يېغىندىن ئىگىلىشىمىزچە،دۆلەتنىڭ«يېمەكلىك بىخەتەرلىك قانونى»نىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ،دۆلەت ئاممىۋى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2005-يىلى«ئاممىۋىي ئوزۇقلۇق يېتەكچىسى»قاتارلىق 11 يېڭى كەسىپنى ئېلان قىلغان بۇلۇپ، نۆۋەتتە ھەردەرىجىلىك مەكتەپ،دوختۇرخانىلار،بالىلار باغچىسى،مەھەللە،ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەك - ئىچمەك ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش كارخانىلىرى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورۇنلىرى قاتارلىق 100دىن ئارتۇق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بۇ خىل كەسىپتىكى ئوزۇقلۇق يېتەكچىلىرىگە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىز ھەرمىللەت خەلقىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا ئوزۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بارغانسىىرى گەۋدىلىك بولۇپ،ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ ئارتىپ كېتىشى قاتارلىق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىكنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر قىلىشى،ئەيدىز، تۇبېركۇليۇز قاتارلىق يوقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ جىددىي كۆپىيىشى،ئۇنىڭدىن باشقا ئوزۇقلۇنۇشنىڭ ئىلمىي بولماسلىقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ ھەدەپ ئاۋۇپ كىتىشى شۇنداقلا بۇخىل كېسەللىكلەرنى داۋاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يۇقىرى داۋالاش خىراجىتى كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۈلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرېستېتى ئوزۇقشۇناسلىق ئىلمىي كافىدىراسىنىڭ پروفىسسورى،ئوزۇقشۇناسلىق دوكتۇرى،شىنجاڭ ئالىم دوكتۇر كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئالىم پەتتار ئەپەندىم ئەلكۈيى تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.

دوكتۇر، پىروفېسور ئالىم پەتتار ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان بەش چوڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش رايۇنلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ،بۇ شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.مانا مۇشۇنداق كۆپلىگەن سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بارلىققا كەلگەن <<شىنجاڭ ئالىم دوكتۇر كەسپىي تەربىيلەش مەكتىپى>> شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنىڭ ساغلاملىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يەنە بىر قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇش،شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېمەكلىك مەنبەئىنى سېستىمىلىق تەتقىق قىلىش،ئۇنىڭ ساقلىقنى سالاش ئەۋزەللىكى ، تۈر-سۈپەت ئەۋزەللىكى،مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى قاتارلىق ئۈچ چوڭ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى تونۇش ۋە جارى قىلدۇرۇش شۇنداقلا ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەك مەدىنىيتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان كۆپلىگەن ئوزۇقشۇناسلىقلارنى تەربىيلەشنى نىشان قىلغان ھالدا مەيدانغا كەلگەن،رايۇنىمىزدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان،ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن يېڭى كەسىپنىڭ نامايەندىسى بوپ قالغۇسى.

بىز ئەلكۈيى تورى ۋە تورداشلارغا ۋاكالىتەن شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرېستېتىدا قۇرۇلغان <<ئالىم دوكتور كەسپىي تەربىيلەش مەكتىپى>>نىڭ <<ئاممىۋىي ئوزۇقلۇقشۇناسلىق >>بويىچە تېخىمۇ كۆپلىگەن ئىز باسارلارنى يىتىشتۈرۈپ، ساغلاملىقىمىزغا تۆھپە قۇشۇش ئۈچۈن ھارماي ئىزدىنىشىگە چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

دوكتور ئالىم پەتتار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرىسىتىتى يېمەكلىك - ئوزۇقشۇناسلىق ئىلمىي كافېدراسىنىڭ پروفىسسورى ئالىم پەتتار،دۇنيا ئوزۇقشۇناسلىقنىڭ بۆشۈكى بولغان ياپونىيىدە ئوزۇقلۇقشۇناسلىق ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ھەمدە ياپونىيە توكشىما ئۇنۋىرستىتىدا خىزمەت قىلغان.2006-يىلى دۆلەتنىڭ چەتئەلدىن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسىتى بويىچە،شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرستىتىدا ئوقۇتۇش-تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.ھازىر شىنجاڭدىكى ئەيدىز،تۇبېركۇليۇز،يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى،دېئابىت قاتارلىق كېسەللىكلار توغرىسىدا دۆلەتلىك ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەمدە ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك شۇنداقلا ئوزۇقلۇق - يېمەكلىك كارخانىلىرىنىڭ تەتقىقات تۈرلىرىگە ئېرىشىپ،ئوزۇقلۇق بىلەن كېسەللىك مۇناسىۋىتى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.2009-،2010-يىللىرى ياپونىيە دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن،توكشىمائۇنىۋېرېستىتىدا چەتئەللىك تەتقىقاتچى سالاھىيىتى بىلەن خىزمەت قىلىپ كەلگەن.