تۈن ئارىلاپ كېلەر مۇڭلۇق ئازاپلىق بىر كۈي،
نە بولغاندۇ دەپ قالىسەن سازچى يىگىتكە.
بەلكىم يايرى تاشلاپ كەتتى ئۇنى بىمەھەل،
ۋاپاسىزلىق خەنجەر بولدى ياكى يۈرەككە.
تاڭ ئاتمايدۇ دەرىزىدە ئەينەك بولمىسا،
كۆرۈنمەيدۇ جاھاننامە ئەينىكىدە يار.
ئۆيگە ھەتتا تەپەككۇرۇڭ ئىچىگە تىنماي
ياز كۈدىمۇ ياغار مۇزدەك سوغاق مەشئۇم قار.
كېچە كۈندۈز تىنماي ئىشلەپ بىستۇن تېغىنى
تېشىپ ئۇندا شېرىن ئۈچۈن قىلساڭ جان پىدا.
سۇ ئەكەلسەڭ كىممۇ سېنىڭ چىقىپ ئالدىڭغا
مەشۇقلۇقنىڭ شەرتلىرىنى قىلىدۇ ئادا؟
تاھىر كەبى سەن دەريادا ئاقساڭ نەچچە ئاي،
كىممۇ سېنى سۈزۈپ ئالار ئېقىن ئىچىدىن.
ئىس تۈتەكلەر ئارىسىدا تولغىنار گۈزەل
پەقەت شاللاق ھەم سوغ ئاۋاز كېلەر كېچىدىن.
بولدى ئەمدى سەن ئۇلاردىن ئۈمۈدىڭنى ئۈز،
پەقەت ھەسرەت ئازاپ بۇندا ساڭا قالغىنى،
يۇم كۆزۈڭنى قۇلاق سالغىن ياش سازەندىگە،،
ھەسرەت بىلەن تولغان كۈيدۇر ئۇنىڭ چالغىنى.