كۆرۈش: 8720|ئىنكاس: 22

ئۈرۈمچى ئەل ئېرپان قورۇسىدا نورۇز شادلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6932
يازما
227
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5411
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
362 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 18:11:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify]ئۈرۈمچىدە بۇ يىل قىش ماڭا بەكمۇ سوغۇق بىلىنىپ كەتتىمۇ- قانداق، باھارنىڭ كېلىشىگە شۇنداق تەقەززا بولۇپ كەتتىمىكىن، ھەتتا خەنزۇلارنىڭ قەھرىتان سوغۇقتا كېلىدىغان باھار بايرىمى تەنتەنىلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى  پوجاڭزا ئاۋازلىرىغا بىزارلىقىمغا قارىماي قىش ئاياغلىشىدىكەندە دەپ كۆڭلىمنى ئاۋۇتقانىدىم ، ھاۋا ئىللىپ مېڭىپ، ئەلكۈيى مۇنبىرىدە بىر ئاي بۇرۇن نورۇزنىڭ گېپى چىقىشى بىلەن كاللامغا ئۈجمە- ئۆرۈكتىن باشلاپ  ئالما- نەشپۈتكىچە مىۋە- چىۋىلەر كەلگەن. يەنە يازدا تاغلىق رايونلارنىڭ ئەڭ يېشىل جايلىرىغا بېرىپ يازنى قانغۇچە ھوزۇرلىنىش  پىلانلىرى تۈزۈلگەن ئىدى،شۇندىن بۇيان باھارغا بولغان تەلپۈنۈشتىن ئىبارەت بۇ تاتلىق ئىنتىزارىمغا ئەلكۈيى تورىدىكى نورۇزغا ئائىت ماقالىلەرنى كۆرۈپ جاۋاب بېرىپ كېلىۋاتاتتىم. لېكىن ئۈرۈمچىنىڭ تېز خىزمەت رېتىمى ،ھاياتنى داۋام قىلىش بەدەللىرىنىڭ ئېغىرلىقىدىن كېلىپ- كەتكۈچىلەرنىڭ كۆپلىكى سەۋەبىدىن قوشنىلارنى تونىماسلىق ۋە ماددىي مەنپەئەتلەر بەرمەيدىغان ئىنسانىي ئالاقىغا سۇسلۇق ۋەجىدىن سوغۇق بولغان مەھەلىۋىي بىرلىك ئاساسىدىكى مۇناسىۋەتلەر مۇھىتىدا ،بۇ بايرامنى رىئال دۇنيادا ،بىر توپ كىشى بىلەن بىللە تەبرىكلەرمەن دەپ خىيالىمغا كەلمەپتىكەن.  بىراق بۈگۈن چۈش قورۇنىڭ تېمىدا تۆۋەندىكى ئېلاننى كۆرۈپ قالدىم :      

  

تەنتەنە

كۈلدى بۇ دىل ،كۈلدى ئارزۇ ،كۈلدى جان نورۇز بىلەن ،
زەر كەبى ئالدى شۇ تاپ يەر -جاھان ،نورۇز بىلەن .
چىقسا  تال تەكلەرگە ئويناپ خوپ يېشىل بوستان بولۇپ،
تولدى گۈل بەرگىگە شۇ دەم باغ-ۋاران ،نورۇز بىلەن.
قۇتلىسا ئىللىق پەۋەس تەبجىرەپ ئەگىز سۈيى،
كەيدى كۆكلەم تونلىرىنى تاغ-داۋان ،نورۈز بىلەن .
تۈزسە بەزمە ،تۈزسە مەشرەپ ساپ ھاۋادا تۇرنىلار ،
ئىزدىشەر ئوسما قېشىغا قىز-جۇۋان نورۇز بىلەن ...



[align=justify]ئەل ئېرپان قورۇسىدىكى ئەر -ئايال ،چوڭ -كىچىك ،ئۇلۇغ-ئۇششاق قېرىنداشلارغا نورۇزلۇق سالام ! ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز نورۇز ،ئېسىل مەدىنىيەت ئەنئەنىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋلادلىرىمىزغا بىلدۈرۈش بىزنىڭ ۋىجدانىي بۇرچىمىزدۇر.
بۇ يىللىق نورۇز كۈنىدە ئەل ئېرپان قورۇسىدىكى چوڭلار باش بولۇپ ئالاھىدە تەييارلىق بىلەن مەززىلىك ئەنئەنىۋى نورۇز ئېشى تەييارلىدى .ئەل ئېرپان قورۇسىدىكى بارلىق ئەر ئايال ،چوڭ -كىچىك ،ئۇلۇغ-ئۇششاق قېرىنداشلارنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى دۈشەنبە ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈش سائەت 12دىن باشلاپ كەچكىچە نورۇز ئېشىمىزغا خالىس تەكلىپ قىلىمىز .



ئەجىرىدىن كۈلگەن كۆڭۈلگە باقتى بار ھىممەت ئارا ،
كۈزدە ئامەت مول ھوسۇلغا بولدى سان نورۇز بىلەن .
ۋەسلىنى تاپقاچ مۇرادى بۇ مەئىشەد تەپتىدىن ،
چىللىدى ئىقلىمنى تويغا جان ماكان نورۇز بىلەن.



[align=justify]شۇنىڭ بىلەن ئۆيگىمۇ كىرمەي ئۇددۇل قورۇ مەيدانىغا باردىم. ئارغامچا تارتىشىش ۋە ناغرا ئۇسۇللار ، بالىلارنىڭ شاد ۋە سەبى كۈلكىسى بىلەن بايرام قىزىپ باشقىچە بولۇپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ... ھەممىڭلارنىڭ نورۇزىغا مۇبارەك بولسۇن!



بۇ شادلىقتا قولۇمغا تېلېفۇننى ئېلىپ، نەق مەيداننى سۈرەتكە ئالدىم. ئەلكۈيىداشلارنىڭ بىللە ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن مۇنبەرگە بىللە يوللاپ قويدۇم. تۆۋەندىكىسى بۇ قېتىملىق نورۇزنىڭ نەق مەيدان كۆرىنىلىشىرى:


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

دائىملىق ئەزا

ئۇنتۇپ كەت يۈرۈگ

UID
2561
يازما
625
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
20247
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 22:46:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پائالىيىتىڭلا شۇنداق كۆڭۈللۈك بوپتۇ .  بىز جەنۇپتا تۇرۇپمۇ مۇشۇنچىلىك پائالىيەتلەرنى قىلىپ نورۇز بايرىمىمىزنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزەلمىدۇق . .

جاھاندا ئۆزۈڭدىن چوڭ كۆڭۈل يوق .

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
957
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
42680
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
155 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 22:54:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھەلىڭىزدىكىلەر ھەجەپ مەنىلىك ئىش قىپتۇ. نورۇزلۇق چاقىرىقنىمۇ شۇنداق ئوبدان يېزىپتۇ. ئىشقىلىپ، نېمىلا دېگەن بىلەن ئاۋۇ كىچىك بالىلار بولسىمۇ مۇشۇنداق بىر بايرىمىمىز بار ئىكەنلىكىنى بىلىپ چوڭ بولىدۇ ھېسابتا...

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
2536
يازما
133
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4093
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-15
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 22:56:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ئۈرۈمچى ئەل ئېرپان قورۇسىدا نۇرۇز شادلىقى

بارىكالللا  ! بارىكاللا !! بەك ئەھمىيەتلىك ئىش قىپسىلەر . پائالىيىتىڭلارنى شۇنداق ياخشى ئېلىپ بىرىپسىلەر . ھەممىنى كۆرىپ چىقتىم . نورۇز ئېشى ئېتىلدىمۇ يوق ؟ ۋىدىئۇدا كۆرىنمەيدىغۇ ؟

مەرت سۆزىدىن يانماس ، يولۋاس ئىزىدىن .

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
477
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15689
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 23:24:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىباھا نەۋرۇز كەلگىنىڭگە خۇش مەرھابا !
  ھەقىقەتەن ئىسىل يىغىلىش ، تەنتەنە بوپتۇ .

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم

كۆيۈمچان ئەزا

دوستۇڭ دوستۇمدۇ

UID
2418
يازما
289
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
9649
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-22 01:00:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقايسى يەرلەردە مۇشۇنداق تەشكىللەشكە ماھىر كىشىلىرىمىزنىڭ بۇلىشى بەك مۇھىمكەن .

دائىملىق ئەزا

ئىملا ساقچىسى!

UID
4227
يازما
651
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
19703
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
75 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-22 01:49:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ قورۇيۇم! مەن بىلەن قورۇداش يەنە كىم بار؟ [s:2]

UID
9935
يازما
55
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1675
تىزىملاتقان
2011-3-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-22 01:52:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پائالىيىتىڭلار خېلى مەنىلىك بوپتۇ،تۈنۈگۈن بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈلدى،قەدىرلەشكە تېگىشلىك بىردىنبىر بايرىمىمىز بولغاندىكىن،پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ بايرامنىڭ ئەھمىيىتىىنى« باشقىلارغا» ۋە بالىلارغا ياخشى تونۇتساق دەپ ئويلايمەن.
ئادەم ئۆزىنى ئاۋال ئۆزى قەدىرلىگەندە ئاندىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشەلەيدۇ.

تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر.ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر.

UID
8590
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2011-1-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-22 02:30:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر مەلىدىكى خۇلۇم  خوشنىلانىڭ  نورۇز  بايراملىك يغىلىپ  بۇنداك مەنىلىك پالىيەت قىلغانلغىدىن بەك خوش بولدۇم  ھەم تەسىرلەندىم ،    منىڭ  بالام  10 ياشقا كەلدى  خەنزۇچە مەكتەپتە4  -يىللىقتا  ئۇقۇيتى  بۇگۇن  چۇشتىن كيىن رۇخسەتسوراپ  ئوغلۇمنى مەكتىۋىگە بارغۇزماي   7-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئاپىرىپ  ،مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان نورۇزلۇق پالىيتىنى بىرگە كورۇپ كەلدۇق،    پالىيەت  شۇنداك ياخشى بولدى    بالاممۇ شۇنچە خوشال مەنمۇ  خوش بولدۇم  ،چۇنكى 21- چىسلا  بىز ئۇيغۇرلانىڭ  بايرىمى ئەمەسمۇ.

UID
2341
يازما
51
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1953
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-22 10:04:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3000دىن  ئارتۇق  خىزمەتچىسى  بار ،ئاز سانلىق  مىللەتلەر  پەقەت  300دىن  ئارتۇق

بىر ئىدارىنىڭ  خىزمەتچىسمەن،  ئىدارىدە   ئاز  سالماقنى  ئىگەللەيدىغىنىمىزغا    قارىماستىن

ھەر  يىلى  نورۇز دا   ھەممەيلەن  بىر  يەرگە  كېلىپ  شۇنچە  مەنىلىك  ،شۇنچە  داغدۇغا  

بىلەن  بۇ  بايرىمىمىزنى  تەبىرىكلەپ  كېلىۋاتقىنىمىزغا     بۇ  يىل  نەق  4يىل  بولدى .

دەسلەپتە  ئۆزىمىز  پۇل  چىقىرىپ  ئۆزىمىز  تەشكىللەپ  بۇ   يىغىلشنى  قىلغان  ،  ئۇدا  

ئۈچ  يىل  ئۆتكۈزگەچكە ، بۇ  يىل  ئىدارنىنىڭ  1-قولى   بۇ  بايرىمىمىزنى  چۈشەندىمۇ  ياكى

باشقا  سەۋەب  بارمۇ   ئىشقىلىپ  مالىىيەدىن  خېلى  ئوبدانلا  پۇل  ئاجراتتى  .....

دىمەك .ئۆزىمىزنى   ئۆزىمىز    قەدىرلىسەك ، باشقىلارمۇ قەدىرلەيدىكەن  .......شۇڭا   ھەر

قانداق  شارائىت  ،ھەر  قانداق  ماكاندا   ئۆز-ئۆزىمىزنى  قەدىرلەيلى!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش