كۆرۈش: 6348|ئىنكاس: 11

قارا ياقىلىقلارنىڭ باش كۆتۈرىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

ئىختىيارلىق ھەر

UID
9651
يازما
24
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
815
تىزىملاتقان
2011-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 20:48:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبە: تەرجىمە ئەسەر

http://wenku.baidu.com/view/75f2757001f69e31433294f2.html

作者: 郎咸平

ئاق ياقىلىقلار (ئەقلىي ئەمگەكچىلەرنىڭ) غۇلاپ چۈشۈشكە باشلىدى-يۇ ، قارا ياقىلىقلارنىڭ باش كۆتۈرىشى تېزلەشتى

لاڭ شىيەن پىڭ  2009-3-26-كۈنى

تېخى 10يىلنىڭ ئالدىدا، ئاق-ياقىلىقلار بولسا بىر پۈتۈن جەمىيئەتتىكى ھەممە كىشى ھەۋەس قىلىدىغان سالاھىيەت ئىدى. ۋەن كې ئۆي مۈلۈكچىلىكى ھەتتا نەشىر قىلدۇرغان نۇرغۇن كىتاپلىرىنى «ئاق ياقىلىقلار(ئەقلىي ئەمگەكچى)» دېگەن نامدا ھەم ئېلان قىلغان ئىدى. ئاق ياقىلىقلار (ئەقلىي ئەمگەكچى) دېگەن ھېلىقىدەك ئېگىز خىزمەت بىنالىرى ئىچىدىكى ئىشخانىلاردا خىزمەت قىلىدىغان، مەخسۇس كەسپىي تېخنىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار، ئالاھىدىلىكى -ئالىي ئوقۇش تارىخى، يۇقىرى مۇئاشى بار بولۇپ ئاشۇ خىزمەت بىنالىرىدىكى چەتئەل مەبلەغ سالغان شىركەت-كارخانىلار شۇ خىلدىكى خىزمەتچىلەر توپلىشىپ ئىشلەيدىغان نۇقتىلىق ئورۇنلاردۇر.

ئاق-ياقىلىقلار دېگەن ئابرويلۇق خىزمەت(Decent work)، ئېسىل تەربىيە، مول ئىدىيۋىي كەچۈرمۈشلەرگە ئىگە قاتلامدىكلەر دېگەننى بىلدۈرسە، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەقلىي ئەمگەكچىلەر خۇددى مودا ئىسىملارنىڭ ئالماش سۆزى بولۇپ قالدى.

ئاق-ياقىلىقلار چوقۇمكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن، ھەتتاكى ئاسىپرانىت، دوكتۇر ياكى چەتئەلدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەنلەر، كۈندە سەككىز سائەت ئىشلەيدىغان، كاتەكچە سەرەڭگە قېپىدەك كېلىدىغان تار ئىشخانىلاردا كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرىدىغان،MSN ، McDonald's ،Cappuccino Coffee ، تور سۆيگۈسى، DINK{ بۇ سۆز ئىنگىلىز تىلىدىكى (Double Income No Kids) دېگەن سۆز بىرىكمىسنىڭ قىسقارتمىسى، بۇنىڭ مەناسى قوش خىزمەتكە ئىگە بولغۇچىلار ۋە پەرزەنىت كۆرۈش ئىقىتىدارى تۇرۇپ بالىسى يوق بولغان كىشلەر –دېگەنلىك بولۇپ، بۇيەردىكى قوش كىرىم بەلكىم ئىككى خىزمەتنى تەڭ قىلىش مۇمكىن ،ياكى بىر ئاي ۋاقتىنى ئىككى ئىشلەيدىغان ئورۇنغا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ خىزمەت قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بالا ئالماسلىق دېگەندە، بۇنىڭ سەۋپلىرى تەبىئي تۇغما سەۋەپلىك بالا ئالالماسلىق ياكى سۈنئىي باھانە-سەۋەپلەر بىلەن بالا ئالماسلىق بولۇشلىرى مۇمكىن. بولدى بۇ سۆز ھەققىدە شۇنچىلىك ئىزاھ بېرەي ، خالىغۇچىلار بۇ سۆزنى توردا ئىزدەپ باقسا بولىدۇ.} مېتىرو، تاكسى، ئەرزان باھالىق ئايرۇ-ئورنى، ( ئايرۇپىلاندا ئەرزان باھالىق ئورۇن سېتىلىدىغان سەۋپلەردىن كۆرە، ئورۇن كۆپ بولۇشى مۇمكىن ياكى ئەڭ كەيىنىكى ئورۇنلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. ھەرگىزمۇ ئالدىنقى رەتتىكى 8ئورۇن ئەمەس.) يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىلاردا تۇرۇش، Bar لار ئارا-قاتىراش ( تورخانا، قىمارخانا، كىنوخانا، قەھۋەخانا، ھاراقخانا.......نۇرغۇنلىغان خانا لار.  ئۆزىڭىز ئەتراپقا قاراڭ.) تېلىفون چايىخانىسدا مۇڭدىشىش( بۇيەردىكى 煲电话 دېگەن سۆز گۇاڭدۇڭ شېۋىسىدىكى گەپ بولۇپ، يەنە خەنزۇچە خەت بىلدىم دەپلا تەرجىماننى تىللاپ سۆكمىگەيسىلەر)،غەرىپنىڭ لىرىك مودا مۇزىكا-ناخشىللىرىنى ئاڭلايدىغان، سېمىنا ئىشلەش، شەپەرەڭچە تۇرمۇش ئىلكىدە، روژىستىۋا بايرىمى، بىر كېچىلىك زىنا (بۇ سۆز ئەسلىدە ھاياتتا ھالال-ھارام ئۇقۇمى بولمىغان غەرىپ دۇنياسىدىن كەلگەن بولۇپ، مەن بۇنى تىلىمىزدا زىنا دەپ تەرجىمە قىلىدىم، مەقسىتىم- بىز مىللەتتە ھالال-ھارام ئۇقۇمى بولغانلىقتىن- ئۆزىمىزگە بولغان ھۆرمىتىمنى ساقلاشقا تىرىشتىم) رەڭلىك توسالغۇ تاش بىليارتى(Snooker)، ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكىسى، قىزىل ھاراق، 555تاماكا چېكىش، ئىجارە ياكى مۇددەتلىك ئۆسۈملۈك قەرىز شەكلىدە ئېلىنغان ئۆيدە تۇرۇش، ئاددىي ئەرزان ئائىلە سەرەمجانلىرى سېتىۋىلىش، CD يىغىپ ساقلاش،«دوستىلار(يەنە بىرتەرجىمىسى ئۈچ جۈپلەر)» ھەققىدە گەپلىشىش، .... جۇڭگو گېزىتلىرىنى ۋە كىنولىرىنى كۆرمەيدىغان، «دۆلەت جۇغراپىيىسى»، «داڭلىق ماركا»، «كىتاپ ئوقۇش» ژورناللىرىنى ئوقۇش، Franz Kafka(يەھۇدى يازغۇچىسى) ئەسەرلىرنى كۆرۈش، جاڭ ئەي ليىڭ ۋە ئىران كىنولىرىنى كۆرۈش، زىيادە پاكىزلىق، يۇرت ئىشقى، بەدەن چېنىقتۇرۇش، Yoga، كىچىك كۈچۈكلەرنى بېقىش، ئەتىر، كىيىم، ئاياق، Bar لار ئارا قاتىراش، ساياھەت گۈل كىتاپ سېتىۋىلىش، پىلاستىنكا سېتىۋىلىش، كىنو كۆرۈش.....  ئىشقىلىپ ئايدا نەچچە پۇل تاپسا شۇنچە پۇلنى پاك-پاكىز خەجلەپ تۈگىتىدىغان ئايلىق قەلەندەرلىرى دېگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئاق-ياقىلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى بولسا جۇڭگو بازار-ئىقتىسادى تەرەققىياتى دەسلەپكى باسقۇچىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىنىڭ تىپىك ھادىسە بولۇپ ، بۇ « بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ» دېگەننى ئىسپاتلىدى. ئاق-ياقىلىقلار كۆپىنچە پەقەت ئالدىنقى قاتاردىكى چوڭ شەھەرلەردىلا كۆرۈلىدۇ.  WTO نىڭ ھارپىسىغا يۈز تۇتىۋاتقان چاغدا، بۇ زىيالى ياشلار غەرىپ كاپىتالىسىتىك تەرەققىي قىلغان دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىدىكى سىنىپلارنىڭ (yuppie look) لار تۇرمۇش ھوزۇرىنى سۈرۈشكە باشلىدى.  ئېسىلزادە بەگزادىلەر ۋە جەلىپكار گۈزەللەر بولسا يېڭى ئىدىيە ۋە قاراشلارغا ئىگە بولغان ياشلارنىڭ كىشلىك تۇرمۇش سەھنىسىدىكى غايىسى بولۇپ قالدى. «ئۇلۇغ گاتىسبىي» (The Great Gatsby)  ۋە «كىبر-تەمەننا ۋە كەمسىتىش(بەلكىم باشقىچە تەرجىمە باردۇ بۇكىتاپنىڭ. ئەمما مەن ئىنگىلىزچە مەنىسىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمۈد قىلىدىم)»( Pride and Prejudice) بولسا ئۇلارنىڭ چوقۇم ئوقۇيدىغان كىتاپلىرى بولۇپ قالدى. مۇھەببەت، تەربىيە، ھازارەت(文化)، سەنئەت، كەچۈرمۈش، ‹ساختا›روھىي ئۈستۈنلۈك ئۇلارنى ئۆزىگە شۇنچىلىك دەرىجىدە مەھلىيا قىلۋالغان ئىدى.

10يىل ئۆتۈپ كەتتى، سۇ كېتىپ تاش قالدى، ئۆتمۈشكە قاراپ باقساق، ئەينى يىللاردا ئاق-ياقىلىقلار ھەققىدىكى شېرىن ئارزۇ قىلىشقان«فەن جىيننىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈشى» كەبى،نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى بۇ ئالىي كەسپى تەربىيلەش تۈرمە دەرۋازىسىغا بەس-بەس بىلەن قەدەم قويىۋاتقان ۋاقتىدا، خۇددى يۈزلىرىنى توپا باسقان دېھقان ئىشلەمچى ئاتىلار ھەم بىرمەيداندا كەسپىگە تالىشىپ  چىقىش ئىشىغا (بۇ بىر بولۇپ ئۆتكەن ۋاقىئە ئىكەن بۇيەردە كىنايە مەنىسدە) ئوخشاش پاجىئەلىك ئەمىليەتنى قوبۇل قىلدى.

ئىلگىرىكى ئاق-ياقىلىقلار ئاللىقاچان قېرىدى، بىرمەيدان 100يىلدا بىرمەرتە ھەم تەستە ئۇچرايدىغان ئىقتىسادىي كىرىزىس ئالدىدا، ۋەيران بولىدىغنى ۋەيران بولۇپ، ئىشتىن قالغىنى ئىشتىن ھەيدىلىپ، ئاجىرشىدىغىنى ئاجىرىشىپ كەتتى. ئاق-ياقىلىقلارغا قوساق كۆتۈرگەن ــــ سودا-تىجارىتى، ئېلانچىلىق، ئۆي-مۈلۈكچىلىك، IT ۋە ياساپ چىقىرىش ساھەلىرى  قار-يامغۇردا قالغان گىياھ كەبى بەرگىللىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئاجىز بىچارە ئاق-ياقىلىقلار توساتتىن شۇنى بايقىدىكى، ئىلگىرىكى قاردەك ئاپئاق قىرلىق ياقىللىرى، ئاللىقاچان مۇزدەك تەر سۇلىرىنىڭ ھۆل قىلىشى بىلەن سارغىيىپ پۇرلىشىپ كەتكەن ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرخىل سىرلىق تۈسنى ئالغان جەمىيئەت شەكىلدىكى بىر گۇرۇھ ئاللىقاچان جۇڭگۇنىڭ ھەممە يورۇقلىقىنى توسۇۋىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇلار «ئۆزلىرىنىڭ» يۇقىرى ماي سەرپىياتلىق ئېسىل ماشىنىللىرنى ھەيدىشىپ، ئالىي دەرىجىلىك رېستۇران-مەيخانىلارغا كىرىپ چىقىشىپ،  ئالىي دەرىجىلىك(يەنى قانۇننىڭ سىرتىغا چىققان) كېچىلىك بەزمەخانىلاردا تاماشا قىلىشىپ، ئالىي-ئايرۇ-ئورۇنلاردا ياكى يۇمشاق كارۋاتلاردا ئولتۇرۇشۇپ، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىلاردا يېتىشىپ، ئالتۇنزادە ئورۇنلاردىكى بىرنەچچە تۇرالغۇلارغا ئىگە بولۇشۇپ، بىريۈرۈشلۈك قىزىل ياغاچ(pterocarpus) لىق ئۆي سەرەمجانلىرىنى سېتىۋىلىپ، ئورنى ئەڭ ياخشى، مەنزىرىسى ئەڭ ئېسىل، بېزىكى ئەڭ ئالىي دەرىجىدە، سۈپتى ئەڭ ياخشى بولغان ئىشخانا بىنالىرىدا ئىشلەپ، ئايرىم كەڭ-كۇشادە ئىشخانا، كارتا ئىشلىتىشتىن بىھاجەت بولغان، تاماق زىياپىتى، ئۇچىرىشىش، ماۋتەي ھارىقى ئىچىپ،  ئالەمچە قىممەت باھالىق  Theaceae چايلىرىنى ئىچىشىپ، نەپىس جۇڭخۇا تاماكىللىرىنى چېكىشىپ،  نەپىس ئورالغان«24پارچە تارىخى ئەسەر»، ‹ VIP›، پايچېكقا مەبلەغ سېلىپ، ئالىي دەرىجىلىك كىيىملەرنى كىيىشىپ، ‹ golf ›ئويناش، دۆلەت ھېساپىدا چەتئەلگە چىقىش، گىراژدانلىق سالاھىيىتىنى يۆتكەش، پاسپورت، ‹ Las Vegas ›(دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا قىمار-كۆڭۈل ئېچىش ئارامگاھ شەھىرى، ئاۋمىندىن ھەم چوڭ)، ھۆسۈن تۈزەش، ئورۇقلاش، ئۇۋلاش، VIP سالامەتلىك تەشكۈرۈش، ئارام-داۋالىنىش، ھەقسىز تىببىي داۋالىنىش، ئاقسۆڭەكلەر مەكتىپى،‹ MBO ›، پۈتۈن كۈنلۈك بىلىم ئاشۇرۇش، پارتيە مەكتىپى، ئادەم ئىشلىتىش، ئاشنا-زىنا، تىبەت ئىتى بېقىش، مۇئاشلىق دەم ئېلىش.....لىرى بىلەن ئۇلار پۈتۈن جۇڭگونىڭ  بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچۈنچى دەرىجىلىك شەھەرلىرىدە ئارقا-ئارقىدى خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى نېلوپەردەك پورەكلەپ ئېچىلىشقا باشلىدى، ھەرتەرپتىن گۈللەپ ياشناۋاتقان قارا ياقىلىقلار گۇرۇھى. ئۇلارنىڭ كىرىملىرى بولسا سىرلىق-مەخپىي، تۇرمۇشى ھەم سىرلىق-مەخپىي، خىزمەتلىرى ھەم سىرلىق-مەخپىي... بۇيەردىكى سىرلىق-مەخپىي دېگەندە، خۇددى قاراڭغۇ كېچىدە قارا كىيىم كىيىۋالغان ھالدا تۇرغان ئادەمنى، سىزمۇ بىلىسىز ئۇنىڭ بارلىقىنى، ئۇمۇ بىلىدۇ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى، بىراق سەن بىلمەيسەن ئۇنىڭ قانداقلىقىنى (شەكلى چىرايى،،،،دېگەندەك) ۋە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى. ئۇلار دەل ئاشۇ ھۆكۈمەت كەسىپ ساھاسىدە يوشۇرۇنغان ۋە ئەمەلدارلار مونوپۇل قىلغان كارخانا-شىركەتلەردىكى قېقىلغان مىخ كەبى غايەت زور دەرىجىدىكى چوڭ توپ.

10يىل ئىچىدە، ئومۇم ئىگىلىكىدىكى بىنا-قۇرلۇشلار بولسا ئاللىقاچان جۇڭگو شەھەرلىرىنىڭ قىياپىتىنى يېڭىلاپ بولدى. ئېسىل ئوردا كەبى ھۆكۈمەت خىزمەت بىناسى ئالدىدا، يېڭىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان سودا بىنالىرى مەجبۇرەن قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرغان ئىدى. سىغىم-ھەجىمى، لايىھە-يۈرۈشلىرى، بېزەكلىرى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە، يەرنى يۇلۇپ چىققان بۇ «ئاراش كۇسار» كەبىلەر شەھەردىكى يېڭى قارياقىلىقلارنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ قالدى. ئاق ياقىلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ OFFICE لىرى بىرلىكتە، بۇ قارا ياقىلىقلارنىڭ «ئاراش كۇسار»لىرى تەرىپىدىن كۈن نۇرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنغان ئىدى.

 10 يىل ئىچىدە، يەرلىك مالىيە ۋە مونوپولىيە خاراكتىرلىك سىياسى ھوقۇقلار ئارقىلىق، قارا ياقىلىقلار گۇرۇھى بىرقەدەم بىرقەدەم بىلەن تۈرلۈك ۋاسىتلەرنى ئىشقا سېلىپ، جەمىيئەت بايلىقلىرىنى ئۆز قوللىرىغا توپلاشقا باشلىدى. ئېغىر باج ۋە قايتا قايتا قويۇلغان جەرىمانە يىغىش ۋاستىللىرى ئارقىلىق، يۇقىرىغا يۆلەنگەن(ۋېرتىكال) تۈز سىزىقلىق كۆرسەتكۈچتە جەمىيئەت بايلىقلىرىنى توپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،  ئۇنىڭ ئۈستىگە بايلىق-مەنبە ئىسراپچىلىقى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، گورزىنتال سىزىقلىق سۈرەتتە كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ياشاش تايانچىسى بولغان ئەقەللىي يىلتىزنى ھەم قۇرۇتىشقا باشلىدى.

قارا ياقىلىقلار ئىگە بولغان ئىقتىساد بولسا رىقابەت تۈسى يوق مونوپولىيە قىلىنغان بازار ئىگىلىكىدە ئەركىن ھالدا، زاپاس ئەشىيا-بايلىقلىردىن كېلىدىغان پايدىلار بولسا خۇددى ئاققان چاڭجىياڭ دەرياسىدەك ئۇلارنىڭ چۆنتىكىگە ئېقىپ كىرىشتە داۋام ئەتمەكتە. سۇ، گاز ،توك، ماي، نېفىت ،پۇل-مۇئامىلە، تاماكا، تازلىق، مائارىپ، تاموژنا، يول-تىرانسپورت قاتارلىق ساھالەرنى بىز دېمەلا قويايلى ئاۋۋال، نەشىرىيات، پوچتا ، كىتاپخانا، شەھەر مەمۇرىيىتى، مۇھىت ئاسراش، ئاممىۋىي قاتناش، تۇزچىلىق، مېتالچىلىق، كانچىلىق، تۆمۈر يول، ئاۋىئاتسىيە، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، خەۋەر، ساياھەت، يەر بايلىقى قاتارلىق بۇ ساھالەردە – چۈنكى ئەركىن رىقابەتكە چەك قويۇلغان بولغانلىق سەۋەپلىك- بۇلارنىڭ پايدىللىرىنى ‹كۆپ، ناھايىتى جىق› دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە ھەم ئاجىزلىق قىلىدىغان دەرىجىدە ھەرقانداق چەتئەل كارخانىللىرنىڭ كۆزلىرنى قىزارتقان ھالدا يېگانە شۇ قارا ياقىلىقلارنىڭ  چۆنتەكلەرگە ئاقماقتا.

نۆۋەتتىكى جۇڭگۇنىڭ قايسى بىر چوڭىراق شەھەرنى مىسال قىلىشىمىزدىن قەتىئنەزەر، خالىغان بىر يوغان قورساق باج نازارەتچى خادىمى ‹LandRover SUV›ھەيدىگەن ھالدا ئىشقا بارىدۇ. ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ چوڭلىقىنى ،بېزەكلىرىنىڭ ئېسىللىقىنى دېمەيلا قويايلى، پەقەت ساڭا بىر ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرسەم، ئۇ ئىدارىسى ئىچىدە چېنىقىش، يۇيۇنۇش، سۇ ئۈزۈش... دېگەنلەرنى بىنادىن چىقماي تۇرۇپلار بېجىرەلەيدۇ(گۇاڭدۇڭ كۆزدە تۇتۇلغان). ئەمدىلار تېخى خىزمەتكە چىققىلى ئىككى يىل بولغان بىر ساقچى(گۇاڭجۇدا بولغان ۋاقىئە)  ئاللىقاچان ماشىنا ئۆي سېتىۋالغان بولىدۇ- ئاتائانىسىنىڭ مىراسى ھەم يوق ، بانكىدىن ئالغان مۇددەتلىك قەرىز ھەم يوق،.  دۆلەت توك ئىدارىسىدىكى بىر توك سائىتى ھېساپ خاتىرلىگۈچ خادىمنىڭ ئايلىقى 8000يۈەندىن ئاشىدۇ....ئاددىيلا بىر ھېساپ قىلساق، پۈتۈن دۆلەتتە 1000دىن ئارتۇق ئۆلكە دەرىجىلىك، 20000دىن ئارتۇق نازارەت دەرىجىلىك، نەچچە ئونمىڭلىغان ھەتتا نەچچە يۈز مىڭلىغان ناھىيە دەرىجىلىك ئاپپىراتلار(باجغا نىسپەتەن) بار. بۇ تېخى بېيجىڭنىڭ مەركىزى باشقۇرۇش بۆلۈملىرى ۋە ھەربىي-ساقچى سېستىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان رايونلاردىكى شۇ يوشۇرۇن قارا ياقىلىقلارنىڭ يىللىق كىرىمى 100مىڭ دىن 200مىڭغىچە بولۇش ئومۇمەن نورمال ھېساپلىنىپ قالىدى. يىل ئاخىرىدا 100مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى بېرىش ھېچقانداق غەيرىي تۇيىلىدىغان ئىش بولماي قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت باج ئورۇنلىرىنىڭلا بۇنداق مالىيە ئىقتىدارى بولۇپلا قالماي ھەممىسىگە نىسپەتەن مۇمكىن ئىش ھېساپلىنىپ كەلمەكتە. بۇ «قانۇنلۇق» كىرىم، بۇ بىر بۆلۈك كىرىم بايلىقىنى ئاشكارا بولۇش خىزمىتىدە بايان قىلىش ھەققىدە ھېچقانداق قورقۇش يوق. بۇلتۇرلا تېخى بىر خەۋەردە، جەنۇبى رايونلاردا بەزى قارا ياقىلىقلارنىڭ ئىككى ماشىنا ....بارلىقى ئېيتىلغان، تېخى بۇ بەك نورمال ئىش دېيىلپتۇ.

ئىنسانىيەت ھەممىسى بىلىدۇكى،بۇ قارا ياقىلىقلارغا نىسپەتەن، كىرىم پەقەتلا مۇئاش-مۇكاپات بولۇپ قالمىدى. داۋالىنىش، قاتناش، يېمەك-ئىچمەك، سىيىش-چىچىشتىن تارتىپ ھەممىسىدە پارىخورلىق يوشۇرنۇپ ياتقان، ھەممە يەردە باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ مىننەتسىز تەمىنلىشى مەۋجۇت، ھەرئايلىق ماشىنا پۇلى ھەتتاكى كۆپلىگەن دېھقان-ئىشلەمچىلەرنىڭ جاپالىق تاپقان بىرئايلىق پۇلىدىن ھەم كۆپ، ئۇلار تاللا بازىرىدىن يوتقان كىرلىك، ئىشتان-پايپاق سېتىۋالسا ھەم (ھۆكۈمەتكە ئاتچوت قىلىش ئۈچۈن) تالون كەستۈرىدۇ، ياكى بولمىسا ھەقىسىز كېلىپ قالغان( ئىگىسى يوق پۇتى يوق) بۇ قىممەت دورىلارنى سېتىپ پۇل قىلىدۇ، ھەتتاكى زىنايى-مەشئەت ئىشلىرىغا ھەم تالون كەستۈرىدۇ. شۇنى جەزىم قىلىشقا بولىدۇكى، قارا ياقىلىق دېگەندە، ئۇنىڭغا بېرىلمىگەن قانۇنىي مەنىلەردىكى جۈپلىرىدىن باشقا ، باشقا ھەممىسى  بەھىرلىنىش ئۈچۈن بېرىلگەن مىننەتسىز تەمىنلەشتۇر.

قارا ياقىلىقلار تەبىقىسىدىكلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى  شۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇنداق چەكتىن ئاشقان دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، چۈنكى ئۇلار سىياسى، قانۇن ، ئىقتىساد، ئۇچۇر دېگەندەك ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارچە جەمىيئەت بايلىق مەنبە ساھالىرىنى مونوپۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئىستىمال-ئىسراپ قىلغان كىرىم پۈتۈن جۇڭگۇ خەلىقىنىڭ كىرىمىنىڭ يېرىمى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ باش كۆتۈرىشى، جۇڭگۇنىڭ يېڭى جۈپ-ئىقتىساد جەمىيىئتىدىكى بىر قۇتۇپنى شەكىللەندۇردى. گەرچە بۇ گەۋدە نىسپىي سانى ئاز بولسىمۇ، بىراق مۇتلەق قىممىتى ئىنتايىن چوڭ. يۈزەكى مۆلچەرلەپ باقساق، بۇ خىل مونوپولنى كەسىپ قىلغان قارا ياقىلىقلار پۈتۈن جۇڭگۇ بويىچە 20مىليوندىن ئاشىدۇ.

10يىل ئاۋۋالقى ئازغىنە پۇلغا ئىگە بولغان ئاق ياقىلىقلار( بۇيەردە دۆلەت ئىچىدىكى بارچە تۆۋەن مۇئاشلىق خىزمەتچىلەر كۆزدە تۇتىلىدۇ) بىلەن سېلىشتۇرغاندا، پەقەت مۇشۇ سىياسىي ھوقۇقنى مونوپۇل قىلغان كىشلەرلا ھەقىقىي رەۋىشتە جۇڭگۇلۇقلار نەچچە ئەۋلاد ئارزۇ قىلىشىپ كەلگەن غايە-ئىستەكتىكى راھەت-پاراغەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇيەسسەر بولالىدى. ئۇلار چوقۇمكى ئاللىقاچان ياۋروپا ئامىرىكا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيە كۆرسەتكۈچىگە يېتىپ بولدى ،ياق، تېخى ئېشىپمۇ ھەم كەتتى. ئەلۋەتتە، يەنە بىر قۇتۇپنىڭ باشقا «ئاددىي پۇقرالىرى» بولسا ئۆلچەم كۆرسەتكۈچىدىكى ئۈچۈنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ نامىرات دۆلەتتىكى گىراژدانلىق تۇرمۇش سەۋىيەسىدە تۇرماقتا.

ئەمەلدارلىق تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى بار بولغان بۇ قارا ياقىلىقلار خەلىق ئارسىدىن بىخ سۈرۈپ چىققان ئاشۇ ئاق ياقىلىقلارغا نىسپەتەن، سىياسىي ھوقۇقنىڭ ئاشۇ ئەركىن ئىقتىساد ساھاسىگە بولغان ئەسەبىيلەرچە ئارلىشىشىنى ۋە ئالمىشىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ قويدى- سىياسىي ھوقۇق ئەلۋەتتە ئىقتىسادىي ھوقۇقنى ئۆز قولىغا ئالىدۇ. بۇنداق ئۆزى پايدا ئېلىپ ئۆزىنى سەمىرتىدىغان ئىقتىساد سالاھىيىتى - ئەمەلدارلارنىڭ پاكلىق ئىدىيەسى ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساسىي ئۇل دەپ بىلىشكە  تەھدىت سېلىپ قويدى. قانۇنلۇق خاراكتېرى بولسا بۇلغىنىشقا ئۇچىرىدى، سىياسەتنىڭ قائىدىلىك ئابرويى بولسا دەپسەندە قىلىندى. ئەمەلدارلار بولسا خەلىقنىڭ چاكىرى بولۇشتىن «خەلىق خوجايىنى»-ئاممىنىڭ خوجىسىغا ئايلىنىپ قالىدى، ئاممىۋىي مەنپەئەتنىڭ ھەققانىيەت ھۆكۈمدارى بولسا شەخسىي مەنپەئەتپەرەس گۇرۇھنىڭ باياناتچىسىغا ئايلاندى. دۆلەت ۋە جەمىيئەتنىڭ  ئامانلىقىنى ساقلىغۇچى، كېچىللىرى بولسا قوغدىغۇچى بولۇشتىن ۋە ئەقەللىي ئادىمىيلىكىدىن چېكىنىپلا شەخسىيەتچى نومۇسسىز ئوغىرلارغا ئايلاندى. بۇ بولسا بىر ئىنتايىن خەتەرلىك يۈزلىنىش.

ئاق ياقىلىقلار تەبىقىسىگە نىسپەتەن بولسا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا. ياكى بىر نامىراتنىڭ بالىسى ئوقۇپ ياخشى بىر ئاق ياقىلىق بولالايدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاق ياقىلىقلار ئۇنۋىرسىتىتتىكى ئادەم كۈچى بايلىقى تولۇپ تۇرغان جۇڭگۇدا قىممىتى ئەرزىمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. نىسپەتەن ئېيىتقاندا، قارا ياقىلىقلار تەبىقىسى بولسا پۈتۈنلەي پېچەتلىنىپ بېكىتىلگەن( مەخپىي قىلىنغان-بېكىنمە ھالەت)، دەل بۇ پېچەتلەنگەنلىك سەۋەپ، ئاندىن بۇيەرلەر خۇددى ئېسىل مالنىڭ باھاسىغا يەتكىلى بولماس دېگەندەك ئاسانلىقچە قول تىققىلى بولمايدىغان جاي بولۇپ قالدى. ئاممىۋىي ئاپپىراتلار بولسا ئەمەلىيەتتە ئەمەلدارلار ھوقۇق گۇرۇھىنىڭ قولىدىكى شەخىسىي ئارقا قورا جايغا ئايلاندى. مەگەر ئاددىي بىر پۇقرا بالىسى بۇ توپقا كىرمەكچى بولسا، نەزىرىيە جەھەتتىن بۇ مۇمكىن ئەمەس، پەقەت بىر تۇيۇق قاراڭغۇلىق.

توغرا، ئاممىۋىي مۇلازىمەت خادىملىرى(公务员){ بۇ سۆزنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى ئىنگىلىزچە ‹civilservant›دېگەن سۆز بولۇپ، شۇ ئاساستا تەرجىمە قىلىدىم} دەرۋەقە ئاشكارا قوبۇل قىلىنىدۇ. مونوپول ساھاسىدىكى شىركەت-كارخانىنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىمۇ جەمىيئەتكە ئاشكار قىلىنغان. سەن پارتىيەنى ھىمايە قىلغىن، ئۇنى سۆيگىن، سەن بېرىپ ئىمىتىھان بەرسەڭ بولىدۇ. ئەمما بۇ يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان كىشلەر بۇيەردىكى بىر قائىدىنى- يوشۇرۇن قائىدىنى بىلىشىدۇ. ئىمىتىھاندىن ئۆتەلەمسەن ياكى ياقمۇ بەرىبىر بۇ ئىمىتھان نومۇرى بىلەن بەلگىلەنمەيدۇ.

قارا ياقىلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئاللىبۇرۇن تەشكىللىك بولۇشقا ۋە دۇنياۋىي مونوپولىيە بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. ئالدىنقىللىرى مۇستەھكەملىكنى بەرقارار قىلىشسا، كېيىنكىللىرى ۋارىسلاردىن بولىشىتى. ئاق ياقىلىقلار دەپ تەمەخورلىق قىلىش تۇماندا غايىپ بولغاچ، قارا ياقىلىقلار ئاستا-ئاستا باش كۆتۈرۈپ، پۈتۈن جەمىيئەتتە ئارقا-ئارقىدىن ئاممىۋىي مۇلازىمەت خادىمى(公务员) بولۇشقا ئىمىتھان بېرىش قىزغىنلىقى كۆتۈرىلىدى.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قارا ياقىلىقلار بولسا پۈتۈن سودا ئىگىدارلىرى قوغلىشىدىغان غايىۋىي تىجارەت ئوبىكىتى بولۇپ قالدى. ئۇلار ئاق ياقىلىقلاردىن ئۆتە ئىنتايىن كۈچلۈك ئىستمال قىلىش ئىقىتدارىغا ئىگە. ئۇلار نەگىلا بارسۇن، شۇيەردە مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ يەرمۈلۈكچىلىككە مەبلەغ سېلىشى بولسا دېھقانلارنى يەرلىرىدىن ئايرىپ، ئاق ياقىلىقلارنى يۇرتىسىز قالدۇردى.

ئاق ياقىلىق قارا ياقىلىققا ئۇچىرىغان ۋاقتىدا، ئىشتان پۇچقاقلىرى ھەم نەم بولۇپ كېتىدۇ(سۈر-تەر بېسىپ). بۈگۈن، شۇنچىلىك ئاران تۇرىۋاتقان خۇسۇسىي ئىگىلىك كارخانىدا ئىشلەپ تۇرىۋاتقان ئاق ياقىلىققا نىسپەتەن، ئۇنىڭ ئاشۇ ئازغىنە مۇئاشى ئۇنىڭ ياتاق-قورساق غېمىنى ھەل قىلىدۇ خالاس. ئارتۇقچە ئىستىمال ئۇنىڭغا نىسپەتەن بەكلا ئاشۇرىۋىتلگەن ئۈمۈتسىز سۆز ھېساپلىنىپ قالدى. يېقىندا تېخى قاراياقىلىقلار-بايلار يىغىلىشى( پۇلى ئون مىليوندىن كەملىرى بىرنەچچىلىكلا) نىڭ ئىككى يىغىنىدا، بىر قاراياقىلىقلار ۋەكىلى –ئىچ ئاغىرتتىمۇ ياكى مازاق قىلىدىمۇ،تاڭ- شۇ ئاق ياقىلىقلارغا تەكلىپ قىلىپ «بېرىپ گۆش سېتىڭلار –ئۆزىنىڭكىنى ئەمەس، چوشقا گۆشى سېتىڭلار » دېدى.

پۈتۈن يەرشارىنى قاپلىغان بۇ مالىيەۋىي كىرىزىستە، نۇرغۇنلىغان چەتئەل كارخانىللىرى ۋەيران بولدى. نەتىجىللىرى نۆل بولدى. بېسىملار ئىچىدە ئادەم قىسقارتىش ۋە مۇئاش تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن ئاق ياقىلىقلارنى ئىشسىز قالدۇردى. بۇنىڭ ئەكسىچە، جۇڭگۇ قارا ياقىلىقلار تەشكىلى بولسا بايلىققا ئېرىشىپ بايلىق ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى.دۇنيانىڭ 500  كۈچلۈك كارخانىللىرىنى ھەۋەستە قالدۇرۇپ، قارا ياقىلىقلار يەنىلا ھېچقانداق خىجىل بولماستىن كوللىكىتىپ ھالدا مۇئاشنى ئۆستۈرۈشكە باشلىدى.

ئۈلپىتىڭ باي-باشلىق بولسا يېيىشىڭ ياغۇ-لوق. قارا ياقىلىقلار قولىدىكى 4تىرلىيونلىق مەبلەغ سېلىش پىلانىنى يولغا قويۇش ئىشى ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا خۇددى روھلاندۇرۇش ئوكۇلى سانجىلغاندەك، نۇرغۇنلىغان قارا ياقىلىقلار ھاياجانلانغان ھالدا « يەنىلا جۇڭگۇ ياخشى، تەشكىل ياخشى، پارتىيە ياخشى، » دەپ چۇقان سېلىشتى.  راست گەپنى ئېيتقاندا، نامىراتلىقتا ئىڭىرلەۋاتقان ئاق ياقىلىقلار بۇ 4تىرلىيونلىق مەبلەغ سېلىشىتن ئازىراق پايدا-نەپ ئېلىپ، ئاشقان-تاشقاننى بولسىمۇ تېرىپ يېيىشى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇخلىماي چۈش كۆرىشى. شۇڭا دەيدۇ:«كوڭ يى جى»{لۇ شۇننىڭ داڭلىق ئەسىرى} دەك بۇنداق شەرمەندە ئاق ياقىلىق قانداق قىلىپ بۇنداق ھاكاۋۇر «ساختا ئەجنەبىي» بىلەن بىرلىكتە سايرىيالايدۇ؟

ئەگەر ئاق ياقىلىقلار ئىلگىرى بىرمەيدان ‹TOEFL›قىزغىنلىقىنى قوزغىغان بولسا، ئۇلار شۇ دەملىك قىزىپتۇ، قارا ياقىلىقلارنىڭ يەرلىرىدە ئەنئەنۋىي دۆلەت ئوقۇشى ۋە ھوقۇق ھازارەت چوڭ قىزغىنلىقى قوزغالدى. يى جوڭ تىيەننىڭ سۇيقەسىت ئىلمى، ۋاڭ لىچۈن نىڭ ئىمپىراتور ئۆگۈنۈشلىكى، ما مو دۇنىڭ ساقلاپ يىغىش ئىلمى دېگەندەكلەر قارا ياقىلىقلاردىن ئىبارەت بۇ جەمىيئەتنىڭ يادىرولىق ئىستىمالچىللىرنىڭ ئىچىدە بىر ئالقىش تەبىقىىنى شەكىللەندۈردى.

