تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1113|ئىنكاس: 6

مېنى ساقلىغىن ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
3422
يازما
237
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
7697
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 17:48:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مېنى ساقلىغىن...




ھاياتىم سېنى دەپ قاغچجىراپ كەتتى،
بىر قاقاس يەر بولۇپ يامغۇرنى كۈتتۈم .
تەقدىرىڭ قولۇمغا سانجىلغان يىڭنە،
مەن ئۇنىڭ تۆشۈكىدىن يىپ بولۇپ ئۆتتۈم.

ياتقانسەن شۇ تاپتا ئېرىق بويىدا،
بىراق ئىچەلمەيسەن بىر يۇتۇممۇ سۇ.
مېنىڭ بۇ پەرىشان قەلبىمگە قارا،
ئۇ يەردە سولاشقان بىر گۈل تۇرۇپتۇ ..

نە ئىستىسەممۇ بارالمايمەن ھېچ،
قۇملارغا لىق تولدى ئالتۇن پىيالەم .
بۇ كېچە ئاھ سەنمۇ ئۇخلىيالمىدىڭمۇ ،
ئەي مېنىڭ مېھرىبان، قارا كۆز ئەركەم؟!

بىلىمەن، شۇ تاپتا سۈزۈك ياشلىرىڭ ،
چىلىشىپ تۇرغاندۇ كىرپىكلىرىڭگە .
ئاھ، ساڭا بىر تامچە سۇ بېرەلمىدىم ،
شۇ سەۋەب پاتتىم ھەم چوڭقۇر بىر دەرتكە.

ھەسرەتلەر چەكمە ، مېنى كۈتۈپ تۇر،
سۇ بولۇپ بارىمەن بىر كۈن يېنىڭغا !
ئىسسىق نەپەسلىرىمدە كۆكلەيسەن شۇ چاغ ،
مەيدەم ھۆل بولسۇن كۆز ياشلىرىڭدا ...

2008- يىل. تۇرپان


مەنبە: ئىجادىيەت

ياز مېنىڭ چۈشلىرىمدە ياز مېنىڭدىن يىراق بىر يەردە...
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2091
يازما
1542
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50496
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-4 00:19:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلەتتىم  خوشلىقىمدىن سەن مېنى دوس ساناپ كەلسەڭ ،
تەبەسسۈم  شاھ ئەيلەپ ماڭا خۇش خۇي قاراپ كەلسەڭ.
  سېنىڭ ئىشقىڭدا ياڭرىسا   سەھەر گۈلشەندە ناخشام ،
قارا قاش ئاراسىدىن تولۇن ئايدەك ماراپ كەلسەڭ .

    شېئىرىڭىزغا ماسلاشتۇراي دېسەممۇ ماسلاشماي قالدىمۇ نىمە ...

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

UID
6620
يازما
90
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
920
تىزىملاتقان
2010-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-4 01:38:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجداد روھىتەسەللى  بولسۇن  
قاغجىرىغانغا يىتىدۇ زەم-زەم
پاك قەلبلەر شاتلىققا تولسۇن
يىتەلمىگەنلەر قوغلىشاردەم-دەم

UID
7397
يازما
322
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10295
تىزىملاتقان
2010-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-4 10:03:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەكتە بىر ھەسرەت بولۇپ ھۆكۈمران،
لىۋىمدىن تەبەسسۇم جىلۋىسى ئۆچتى.
بىغىمدا سايرىغان خۇش ناۋا بۇلبۇل
ئۆزگىنىڭ بىغىدا سايرىدى..كۆچتى.

توموچۇق

UID
6284
يازما
263
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7665
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
75 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-4 13:32:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمانغا چىلاشقان  ئېرىق بويىدا،
تۇرىمەن ئەبەدىي سېنى ساقلاپ مەن.
تەشنالىق ئىلكىدە  چاك-چاك يېرىلدىم،
ھىجران  ياشلىرىمغا  تولدى بۇ ئالەم.

تۇمانغا چىلاشقان ئېرىق بويىدا،
ساقلايمان ئاخىرقى دەمگىچە سېنى.
كەلمىسەڭ  ھىچ گەپ يوق كىرەي چۈشۈڭگە،
 ئۈن-تىنسىز  تۇپراققا   سېڭىپ كىتىمەن.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

دائىملىق ئەزا

ئۇنتۇپ كەت يۈرۈگ

UID
2561
يازما
621
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
20247
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-4 14:36:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەن ئەشۇ ھەر بىر مىنىۇتلار ،
چىقماس ئەستىن مەڭگۈگە پەقەت .
نىگاھىمدا يالقۇنلاپ تۇرار ،
بەكمۇ شېرىن ئەشۇ مۇھاببەت .

كۆزلىرىمنى يۇمسان پەرىشان ،
سەن ئالدىمدا تۇرىسەن ھامان .
ئىسىڭدىمۇ سۆيگۈ قۇياشى  ،
ئىككىمىزگە كەڭ قۇچاق ئاچقان.

جاھاندا ئۆزۈڭدىن چوڭ كۆڭۈل يوق .

UID
3422
يازما
237
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
7697
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 17:11:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇيغۇلىرىمغا ياندىشىپ مىسرالار پۈتكەن ئەزىزلەرگە سەمىمىي تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن! قەلەملەر ھارمىغاي!

ياز مېنىڭ چۈشلىرىمدە ياز مېنىڭدىن يىراق بىر يەردە...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش