نورۇز بايرىمىنىڭ كىلىپ چىقىشى،خاسىيەتى ۋە رەسمىيەتلىرى
- يۈرچى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتپىىنىڭ 4-قېتىملىق نورۇز بايرىمىنى خاتىرلەش پالىيىتىدە قىلىنىغان س
تۇردى توختى
يولداشلار!ساۋاقداشلار!ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار!ھەر ساھەدىن كەلگەن ئېزىز مىھمانلار!
بۇگۈن بىز تۇلۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن،بايرام تەنتىنىسىگە چۈمگەن ھالدا مەكتىپىمزگە يىغىلىپ،ئېزىز تەبىيەتنىڭ قانۇنىيەتلىك ھەركەت قىلىشى بىلەن يىتىپ كەلگەن ئانا بايرىمىمىز يەنى ‹‹تەبىيەت بايرىمى›› بولغان ‹‹نورۇز بايرىمى››نى خۇشاللىق بىلەن خاتىرلەۋاتىمىز.مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەكتىپىمىزگە يىغىلغان بارلىق ئېزىز مىھمانلارنىڭ ۋە مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قۇتلۇق بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!شۇنداقلا يېڭى بىر يىلدا يېڭىى نەتىچىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىلەكداشمەن!بۇ قۇتقۇق تەبىيەت بايرىمىنىڭ كەڭ خەلقىمىزگە بەخىت ۋە ئاسىيىشلىق ئاتا قىلىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن! شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يانا مۇشۇ سورۇنغا يىغىلغانلاردىن تەبىيەت بىلەن ئىناق ئۈتۈپ،تەبىيەتتە كىيىنكىلەرنىڭ ھەققىنىڭمۇ بارلىغىنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويماسلىغىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن!
1.‹‹نورۇز››(ياشارغان كۈن)نىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى
دۇنيادىكى مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ ‹‹يېڭى يىل››نى باشلاش ۋاقتى ئوخشاش ئەمەس،ئۇلار يېڭى يىل كۈنلىرىنى تەبىيەت ھادىسىلىرىنىڭ قانۇنىيەتى ۋە تۈرلۈك ۋەقە ھادىسىلەرنىڭ خاسىيەتىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئۈزنىڭ ‹‹يېڭى يىلىنى››ئوخشىمىغان ۋاقىتلارغا ئۇرۇنلاشتۇرغان.مەسىلەن جۇڭگۈ ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردە مىلادى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىنى ياڭى يىل دەپ قاراپ، بۇ كۈننىڭ خاسىيىتىنى خاتىرلەش بىلەن بىرگە تەبىيەتتىن تۈرلۈك تىلەكلەرنى تىلەپ،شۇ يىل ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ باياشات ۋە خاتىرجەم ئۈتۈشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ.پىلىپىنلىقلار بولسا ئۈزىنىڭ مىللى قەھرىمانى خېسەي لىساڭ قۇربان بولغان كۈننى (مىلادى 12-ئاينىڭ30-كۈنىنى)يېڭى يىل بايرامى قىلغان.مىسىرلىقلار بولسا مىلادىيىدىن 4000يىللار ئىلگىرى نىل دەرياسىدا تاشقىن بولغان ۋاقىتنى(مىلادىيە كالىندارى 6-ئاينىڭ15-كۈنىنى،ھەر يىلى مۇشۇ چاغدا نىل دەرياسى تاشقىنلايدۇ)يىل بېشى قىلغان....
بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ باشقا مىللەت خەلىقلىرىگە ئوخشاشلا يېڭى يىلنى ئۇلۇغلاشنى،يېڭى يىلدا ئۈزنىڭ ئاسىيىشلىققا تولغان تۇرمىشىنى قەدىرلەشنى بىلگەن.‹‹جۇنامە››نىڭ‹‹تۈرۈكلەر››بابىنىڭ ئىككىنچى بۈلىمىدە ‹‹خان چېدىرنىڭ ئىشىكىنى شەرىققە قارتىدۇ،شەرىقنى كۈن تۇققان تەرەپ دەپ سېغىنىدۇ،ئۇلار كالىندارنى بىلمەيدۇ،پەقەت ئۆت-چۆپلەرنىڭ قايتا ياشىرىشى بىلەن ۋاقىتنى ھىساپلايدۇ...›،دەپ خاتىرلەنگەن ،بۇنىڭدىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلىدىكى بۇرۇنقى زاماندا كۈن-چاغنى(ۋاقىت)،ئاي-يىلنى ئېنىق ھىساپلايدىغان ئاستۇرنۇمىيەلىك يازما كالىندار يوق ئىدى.مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت-گىيانىڭ ياشىرىشى،ھەر يىلى يۇلتۇزلار ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلاردىن يىلنىڭ يېڭىلانغانلىغىنى ۋە ‹‹يىل بېشىنى››ئېنىق بىلگەن.
تىلشۇناس،ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ‹‹قەدىمقى ئاتا-بوۋىلىرىمىز،كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان چاغلاردا، چارۋا مالنىڭ ياشاش قانۇنىيەتىگە ئاساسەن ،ئوت يەيدىغان چارۋىلار بىلەن تەبىيەتنىڭ قانۇنىيەتلىك باغلىنىشىنى،ھەم بىرى بىرىنى تۇلۇقلايدىغانلىغىنى ئېنىق بىلەتتى...››بۇ دىگەنلىك ئوت-چۆپ يەيدىغان ھايۋانلارنىڭ توللەيدىغان ۋاختى دەل ئوت-چۆپلەرنىڭ كۆكىرىپ چىققان ۋاقتىغا توغرا كېلەتتى دىگەنلىك ئىدى.بۇ چاغ دەل باھار بولغان،تەبىيەت يېشىللاشقان چاغ ئىدى.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەسكى ،ئاتا-بوۋىلىرىمىز ‹‹ئۆرۈلگەن يىل››نى يىل بېشى قىلغان.بۇ يىلنى يەنە ‹‹ياشلانغان(ياشارغان) يىل›› ياكى ياشارغان كۈن›› دەپ ئاتىغان.
قېدىمقى ئاتا-بوۋىلىرىمىز دەسلەپتە يېڭى يىلنى يىل بېشى،ياكى‹‹كۈن تۇغدى››دەپ ئاتىغان بولسا 10-ئەسىرلەردىن كىيىن،ئىرانلىقلارنىڭ‹‹نورۇز››سۆزىنى قۇبۇل قىلىپ،باھار بايرىمىنى‹‹ نورۇز›› دەپ ئاتايدىغان بولغان.نورۇزدىكى ‹‹نو››(ئۇقۇلىشى نەۋ)تۈپ مەنىسى كونىنىڭ ئەكسى بولغان‹‹ يېڭى››،‹‹ئېرىغ(پاكىز،تازا) دىگەنلىكتۇر.‹‹رۇز››نىڭ مەنىسى ئاپتاپ(قۇياش) تۇغۇلۇپ-پاتقۇچە يۇرۇق بۇلۇپ تۇردىغان چاغ دىگەنلىكتۇر.دىمەك ‹‹نورۇز››-‹‹يېڭى كۈن››،‹‹يىل بېشى››،‹‹يېڭى يىل›› دىگەنلىكتۇر.ئادىلاشتۇرۇپ دىگەندە بۇ ‹‹ياشارغان كۈن›،دىگەندىن ئىبارەت.بۇ ‹‹ياشارغان كۈن›› مىلادىيە كالىندارى بۇيۇچە ھەر يىلى 3-ئاينىڭ21،-22،-23-كۈنلىرىگە توغرا كېلىدۇ
