كۆرۈش: 2180|ئىنكاس: 9

G14 ئتتىپاقىنى چۈشىنەمسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10258
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
124
تىزىملاتقان
2011-3-20
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-20 21:46:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


G14
«G14» ئىتتىپاقى، ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدىكى G14 گوروھى دەپمۇ ئاتىلدۇ. بۇلار ئۆز مەنپەتىنىڭ ئورتاقلىقىنى قوغدايدىغان، ھەمدە خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ھەم ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ھوقۇقنى مونۇپۇل قىلىشقا قارشى تۇردىغان ئورگان ھېساپلىندۇ. G14 2000-يىلى بىلگىيەنىڭ بىرۇسالىسدا تەشكىلات بولۇپ قۇرۇلغان ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ياۋروپادىكى 14زەردار كوماندىلاردىن تەشكىللەنگەن. 2002-يىلغا كەلگەندە يەنە 4 كوماندىنى ئىتتىپاققا قۇشۋالغان، لېكىن G14 دېگەن نام يەنىلا ئۆزگەرمىگەن. بۇ تەشكىلات يەنە باشقا دۆلەتلەردىن نۇرغۇن كوماندىلارنى ئۆزلىرگە قۇشۋېلىشنى پىلانلىدى. شۇچ چاغىدىكى ئىتتىپاقنىڭ كاتىپى شىۋىتسارىيلىك توماس بۇلىچنىڭ ئىتتىپاققا رەھبەر بولۇشى، G14 نىڭ يەنىمۇ بىر چوڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى ئىدى.
G14 نىڭ ئەزالىرى (تارىخىدىكى ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ قۇشۋالغان كۇلۇبلار)
ئىتتىپاقنىڭ ئەزالىرى تۆۋەندىكىچە :
ئىتالىيە (ئاس مىلان، ئېنتېر مىلان ، يۇۋېنتۇس)
ئىسپانىيە( خان جەمەتى مادىرىت، بارسىلونا، ۋالۇنسىيە )
ئىنگىلاد( مانچېسىتر بىرلەشمىسى، لىۋېرپول، ئارسىنال)
گىرمانىيە( بايرېن، لېۋېركۇسىن، دورتىمىندو)
فىرانىسيە( مارسىل، پارىژ سېرمان، لىيۇن)
گوللاندىيە( ئاياكىس، ئېيىنىخوۋېر)
پورتىگالىيە( پورتو)
يەنە تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن كوماندىلاردىن:
ئىتالىيە(رىم، لازىئو)
گىرمانىيە(بېرلىن ھېرتا)
شوتلاندىيە(سەرگەردانلار، كېتلىقلار)
بىلىگىيە(ئاندىرلىچىت)
پورتىگالىيە(بېنفېيكا)
G14 نىڭ تارىخى
1998-يىلى ياۋروپادىكى 10نەچچە زەردار كوماندىلار، UEFA نىڭ ياۋروپادىكى كۇلۇبلار مۇسابىقە تۈزۈمنى ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، شۇ يىلى بىلگىيەنىڭ بىرۇسالىسدا مەخپىي يىغىن ئېچىپ، G14 ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىقتى، 11-ئايدا بۇ ئىتتىپاقنىڭ تۈزۈم قائىدىلىرى تۈزلۈپ يولغا قويۇلدى، بۇ چاغدىكى ئىتتىپاقنىڭ مەقىسىتى، ياۋروپا مۇسابىقە مەيداندىكى نۇرغۇنلىغان مەنپەتلەدىن بەھرىمان بولۇش ھەم پايدىلنىش ئىدى. كېيىن بۇ ئىتتىپاق ، خەلقىئاراپۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ، قايتا - قايتا (بىزنىڭ يەنە باشقە مەقسەتتە ئىتتىپاق قۇرۇش مەقسىتىمىز يوق ) دەپ ئېيتقان بولسىمۇ ، لېكىن كېيىن نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسى بىلەن G14 نىڭ قۇيۇق مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىشاتتى، UEFA شۇنداقلا G14 نىڭ تەلىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسىنىڭ ، مۇسابىقە تەرتىپىنى ئۆزگەرتتى، يەنى( كىچچىك گۇرۇپپا مۇسابىقسىنى بىر ئايلانمىدىن، ئىككى ئايلانما قىلىپ ئۆزگەرتتى ھەمدە 32 كوماندا قاتنىشىدىغان قىلدى)
شۇ چاغدىكى G14
بارسىلونا، مادىرىت، ئاياكىس، دورتىمىندو، بايرېن، يۇۋېنتۇس، ئېنتېر، لىۋېرپول، مانچېستىر بىرلەشمىسى،AC مىلان، مارسىل، پارېژ سېرمان، پورتۇ، ئېيىنخوۋېر.
2002-يلى 9-ئايدا، ئۇلار4 كۇلۇبنى قۇشۋالدى، ئۇلار: ئارسىنال، لېۋېركوسىن، لىيون ۋە ۋالۇنسىيە،،شۇنىڭ بىلەن 14 كوماندا 18 كە ئۆزگەردى، لېكىنG14 دېگەن نام ئۆزگەرمىدى.

G14نىڭ مەقسىدى ئىتتىپاقنىڭ، خەلىقئارالىق مۇسابىقىلەردە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت ھەم ھۇقۇلارغا ئېرىشش، ئىدى، شۇنداقلا ئۇلار ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆز ئالدىغا خەلقىئارالىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلدى. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا G14 نىڭ قۇرلۇشى، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسنىڭ قايتا ئىنقىلاپ قىلىپ يېڭىلىنىشا تۈرتكە بولدى، شۇندقلا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى، غالىپلار لوڭقىسى، ئىتتىپاق لوڭقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەرنىڭ خارەكتىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەم ئىتتىپاقلىق لوڭقىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقتى ھەمدە مۇسابىقە قائىدىلىرى ھەمدە دەرىجە ئايرىمىسى قاتارلىقلارغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى.
ئەمىليەتتە. G14 ئۆزلىرىنى ياۋروپا پۇتبولچىلىقنىڭ ۋاكالەتچىلىرى باشلامچىلىرى دەپ ئويلايتتى، ئۇلار ھەر قانداق ئاخبارات ۋاستىلرىغا ئۆزلىرىنىڭ ۋازىپىسىنى (دۇنياغا ياۋروپا پۇتبولچىلقىننىڭ تەسىرنى زورايتىش ھەمدە زور ئىمتىيازغا ئىگە بولۇش) دەپ ئاشكارلايتتى.
G14 نىڭ ئەزالىرى ئاساسلىقى ياۋروپادىكى 6 چوڭ بىرلەشمىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار، ئىنگىلا بىرلەشمىسى، گىرمانيە بىرلەشمىسى، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى، ئىتالىيە بىرلەشمىسى، گوللاندىيە بىرلەشمىسى،فىرانىسيە بىرلەشمىسى قاتارلىقلار ئىدى، ھەر يىلدىكى ئۇزغۇنلۇق مۇسابقىسىنىڭ چېمپىيونى مۇشۇ ئىتتىپاقتىكى بىر كوماندا بولاتتى،، G14نىڭ ئەڭ ئاساسلىق نىشانى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئېلىپ باردىغان ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقسىگە قارشى تۇرۇش ئىدى. شۇ چاغدا تويۇقسىز ئارسىنال كوماندىسى ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلدى، سەۋەبى ئارسىنال كوماندىسى ئىتتىپاققا ، ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە 24 كوماندا قاتنىشىش لاھىيسىنى ئوتتۇرغا قويغان ، لېكىن ئىتتىپاق تەرەپ 14 كوماندا قاتنىشىشتا چىڭ تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن  ئارسىنال ئىتتىپاقتىن چىكىنگەن.
كېيىن ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ 14 كوماندىنى 24 كوماندا قىلىپ چىقتى،،،، ھازىر ئويلاپ باقساق ئەينى ۋاقىتتىكى ئارسىنالنىڭ دېگىنى توغرىكەن،14 دىن 24 كە زورىيىشى، ياۋروپادىكى نۇرغۇن كوماندىلارغا، مەسلەن: بۇخارىد يۇلتۇز كوماندىىسى، دىپدىنامۇ كوماندىسى، موسكىۋا مەركىز قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلار بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدە نامايەن بولۇپ تۇرالىشىغا شەرىت شارئىت ھازىرلاپ بەردى.
 
G14 نىڭ تارقىلىپ كېتىشى

2008-يىلى 1-ئاينىڭ 16- كۈنى، خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن 8 يىل قارشىلاشقان، ياۋروپادىكى زەردار كوماندىلار ئىتتىپاقى تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
5189
يازما
570
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18035
تىزىملاتقان
2010-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-20 23:56:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرۈلۈپتۇ . خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا تەشەككۈر !

ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ!!!

UID
2536
يازما
133
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4093
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-15
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 00:00:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت .
ھازىر بولۇپمۇ مۇشۇ 3 -ئادىن باشلاپ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىدا ئارقا -ئارقىدىن خۇشخەۋەرلەپ كىلىپ بىزنى بەك خۇشال قىلىۋەتتى .
خەۋەرلەرنىڭ تولىسى خەنزۇچە توربەتلەردىكەن ، شۇڭا ۋاقتى يار بەرگەن تورداشلارنىڭ تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە يوللاپ خوشاللىققا تەڭ ئورتاقلىشىشىىزنى ئۈمىت قىلىمەن .

مەرت سۆزىدىن يانماس ، يولۋاس ئىزىدىن .

UID
2549
يازما
100
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
3500
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 00:23:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ گوللاندىيە ئاياكىس دىگىنى بىزنىڭ مىرئەخمەتجان بېرىپ مەشىقىغە قاتنىشىپ باقىدىغان شۇ ئوخشىمامدۇ؟

ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!

UID
10258
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
124
تىزىملاتقان
2011-3-20
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 02:22:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل ئۆزى شۇ،،،

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
477
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15689
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 11:46:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلمىگەننى بىلىۋالدۇق ....
  تىما ئىگىسىگە رەھمەت !

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم

UID
2333
يازما
383
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
11994
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 11:59:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىدىغان تورداشلارنىڭ بولغىنىدىن بەك خۇرسەنمەن، قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن.

UID
10045
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2011-3-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 14:56:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 3قەۋەتتىكىtuprakbag يوللىغان 2011-03-21 00:23 غا قارتىلغان  :
ئاۋۇ گوللاندىيە ئاياكىس دىگىنى بىزنىڭ مىرئەخمەتجان بېرىپ مەشىقىغە قاتنىشىپ باقىدىغان شۇ ئوخشىمامدۇ؟
مىرەخمەت بارالمايدىغان بولدى. لۇنىڭ ئۇنىماپتۇ

يېڭى يۇلتۇز

مىللەتنىڭ ئارمى

UID
3668
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
190
تىزىملاتقان
2010-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-22 20:31:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېلسى يوق

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ

كۆيۈمچان ئەزا

ياش تۆك لىكىن دۈشمەنلىرىڭ كۈرۈ

UID
9076
يازما
257
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7708
تىزىملاتقان
2011-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-13
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 13:10:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ خەق ئىچى پۇشۇپ قالسىمۇ ئىتىپاقتىن بىرنى قۇرۇپ  ئۇنىڭغا بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ باقىدىكەن ...قارشى تۇرغاندىكىن ئاخىرغىچە قارشى تۇرماي تارقىلىپ كەتكىنى نىمىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش