كۆرۈش: 2489|ئىنكاس: 6

ھايات ئۆتكەللىرىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1931
يازما
724
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
27929
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 15:44:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھايات ئۆتكەللىرىدە


سائادەت ساتتار


ھايات ئىكەنمىز، تۇرمۇشتا ئۇنداق ياكى مۇنداق مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ تۇرىمىز. ئۇنىڭ بەزىلىرى تەبىئىي ھەل بولۇپ كېتىدۇ، بەزىلىرى بىزنى بەكمۇ قىينايدۇ.
    بېشىڭىزغا تۇرمۇش مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەندە، چوقۇم سالماق بولۇشىڭىز، مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئادا قىلىشىڭىز كېرەك. تۇرمۇشىڭىزغا ئائىت بەزى مەسىلىلەردە باشقىلاردىن مەسلىھەت سورىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئۆزىنىڭ ئىشىغا ماس كەلگىنى بىلەن، سىزنىڭكىگە ماس كېلىشى ناتايىن. شۇڭا، ئۆزىڭىزدىن دائىم ‹‹مەن كىم؟ نېمە ئىشلارنى قىلالايمەن؟ قىلغانلىرىم توغرىمۇ – يوق؟›› دەپ سوراپ تۇرۇشىڭىز تولىمۇ مۇھىم. بۇ نۇقتىدا مۇنۇ قۇرلارغا نەزەر سېلىپ قويۇڭ:
كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزنى مەنىلىك ئوتكۈزەي دېسىڭىز، ھاياتقا توغرا مۇئامىلە قىلىڭ!

بەختلىك بولاي دېسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدىكى بەختنى ھېس قىلالايدىغان
بولۇڭ!
دانالاردىن بولاي دېسىڭىز، ئاز گەپ قىلىڭ، كۆپ ئاڭلاڭ!
ھۆرمەت تاپاي دېسىڭىز، ئاۋۋال باشقىلارنى ھۆرمەتلەڭ!
كۆپ دوست تۇتاي دېسىڭىز، كەمتەر بولۇڭ!  

بەختىڭىزنى بىلەي دېسىڭىز، قانائەتچان بولۇڭ!
لاياقەتلىك ئاتا – ئانا بولاي دېسىڭىز، ئەلۋەتتە، ئاۋۋال لاياقەتلىك بالا بولۇڭ!

شىنجاڭ گېزىتى2011-يىلى3-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى سانىدىن

شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،                                            قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت! http://saadat.blogbus.com
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2091
يازما
1528
تېما
50
نادىر
0
جۇغلانما
50482
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 16:01:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى دۇردانىلەركەن ، تۇرمۇشقا كۈلۈپ باقساڭ ، تۇرمۇشمۇ ساڭا كۈلۈپ باقىدۇ ....

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

UID
8105
يازما
96
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3037
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 18:12:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ھەجەپ ياقتى بۇ تېمىڭىز.تەربىيسى چوڭقۇر مەنىلىىك.

UID
9786
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2011-2-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 21:09:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى تېما ئىكەن!

دائىملىق ئەزا

ئۇنتۇپ كەت يۈرۈگ

UID
2561
يازما
625
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
20247
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 22:29:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكمەتلىك دۇردانلار ئىكەن .بەختلىك بولاي دېسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدىكى بەختنى ھېس قىلالايدىغان بولۇڭ! بۇ قۇرلارنى بەك ياختۇردۇم .

جاھاندا ئۆزۈڭدىن چوڭ كۆڭۈل يوق .

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1341
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
43075
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-13 01:17:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئېسىل دۇردانىلەركەنغۇ  بۇ،،،،،توغرا ئىنسان چوڭ بولغانسىرى  شۇنداق ھېس قىلىدىغان بوپ قالىدىكەن ،،،،

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

UID
5189
يازما
570
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18035
تىزىملاتقان
2010-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-14 23:48:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئىسىل دۇردانىلەركەن ، مەنمۇ قوشۇپ قوياي :
     ھايات __ گۈل ، ھالبۇكى مۇھەببەت گۈلنىڭ شىرنىسى .
    مۇھەببەت ھاياتلىقنىڭ مەشئېلى . مۇھەببەت بولمىسا ، پۈتكۈل دۇنيا قاراڭغۇلۇققا ئايلىنىدۇ .
     كەشىم يوق دەپ ئاغرىنماڭ ، پۇتى يوق ئادەملەرمۇ ئاز ئەمەس .
   دۈشمەننىڭ دوستقا ئايلىنىشى جاننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ، دوستىنىڭ دۈشمەنگە ئايلىنىشى پۇل ئۈچۈندۇر .
     ئېھتىياجىمىز كۆپەيگەنسىرى ئۆزىمىزنى شۇنچىكى نامرات ھېس قىلىمىز .

ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش