
" مەن ئىسلام دىنىدا روھىي ئەمىنلىكنى تاپتىم "
فرانسىيەلىك ناخشا چولپىنى Diam's ئىسلامغا كىردى ھەم بېشىغا ياغلىق چىگىپ كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئىسلام نىزام- قائىدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
abna ئاخبارات ئاگېنتلىغىنىڭ خەۋىرىچە Diam's فرانسىيەلىك داڭلىق ناخشا چولپىنى بولۇپ ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشتىكى ئاساسلىق سەۋەپ دىلخەستىلىك- بىئاراملىقتىن ، ئىسەنكىرەشتىن قۇتۇلۇپ ئۆزىنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئىكەن.
پاريستا چىقىدىغان " پالماچ " ژورلىنىدا مۇنۇلار يېزىلغان : ئالاھىزەل 2 ئاي بۇرۇن Diam's مەلۇم بىر مۇسۇلمان ياش بىلەن توي قىلغان ، تويدىن كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن Diam's ئېغىر ئىسەنكىرەشكە گىرىپتار بولۇپ بارلىق كىشىلىك ئالاقىلەردىن قول ئۈزگەن، ئۇ دوستلىرىغا مۇنداق دىگەن : " مەن نۇرغۇن دوختۇرلارغا كۆرۈندۈم، لېكىن مەن پەقەت ئىسلام قائىدە -يوسۇنلىرىغا رىئايە قىلغان ۋاقتىمدىلا كېسىلىمنى ساقايتىدىغان ياخشى دەۋاغا ئېرىشتىم ".
Melanie Georgiadesئىسىملىك بۇ چولپان Diam'sنامى بىلەن داڭ چىقارغان بولۇپ 1980-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى سىپرۇسنىڭ پايتەختى نىكوزىيەدە تۇغۇلغان ، ئاپىسى فرانسىيەلىك، دادىسى گېرك . سىپرۇستىن بولغان Diam's ھەم بىر داڭلىق ناخشا چولپىنى ھەم كۆزگە كۆرەنگەن شائىر ، ئۇ 1984-يىلى ئائىلىسى بىلەن فرانسىيەنىڭ پاريس رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن . ئاتا- ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەنلىكتىن ، 7 يېشىدىن باشلاپلا ئۇزۇن مۇددەتلىك يالغۇز ياشاشقا باشلىغان ، ئۇ 15ياشتىن بۇرۇن ئۆسمۈر بالىلارنى تەربىيەلەش ئورنىدا تۇرغان. Diam's 29 ياش ۋاقتىدا ئالاھىدە سىياسى ئارقا كۆرىنىشى ۋە سىياسىي شۇئارى سەۋەپلىك ، پەيدىن-پەي فرانسىيەلىكلەرنىڭ قەلبىدە ئۆز قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغان ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەخسۇس ناخشا پلاستىنكىسىدا خەلقارالىق جەمىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا سەل قارىغانلىقىغا كۈچلۈك نارازىلىغىنى ئىپادىلىگەن ، ۋە بار كۈچى بىلەن ئافرىقا ۋە مۇسۇلمان ئەللەردىكى سەرسانلىق-سەرگەردانلىقتىن تەربىيەلىنىشتىن مەھرۇم قالغان بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا تەرەددۇت قىلغان . ئۇ ئوڭ قانات سىياسىي پارتىيەگە كۈچلۈك قارشىلىغىنى بىلدۈرگەن ۋە ھازىرقى پرېزدېنتقىمۇ نارازىلىغىنى ئىپادىلىگەن.
فرانسىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىكىسىچە فرانسىيەدە ھەريىلى تەخمىنەن 3500كىشى ئۆز ئېتىقادىن ئىسلامغا كىرىدىكەن ، لېكىن يېقىندا بۇ سان 5000غا بارغان ، لېكىن فرانسىيە مۇسۇلمانلار كومىتېتىنىڭ ئىستاتىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە ئەمىلىيەتتىكى ئادەم سانى فرانسىيەنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئىستاتىكىسىدىن كۆپ ئېشىپ كېتىدىكەن.
مەنبە :
http://www.abna.ir