مۇشۇ كۈنلەردە دېتال ئويغۇرچىلاشتۇرۇپ كۆرۈش قىزغىنلىقىم جۇش ئۇرۇپ ئۇخلىساممۇ پاسسولو دېتالىنى چۈشەيدىغان بولۇپ قالدىم ...ھا...ھا...
ئالدىنقى كۈنى بىر ئويۇننى سىناق قىلسام يېرىمىغا كېلىپ توختاپ قالدىم
؛روھلان ئۇستازنىڭ كۆرسەتمىسىگە قاراپ توختاپ قالدىم ؛ ئەمەلىيەتتە ئۇ ئويۇن بىلەن يەنە ئېتىشقىدەك مەندە بىلىم يوق بولۇپ قالدى ... شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بۇ دىسكا رەتلەش قورالىنى ئويغۇرچىلاشتۇرۇپ باقتىم ، سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى ، يېتەرلىك ۋاقىتنىڭ يوقلىقى سەۋەبىدىن مەزكۇر دېتال پۈتۈن تەرجىمە قىلىنمىغان بولسىمۇ ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق يەرلىرىنى < ئانا تىلىم لۇغىتى > دىن پايدىلىنىپ ( مەندە بارى شۇكەن ، بىلقۇت لۇغىتىنى ئىشلىتەلمىدىم - تىزىم نومۇرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن

) يۈرۈپ ئويغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم ؛ مەن بىر ئۆگەنگۈچى ، نۇرغۇن سۆزلەر قېلىپلىق تەرجىمە قىلىنماي قالغان بولىشى مۇمكىن ؛ شۇنداقتىمۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مازاق قىلماي ياكى نارازى بولماي ئىشلىتىپ بېقىشىنى سورايمەن ....
ئالدى بىلەن مۇشۇ بىلىملەر بىلەن تەمىنلىگەن
ئىنتىل سەيناسىدىكى مۇڭلان ئۇستازغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ؛ رەھمەت سىزگە مۇڭلان ئۇستاز !
ئىشلىتىشكە ئەرزىيدىغان دېتال ، مەرھەممەت چۈشۈرۈۋېلىڭ :