بۇ 1قەۋەتتىكىsaroman يوللىغان 2011-03-21 21:39 غا قارتىلغان :
لىكىن ھازىر تولا موللاملار ساپ ئۇغۇرچە مەنىدىكى ئىسىمنى ئانداق مۇنداق دەپ قويغىلى ئۇنمايدىكەن ، مىللەت دېگەن بىر ئۇقۇم دىن دىگەن بىر ئۇقۇم ،بىزگە چوقۇم ئەرەپنىڭ ياكى تۈرۈكىنىڭ ئىشمىنى قويۇش شەرت ئەمەسقۇ . بىز ئەرەپ بولمىغاندىن كىيىن 
سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىن بىرتۇرۇپ سۇيۇنۇش تۇيغۇسىدا بولغان بولسام ، بىرتۇرۇپ يىرگىنىش تۇيغۇسىدا بولدۇم .
سىز دىگەن ھازىرقى موللاملارنىڭ "ساپ ئوغۇرچە" ئىسىمنى قويغىلى ئۇنىماسلىقىدا مۇنداق بىر سەۋەپ بار :
1.ئۇلار ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى ئۇتۇتقان، قانداقتۇر غەرىپتىن كىرگەن ئىسىم ئاتالغۇلارنى قوللىنىشى مەسىلەن <ۋىنىرا ،
...>قاتارلىق ئىسىملار .
2. بىز نىمىشقا موللام قارىيلارنى چاقىرتىپ ئىسىم قويغۇزىمىز ؟
چۇنكى بىز مۇسۇلمان ، مۇسۇلمان بولغاندىكىن ئاۋۋال ئىسلامنى ،ئاندىن مىللەتنى ئويلىشىشىمىز كىرەك . ئەگەر بىز ئىسلام ئەھلىدىن سانالمىغان بولساق ، موللاملارنى چاقىرتىپ ئەرزان توۋلاپ ئىسىم قويۇپ نىمە قىلاتتۇق ؟ پەقەت بىز ئىسلام قائىدە-قانۇنلىرىنىڭ ئىچىدە بولغىنىمىز ئۇچۇن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىمىز كىرەك .شۇڭا كۆپنى كۆرگەن موللاملار بەزى ئىسىم ئاتالغۇلارنى ، ئىسىم تەرىقىسىدە قويۇشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ . مەسىلەن :
زۇلپىيە ، بۇنىڭ ئەرەپچىدىكى مەنىسى "قارنى يامان ، ئاچ كۆز ، "دىگەندەك مەنالار چىقىدۇ . شۇڭا بۇنى قويۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ ،. ئۇنىڭدىن باشقا ، ئابدۇمامۇت ، دىگەن ئىسىم تەدىرىجى شالغۇتلاشتۇرۇلۇپ، ئۆزگەرتىلگەن. ئۇنىڭ ئەسلى كىلىش مەنبەسى :ئابدۇ مەھمۇد . بۇنىڭ ئەرەپچىدىكى مەنىسى :مەھمۇدنىڭ قۇلى ، بەندىسى دىگەن مەنا چىقىدۇ . ئاللاھنىڭ 99 ئىسمى ئىچىدە ، "
مەھمۇد "ئاتالغۇسى يوق .
ئۇنىڭدىن باشقا سىز "مىللەت دىگەن بىر ئۇقۇم ، دىن دىگەن بىرئۇقۇم" دەپ ئىيتىپسىز . مەن بۇ قارىشىڭىزغا شەكسىز قۇشۇلىمەن .ئەمما رەدىيە بىرىدىغان تەرىپىم شۇكى :بىز مىللەت ئىچىدىكى ئەنئەنە ۋە ئۆرۇپ-ئادەتنى دىنغا بويسۇندۇرامدۇق ياكى دىننى ئەنئەنىلىرىمىزغا بويسۇندۇرامدۇق ؟ بۇنىمۇ ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋىتىش كىرەك .بىز بەزى ئەنئەنىلىرىمىزدە دىنى ئەھكامنى بىرىنچى ئورۇنغا قويساقمۇ ، يەنە بەزى نۇقتىلاردا ئۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىمىز .
ئۇنىڭدىن باشقا سىزگە رەدىيە بىرىدىغان يىرىم شۇكى :"،بىزگە چوقۇم ئەرەپنىڭ ياكى تۈرۈكىنىڭ ئىشمىنى قويۇش شەرت ئەمەسقۇ " دىگەن ئىبارىلىرىڭىزدىن كاللىڭىزدىكى ئىسىم قويۇش پىرىنسىپىنى مۇنداق چۇشىنەلەيمىز . يەنى بىز ئادەتتە ئىسىم قويساق ، ئىسلام تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن پەيغەمبەر، نەبىلىرىمىزنىڭ ، ئالدىغا "ئابدۇ" قوشۇمچىسى قىتىلغان ھالدا ، ئاللاھنىڭ 99 ئىسمى ئىچىدىن ، تاللاپ قويىمىز ، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى :شۇ كىشىنىڭ قويۇلغان ئىسىمدىكى كىشىگە ئوخشاش خەيرىلىك ئشىقا مۇيەسسەر بولىشى ئۇچۇندۇر .
ئەمما سىزنىڭ تۇرۇك ، يەنە قانداقتۇر ئەرەپ مىللەتلىرىنى شىپى كەلتۇرىشىڭىز ، سىزنىڭ كاللىڭىزدا ئىسىم قويغاندا دىن ئوقۇمىنىڭ گۇڭگالىقى ، نوقۇل ھالدا شۇ ئەرەپ ياكى تۇرۇك مىللىتى ئىسىملىرىگە ئەگىشىپ قويىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۇرىدۇ .