ھۆرمىتىگە قاچانمۇ گۈل بېرەرمەن ئۇستازنىڭ
( مۇخەممەس )
ئۆگەن دىسە سۆزىنى ،سۆكۈپتىمەن ئۇستازنىڭ ،
تەلىم بەرسە سۆزىنى، تۆكۈپتىمەن ئۇستازنىڭ ،
قاتتىق تەلەپ ھاركەپتۇ- ھۈركۈپتىمەن ئۇستازنىڭ ،
قويۇپ بەرسە قولىنى، سۆيۈپتىمەن ئۇستازنىڭ ،
كەچۈرۈمگە قاچانمۇ، ئىرىشەرمەن ئۇستازنىڭ ؟
ئىش ئەمگەكتە ھەركەتتە، ئەپلەپ-سەپلەپ چەتتىمەن ،
سەھەر ئەمەس مەكتەپكە، دائىم چۈشتە كەپتىمەن ،
ئۆتكەن دەرسنى ئويۇنغا، ئارلاشتۇرۇپ يەپتىمەن ،
دەرسخانا ئىچىدە، مەنلا << ئازار يەپتىمەن >>،
قەدىرىگە قاچانمۇ، يېتەلەرمەن ئۇستازنىڭ ؟
تاپشۇرۇقنى ئىشلىمەي، قېچىپتىمەن دالدىدا ،
تاماكىغا بەڭگە بوپ، چېكىپتىمەن دالدىدا ،
ئىلىم ئىلىش، ئۆگىنىش يوقكەن قاپاق كاللىدا ،
بىلىق تۇتۇپ دەريادىن ، ئۆتۈپتىمەن سالمىدا ،
ئۇمۇدىگە قاچانمۇ ،ئىرىشەرمەن ئۇستازنىڭ ؟
ئوقۇش پۇتتى ، ئىش پۇتتى، مەن يۇرۇيمەن لاغايلاپ ،
ئىش ئوقەتسىز، كىرىمسىز، سوكۇلدايمەن ئاي-ئايلاپ ،
ساۋاقداشنى كۆڭلۈمدە، ۋالى، ھاكىم مەن ساناپ ،
ئۆتەرمەنمۇ ئالەمدە ، بويۇن قىسىپ كۇن ساناپ ،
ھۆرمىتىگە قاچانمۇ، گۈل بېرەرمەن ئۇستازنىڭ ؟
ئاپتۇرى: يۈسۈپجان سابىر ئوتياق