كۆرۈش: 7425|ئىنكاس: 1

خەت نۇسخىلىرى 3.0 سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىلدى UKIJ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يېڭى يۇلتۇز

بۆرە بەگ

UID
9320
يازما
14
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2011-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 16:51:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

 خەت نۇسخىلىرى 3.0 سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىلدى UKIJ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار،
      ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان 3-قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش پائالىيىتى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى. ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى http://ukijorgfonts.googlecode.com/files/ukijorgfonts.zip دىن چۈشۈرۈڭ.
بۇ پائالىيەت تۆۋەندىكى تەلەپلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلدى:
 
 
       .1خەت نۇسخىلىرى ئىچىدە http://unicode.org بەلگىلىگەن كود جەدۋىلىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەرپ-بەلگىلەر بولماسلىق (UKIJ Tughra ۋە UKIJ Orxun بىلەن باشلانغان فونتلار بۇنىڭ سىرتىدا)؛
 
      2.  2004-يىل 17-دېكابىر بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كود جەدۋىلىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، خەت نۇسخىلىرىنىڭ بۇرۇنقى نامى، شەكلى ۋە غولىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا مەسىلە بايقالغان ھەرپ-بەلگىلەرنىلا تۈزىتىش؛
        3. خەت نۇسخىلىرى ياسىغۇچىلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا داۋاملىق ھۆرمەت قىلىش، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قىسمىدىكى ئۇچۇرلارنى بۇرۇنقى پېتىچە ساقلاپ قېلىش؛

 4  . كېڭەيتىلگەن رايونىدىكى FBEA دىن FBFB غىچە بولغان كود ئورۇنلىرىغا يالغۇز ھەرپ شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى («ئا، ئا، ئە، ئە، ئو، ئو، ئۇ، ئۇ، ئۆ، ئۆ، ئۈ، ئې، ئې، ئې، ئى، ئى، ئى» دىن ئىبارەت جەمئىي 18) نى ھەمزە («ئ» 0626) بىلەن خالىغان بىر سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئاساسى رايوندىكى كودىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولغاچقا، ھەمدە «ئى» («پېئىل» دىكى) ۋە «ئې» («باغئېرىق» تىكى) ئىبارەت ئىككى قوشما شەكىللىرى Unicode ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەچكە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى ئىشلىتىش پايدىسىز دەپ قارىلىپ بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشماسلىق (ماۋۇ يەردىكى ئۇقتۇرۇشقا قاراڭ)؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1983- يىل 9- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى تەستىقى بىلەن 1984- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا (تەپسىلاتى ئۈچۈن بۇ يەرگە قاراڭ) خەت نۇسخىلىرىدا «ھ» نىڭ 2 خىل شەكلىنىلا ئىشلىش؛
        5 . خەت نۇسخىلىرىنى تۈرگە بۆلۈش، خەت نۇسخىلىرىدىكى ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ سانىنى تەۋە بولغان تۈر ۋە ئىشلىتىلىش ئىھتىياجىغا قاراپ مۇۋاپىق ھالدا تەڭشەش ئارقىلىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش يۈكىنى يەڭگىللىتىش؛
   6 . ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نازارىتى قوبۇل قىلىپ، مەسىلە بايقالسا مۇدىرىيەتنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ خەت نۇسخىلىرىدا ساقلانغان نۇقسانلارنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش.

      بۇندىن كېيىنكى خەت نۇسخىلىرىغا ئائىت ئىشلار مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى:
        1. تۈزىتىلگەن خەت نۇسخىلىرى 2011-يىل 21-مايغىچە http://www.ukij.org/fonts دا سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىلدى. مەسىلە بايقالسا تۈزىتىلىدۇ. 2011-يىل 22-مايدىن باشلاپ رەسمىي تارقىتىلىپ 3-قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش پائالىيىتى ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.

   2 UKIJ.ەت نۇسخىلىرىنى ئۈچۈن مەخسۇس تۈر تەسىس قىلىنغان بولغاچقا، ھەر قانداق كىشى http://code.google.com/p/ukijorgfonts دىكى تۈرگە قاتنىشىپ سەرخىللاشتۇرۇش ئېلىپ بارسا، يېڭى خەت نۇسخىلىرىنى قوشسا بولىدۇ. تەكشۈرۈشتىن ئۆتسە http://www.ukij.org/fonts دە تارقىتىلىدۇ.
        3. UKIJخەت نۇسخىلىرى بۇندىن كېيىن خەلقئارالىق LGPL ئىجازەتنامىسى  (http://www.gnu.org/licenses/lgpl.html) بىلەن تارقىتىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ھەر قانداق كىشى بۇ خەت نۇسخىسىلىرى ھەقسىز ئىشلىتىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق ۋەياكى ھەقسىز مەھسۇلاتلىرغا قوشۇپ تارقاتسا بولىىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
     . 4  تور بېكەت مەزمۇنلىرىنىڭ ئىشەنچلىك، ئۆلچەملىك ۋە كۆپرەك ئومۇمىيلاشقان دەپ قارالغان خەت نۇسخىلىرىنىڭ خالىغان بىرى قاچىلانغان كومپيۇتېرلاردا نورمال كۆرۈنۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «ئورتاق ئىشلىتىدىغان فونت نامى گورۇپپىسى» تەۋسىيە قىلىنىپ ئۇنىڭغا دەسلەپكى قەدەمدەUKIJ Tuz Tom ، ALKATIP Tor (ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ)، UKK TZA1 ((ش ئۇ ئا ر تىلكومنىڭ)، Microsoft Uighur دىن ئىبارەت تۆت خەت نۇسخا نامى قوشۇلدى. تور بېكەت قۇرغۇچىلار يۇقىرىدىكى خەت نۇسخا ناملىرىنى ئۆزلىرى خالىغان تەرتىپتە توربەتلەرنىڭCSS  ياكى HTML كودىدىكى ئىشلىتىدىغان «font-family»  نىڭ قىممىتى قىلىپ بەلگىلەپ ئىشلەتسە بولىدۇ. مەسىلەن CSS ھۆججەت ئىىچىدە:

[چەكسىڭىز كود كۆچۈرىلىدۇ] [ - ]

كود:

body
{
font-family: 'UKIJ Tuz Tom', 'ALKATIP Tor', 'UKK TZA1', 'Microsoft Uighur';
direction:rtl;
font-size:12pt;
}


بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يۇقىرىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئىش كۆرۈپ ھەممىمىزگە تەڭ تەۋە بولغان UKIJ خەت نۇسخىلىرىنى ئومۇمىيلاشتۇرۇشقا ۋە سەرخىللاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشىنى سورايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۆلچەم ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان يۇمشاق دېتاللار ئۈچۈن ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىسى ۋە ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچ تارقىتىشتىن ساقلىنىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئالىيجاناپ كەسپىي ئەخلاق يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

        ھۆرمەت بىلەن،
                             ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى مۇدىرىيىتى
                                              -2011يىل 21-فېۋرال


مەنبە: http://www.ukij.org      

 

UID
35075
يازما
76
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
76
تىزىملاتقان
2013-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 18:13:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش