بۇ 31قەۋەتتىكىkarahan0998 يوللىغان 2011-03-22 00:09 غا قارتىلغان :
تىما ئىگىسنىڭ مەقسىتىنى خاتا چۈشىنىۋالغان تورداشلار خىلى بارمۇ نىمە .
بىر نادىر تىمىدىن تەتۈر قۇيۇن چىقىرىپتۇ .
تىما ئىگىسى دوستۇم ،بۇنداقلارغا ھەرگىز چېچىلماڭ ،
بەلكىم ئۇ ئەزمەتلىرىمىز سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزىدىن خەۋەر تېپىپ سىزگە باركاللا دەۋاتقاندۇ ، 
رەخمەت قىرىندىشىم،سىزگە كۆپ رەخمەت،مەن ئۇنداقلاردىن ھەرگىز خاپا بولمايمەن ھەم خاپا بولۇپ ئۆزەمنى ئاۋارە قىلغۇممۇ يوق، سىزدەك مۇشۇنداق توغرا چۇشەنسىلا بولىدىغان ئاددى ئىشلار ئىدى ئەسلى.بۇ يا مىنىڭ شەخسى ئىشىم بولمىسا،بۇ مەن،سىز ،ئۇ،ھەممىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىش ئىدى،قىسقىسى ئۇيغۇرۇمنىڭ ئىشى ئىدى.مۇشۇ بەزەن ئىنكاسلاردىن بىزنىڭ قانچىلىك ئۆم-ئىناق،ئىتتىپاق ئۆتىدىغانلىغىمىزنىمۇ كۆرۇۋالغىلى بولىدىكەن،ئاغزىمىزدا قۇرۇق شۇئار توۋلاشنى بىلىمىز،لىكىن خەق ئوبدان ئىشتىن بىرنى ئۆتتۇرىغا قويسا،ئاران تۇرىمىز ئۇنى پۇتلاپ،بىر نەرسە قىلىۋەتكىلى...
بۇ تىمىنى ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كورۇپتۇ،ئۇلارنىڭ ھەر بىرى 10دىن ئادەمنى خەۋەرلەندۇرسە،20مىڭ ئادەم خەۋەر تاپتى دىگەن گەپ،دىمەك ئاشۇنچىلىك ئادەم بۇ ئىشنى ئۇقتى،بەلكىم ھازىر ئۇ ئوغلانلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە ئىمكانىيەت بولماسلىغى مۇمكىن،لىكىن،كىيىن يەنە مىرئەخمەتجان،بارى،ئۆتكۈرلەردەك ئەزىمەتلىرىمىزنى چىقمايدۇ دىيەلمەيمىز،ئۇندىن باشقا يەنە باشقا ساھەلەردىنمۇ نى-نى ئوغلانلىرىمىزنىڭ يىتىشىپ چىقىدىغانلىغىغا چوقۇم ئىشىنىمەن،ئەنە ئاشۇ كىيىنكى ئوغلانلىرىمىز مىنىڭ مۇشۇ تىمامنىڭ تۇرتكىسىدە كىيىن ئىسىم مەسلىدە دىققەت قىلىپ،ئىسمىنى توغرا يازىدىغان بولىشى مۇمكىن،ئاشۇنداق بولسىلا مانا بۇ مىنىڭ غەلبەم!!!