2.نورۇزنىڭ خاسىيەتلىرى
نورۇز ‹‹تۈركى››مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى بۇلۇپ،ئوتتۇرا ئاسيا،ئىران،تۇركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ياشاپ كىلىۋاتقان تۇركى،پارىس كىشىلىرىنىڭ ئورتاق بايرىمى بۇلۇپ،بۇ كىشىلەر يېڭى بىر يىلدا تەبىيەتتىن زور نىممەتلەرنى كۈتۈش بىلەن بىللە يانا،كىشىلەر ئارىسىدىكى كۈيۈنۈش ۋە مېھرىۋانلىقنىڭ يېڭى باسقۇچقا كۈتۈرۈلۈپ،تەبىيەتتىكى ئادەم-ئىزات،جان- جەرۋارلار ۋە ئوسۈملۈكلەرنىڭ كەڭ زىمنىدا ئۈزىنىڭ بېرىكىتىنى ياغدۇرۇپ،زىمىنىڭ ئاسىيىشلىقىنى ،گۈزەللىكىنى تېخمۇ نامايەن قىلىشىنى تىلەشكەن.بۇنىڭدىن تەبىيەت بىلەن ئادەم ئوترىسىدىكى گارمۇنىيەلىك مۇناسىۋەتنى كۈرىۋېلىش تەس بولمىغىنىدەك بۇ بايرامنىڭ خاسىيىتىنى ھىس قىلىشمۇ تەس ئەمەس.
خەلقىمىز نورۇزنى قۇتلۇق-خاسىيەتلىك بايرام دەپ قارايدۇ.نورۇز ئالدىدا ۋە نورۇز مەزگىلىدە ھەرقانداق كىشى ياخشى ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۆزلىرى تىرىشىدۇ ۋە ئۆزگىنى رىغبەتلەندۈرۈدۇ.ئۇلا نورۇز مەزگىلىدە كىمكى ياخشى،ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلسا ،شۇ كىشىگە يىل بۇيى ياخشىلىق نىسىپ بولىدۇ دەپ قارايدۇ.شۇڭا قەدىم زاماندىن تارتىپ كىشىلەر ،يىلنىڭ ئامان ئېسەن ۋە مەنپەتلىك بۇلۇپ ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ،ھەرخىل ياخشى ئىشلارنى،ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىشنى ئۇمۇمى ئادەتكە ئايلاندۇرغان.
ئادەتتە نورۇز ئېيىدا تۇغۇلغان بالىلارغا،قۇتلۇق كۈننىڭ ناملىرى ۋە قۇتلۇق كۈنگە مۇناسىپ،كېلىدىغان گۈل-چىچەك،گۈل-گىياھلارنىڭ ئىسىمىنى قۇيۇشۇپ،پەرزەنتىلىرنىڭ ئۆمۈرلۈك خۇشال-خۇرام ئۆتىشىنى تىلىشەتتى.بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە يانا ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىرگە،بىرى-بىرگە ياخشىلىق تىلىشەتتى.ئۆز-ئارا يوقلۇشۇپ يۇرتتا قانداق ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېنىقلاپ،ئاجىز ئۇرۇق،غېرىپ - مۇساپىرلارنىڭ مۇشكۈلىنى ئاسان قىلاتتى.مەشرەپ سورۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ،ئۈزىنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرىنى تەبىيەت بىلىملىرى ۋە جەمىيەتنىڭ ئەخلاق-يەسۇنلىرى ئارقىلىق تەربىلەپ.ئەۋلاتلارغا بىر خىل مەسئۇليەتچانلىقنىنىڭ ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرۋاتقانلىغىنى ھىس قىلدۇراتتى.
نورۇز ئېشى تەييارلاپ،ئەۋلاتلارغا ئەمگەكنى،ئەمگەكچىلەرنى ۋە ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەشنى،جاپاغا چىداپ،ئەمگەك قىلىپ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالماسلىقنى ئۈگىتىش بىلەن بىرگە ئەمگەك بىلەن ھەم ئەرنىڭ ھەم يەرنىڭ كۆكىردىغانلىغىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى بىلدۈرەتتى.شۇنداقلا نورۇز ئېشى يىگەندە باشقىلارغا خۇشاللىق،ئامانلىق-ياخشىلىق ئېلىپ كىلىشنى تىلىگەن ناخشا مۇزىكىلارنى ،بىيىت- قوشاقلارنى ئېيتىشىپ،كوڭلىنى ئىزھار قىلىپ،خۇشاللىقتىن ھەممىنىڭ تەڭ بەھرىمان بۇلىشىنى تىلەيتتى.
نورۇزنىڭ يەنە بىر مۇھىم خاسىيىتى شۇكى-بۇ بىرلىك،ئىناقلىق بايرىمى،ئۆچ-ئاداۋىتى بار كىشىلەر ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغا سالاۋات قىلىپ،قايتا ئەپلىشىپ بىرلىكتە ياشاش،بىرى-بىرىگە يار-يۈلەكتە بۇلۇشتەك ئىسىل پەزىلەتلىرىنى نامايەندە قىلاتتى.
3.نورۇزنىڭ رەسمىيەتلىرى
نورۇزنىڭ يۇقارقىدەك خاسىيەتلىرى بۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ كەلگەن ،ئىسىل قايدىلەرى(رەسمىيەتلىرى)مۇ بار بۇلۇپ.ھەرقانداق بىر نورۇز ئەھلى نورۇز بايرىمىنىڭ مۇشۇنداق تۈزۈملەشكەن قايدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ،نورۇز كۈنلىرى بولدىغان ئۇمۇمى خەلىق سەيلىسىنى يۇقىرى سۈپەت بىلەن ئۆتكۈزىشكە ھەسسە قۇشۇش كېرەك.
نورۇزدا ئېلىپ بېرلىدىغان ئۇمۇمى خەلىق سەيلىسىنىڭ شەكىللىرى ئىنتايىن كۆپ بۇلۇپ،بۇلارنى يىغىنچاقلىغاندا ‹‹توققۇز توقۇ››(توققۇز مەركە-مۇراسىم) دىيىلىدۇ.بۇلار تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1)نورۇز ناغرىسى-بۇ نورۇز باشلىنىش ھارپىسىدا،بارلىق كەنىت،قىر-يېزىلاردا نورۇز بايرىمى كەلگەنلىكىنى ئاڭلىتىپ،ناغرا-سۇنايلارنى چېلىپ،ئەل-يۇرتنى نورۇز بايرىمىغا تەييارلىق قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدىغان ،ھېيىت-بايرام تۈسىنى ئالدىغان پالىيەت.
2)نورۇز تازىلىغى-بۇ ھەممە بىردەك ئۆزلىرىنىڭ شەخسى تازىلىغى،ئوي،ھويلا-ئاراملارنىڭ تازىلىغى ۋە جامائەت سورۇنلىرى،ئېرىق-ئۆستەڭلەرنىڭ تازىلىغىنى قىلىپ،ئېرىغدىنىپ،يېڭىچە ئىش باشلاشنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدىكى ھەركەت ئىدى.
3)سوغۇق قوغلاش-بۇ ھارپا ئاخشىمى يىگىتلەر توپ-تۇپى بىلەن ياغ قاچىلاپ ،پىلىك چىقىرىلغان قاپاققا ئوت يېقىپ،مەھەللىدىن چىققۇچە،قىر-سەھراغا يۈزلىنىپ،سوغۇقنى قوغلاش پالىيىتى ھىساپلىناتتى.
4)يوقلاش-نورۇز كۈنى چۈشكىچە يوقلاش پالىيىتى بۇلۇدۇ.بۇنىڭدا پەرزەنتىلەر ئاتا-ئانىلىرىنى،ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى يوقلاش ئارقىلىق چوڭلاردىن ھال سورىسا،جامائەت ئىگە-چاقىسىز،قېرى-چۈرى،يىتىم-يېسىر،مېيىپلارنى يوقلاپ،ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلارغا يەردەم بېرەتتى.
5)نورۇز ئېشى-نورۇز كۈننى قۇتلۇقلاپ،قۇربى يەتكەن ئائىلىلەر ‹.ق››تاۋېشى بىلەن باشلانغان يەتتە خىل(ئىسلامدىن ئىلگىرى توققۇز خىل) يىمەكلىكتىن نورۇز ئېشى تەييارلايدۇ.مەسىلەن:قايماق،قېتىق،قۇرۇت،قۇيماق،قاتلىما،قۇيرۇق ۋە قوزا گۈشى قاتارلىقلار.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نورۇز ئېشىنىڭ ‹‹س››ھەرىپى بىلەن باشلانغا يىمەكلىكلەردىن ۋە 9خىل دانلىق زىرائەت، ئوتياشتىن تەييارلىنىدىغان شەكىللىرىمۇ بار.
6)نورۇز سەيلىسى-بۇ يوقلاش ئاخرلاشقاندىن كىيىن،يەنى چۈشتىن كىيىن ئېلىپ بېرلىدىغان سەيلە قىلىش پالىيىتى بۇلۇپ،قىز-يىگىتلەر ئىككى تەرەپتە تۇرۇپ بىر-بىرىگە بىيىت ئېتىشىپ،كۈنلىرىنىڭ ئاسىيىشلىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشاتتى.شۇنداقلا چاقپىلەك،يىلانگۇچ قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنى ئويناپ،ئۆزلىرىنىڭ جاسارىتىنى ئىپادىلەيتتى.
7)نورۇز يارىشى-بۇ نورۇزنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۆتكىزلىدىغان يارىش(مۇسابىقە)ئىدى.بۇنىڭدا چېلىشىش،بەيگە،ئوغلاق تارتىتشىشقا ئوخشاش تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئەۋجىگە چىقاتتى.
8)نورۇز مەشرىپى-نورۇزنىڭ ئۈچۈنچى كۈنى ئوتكۈزلىدىغان مەشرەپ بۇلۇپ،مەھەللىلەرنى بىرلىك قىلىپ ئۆتكۈزىلەتتى.كىشىلەر يىغىش قىلىپ،ياكى ھال-ئوقىتى ياخشى كىشىلەر شەخسى ھالدا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا داستىخان ھازىرلايتتى.ماھىيەتتە بۇ بىر مەكتەپ بۇلۇپ تۇرلۇك-تۈمەن بىلىملەر شۇنىڭدا ئۈگىتىلەتتى شۇڭا كونىلاردا‹‹بالاڭنى مەكتەپكە بەر،مەكتەپ بولمىسا مەشرەپكە بەر›،دىگەن ھىكىمەت بار ئىدى.
9)نورۇزلۇق تىلەك-بۇ نورۇزنىڭ 4-كۈنى ئۆتكىزىلىدىغان تىلەك تىلەش پالىيەتى بۇلۇپ،نورۇزنىڭ ياخشى باشلىنىپ،شات-خۇراملىق بىلەن ئۆتكىزىلگەنلىكىگە ۋە ئۆتكەن يىللىق نىممەتلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش،شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ يىلنىڭ ئامان- ئىسەن،توقچىلىق بىلەن ئۆتىشىنى يەنى زىرائەت-ئېكىنچىلىقنىڭ مول ھۇسۇللۇق بولىشىنى تىلىشەتتى.
قىسقىسى نورۇز-ئەنئەنىۋى مىللى بايرام،ئەمگەك بايرىمى،دوسلۇق ئىناقلىق بايرىمى،ساۋابلىق بايرامى،ئامانلىق بايرىمى،شادلىق بايرىمى،كۆك بايرىمى،تەبىيەت بايرىمى شۇڭا بۇ بايرام قۇتلۇق بايرامدۇر.
|