كەلدى نورۇز كۈلدى ئالەم!
خاسىيەتلىك نورۇز بايرىمىغا «قۇتادغۇبىلىك»دىن نەزەر
گۈلنار تالىپ(چۆل يامغۇرى)
نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ يىل بېشى ھىساپلانغان ھەم قەدىمىلىككە،ھەم قۇيۇق مىللى پۇراققا ئىگە ئەنئەنىۋى مىللى بايرام بولۇپ نورۇز،باھارنىڭ ئىسانلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ ھىممىتىدۇر.ئۇ يالغۇز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭلابايرىمى بولۇپ قالماستىن ،قازاق،قىرغىز،ئۆزبېك،تاتار،تاجىك،قاتارلىق ئوتتۇرائاسىيانىڭ قەدىمى مىللەتلىرىگە ئورتاق بايرامدۇر.
«نورۇز» ئەسلىدە پارىسچە چوڭ مەنىدىكى سۆز بولۇپ، نەۋرۇزيەنى «باھار يامغۇرى»«تۇنجى باھار»دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن قەدىمى يازما يادىكارلىقلاربىزگىچە يىتىپ كەلگەن بولۇپ،قېرىنداش مىللەت يازغۇچىلىرىدىن تاڭ دەۋرىدىكى تارىمىشاھ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمى توغرىسىدا – كۇچادا ھەر يىلنىڭ باشلانغان كۈنىدىن ئېتىۋارەن 7ـ كۈنىگىچە بۇقا سۇقۇشتۇرۇش،ئايغىر تالاشتۇرۇش،بۇغاتالاشتۇرۇش ئويۇنلىرى بولاتتى دىگەن جۈملىلەر بار.بۇ خاتىردە ئۇيغۇرلارنىڭ يىل بېشى ھىساپلانغان باھار بايرىمىنىڭ «نورۇزنامە»لىرى ھەققىدە قىممەتلىك ماتىرياللار بار.خۇيلىنىڭ مۇزىكا تەپسىرىدىمۇ نورۇز بايرىمىنڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگەئەنئەنىۋى بايرام ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نورۇز بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچىلىك تارىخى ماتىرياللار يىتەرلىك ئەمەس،لىكىن نورۇزبايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە،رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا نورۇز بايرىمىنىڭ پەيدا بولىشى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆكتەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك،ئاشۇ ئىپتىدائى دەۋىردە ياشىغان ئەقىل-پاراسەتلىك،ئەمگەكچان ئەجداتلىرىمىز تېخى ئۆزلىرىنىڭ قەدىمقى يېزىقى پەيدابولۇشتىن بۇرۇنلا ،تىلنىڭ ياردىمى بىلەن ئەقىل پاراسىتىنى ئشلىتىپ، كائىناتتىن تۈرلۈك- تۈمەن ھادىسلەر،ۋە كۆكتە جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىشىش،جايلىشش،ۋە ئۆزگىرىش ھالەتلىرىنى تەتقىق كىلىپ،تېرىقچىلىق مەۋسۈمىنى ئېنىق بىكىتكەن.شۇڭا بۇ كۈن يەنى 3ـ ئاينىڭ 21ـ كۈنى ئىنسانلارغا بەخت، ئامەت،تەلەي ئېلىپ كىلىدۇ دىگەن ئەقىدە بۇيىچە نورۇز كۈنى،نورۇز بايرىمى قىلىپ بەلگىلەنگەن.شۇڭا بۇ بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە ئىنتايىن چوڭ تەسىرگەئىگە.
نورۇز بايرىمىنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قېلىپلاشقان ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى مۇنداق: نورۇز كىرگەن تۇنجى كۈنى چوڭ-كىچىك،ئەر-ئايال،قېرى-ياش يۇرت-مەھەللىلەر مىللى كىيىملىرىنى كىيىپ،مەنزىرلىك جايلاردا جەم بولۇشۇپ،نورۇزغا ئاتاپ تەييارلانغان ئويۇنلارنى ئوينايدۇ.شائىر،قوشاقچىلار،مەدداھلار نورۇزنى مەدھىيلەپ شېئىر قوشاق،داستان،قىسسەلەرنى ئېيتىشىپ سۆز ئويۇنى قىلىدۇ.چەۋەندازلار ئوغلاق تارتىدۇ،دارۋازلار ئېگىزلىكتە ماھارەت كۆرسىتىدۇ.قىزلار مەجنۇنتاللاردىن چاچ ياساپ ئېلەنگۈچ سېلىپ كۆكتە لەرزان پەرۋاز قىلىدۇ.نورۇز ئېشىنى ئەنئەنە بۇيىنچە 7 ياكى 9 خىل ماتىريالدىن تەييارلايدۇ. ئۇبىزنىڭ زاغرا تىلىمىز بۇيىنچە ئېيىتقاندا كۈچە دەپ ئاتىلدۇ.ئاساسى خام ماتىريالى:بۇغداي ئارپا،گۈرۈچ،تېرىق،قوناق،پۇرچاق،سۇت، گۆش، سۇ قاتارلىقلارئارلاشتۇرۇلۇپ پىشۇرۇلىدۇ. نورۇز مۇراسىمىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى نورۇز ئېشىغا ئېغىز تىگىشى شەرت قىلىندۇ.ئاخىردا نورۇزلۇق داستىخانغا ئوپچە دۇئا قىلىنىپ ئەڭ ياخشى تىلەك- ئارزۇلىرىنى ئېيتىشىپ ئۆيلىرىگە قايتىپ شۇ يىللىق تېرىقچىلىققا كىرىشىپ كىتىدۇ.
نىمىشقىدۇر نورۇزلىق تىلەكتە يەنى «نورۇزنامە»دە قىش زىمىستاننى قوغلاش ئاسايىشلىق، يېڭى باھارنى كۈتىۋېلىش،يېڭى يىلنىڭ ئاخىرغىچە خۇشاللىق بەركەت ئەكىلىشنى تىلەش، كىشىلەرنى ئىلىم-پەنگە،ئىتتىپاق،ئىناقلىقنى،ساخاۋەتلىك،دىيانەتلىك،بولۇش قاتارلىق ئىلغار ئىددىيەلەر ئېنىق گەۋدىلەندۇرىلدۇ ...دىگەن ئىبارىلەرنى شۇنداق كوپ ئۇچرىتىپ ئاشۇ تىلەكلەرنىڭ مەزمۇنىغا شۇنداق قىززىقىپقالدىمدە تارىخى كىتاپلارنى ۋاراقلاپ ،شۇنداق بىر ئۇچۇرغا تۇيۇقسىز ئىرىشىپ شۇنداق ھاياجانلاندىم...
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11ـ ئەسىردە ياشىغان بۇيۇكمۇتەپەككۈرشائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يىگانە بەدئى ئەسىرى «قۇتادغۇبىلك»داستاننىدا باھار مەۋسۈمى،12 موچەل ھەققىدە ئېنىق خاتىرلەر بار.بۇ قۇرلارنى كۆرگىنىمدە شۇندق ھاياجانلاندىم .شۇڭا دوستلار بىلەن بۇ مىللى مەدەنىيەتنىڭ جەۋھەرلىرىدىن تەڭ بەھىرلىنىش مەقسىتىدە يوللىدىم.كەسپى سەۋىيەم تۇۋەنرەك بولغاچقابەزى قەدىمى سۆزلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمىغان ئۇنداق بۇنداق خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قېلىشىم تۇرغان گەپ شۇڭا تورداشلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى پىكىر بىرىشنى سورايمەن.
«قۇتادغۇبىلىك»دىن مۇھىم ئارىيەلەر:
قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزئاسماننى 12 بۇرجقا بولگەنبۇنىڭ ئەرەپچەئاتىلىشى؛ھەمەل،سەۋر،جەۋزا،ئەسەد،سۇنبۇل،سەراتان،مىزان،ئەقرەپ،قەۋس،جەدى،دەلۋە،ھۇت.
ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى؛قوزا، ئۇي، قوش كىزەك،يولۋاس تىمساخ،بۇغداي بېشى،تارازا،چايان،ياچاق،ئوغلاق،سوغا،بېلىق. بۇ 12 بۇرج 4 مەۋسۇمگەئايرىلغان يەنى؛ھەمەل،سەۋر،جەۋزا - باھار بۇرجى،ئەسەد،سەراتان،سۇنبۇل - يازبۇرجى،قەۋس،مىزان،ئەقرەپ - كۈز بۇرجى ،جەدى،دەلۋە،ھۇت - قىش بۇرجى.
ئېسىپ كەلدى شەرقتىن باھارنىڭ يېلى،
بىزەشكە جاھان ئاچتىجەننەت يولى.
قوڭۇر يەر ئىپار تولدى كاپۇر كىتىپ،
بىزەنمەك تىلەر دۇنيا،كۆركەم ئېتىپ.
جاپا قىشنى قوغلاپ يازغى ئېسىن،
پارلاق ياز يەنە قۇردى دەۋلەت ياسىن.
قۇياش ياندى بولغاييەنە ئورنىغا،
بېلىق قۇيرىقىدىنقوزى بۇرنىغا.
قۇرغان ياغاچلار كىيىندى يېشىل،
بىزەندى يىپۇن،ھال،سېرىق،كۆك قىزىل.
دالا، تاغ،قىر،ئويمان،توشەندى يېيىپ،
بىزەندى ۋادىلار يېشىل، ھال كىيىپ.
تۈمەن رەڭ چىچەكلەر ئېچىلدى كۈلۈپ،
ئىپار ،كاپۇر ھىددىغا دۇنيا تولۇپ.
غاز ،ئۆدەك، قىل، ئاققۇ خۇشاللىق بىلەن،
قاقىلداپ ئۇچىشۇريۇقىرى –تۈۋەن.
زەرەرسىز مەنپەت كورەي دىسەڭ گەر،
يېقىن كەل، ئىشىن قىل،ئىسىن،كۈڭۈل بەر.
ئىسىل، خۇلقى كەمتەر،دىلى مىھرىۋان -
كىشى كىم؟دىسەڭ،كەل ئۇنى كور بۇئان.
ساڭا ھەق بەردى بەخر،ئەي ساھىپقىران،
ئوقۇپ مىڭ ئېتىنى ئاڭا قىل شۇكران.
ئېسەن ئەيلە دوستىن،يېغىسىن يۇقات،
خۇشال قىل دائىما،قايغۇدىن ئازات.
يېغىپ تۇرسۇن يامغۇر ،چىچەك گۈللەسۇن،
قۇرغان دەرەختە بىخلار كوكلىسۇن.
پەلەك چاقى تۇرسۇن دائىم ئايلىنىپ،
تۈۋەن بولسۇن دۇشمەن بېشى ئىگىلىپ.
بۇ ساھىپقىرانلار كۆپ ياشىسۇن ئۇزۇن،
ھەسەتخور كۆزى ئوتتا كۆيسۇن پۈتۈن.
تېخى بولسا نىمە ئۇنىڭدا تىلەك،
ئاڭا بولسۇنداۋام ھەق ئارقا يۆلەك.
ھوزۇر ۋە ھالاۋەت،ئىشەنچتە ئېلى،
ئىچىپ يەپ ياشىسۇن ئۇ لوقمان يىلى.
بۇ پاساھەتلىك مىسرالار بىلەن ھەممەيلەننىڭ نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن.
(پايدىلانغان ماتىرياللار:قۇتادغۇبىلىك شىنجاڭنىڭ تارىخى،قىسسەسۇل ئەنبيا،بۇلاق..)
2011ـ يىل3ـ ئاينىڭ3 كۈنى(قەشقەر)
شەھرى يېڭىشەھەر