كېچە ، بىر مىنۇت...
Aman121
شەھرىزاتنى ئەسلەپ قالىمەن ،
قۇياش ئۆيىگە قايىتقان شۇدەم .
چەكسىز بوشلۇقتا لەيلىمەك بولۇپ،
يىگانە بىر نۇر تاشلايدۇ قەدەم .
- پەقەت ئوقۇتقۇچى يېنىپ تۇرغان شام ،
- ياق ، بارلىق ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بىر شام .
كۆيمىگەن ئادەملەر ئادەم ئەمەس ،
(ئادەم ئاتىمۇ كۆيۈپ تۈگكەن بەس!)
پىلدىرلاپ تۇرىدۇ ھارارەت ئىچرە ،
يورىتىپ مېنىلا بىر جۈپ مۇڭ بۇلاق .
سىرغىپ چۈشمەكتە سۆيۈملۈك ھېسلار ،
قۇت دىگەن ئەمەسكەن ئەسلى تۆتقۇلاق .
- ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋاتقان كېم؟
- ئۇ ھەم ھەممە ھەم ئەمەس ھېچكىم .
غۇلجا
Aman121
غۇۋالىققا چۆكۈپ كېتىدۇ ،
ئۇيقۇدىكى ئۆتكۈنچى شەھەر .
لايدىن پۈتكەن ئادەملەر بەك كۆپ ،
(جىمجىتلىقنى بۇزغۇسى يوقتەك ،)
ئايدىڭدىمۇ يالتىرار سەھەر .
ئەركىن بازار - بۈيۈك تىياتىر ،
رول ئالىدۇ ھەتتا قەلەندەر .
سەۋەپ سوراپ يۇرمەيدۇ ھېچكىم ،
كىملەر خۇشال ،كىملەر ئەلەمدە .
ئېلاخۇن مۇڭىدىن...
يىيىلماقتا ئىلى دەرياسى .
بۇ يەردە يوق قۇملۇق ناخشىسى،
كىم بىلىدۇ،..
قايسى تارانچى، قايسى قاشقالىق،
قارا دۆڭدە سىغدىلىپ ياتقان.
ئايخانمۇ يوق نازىمىمۇ يوق، .
قازانچىغا ئوت ،مەشئەل ياققان.
سادىر كەلدى ،
مالخىيى يوق لىكىن بىشىدا....