باتارىيە تۈگىگەن تېلفۈن 
ئۇنتۇش-دىگەن كونابىر تېما، 
بەخىت تىلەش تەكەللۇپ سۆزى. 
خوش دىمەكچى ئەڭ ئاخىرقى رەت، 
يىغا ئارلاش< قىز>نىڭ ئاۋازى. 
قاپاقلىرى مۈزدەك ھەقىقەت، 
قار ئاستىدا قالغان پاك -سۆيگۈ. 
"توختاڭ" دېدى ئۈندەرەپ يىگىت، 
"ئۇنتالمايمەن سىزنى مەن مەڭگۈ" 
تەغدىر يۈرەر بېلەت تارقىتىپ، 
{بەندە ئاجىز} ئالار تاللىماي. 
"سۆيىمەن" دەپ پىچىرلىدى قىز، 
ئەپسۇس،يىگىت قالدى ئاڭلىماي. 
سۆيگۈ -بىزگە ئىلاھى سوۋغا، 
ئانا سۈتى بەلكىم مەنبەسى. 
قالدى نۇرغۇن گەپلەر دىيەلمەي، 
تۈگەپ تېلغۈن باتارىيەسى. 
مەنبە : مەشىق خاتىرەم