قارا ياقىلىقلارنىڭ گۈللەپ ياشنىشى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، 20يىل ئاۋۋالىقى ئاشۇ مەيدان كەسكىن بولغان خىيانەتخورلىققا قارشى ھەرىكەتنىڭ قاتتىق مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، يېڭى گۈللەنگەن زىيالىلار توپى ھوقۇقدارلار توپى ئىچىدىكى بەل تۇتۇشۇپ ئېلىشىشتا پۈتۈنلەي ئاكىتىپلىق رولىنى يوقاتتى. ھوقۇققا مايىل ئىقتىساد ئەڭ ئاخىرى 10يىل ئىچىدە سان ئۆزگىرىشتىن سۈپەت ئۆزگىرىشكە قاراپ يۈزلىنىپ، زىيالىلارغا مايىل ئىقتىساد ۋە ئەركىن ئىقتىسادنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ توپا تېگىگە كۆمۈلۈپ كىرىشنى تاماملىدى. ھوقۇقدارلار تەشكىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىگە نىسپەتەن مونوپولىيەسىمان سۆز ھوقوقىنى قايتۇرۇپ ئالدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى « قايناق ھېسىياتتا ئۆتكەن كۈنلەر». «ھەربىي مارش ياڭرىسۇن» « ئېسىل توي» ۋە « ھەممەيلەن قېرىنداش» قاتارلىق تىياتىرلار، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى بىرىنچى ئەۋلاد قارا ياقىلىقلارنىڭ تۇرمۇشىنى مەركەزلىك ھالد گەۋدىلەندۈرۈپ قويدى. ھوقۇقنىڭ ئالاھىدەھوقۇقى ئاستىدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئىللىق ۋە ئىناق شەكىلدە ياسالما ئوينالدى، زىيالىلار تەبىقىسىدىكىلەرنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئۆلۈمدىن بەتتەر ئاچچىق كۈنلىرى ۋە دېھقانلار تەبىقىسىنىڭ قوساق تويغۇدەك چۆپ ھەم يېيەلمىگەنلىكىدەك ئاچچىق ھەسرەتلىك ئاپەتلىك تارىخى نەلەگىدۇر غايىپ بولدى. بۇنداق ئاساسىي تېمىنى چۆرىدىگەن ھالد كونا ھېسىياتنى ئەسلەش بولسا رەزىللەرچە گۈزەللەشتۈرۈلۈپ تارىخقا خىيانەت قىلىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

ئىلگىرىكى پارتيە مەكتىپىنىڭ تالانتلىق ئوقۇغۇچىسى، ھازىرىقى قارا ئىلمىي ئۇستاز فىڭ لۈن خوجايىن تەرىپىدىن ھېچقانداق تۈزۈت قىلىنمىغان ھالدا «ئۆي قۇلى» دەپ ناملاندى. بىر «قۇل» دېگەن سۆز بىر گۇرۇھ كىشلەرنىڭ كۆرۈنىشتىكى ياقىسىنى يىرتىپ تاشلىدى. سەمىيمىلىك بىلەن ئېيتقاندا، ئاق ياقىلىقلار ھېچقانداق جەمىيئەت ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس، ئىش تاشلاش ھوقۇقى يوق، (ئۆز رەھبىرىنى) سايلاش ھوقۇقى يوق-كىم باشلىق بولسا شۇنىڭ شىركىتى بۇ، (ئۆز ئورنىدا) سۆز ھوقۇقى يوق- يۇقىرى دېگەن سۆز شەرتىسىز ئادا قىلىنىشى كېرەك بولغان بۇيرۇق، ئۇلارنىڭ ھوقۇقى يوق، مەبلىغى يوق. دەرىجىسى ھەم  يوق. ئەكسىنچە، قارا ياقىلىقلار بولسا بۇ دۆلەتكە نىسپەتەن « تەڭىرىنىڭ تاللىغان بەندىللىرى»{يەھۇدى كىتاپىدىكى بىر سۆز بولۇپ يەھۇدىلار ئۆزلىرىنى تەڭىرىنىڭ تاللانغان بەندىللىرى دېيىشىدۇ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن يارىتىلغان قۇل دېيىشىدۇ}.ئۇلارنىڭ ئۆي، بېلەت، ماشىنا ...قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىللىرى پەقەتلا خوتۇنلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشتىن باشقا، ھېچقانداق چەكلىمىسىز پايدىلىنىش ۋە ھوزۇرلىنىشقا بېرىلىدۇ. «ئاددى پۇقرالار» ئۆزئارا تالىشىپ يۈرگەن ئاتالمىش بازار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەت مەسىلىسى يۈز بەرمەيدۇ.

ئاق ياقىلىقلار شۇنچىلىك ئاجىزكى، بىر تېپىككە ھەم يارىمايدۇ، كىچىككىنە بىريۈرۈش «بەدەن ئاران سىغىدىغان» ئۆي –شۇ يېتىدۇ بۇ بىچارە ئاق ياقىلىقنى بىر ئۆمۈر ئۆز بېسىمى ئاستىدا بېسىپ يېتىشقا.  ئەمما قارا ياقىلىقلار بولسا خۇددى توپاقتەك تەپسەڭ تەۋرىمەيدۇ، بىر مەيدان نۇرغۇنلىغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغان ئېچىنىشلىق بالىلار سۈت جەۋھىرى«三鹿» سەنلۇ دېلوسى، ھېچقانداق بىر ئەمەلدارنىڭ كەسپىي جىنايىتى تۈپەيلى مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلغانلىق  خەۋىرى يوق، پەقەتلا شۇ ئىنتىزام بويىنچە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بىلەن ئىش پۈتتى.

قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە ئەدىليە ھوقۇقىغا بولغان ئىگىدارچىلىق سەۋەپلىك ، قارا ياقىلىقلار نامدا ھەم ئەمىليەتتە ھەم جۇڭگۇنىڭ بىر پۇقراسى بولىدى. ئۇلار كەڭ-كۇشادە ھالد بىر گىراژداننىڭ ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقلىرىدىن بەھىرىمەن بولىدۇ. ئاددىي ئىنسانىي ھوقۇق، مۈلۈك ھوقۇقى، گىراژدانلىق ھوقۇقى، سايلام ھوقۇقى ۋە بارلىق جەمىيئەت پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلار بەھىرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەممە نەرسىدىن تولۇق ۋە رازىمەنلىك ئىلكىدە بەھرىمەن بولۇشقا ئېرىشىدۇ.

بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، كۈنسايىن ئومۇملىشىۋاتقان ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەتىۋارلىشىدىن ئايرىلىۋاتقان ئاق ياقلىقلار توپى بولسا ئاددىي ھوقۇقلىرىدىن ھەم مەھرۇم. جەمىيئەت پاراۋانلىق ياكى گىراژدانلىقنى دېمەيلا قوياي. ئۇلار ئەمەلدارلار تەرپىدىن «گىراژدان» بىلەن ئوخشاش ئاتىلىدىغان « ئاۋام خەلىق » ياكى «ئامما» دەپ ناملىنىدۇ. نىسپەتەن قۇل ياكى ماشىنا ئادەم. ئۇلار كۆپنىچە ئەمەلدارلار تەرىپىدىن نەچچە يۈز مىلياردلىق دۆلەت بايلىقى كېلىدىغان مەنبە دەپ ياكى چىرايلىقراق ھالدا« ئەمگەك كۈچى تايانچى» دەپ ناملانسا، سىرتقا بولغان ئاتىشى بولسا« خەلىق». كۆپنىچە «جۇڭگۇ خەلىقىنىڭ ھېسياتىغا ئازار بەرگەن» چاغلاردا ئىشلتىلىدۇ.

ئاق ياقىلىقلارنىڭ مەغلۇبىيىتى زىيالىلار ئەزىمەتلىرىنىڭ نامىرات تۇيۇق يوللىرى ۋە جۇشقۇن كەيپىياتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.  قارا ياقىلىقلارنىڭ ياشناپ-گۈللىشى بولسا ھوقۇق ئېڭىنىڭ كېڭىيىپ بېرىشىغا ۋەكىللىك قىلىۋاتىدۇ، خۇددى تارىختىكى زىيالىلارغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت قانداشلىق نەزىرىيىسى ۋە سۇيقەست ئىلىمى قايتا كەلگەندەك. «زىيالىلارنىڭ قىمممىتى يوق» چوقۇمكى «كىتاپ ئوقۇشنىڭ پايدىسى يوق» دېگەننى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. جۇڭگۇ جەمىيئىتى بېكىنمە كاپىتالىزىم يولىغا بىر چوڭ قەدەم تاشلايدۇ. جەمىيئەت ھازارىتى كۈنسايىن ئېلىشىپ ئەبجەشلىشىپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا لۈكچەك ھازارەت ۋە ئوردا ھوقۇقدارلىرى قارا پەردىسىنىڭ يېپىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قارا ياقىلىقلارنىڭ ئاق ياقىلىقلارغا توسۇپ زەربە بېرىش ۋە تاشلاپ ئۆلتۈرىشى كەلگۈسى جەمىيئەتتىكى ئاساسىي ئېقىمنىڭ قارنىدىكى يېڭى گۈللىنىدىغان ئوتتۇرا قاتلامغا مەنسۇپ ئاقسۆڭەكلەر توپىنىڭ قوساق ئىچىدىلا تۇنجۇقۇپ قېلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. گىراژدانلىق جەمىيئىتى قۇرۇش ئىلھامى ھەرىكىتى بولسا توپىغا باستۇرۇپ يوق قىلىنغان كەبى سورۇپ تاشلىنىدۇ. بۇنداق بايلىق قاپقىنى ۋە ھوقۇقدارنىڭ بىرلىكتە زەربە بېرىشى بىر مىللەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاتكارلىق روھىنى ئېغىر دەرىجىدە چېكىندۈرۈپ ۋە يوق قىلىپ تاشلايدۇ. جەمىيئەت قۇرۇلمىىسى ۋە ئۇچۇر قۇرۇلمىسى نىڭ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا قېتىتىپ  ۋە تەنلىرىدىن جۇدا قىلىنىپ، ياش بىر ئەۋلادلار يىللار مابەينىدىكى كونا قېلىپتىكى پايدا كۆرسىلا ئۆزىنى ئاتىدىغان باشقىلارنى بېسىپ يوق قىلىدىغان كىشلەر تەرپىدىن جەمىيئەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەبىقىسىغا باستۇرىلىۋىتىلىدۇ. ساغلام جەمىيئەت مۇئامىلە يۈرۈش ۋە بايلىق ئايلىنىش ئىشلىرى ئىزىدا توختاپ، جەمىيئەت ئىلگىرىلىشىنى تېزلىتىدىغان ھاياتى كۈچ ۋە بۇلاقلار بولسا دەم تارتمايلا يوق قىلىنىدۇ.

غالىپلار پادىشاھتۇر دەيدىغان بۇنداق ئەسەبىيلەشكەن ھازارەت، ۋاستە تاللىمايدىغان ئەمەلدارلار سۇيقەستىلىك ھازارەت، تەبىئىي شەيئىلەرنى ئەسەبىلەرچە ئىگەللىۋالىدىغان يۈزى چوڭ كەلدى دەيدىغان ھازارەت ۋە ئالىجاناپ ئۈستۈن مەنچىڭخۇۋاڭ پادىشاھى  ئوينىغان ئويۇن شۇكى ، ئاق ياقىلىقلار قائىدىسى مەغلۇپ بولۇپ قارا ياقىلىقلار قائىدىسنىڭ كۆتىرىلىشىگە دالالەت قىلىپ تۇرۇپتۇ. جۇڭگۇ جەمىيئىتى زىيالىلار ۋە مەدەنىيەتنىڭ جاپالىق ئويغۇنىشىنى قايتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ياۋايى ۋە بىلىمىسز بولغان ھوقۇقدارلار تەرىپىدىن يېيىلىپ، ئاجىزلارنىڭ گۆشى قاتارىدا كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن يوق قىلىنىدۇ.

ئىنسان يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ. سۇ تۆۋەنگە ئاقىدۇ. پۈتۈن جەمىيئەتنىڭ ھەۋەس قىلىشى بىلەن، كۆرەلمەسلىك ۋە ئۆچمەنلىك نەزىرىدە، قارا ياقىلىقلار تەبىقىسى بىر تەرەپتىن جەمىيئەتتىكى ئورنىنى مۇقۇملاشتۇرۇشقا تىرىشسا،(سىياسىي ۋە ئىقىتسادىي ئورنى) يەنە بىر تەرەپتىن ئىپتىدائىي توپلاشلىرنى بېجىرگەندىن كېيىن، ئۇلار يېڭى قۇرۇقلۇققا قاراپ يول ئېلىشىدۇ- پۇلنى ئېلىپ قېچىش. ياكى مەبلەغ سېلىپ باشقا دۆلەتكە يۆتكىلىپ كېتىش. ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرنىڭ ھەقىقىي ھالدا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئۆلچىمىدىكى تۇرمۇش سەۋىيەسىدىكى جەمىيئەتكە كىرىش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بىرۋاقىتتا ئۆزلىرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ھەم مەڭگۈلۈك ھالدا سۈيى چوڭقۇر ئوتى ئىسسق جۇڭگۇدىن ئايرىلىپ چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

بىر ئۈزۈندە« ھازىرىقى ئەمەلىيەتكە تەھلىل- سەن سىقىلىپ كىرمىسەڭ، ئەلۋەتتە سەن مەڭگۈ قەلەندەر» . دۆلەتنىڭ سىتاستىكا قىلىشىغا قارىغاندا، 2004 يىلى جۇڭگۇ دېھقان خەلىقى نورمال يىللىق كىرىم 2936 يۈەن،  يىللىق كىرىم ئۆلچىمىدىن 668 يۈەن ئاز ئىكەن. جۇڭگۇ يېزىللىرىدىكى مۇتلەق نامىرات دېھقانلار نوپۇسى 26 مىليون بىر يۈزمىڭ ئىكەن. ئەگەر خەلىقئارا ئېتىراپ قىلىنغان ئۆلچەمدىكى بىر ئادەم بىر كۈنى بىر دوللار لىق سەۋىيە بىلەن ھېساپلىغاندا، جۇڭگۇدا تېخى 210مىليون ئادەم مۇتلەق نامىرات تۇرمۇشتا. «8-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، ھۆكۈمەت ئىشىلىرى ئۈچۈن ماشىنا ئىشلىتىش بولسا پۈتۈن دۆلەت مالىيە چىقىمىنىڭ 38%نى ئىگىللەپتۇ. پۈتۈن دۆلەت ئومۇمى چىقىمى 3تىرلىيون 796مىليارد يۈەن ئىچىدە 37.5% بولسا مەمۇرىي ئاممىۋىي مۇلازىمەت خادىملىرىنى بېقىش ئۈچۈن ئاجىرىتىلدى. ئومۇمنىڭ پۇلىغا خەجلەپ يېيىش ئىچىش ۋە چەتئەل ساياھىتى چىقىمى بولسا 900مىلياردىن ئارتۇق.

.........................……

...............................……

..........................……

خۇلاسە شۇكى، ۋەيرانچىلىقنىڭ ئەسلى تۈپ مەنبەسى- بايلىق-ئىقتىسادنىڭ جەمىيئەتتىكى شۇ ئازغىنە بىرقىسىم كىشلەر(قارا ياقىلىقلار)نىڭ قولىغا توپلىنىپ قېلىشلا بولۇپ قالماي بەلكى ،يەنە ئەسلى بايلىقلارنىڭ تەقسىملىنىش ئۇسۇلى بابىدا يوشۇرنۇپ ياتقان يوچۇقلار ۋە ناقىسلىق. ئىنسان ئۆز ئەقلى بىلەن بۇ يوچۇق ۋە ناقىسلىقتىن پايدىلىنشقا بەكلا ماھىر كېلىدىكەن( ئەگەر ئۇنىڭ ھەرۋاقىت قورقىدىغان بىر نەرسىسى بولمىسا،)   تۇنجى قويۇلغان بۇ ئۇل تاش ئەگىرى كەتكەن بىنا ئەلۋەتتە قىڭغىر بولۇپ قالىدۇ. ئۇنى تۈزلەش ۋە تىكلەش بولسا قايتا قۇرۇشنى تەلەپ قىلىش دەرىجىسدە، خىزمەتلەرنى مۈشكۈل قىلىۋىتىدۇ.

تەرجىماندىن.

تەرجىمە ئەسەر.

مەنبە:

http://wenku.baidu.com/view/75f2757001f69e31433294f2.html

作者: 郎咸平

ئىختىيارلىق ھەرگىزمۇ چەكسىز ئەركىنلىك ئەمەس.
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
9438
يازما
282
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4992
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
232 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-7 14:27:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ بۇ ماقالىدا دىمەكچى بولغۇنى سەل مۇرەككەپراقمۇ قانداق؟

UID
2287
يازما
58
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1738
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-13
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-7 18:03:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاڭ شىيەنپىڭنىڭ ئەمەس،توردا مۇشۇنداق خەقنىڭ نامىنى ساتىدىغان ماقالىلار جىقلاپ قالدى.
بۇنى قوساق كۆپۈگى جىق ياشلار يېزىپتۇ(فېنچىڭ دەپ قويۇشاتتى،ھازىر نۇرغۇن ئوتتۇرا ياشلار قوشۇلدى.)

UID
8436
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
260
تىزىملاتقان
2011-1-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-7 19:09:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار ئۇچۇقتىن ئۇچۇق ئۇلۇغ جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسىگە قارشى تۇرغىلى، زەھەرخەندە تۈكۈرۈكلىرىنى بىزنىڭ كادىرلىرىمىزغا چاچقىلى تۇرۇپتۇغۇ.

UID
9957
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
180
تىزىملاتقان
2011-3-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-7 19:12:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى كىم يازغان بولسۇن، مەن بۇنى ئوقۇپ شۇنى ئويلاپ قالدىمكى،  ئاپتورى كىم بولسا بولسۇن، بۇ شۇنداق ئاچچىق ، زەھەردەك  ئەمىليەتتىن ئېلىنغان راسىت گەپلەركەن.    تېما يوللىغۇچىلارنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ياكى ئاپتورنى ماختىمايۋىتىپتىغۇ بۇ ماقالىدە، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن بىز مەزمۇنغا ئېتىبار بېرەيلى، گەپنى بۇرىماي.

UID
9553
يازما
40
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
400
تىزىملاتقان
2011-2-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-8 01:07:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدە يېزىلغانلىرىنى ھەرگىز يالغان دېيەلمەيمىز،لىكىن مەسىلە ئۇنچىۋۇلا دەرىجىدە ئېغىر ئەمەستۇ...

تىرىشچان ئەزا

دائىم ئوچۇق ھاۋا

UID
1122
يازما
101
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
827
تىزىملاتقان
2008-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-8 23:38:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېيجىڭ شاڭخەيدە شۇنچىلىك ئېغىر  ، ئاق ياقىلىق  40 ياشىقىچە ئۆي يوق ،ماشىنا يوق ، بالىغا راۋرۇس  ئوقۇش يوق ..... ھە راست  ،ئاۋۇ لاڭ شيەنپىڭ توغرىلىق ئىزدىنىپ باقسام بولغۇدەك ،خېلى بىر نەرسە چىقىدىغان چىراي ،،،،،

ياشا ھەم ئېسىڭدە ساقلا !!!

تىرىشچان ئەزا

ئىختىيارلىق ھەر

UID
9651
يازما
24
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
815
تىزىملاتقان
2011-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-10 23:26:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئۆزى پايدا ئېلىپ ئۆزىنى سەمىرتىدىغان ئىقتىساد سالاھىيىتى - ئەمەلدارلارنىڭ پاكلىق ئىدىيەسى ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساسىي ئۇل دەپ بىلىشكە  تەھدىت سېلىپ قويدى. قانۇنلۇق خاراكتېرى بولسا بۇلغىنىشقا ئۇچىرىدى، سىياسەتنىڭ قائىدىلىك ئابرويى بولسا دەپسەندە قىلىندى. ئەمەلدارلار بولسا خەلىقنىڭ چاكىرى بولۇشتىن «خەلىق خوجايىنى»-ئاممىنىڭ خوجىسىغا ئايلىنىپ قالىدى، ئاممىۋىي مەنپەئەتنىڭ ھەققانىيەت ھۆكۈمدارى بولسا شەخسىي مەنپەئەتپەرەس گۇرۇھنىڭ باياناتچىسىغا ئايلاندى. دۆلەت ۋە جەمىيئەتنىڭ  ئامانلىقىنى ساقلىغۇچى، كېچىللىرى بولسا قوغدىغۇچى بولۇشتىن ۋە ئەقەللىي ئادىمىيلىكىدىن چېكىنىپلا شەخسىيەتچى نومۇسسىز ئوغىرلارغا ئايلاندى

..........
....................
بۇ جۈملىلەر -ئوقۇغانسىرى- تېخىمۇ قاتتىق تۇيىلىدىكەن ئادەمگە!!!

ئىختىيارلىق ھەرگىزمۇ چەكسىز ئەركىنلىك ئەمەس.

تىرىشچان ئەزا

ئىختىيارلىق ھەر

UID
9651
يازما
24
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
815
تىزىملاتقان
2011-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-10 23:47:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 5قەۋەتتىكىbahitlik يوللىغان 2011-03-08 01:07 غا قارتىلغان :
ماقالىدە يېزىلغانلىرىنى ھەرگىز يالغان دېيەلمەيمىز،لىكىن مەسىلە ئۇنچىۋۇلا دەرىجىدە ئېغىر ئەمەستۇ...

بەلكى ئەقىل يۈرگۈزگەن كىشى بىلىدۇ-ئىشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى.!~

ئىختىيارلىق ھەرگىزمۇ چەكسىز ئەركىنلىك ئەمەس.

كۆيۈمچان ئەزا

تارازىغا ئەڭ ئېغ

UID
8321
يازما
78
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2418
تىزىملاتقان
2010-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 00:21:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن پىكرى ئۇچۇق كاللىسى سەگەك زىيالى مەردانىلىك بىلەن ئوتتۇرغا قويغان ئەمەلىيەتكەن بۇ، مۇشۇنداق زىيالىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش