تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1523|ئىنكاس: 15

قان رەڭ لېرىكا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2102
يازما
62
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2204
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-31
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 13:48:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قان رەڭ لېرىكا

جان تالىشار خىلۋەتلەر ئارا،
    مۇز تۈرمىگە مەھكۇم مۇھەببەت.
  روجەكلەردىن تاشىدۇ پىغان،
   ھەيكەلدەكلا جانان بىشەپقەت.

ياق، ياق!
    جانان ئەمەس ناتونۇش قىز ئۇ،
ئادرىسىمۇ نامەلۇم تېخى.
كۈلكىسىدىن نىسىۋەم يوقتۇر،
يات كۆكرەككە تامىدۇ يېشى.

چۈشلىرىمدە ۋىسال تاپىمەن،
رېئاللىقتا چېكىمەن ئازاپ.
  چىدىماستىن مەجنۇن تۇرقۇمغا،
مىسرالىرىم كېتىدۇ يىغلاپ.

  ئۆتۈپ كېتەر ۋاقىت شىپىلداپ،
   قېرىمايدۇ قان رەڭ لېرىكا......




2011-يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنى


مەنبە: ئىجادىيەت

تەلمۈرگەن كۆزلەر......
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
4828
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
312
تىزىملاتقان
2010-8-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 16:00:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇردۇم.... قان رەڭ لىرىكىدىن تەپچىپ تۇرغان چىن سۇيگۈنى كۆرگەندەك بولىۋاتىمەن....

UID
7397
يازما
322
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10295
تىزىملاتقان
2010-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 18:38:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرىگىمدە تاتلىق بىر نىدا،
كۆزۈم يارنىڭ كىلەر يولىدا.
ئولتۇرىدۇ مەن كۆيگەن يىگىت
خىيال قىلىپ... قەلەم قولىدا.

ھسىلىرىنى چىرايلىق تىزىپ،
گۈلدەستىلەر تىزار يايرىغا.
نەدىكىنە ئۇنىڭ كۆيگىنى؟
خەنجەر ئۇرۇپ ئاشىق باغرىغا.

كۆڭۈل شۇنداق بىر يەردىن چىقماي،
ئاھ ئۇرۇشۇپ ياشايدىكەنمىز.
ۋىسال كۈتۈپ زارىققان كۆزنى
كۈندە مىڭ رەت ياشلايدىكەنمىز.

توموچۇق

    

بەك ياقتۇرىمەن يازمىڭىزنى.....ماسلاشتۇرۇپ يازاي دىسەم..باشقا ياققا كەتتى بۇ .....

UID
2102
يازما
62
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2204
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-31
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 18:43:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىtomoquk يوللىغان 2011-03-05 18:38 غا قارتىلغان  :
يۈرىگىمدە تاتلىق بىر نىدا،
كۆزۈم يارنىڭ كىلەر يولىدا.
ئولتۇرىدۇ مەن كۆيگەن يىگىت
خىيال قىلىپ... قەلەم قولىدا.

.......

ماۋۇ ئىلھامنى! شېئىرىڭىز مېنىڭ شېئىرىمنى بىر چەتتە قالدۇرۇپ قويماس ھە.
رەھمەت.

تەلمۈرگەن كۆزلەر......

UID
6825
يازما
519
تېما
37
نادىر
0
جۇغلانما
11780
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-3
توردا
274 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 18:19:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھابەتنىڭ قۇدرىتى بىلەن نۇرغۇنلىغان مۆجۈزىلەر بارللىقا كىلىشى مۇمكىن،يۈرەك يىغلىسا ھەقىقەتەن قان يىغلايدۇ

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

دائىملىق ئەزا

ئۇنتۇپ كەت يۈرۈگ

UID
2561
يازما
621
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
20247
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 18:42:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى تومۇچۈق جانىم بىلەن بىردەم مۇشائىرە قىلىشساڭلامۇ بوپتىكەن ، مەن يېنىڭلاردا قاراپ تۇرۇپ نازارەتچىلىك قىلغاچ ھوزۇرلانسام

جاھاندا ئۆزۈڭدىن چوڭ كۆڭۈل يوق .

UID
2102
يازما
62
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2204
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-31
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 18:48:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 5قەۋەتتىكىkun^kiz يوللىغان 2011-03-06 18:42 غا قارتىلغان  :
تېما ئىگىسى تومۇچۈق جانىم بىلەن بىردەم مۇشائىرە قىلىشساڭلامۇ بوپتىكەن ، مەن يېنىڭلاردا قاراپ تۇرۇپ نازارەتچىلىك قىلغاچ ھوزۇرلانسام
تومۇچۇق خان خالىسىلا قولۇم كۆكسۈمدە. [s:2]

تەلمۈرگەن كۆزلەر......

UID
7397
يازما
322
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10295
تىزىملاتقان
2010-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-7 09:46:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خالايمەن               

UID
2102
يازما
62
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2204
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-31
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-7 15:37:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىtomoquk يوللىغان 2011-03-05 18:38 غا قارتىلغان  :
يۈرىگىمدە تاتلىق بىر نىدا،
كۆزۈم يارنىڭ كىلەر يولىدا.
ئولتۇرىدۇ مەن كۆيگەن يىگىت
خىيال قىلىپ... قەلەم قولىدا.

.......
كۆزلىرىڭنى ياشلىما ئارتۇق،
مەنمۇ سەندەك نىگارسىز ئاشىق.
ئاھلىرىڭنى قوغلاي خانەڭدىن،
ئايلانمىسۇن خازانغا ياشلىق.

تەلمۈرگەن كۆزلەر......

UID
7397
يازما
322
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10295
تىزىملاتقان
2010-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-7 15:54:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايلانمىسۇن خازانغا ياشلىق،
كەل بۇلبۇلۇم سايرا شىخىمدا.
جۇدۇنلارمۇ باھار مەن ئۈچۈن،
سەنلا ھەمرا بولساڭ قىشىمدا.

توموچۇق

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش