بۇ 9قەۋەتتىكىayaz يوللىغان 2011-03-09 22:30 غا قارتىلغان :
ئىسلام ئاخۇن ھىيلىگەر ھەم خىيالپەرەس ئادەم بولۇپ، ئادەتتىكى خوتەن كىشىلىرىگە ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ بويتۇرقى كېلىشكەن بولۇپ، چىرايىدىن ۋە كۆزلىرىدىن زېرەك، قۇۋ ھەمدە ئاچكۆزلىكى چىقىپ تۇراتتى. بىر قاراشتا ئۇ كەشمىرلىكلەرگە ئوخشىشىپ كېتەتتى…
سسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسس
نىمىگە ئاساسەن بۇ كىشىنى ئۇيغۇر دىمەيسىز ؟
بەك ئەقىللىق ئادەملەرنى ئادەتتە باشقىلار تەرىپىدىن قۇۋ ،ھىلىگەر دەپ ئاتىلىپ قالىدۇ . پەقەت ئەقىللىق ئادەملا مۇشۇنداق قۇۋلۇق ھەم ھىلىگەرلىكنى قاملاشتۇرالايدۇ ( "ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە " دىكى جۇ گېلىيامۇ قۇۋلىقتا ھىلىگەرلىكتە تەڭداشسىز ئىدى )
كۆزلىرى كۆك ، بوي تۇرقى كىلىشكەن ،زىرەكلىگى چىقىپ تۇرىدىغان كىشى ئۇيغۇر بولسا بولمامدىكەن .
.......
چېچىلماڭ بۇرادەر مەنمۇ قارىسىغىلا ئۇنداق دېگىنىم يوق،سىۋېن ھىدىننىڭ "ھايات-ماماتلىق باياۋان " دېگەن كىتابىدا ئىسلام ئاخۇننى "روسىيەگە تەۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوش دېگەن يېرىدە تۇرۇشلۇق ئىسلام مۇرىتى" دەپ تەسۋىرلەپتىكەن.شۇنىڭغا قاراپ ئۆز پەرىزىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقتىم.سۆزلىرىمدىن سىز دېگەندەك مەنەلەر چىقمايدۇئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام ئاخۇن مېنىڭچە بىز تالىشىپ ماختانغۇدەك،پەخىرلەنگۈدەك شەخسمۇ ئەمەس.ئۇنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋەلىكى بىز ئۈچۈن موھىم ئەمەس.چۈنكى،دۇنيادا ياخشىلىقلار مەڭگۈ ساقلىنىدۇ،يامانلىقلارنى كىشىلەر يادىغا ئېلىشنىمۇ خالاپ كەتمەيدۇ.ئەگەر باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا باشقىچە پىكرىڭىز بولسا،ئىلمىيرەك ئۇسۇل بىلەن بايان قىلسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ "كاللىڭىزنى سىلكىۋىتىڭ"دېگەن گەپلىرىڭىز ماڭا سەل غەلىتە تۇيۇلدى.مۇنبەر دېگەن بىر خىل ئۆگىنىش سورىنى ھېچكىم ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمەيمەن دەپ ئېيتالمايدۇ.ناۋادا مەن ھەقىقەتەن خاتا قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرگەيسىز،بۇندىن كېيىن دېققەت قىلاي!. |