىدالى تارقىتىلىدۇ ھەمدە ئەلكۈيى تورى،ئەلكۈيى شىركىتى ئۆتكۈزگەن ھەرخىل يىغىلىش،ئالاھىدە پائالىيەتلەرگە ئالدى بىلەن تەكلىپ قىلىنىدۇ.
بۇ قېتىملىق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر بىلەن بىرگە يەنە ئەلكۈيى تورى تەسىس قىلغان ئالاھىدە مۇكاپات نەۋرۇز مۇناسىۋىتى بىلەن ئەلكۈيىگە تۆھپە قوشقان كونا تورداشلارنى تەبرىكلەش شۇنداقلا ئىجادىيەتچى ۋە باشقۇرغۇچىلارغا ئىلھام بىرىش مۇكاپاتى: سانى 3 نەپەر بۇلۇپ بەرگىيە،گۈلەن،يالغۇز قاتارلىق ئۈچ ئەزا تاللاندى. مۇكاپات بويۇمى:ھەر بىر ئەزاغا 200يۈەن قىممىتىدىكى ئەلكۈيى تورى نەۋرۇزلۇق مۇكاپات بۇيۇمى ھەم كۆيۈمچان ئەلكۈيى ئەزاسى مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.
كەڭ تورداشلارغا ئىلھام - مەدەت بىرىش، ئۇلارنىڭ ئىشلىگەن خالىس خىزمىتىنى يەكۈنلەش مەقسىتىدە تورىمىزنىڭ ئەسلىدە نۇرغۇنلىغان ئەزالارنى باھالاش ئارزۇسى بولسىمۇ، ئەمما سانىمىزنىڭ چەكلىكلىكى ھەمدە بۇ قېتىمقى پائالىيتىمىزنىڭ تەلىپى بۇيىچە ۋاقتىنچە مۇشۇنداق باھالاشلارنى ئېلىپ باردۇق.بىزنىڭ ئەلكۈيىدىكى ھەر بىر ئەزانى ياخشى ئەزا ، كۆيۈمچان ئەزا ، كۆيۈمسىز ئەزا دەپ باھالاش مەقستىمىز بولمىسىمۇ ئەمما خىزمەتلەرنى يەكۈنلەش، ياخشى ئىشلىگەنلەرگە، شۇنداقلا تىنىمسىز ئەجىر سىڭدۈرگەنلەرگە ئىلھام بىرىش كەڭ تورداشلارغا تېخىمۇ ياخشى بولغان شارائىت ھازىرلاش ھەم بەلگىلىك قۇلايلىقلارنى يارىتىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ئالاھىدە مۇكاپاتنى قۇشتۇق.
پائالىيتىمىزنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ئەخمەتجان خۇما،تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار،چىمەنگۈل ئاۋۇت قاتارلىق قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ خالىس ئەمگىكىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە شىركىتىمىز تەييارلىغان 600يۈەنلىك تېلىفۇندا سۆزلىشىش قىممەت كارتىسى ياكى نەق پۇل بىلەن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
مۇكاپاتنى تاپشۇرىۋېلىش ۋاقتى :
مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر مۇكاپات بۇيۇمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرى گۇاڭخۇي سارىيى(تۇمارىس مىھمانخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا) 13-قەۋەت Eئىشخانىغا جايلاشقان ئەلكۈيى تور تېخنىكا شىركىتىگە بېرىپ تاپشۇرىۋالسا بۇلىدۇ.
مۇكاپاتنى ئېلىش شەرتلىرى
1-مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەزالار سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشى، ئەگەر مۇكاپاتنى ئېلىپ كېتىش ئىمكانىيتى بولمىغان(ئۈرۈمچى شەھىرىدىن باشقا ئورۇنلاردا بولغانلارغا قارىتىلىدۇ)لار شىركىتىمىز تەمىنلىگەن مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش كېلىشىمىگە فاكىس ئارقىلىق قول قۇيۇپ ۋە ئۆزىنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى بىزگە ئەۋەتىش ئارقىلىق مۇكاپاتنى تاپشۇرىۋالسا بۇلىدۇ.(خاتىرە سۈرەت قالدۇرۇش ۋە كىرىشتۈرۈلمە فىلىم ئىشلەشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مۇكاپاتلانغان ئەزانىڭ ئۆزى كېلىشىنى ئۈمىد قىلمىز)
ئاخىرىدا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ يېڭى باھاردا ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئەلكۈيى تورىنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن بارلىق ئەزالارغا شۇنداقلا كەڭ تور ئەھلىگە چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈپ ئۆتىمىز. ئەلكۈيى ئەھلىنىڭ زىچ ئىتىپاقلىشىپ، مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ، توردىكى پائالىيتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ھەمدە يارقىن بولىشىغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز. ئەلكۈيى تورى ۋە ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار،باشقۇرغۇچى -ئەزالار ئۆزىنىڭ تىنىمسىز تېرىشچانلىقى ۋە كەڭ تورداشلارغا ئەڭ ياخشى تور مۇھىتى ھازىرلاش ئارزۇسىدا چىڭ تۇرۇپ ئەلكۈيىداشلارنىڭ توردىكى كۈنلىرىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشىگە ئۆزىنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
سىزنىڭ ئارمانىڭىز - ئەلكۈيى تورىنىڭ ئۈمىدىدۇر!
ئەلنىڭ يولىدا تاشلىدۇق قەدەم،
ئەلكۈيى بىز ئۈچۈن بىر ئىللىق ۋەتەن.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تورى
ئەلكۈيى تورى مۇنازىرە مۇنبىرى نورۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى باھالاش كوللىگىيەسى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى |