كۆرۈش: 306170|ئىنكاس: 84

«ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق؟» درامما ئەلكۈيى ئ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بېكەت باشلىقى

سەركەردە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
1
يازما
164
تېما
118
نادىر
11
جۇغلانما
5388
تىزىملاتقان
2006-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-28
توردا
1743 سائەت

باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشلىقى

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 19:32:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىمەنە تۈس ئالغان كومىدىيەلىك دراما «ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق؟» ھەققىدە <ئەلكۈيى ئىكرانى> زىيارەت خاتىرىسى



2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت تەتقىقات ئورنى ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپىرا ئۆمىكى تەييارلىغان مۇھەببەت تېمىسىدىكى كومىدىيەلىك دراما «ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق؟» نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ باشلىقى كامىل تۇرسۇن ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ئوپىرا ئۆمىكىنىڭ باشلىقى تۇرغۇن ئىمىر ، شنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قۇربانجان ھېيىت ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سەھنە گۈزەل ــ سەنئەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەنۋەر سەمەت، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ياش ئىقتىدارلىق رېژىسسورى ئىسلامجان ۋارىس شۇنداقلا سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت - تەتقىقات مەركىزىنىڭ خادىملىرى، دراممىدا رول ئالغان ئارتىسلار ،ئارقا سەپ مۇلازىمەتچىلىرى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسسى، ئەلكۈيى تورى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىر، ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

بۇ درامىدا يۇمۇرىستىك تۇيغۇ بىلەن رېئالىزىم بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ ، بىر ئاددىي تاكسى شوپۇرىنىڭ مۇھەببەتلىك نىكاھ تۇرمۇشى سۆزلەنگەن . ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئىككى خوتۇن ئالغان ، بىرلا ۋاقىتتا ئوخشىمىغان ئىككى ئائىلىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن . گەرچە ئۇنىڭ ئىككى خوتۇن ئېلىشى قەستەنلىك بولمىسىمۇ ، لېكىن بارا ــ بارا بۇ خىل تۇرمۇشقا كۆنۈپ قېلىپ ئۆزگەرتىشنى خالىمىغان ، شۇڭا ئۇ ئىنتايىن ئەتراپلىق قىلىپ ۋاقىت جەدىۋىلى تۈزۈپ ، ئىككى ئائىلە تۇرمۇشىدىن تەڭ بەھىرلەنگەن . بىراق بىر قېتىملىق تاساددىپىيلىق ئۇنىڭ بۇ مۇكەممەل پىلانىنى بۇزۇپ تاشلاپ ، بىر قاتار زىددىيەت توقۇنۇشلىرىنى پەيدا قىلغان . دىرامىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتى ۋە ۋەقەلىكلىرىگە قىززىقسىڭىز ئەلكۈيى تورى <<ئەلكۈيى ئىكرانى>> پروگرامما گۇرپىسى بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان

زىيارەت خاتىرىسىنى كۆرۈڭ!





كامىل تۇرسۇن ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ باشلىقى كامىل تۇرسۇن ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇخبىرىغا بۇ ھەقتە مۇنداق

دېدى : بۇ دراما بىزگە ھازىرقى جەمئىيەتتىكى رېئاللىقىنى ، مۇھەببەت ۋە نىكاھنى ، يېنىك كومىدىيە بىلەن تۇرمۇش كارتىنىسىنى روشەن يوروتۇپ بېرىدۇ . تېز رېتىم شۇنداقلا تەشۋىشكە تولغان ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە پېرسۇۋىناژلارنىڭ يۈز بەرگەن ئىشلارغا بولغان ئىنكاسى ئارقىلىق ، تاماشىبىنلارغا كۈلكە ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە ، تاماشىبىنلارنى مۇھەببەت ۋە نىكاھ توغرىسىدا ئويلاندۇرىدۇ .

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈشلەر





ئەلكۈيى تورى <ئەلكۈيى ئىكرانى> زىيارىتى جەريانىدىكى رەسىملەردىن ئارىيەلەر

كامىل تۇرسۇن ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا



دراممىنىڭ رېژىسسورى ئىسلامجان ۋارىس ئەلكۈيى تورىدىكى تورداشلارغا دراما توغرىلىق سۆزلىمەكتە



تاكسى شوپۇرى رولىنى ئېلىپ چىققان ياش ئاكتىيور ئابدۇكېرەم ئابلىمىت ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا


دراممىنىڭ ئاساسلىق رولچىلىرىنىڭ بىرى ئابدۇرېھىم راخمان ئەلكۈيى توردىكى تورداشلارغا «ئۇنىڭ كىچىك خوتۇنى يوق؟»ناملىق درامما ھەققىدە سۆزلىمەكتە  


درامىنىڭ بىر قىسىم ئارتىس ۋە  رېژىسسورى ئەلكۈيى تورىدىكىلەر بىلەن بىرگە




ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى داۋامىدا كومىدىيەلىك دراما« ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق؟» تىن كەڭ يىغىن ئەھلىگە ئارىيە ئۇرۇنلاپ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.تۈۋەندە ئارىيەدىن تاللانما رەسىملەر















  
رەسىم ۋە سۈرەتلەرنى ئەلكۈيى تورى مۇخبىرى تارتقان، قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

كامالى ئىھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تورى
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

دائىملىق ئەزا

ئۇنتۇپ كەت يۈرۈگ

UID
2561
يازما
620
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
20242
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2015-1-12
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 20:31:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دىراممىنى كىيىن ئەلكۈيى  تورىدىمۇ كۆرۈش پۇرسىتى بولارمۇ؟  بۇ دىرامما قىزقارلىق ھەم يۇمۇرۇستىك  پۇتۇپ چىقىپتۇ .دىراممىدا رول ئالغان ئارتىسلارمۇ خىلى تونۇلغان ئارتىسلار ئىكەن .
جاھاندا ئۆزۈڭدىن چوڭ كۆڭۈل يوق .

UID
10054
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
93
تىزىملاتقان
2011-3-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 20:48:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر دىراممىچىلىقى خېلى ئۇزۇن تارىخى جەريانلارنى  باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇيغۇر سەھنە ئىكرانىدا تېخى چەتئەل يازغۇچىللىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى مەنبە قىلغان كۆرنۈش ئېلىنمىغان بولسا كېرەك .
مېنىڭچە، بۇ دىراممىنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزگىچىلىكىلا ئەمەس، بەلكى ھىكايە سىيۇژىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ئاجايىپ زىدىيەت توقۇنۇش ۋە  كۈچلۈك كومىدىيىنىڭ گاررمونىيلىك بىرلەشتۈرۈلىشى، ئارتىستلارنىڭ رول ئېلىش جەھەتتىكى ماھارىتى كىشىنى جەلىپ قىلىدىكەن.
ئۇندىن باشقا بۇ دىراممىغا ئاز بولمىغان سەنئەتكارلار ۋە رەھبەرلەرمۇ كۈچ چىقىرىپتۇ. كۆرمىسەك بولمامدۇ نېمە زادى؟

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
1000
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42724
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2014-11-8
توردا
426 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 21:42:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دراممىنى ئىشلەپ، سەھنىگە ئېلىپ چىقىش خېلى زېھىن، ۋاقت، مەبلەغ ... ۋەھاكازالارنى تەلەپ قىلىدىغان جەريانكەن. خۇددى ئاۋۇ زىيارەت قىلغان ئارتىسلار دەپ ئۆتكەندەك ئۇنىڭ تېلىۋىزىيە تىياتىرى، ئىتوتلار بىلەن بولغان پەرقى روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدىكەن.

قىستۇرمىنى كۆرۈپ، ھاززىرلا كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ تولۇق قىسمىنى. ئاكتىيورلىرىمىزنىڭ پۈتۈن تالانتىنى چىقىرىپ ئوينىغان روللىرىغا قول قويماي تۇرالمىدىم. تېكىست كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېز ھەم ئۇلاپ دېيىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئوخشايدۇ. شۇنداق تەلەپ ئاستىدىمۇ دۇدۇقلىماي، تەمتىرىمەي بىرخىل ئەركىن، يۈرۈشلۈك ئالغاندەك تەسىر بەردى ماڭا. ئاۋۇ فوتۇ ئاپپىراتى كۆتۈرۈپ چىققان ئوپىرا تىياتىرىدا ئىشلەيدىغان بالا بىرەر يەرنىڭ شېۋىسىدا گەپ قىلغاندەك بىلىندى، مەن ئانچە ئاڭقىرالمىدىم، لېكىن بەك ئوماق چىقىپتۇ. ئابدۇرېھىم راھمان يەنە ‹ ئوخخو بالاڭزا...› ئوبرازىدا ئىكەن.

بىر دىراممىنى ئىشلەپ، خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. سەنئەت بېغىمىزدا ئۇنتۇلۇپ كىتىلىشكە ئاز قېلىۋاتقان بۇ نۇقتىدىن ئويلىنىپ، مۇشۇنداق دراممىلارنى بىزگە سۇنۇش ئۈچۈن ئەمگەك قىلىۋاتقان سەنئەتكارلىرىمىزغا رەھمەت دەيمىز. مىللىيچە پۇراقتىكى، ئۆزىمىزنىڭ يازغۇچىلىرى يازغان، ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېققىن بولغان دراممىلارنى بىز بىلەن ئۇچراشتۇرسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. يىراق-يېققىنلاردا تېلىۋىزىيە ئىكرانىدىكى خەۋەرلەردىن ۋاقتىدا ئۇچۇر ئېلىش پۇرسىتى يوق بولغان كىشىلەرگە تور ئىكرانى ئارقىلىق مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى بېرىۋاتقان ئەلكۈيى تورىغا ھەم رەھمەت ئېيتىمەن.
ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
9968
يازما
11
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
110
تىزىملاتقان
2011-3-7
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 21:48:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 3قەۋەتتىكىtegin يوللىغان 2011-03-11 20:48 غا قارتىلغان  :
ئۇيغۇر دىراممىچىلىقى خېلى ئۇزۇن تارىخى جەريانلارنى  باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇيغۇر سەھنە ئىكرانىدا تېخى چەتئەل يازغۇچىللىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى مەنبە قىلغان كۆرنۈش ئېلىنمىغان بولسا كېرەك .
مېنىڭچە، بۇ دىراممىنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزگىچىلىكىلا ئەمەس، بەلكى ھىكايە سىيۇژىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ئاجايىپ زىدىيەت توقۇنۇش ۋە  كۈچلۈك كومىدىيىنىڭ گاررمونىيلىك بىرلەشتۈرۈلىشى، ئارتىستلارنىڭ رول ئېلىش جەھەتتىكى ماھارىتى كىشىنى جەلىپ قىلىدىكەن.
ئۇندىن باشقا بۇ دىراممىغا ئاز بولمىغان سەنئەتكارلار ۋە رەھبەرلەرمۇ كۈچ چىقىرىپتۇ. كۆرمىسەك بولمامدۇ نېمە زادى؟
خاتالاشمىسام  ئىككى بايغا بىر مالاي دېگەن دىراممىمۇ چەتئەل يازغۇچىسىنىڭ ئىدىغۇ دەيمەن.

UID
5189
يازما
556
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18019
تىزىملاتقان
2010-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 23:05:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يۇرتلارغا قاچان كىلەر ،،دىرامما كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن ، ئابدۇرېھىم راخماننىڭ رول ئېلىش ماھارىتىگە قايىلمەن  
ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ!!!

UID
8105
يازما
93
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3037
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 01:16:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئارتىسلار شۇنداق تۇنۇشكەن.مېنىڭ ھازىرلا كۆرگۈم كىلىۋاتىدۇ.قارىغاندا خېلى كۈچ چىقىرىپ تەييەرلىغاندەك قىلدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

كىشى كىشىگە مۇھت

UID
4533
يازما
89
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
2909
تىزىملاتقان
2010-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-19
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 03:14:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 3قەۋەتتىكىtegin يوللىغان 2011-03-11 20:48 غا قارتىلغان  :
ئۇيغۇر دىراممىچىلىقى خېلى ئۇزۇن تارىخى جەريانلارنى  باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇيغۇر سەھنە ئىكرانىدا تېخى چەتئەل يازغۇچىللىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى مەنبە قىلغان كۆرنۈش ئېلىنمىغان بولسا كېرەك .
مېنىڭچە، بۇ دىراممىنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزگىچىلىكىلا ئەمەس، بەلكى ھىكايە سىيۇژىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ئاجايىپ زىدىيەت توقۇنۇش ۋە  كۈچلۈك كومىدىيىنىڭ گاررمونىيلىك بىرلەشتۈرۈلىشى، ئارتىستلارنىڭ رول ئېلىش جەھەتتىكى ماھارىتى كىشىنى جەلىپ قىلىدىكەن.
ئۇندىن باشقا بۇ دىراممىغا ئاز بولمىغان سەنئەتكارلار ۋە رەھبەرلەرمۇ كۈچ چىقىرىپتۇ. كۆرمىسەك بولمامدۇ نېمە زادى؟
سىز بۇرۇنقى دىراممىلارنى كۆرۈپ باقمىغان ئوخشايسىز،بەلكىم يېشىڭىز كىچىك بولسا ئۇ زامانلاردىكى دىراممىلارنى كۆرۈش سىزگە نىسىپ بولمىغان ئوخشايدۇ،بۇرۇنقى ئوينالغان دىراممىلارنىڭ ئىچىدە مەن كۆرۈپ باققان چەتئەلنىڭ دىراممىلىرىدىن ئىككى بايغا بىر مالاي،ئەجەل سىرتمىقى ئىككىلىسى چەتئەلنىڭ،بىرسى ئىتالىيىنىڭغۇ دەيمەن،يەنە بىرسى يادىمدا قالماپتۇ.
جەسسۇردىن سالام!

UID
9674
يازما
16
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
160
تىزىملاتقان
2011-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 08:05:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۈھبەت خاتىرىسىدە ئەسەر ئاپتۇرى ھەققىدە  بىرەر مەلۇمات بېرىلمەپتۇ.ئەگەر بۇ دىراممىنى ھەقىقىتەن  ئۇيغۇر دىراماتۇرىكلىرى روياپقا چىقارغان بولسا ،ئۇيغۇر دىراممىچىلىقىدا ئاتاغلىق يازغۇچىمىز  زۇنۇن قادىرىنىڭ "غۇنچەم''،"گۈلنىسا ''قاتارلىق نادىر دىراممىلىرى ۋە شائىر،يازغۇچى،دىراماتۇرىك مۇھەممەت ئىلى زۇنۇن،دىراماتۇرىك تۇرسۇن يۇنۇسلاردىن كېيىن،  بىر مەزگىل ئۆزۈلۈپ قالغان تۇرغان ئۇيغۇردىراممىچىلىقىنىڭ  يەنە  يېڭى باھارى يېتىپ كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ.بىز مۇھەممەت ئىلى زۇنۇن،تۇرسۇن يۇنۇس،راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال قاتارلىق ئىقتىدارلىق دىرامماتۇرىكلىرىمىزنىڭ يېڭى دىرامما ئەسەرلىرىى يېزىپ،كۆرەرمەنلەرگە كۆپىرەك سۇنۇشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمىز.بۇ دىرامما بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزغا كېلىشكە قاچانمۇ نىسىپ بولار؟!
ھەي دىرامما ،سەنمۇ ئۇنداق ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلەرنى بېسىپ،بېزىرىپ   تۇرىۋالماي ،بىزدەك يىراق سەھرادىكى دۇست-بۇرادەر كۆرەرمەنلىرىڭنىمۇ بىرەر قېتىم ئويلاپ قوي.
رەھبەرلىكنىڭمۇ "ئۈچنى يېزىلارغا چۈشۈرۈش'' ئۈچۈن، مۇنداق ياخشى باشلىنىشلارنىڭ مەۋقەسىنى ، ئاساسى قاتلاملاردىكى كەڭ دېھخان-چارۋىچى كۆرۈرمەنلەرگە كۆپىرەك سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.سەمىمىيىتىم بىلەن ئىنكاس يازغۇچى:بۈگۈر دىيارىدىن -تۇردى ئىسرائىل .
سەھەرسائەت :60دە يېزىلدى.2011.3.12
تۇردى ئىسرائىل

يېڭى يۇلتۇز

ئۇغلۇم سەن مېنىڭ

UID
2593
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 12:02:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا ساقچى رۇلغا چىققان ئەراپات دىگەن بالىنى تۈنۈگۈن كەچتىكى تەڭرىتاغ كۈيلىرىدە تۇنۇشتۇرغاندا مۇشۇ دراممىنى تىلغا ئالغانتى.بۈگۈن بۇنى مۇنبەردە كۆرۈپتىمەن .
مال مۈلكىڭىگە ئىشەنمە تاشلاپ كېتەر دۇنيا بۇ، ھەر بىر قىلغان ئىشىڭغا جاۋاب بەرمەك دۇنيا بۇ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش