تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1855|ئىنكاس: 12

چاچ ئىكەن ئەسلى ئۇزلۇقۇڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
8524
يازما
11
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
461
تىزىملاتقان
2011-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-4 19:35:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاچ ئىكەن ئەسلى ئۇزلۇقۇڭ!

(چاچ كەسكەن جانانغا)


ئۇزلۇقۇڭ- چېچىڭنىڭ سۇمبۇللۇقى!
شوخلۇقۇڭ- گېپىڭنىڭ ئۇدۇللۇقى...
-يات ھەۋەسنىڭ بولمىغىل قۇلى!-
بۇ سۆزۈم ئاشىقىڭنىڭ يوللۇقى...

قەدىرلىك قىلغان سېنى سۇمبۇل چاچ،
شۇ ۋەجىدىن ۋىسالىڭغا يۈردۇم ئاچ...
رازىدۇر ئاشىقىڭ، كەتسىمۇ باش!
غازان بولارمۇ بىر جاناننىڭ ئۇزلۇقى؟!

«مەدەنىي»لىكنى بىلدۈرۈشكە چاچ كېسىپ،
يۈرگۈدەكسەن، بىلسەم،«كۇلۇب»...لار كېزىپ،
«دەردىڭ»ئۈچۈن قولۇڭغا رومكىلار ئېلىپ...
بۇزۇلارمۇ بۈگۈن سۆيگۈنۈمنىڭ ئۇزلۇقى؟!

«مودا!»مىش كۆتمەك، بۇدرە، موزا...چاچ،
ئاھ،بۇ ناتىۋاننىڭ يۈرىگى ئوخشايدۇ تاش؟!
شۇ ھەۋەسلەردىن بولدى، ئەمدى قاچ!
بۇزۇلدى ئاھ،ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۇزلۇقى...

باغلىرىڭدا ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ ناكەسلەر،
قولىدا ئوينىتىپ،شۇم ھەۋەسلەر...
گۈل غۇنچەڭنى قايرىپ قويىدۇ نەسلەر،
بۇزۇلارمۇ چاچ كەسكەننىڭ ئۇزلۇقى؟!

سەن كەستىڭ چېچىڭنى، قىزىڭچۇ؟!
كېسىدۇ ئەلۋەتتە، قالغان ئىزىڭچۇ؟!
چاچ كەستى سۆيگۈنۈم، سىزنىڭچۇ؟!
چاچسىز بۇزۇلىدۇ،بىر گۈزەلنىڭ ئۇزلۇقى...

چاچ بىلەن راسلانغان كۆڭۈل ئىدى،
چاچ بىلەن باغلانغان كۆڭۈل ئىدى،
چاچ بىلەن داغلانغان كۆڭۈل ئىدى،
داغلىتىپ،ئۆلدى گۈلۈمنىڭ ئۇزلۇقى!

قامچا بوپ قامچىلايدۇ يارنى تۈنلەردە،
بۇقۇلدايدۇ-چاچ!دەپ، ھەر ئۈنلەردە...
سۆيگۈ يوق، مېھىر يوق چاچسىز كۈنلەردە،
غايىپ بولدى بۈگۈن سۆيگۈنۈمنىڭ ئۇزلۇقى!

قامچىلاپ ئۆتەرگە چاچلىرىڭ يوق!
بولماس شۇ چېچىڭسىز ئەرلكىم چوغ!
سۆيگۈڭمۇ چېچىڭسىز بولالماس ئوق...
يوقالغان تۇرسا بىر جاناننىڭ ئۇزلۇقى؟!

چاچ كېسەرگە قولۇڭ ئەجەپ بېرىپتۇ؟!
چاچ كېسىپ، جانان مەندىن تېنىپتۇ؟!
خۇدا گۇۋاھلىق ۋەدىلەردىن يېنىپتۇ...
سۆيگۈ ئۆلدى!تۈگىدى بىر گۈلنىڭ ئۇزلۇقى.

پۇشايمانغا باشلايدۇ شۇم ھەۋەسلەر،
ئېغىر تىنىپ،«ئاھ!»ئۇرىدۇ نەپەسلەر...
ماكان ئەمەس ساڭا تۈرمە، قەپەسلەر،
چاچ ئىدى ناتىۋاننىڭ ئەسلى ئۇزلۇقى!

كېسلگەن بۇ چاچلار ياسايدۇ دار،
چىن سۆيگۈگە بولىسەن شۇندا زار...
مەن بۇ يەردە چاچلىرىڭغا ئىنتىزار،
ھەسرەتتە، يوقالدى گۈلنىڭ ئۇزلۇقى....

چېچڭنىڭ قىسمىتىدىن نە قىلاي،
سۆيگۈچۈن چاچلىرىڭغا مەن يىغلاي،
ئايرىلىپ مەن سەندىن قانداق چىداي؟!
مېنى زار ئەيلىدى بىر جاناننىڭ ئۇزلۇقى!


ئۆز قەلىمىم!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
gvzal3.8 + 30

ھەممە باھا نومۇرى :  + 30   باھا خاتىرىسى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
4964
يازما
84
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1194
تىزىملاتقان
2010-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 00:49:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاچ دىگەن ئاياللارنىڭ ئەۋرىتى!

كۆيۈمچان ئەزا

http://rayhan14.blogbus.com

UID
4176
يازما
488
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
15070
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 00:50:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ياخشى يېزىپسىز،قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزغا ھاردۇق يەتمىسۇن.

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1365
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43100
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 01:58:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىېرىڭىز  ئادەمنى ئويلاندۇرۇپ قويىدىكەن ،،،
ھەي  شۇ چاچالىرىمىزنى كېسىپ نېمە قىلىۋاىتىمىزكىن تاڭ،،،،،،

ئالدىندىن قاراپ قاشىڭغا كۆيدۇم،
كەينىڭدىن قاراپ چاچىڭغا كۆيدۇم ،،،،،،دەپ
شۇنداق  بىر چاچالار ئىدى نەۋقىران يىگىتلەرنى كۆيدۇرگەن ،،،،

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

UID
6620
يازما
90
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
920
تىزىملاتقان
2010-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 10:25:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توختىماستىن يىزىپ تۇرۇڭ
ئىللەتلەرنى قىزىپ تۇرۇڭ .
ئىجاد بىغىڭىز ياشناپ تۇرسۇن
گۈلدەستىلەر تىزىپ تۇرۇڭ .

UID
2272
يازما
299
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9539
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 11:57:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر  ئۇزۇن چاچلار مودىدىن قالدى ، قىزلار ئەمدى چاچ چۈشۇرۇشنى مودا قىلسا ....

دۇنياغا ھەممىمىز  ئارتىس !

UID
1934
يازما
389
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
20284
تىزىملاتقان
2009-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 12:01:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بىزلەرنىڭ چېچىمىز تېخى جايىدا جۇما، بىز چاچ چۈشۈرمىدۇق ھەم كەسمىدۇق
   شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرغايسىز.











 



http://xjtmr.com/xjtmr/a/hawar/halekara/2011/0125/319.html

ئۆتۈنۈپ قالاي، ئانا يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆلچەملىك ئىملادا تېما، ئىنكاس يوللاڭلار.

UID
2247
يازما
725
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
24827
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-24
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 12:34:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر سەھنە ئۇسۇلچىلېرىمۇ يالغان چاچ تاقايدۇ-ھە؟

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

UID
8465
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 19:38:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 BAK YAHXI YIZILIPTU. BARIKALLA. .....................

UID
9935
يازما
56
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1676
تىزىملاتقان
2011-3-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-19
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 12:47:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز.

تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر.ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش