كۆز قاراش ۋە قانۇن- مىزان جەھەتتىن مۇقەددەس كىتاپتىكى ۋەھىيلەرنىڭ مۇۋازىنەتىنى ( تەڭپۇڭلىقىنى) بۇزۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ سەۋەبى
[align=justify] ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇنىڭ مۇۋازىنەت- تەڭپۇڭلىقىدىدۇر، ئاللاھ ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە ئاساسەن قۇرئانى كەرىمدە ئىنسانلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان مىزانلارنى بايان قىلىپ ، كىشىلەرنى ئۈگىنىشكە ۋە ئەمەل قىلىشغا چاقىرغان . تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، ئەگەر ئىنسانلار ياكى مەلۇم بىر مىللەت ياكى دۆلەت ، ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە بايان قىلغان مىزان بويىچە ياشىسا ، ئىنسانلار ياكى بۇ بىر مىللەت ھەر خىل جىنايەتلەرنى ئۈنۈملۈك چەكلەپ تېنچ- ئەمىن ، دوستانە يۆلىنىشكە قاراپ ماڭىدۇ ۋە ئۆز كاللىسىدىكى تەپەككۇرنى ئېچىپ يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ بايلىق يارىتالايدۇ ۋە بۇ بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ مىللەت دۆلەتكە ، خەلققە بەخت ئېلىپ كېلەلەيدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرىدا تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت گۈللەپ ياشناشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ . ئەكسىچە بولسا، ئەگەر ئاللاھنىڭ مىزانىغا خىلاپلىق قىلىپ ، سۈنئى ھالدا بۇ قانۇن-مىزاندىن چىڭ ، ياكى بۇ قانۇن- مىزاندىن بوش مىزان تۈزۈپ چىقىلسا ، ئوبېكتىپ ئەمىلىيەتكە ، ئوبېكتىپ قانۇنىيەتكە ۋە ئەسلى ئەقىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ئاللاھ ئىنسانلارغا تۈزۈپ بەرگەن مىزاندىن ھالقىپ كېتىشنى ياكى چىڭىتىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بۇ ئىسلامنىڭ ئىناق خۇسۇسسىيىتىنى ۋە ۋەھىينىڭ مۇۋازىنەتى- تەڭپۇڭ تۈزۈمىنى بۇزىدۇ ، شۇنداق بولغاندا بۇ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ، ئۆز مەيلىگە قويىۋېتىشىنى ، ياكى بوغۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىمەك، بىز سۈنئى ئۇسۇلدا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ، يەنى قۇرئانى كەرىمدىكى ۋەھىي - نىزاملاردىن بوش ياكى چىڭ مىزان تۈزىۋالساق ، ئىنسان تەبىئىتى ياكى ھەددىدىن ئاشىدۇ ياكى ئۆزىنى ئۆز مەيلىگە قويىۋېتىلىدۇ ، ياكى قاتتىق بېسىمغا ئۇچرايدۇ، بوغۇلىدۇ . نەتىجىدە ئىنسانلار توپىدا مۇقەررەر ھالدا مۇنداق 2 خىل ھادىسە پەيدا بولىدۇ : بىر تەرەپتىن ئەگەر بىز سۈنئى ئۇسۇلدا تۈزىۋالغان مىزان قۇرئانى كەرىمدىكى ۋەھىيىۋى مىزاندىن بوش بولسا ، ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاچكۆزلۈك، يەڭگىلتەكلىك ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىنمايدۇ ۋە ئىنسانلار ئۆزىنى ئۆز مەيلىگە قويىۋېتىدىغان، شاللاق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ جىنايەت يولىغا قاراپ مېڭىپ ، ئاخىرىدا جەمىيەتنىڭ ئەمىنلىگى، ئىناقلىقى ۋە ئىتتىپاقلىقى ۋە مەدىنىيەتلىك تەرەققى قىلىشىغا تەسىر قىلىدۇ ياكى بۇزىدۇ . ئەكسىچە يەنى بىز سۈنئى ئۇسۇلدا تۈزۈۋالغان مىزان ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زىت ياكى مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ، قۇرئانى كەرىمدىكى ۋەھىييىۋى مىزاندىن چىڭ مىزان بولسا ئۇنداقتا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئاجىزلىق تەرىپى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ، سۈنئى ئۇسۇلدا تۈزىۋالغان مىزانىمىز ئوبېكتىپ ھالدا ئىنسان تەبىئىتىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ ، ئىجادچانلىق روھىنى بوغىدۇ ، ئادەمنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى بوغىدۇ ياكى بۇزىدۇ ، ئىنساننىڭ يوشۇرۇن كۈچى مۇۋاپىق ھالدا ئېچىلمايلا قالماي بەلكى كۆمىلىدۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەتتا شەيئىلەر راۋاجلىنىپ چېكىگە يەتكەندە چوقۇم ئەكىسىگە يېنىپ قېلىشى مۇمكىن . تارىختا يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاجىزلىشىشى ، ئىلىم- پەن مەدىنىيەتنىڭ قالاقلىقىنىڭ تۈپ نېگىزىۋىي سەۋەبى بۇ دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە مەلۇم فىقھى ئۆلىمالار تۈزىۋالغان ئاز بولمىغان مىزانلار ۋە كۆز قاراشلارنىڭ ئاللاھنىڭ مىزانىدىن ئېشىپ كەتكىنى سەۋەپ بولغان، جەمىيەت مىزانى ( مۇستەبىت ھۆكۈمرانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۇنىڭ ئىپادىسىدۇر)دىن باشقا ، دىنىي ئەمەللەر (ئىپادىلىنىشى مۇرەككەپ رەسىمىيەت ۋە قائىدە-يوسۇنلار ھەددىدىن تاشقىرى كۆپىيىپ كەتكەن ، چۈنكى مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىز زامانىدا ئىسلام ئەمەل قىلىشقا ئاسان ھەم يېنىك ئىدى) قۇرئانى كەرىمدىكى مىزاندىن چىقىپ ھالقىپ كەتكەن، ئىسلام ۋەھىيسىدىكى مۇۋازىنەت- تەڭپۇڭلۇق سۈنئى ئۇسۇلدا بۇزۇلغان ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادكارلىق روھى ۋە ئىجادىي تەپەككۇرى قاتتىق بوغۇلغان . مۇشۇ سەۋەپلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەسىر قىلىشىدىن مۇسۇلمانلار توپى ۋە مۇسۇلمانلار جەمىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى پەيدىن پەي ئاجىزلاشقان ، نەتىجىدە بۇ دۇنيادىكى پىكىر قىلىش ھوقۇقى، باشلامچىلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقى پەيدىنپەي ئاشۇ ھاياتىي كۈچكە ۋە ئىجادكار كۈچكە ئىگە مىللەتلەر تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنغان . مۇسۇلمانلارنىڭ تەقدىرى بولسا باشقىلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنىش بولغان . يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى دۆلىتىمىز مەدرىس مائارىپلىرىدا يېتىشىپ چىققان كۆپچىلىك ئاخۇنلار نەچچە 10 يىل ئىجتىھاد بىلەن ئۈگىنىدۇيۇ ئىلىم- پەن ۋە نەزىرىيە جەھەتتە تۆھپىلىرى يوق دىيەرلىك، مانا بۇ كېسەلنىڭ تۈپ مەنبەسىدۇر.
ئىسلام دۇنياسىدىكى بىر قىسىم دىنىي مىزان ، دىنىي قانۇنلارنى ، ۋە دۆلەت تۈزۈمىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىدىغان بولساق مۇنداق بىر ھادىسىنىڭ ناھايىتى كۆرىنەرلىك ئىكەنلىگىنى بىلىمىز: بىز سۈنئى ھالدا ئاللاھنىڭ مىزانىدىن ھالقىپ كەتتۇق، ئاللاھ بىزگە رۇخسەت قىلغان، توغرىراقى ئىنسان تەبىئىتى ئېھتىياجلىق بولغان ، مەسىلەن: بىزگە 100 كۋادرات مېتىر كۆلەمدە ھەركەت قىلىش رۇخسەت قىلىنسا ، لېكىن بىز تەقۋالقىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن سۈنئى ئۇسۇلدا ئاللاھنىڭ بۇ قانۇنىنى كىچىكلىتىپ ، تارايتىپ ئاڭسىز ھالدا مۇسۇلمانلارنى پەقەت 90 كۋادرات مېتر كۆلەمدە ھەركەت قىلىشقا چەكلىدۇق . نەتىجىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجاكار كۈچى ۋە تەپەككۇرى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئاستا -ئاستا بوغۇلدى . چۈنكى بۇ ئىسلامنىڭ تەڭپۇڭ- مۇۋازىنەت خۇسۇسىيىتىگە ، ئىسلام مۇۋازىنەتىگە خىلاپ بولغاچقا ئەلۋەتتە ئۇنىڭ جازاسىغا ئۇچرايمىز، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاجىزلىشىشى مانا بۇنىڭ دەلىل- ئىسپاتىدۇر .
ئىسلام دىنىنىڭ مۇۋازىنەتى ئاللاھ ئىنسانلار ياشاۋاتقان جەمىيەتكە تۈزۈپ بەرگەن يول ، يەنى ئىنسانلار جەمىيەتى قانۇنىدۇر، كىم بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلسا ، شۇ جازاغا ئۇچرايدۇ ، ئاللاھ «قۇرئانى كەرىم» سۈرە بەقەرە 7-ئايەتتە : «ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدىدۇر ، ئەنە شۇلار غەلىبىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر » دەپ يېزىلغان. لېكىن بىز بۈگۈنكى كۈندىكى مۇسۇلمانلار مەيلى ئىقتىسادىي ، سىياسىي ، ھەربىي ۋە پەن تېخنىكا ساھەلىرىدە غەلىبىگە ئېرىشمىدۇق ، بۇ بىزنىڭ ئاللاھ بىزگە كۆزسىتىپ بەرگەن ھەق يولغا ھەقىقىي بويسۇنمىغىنىمىزنى ، ھازىرقى مۇسۇلمانلار جەمىيىتىدە قۇرئانى كەرىمگە ئۇيغۇن ، ئىسلامنىڭ مۇۋازىنەت تەڭپۇڭلىقىنى ھەقىقىي نامايەندە قىلىدىغان ئەقىدە ، فىقھى ۋە دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىلمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھازىر چوقۇم ئۆز رېئاللىقىمىزنى ، ئەنئەنىمىزنى، ئىدىيولوگىيەمىزنى، نەزىرىيەلىرىمىزنى ۋە فىقھى- مىزانلىرىمىزنى، قائىدە- رەسمىيەتلىرىمىزنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ بېقىشىمىز ، چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەك . ۋە قۇرئانى كەرىم، ھەدىسلەرنىڭ روھىنى قىممەت ئۆلچىمى قىلىپ ، كىسەللىك مەنبەيىنى تېپىپ ئۆز ۋاقتىدا داۋالىشىمىز كېرەك ، مۇشۇنداق بولمىسا بىز بۇ قىيىن ئەھۋالدىن ، مۈشكۈل شارائىتتىن بۆسۈپ چىقالمايمىزۋە شۇنىڭدەك ئىسلام روھىنى كەڭ جارى قىلدۇرالمايمىز.
بۈگۈنكى كۈنىمىزدە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مودا بولىۋاتقان بىر غەلىتە ھادىسە شۇكى، بىز كەمتەرلىك بىلەن ئۆزىمىزدىن سەۋەب ئىزدىمەيمىز، مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبىنى سىرتقى سەۋەپلەرگە ئىتتىرىپ قويىمىز، ئوبېكتىپ جەھەتتە مۇنداقلا دەپ قويۇپ بۇ مەسىلىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلايمىزي، سۇبېكتىپ جەھەتتە چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ باقمايمىز ، نەتىجىدە بىز ئورنىمىزدا پېقىرايمىز ، ھاياتىي كۈچكە ئىگە ، قۇرئانى كەرىمنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ، ئىسلامنىڭ تەڭپۇڭ - مۇۋازىنەتىنى نامايەن قىلىدىغان ، بىزگە يول باشلاپ گۈللەنگەن ، مەدىنىيەتلىك، باي-كۈچلۈك ئىدىيىۋى - نەزىرىيەۋىي سېستىما قۇرۇپ چىقالمايمىز.
ئىزاھ : بۇ ماقالە ئېلىمىزدە 15يىلدىن بېرى ئىسلام مەدىنىيىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان خۇيزۇ ئالىم مايۇفاڭ ئەپەندىنىڭ « مۇسۇلمانلار مەدىنىيىتىنىڭ قايتا گۈللىنىشى ھەققىدە ئويلىنىش» تېمىسىدىكى چوڭ ھەجىمدىكى ماقالىسىنىڭ كىچىك تارمىقى تاللاپ تەرجىمە قىلىندى .