- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 20
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 240
- تىزىملاتقان
- 2011-1-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-20
- UID
- 8884
- يازما
- 20
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 240
- تىزىملاتقان
- 2011-1-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-20
- توردا
- 0 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تاغا-ھەدىلەر، ياخشىمۇسىلەر! مېنىڭ ئىسمىم ئىلىيار ھەسەن،2001-يىل 8-ئايدا يەكەن ناھىيىسىنڭ چارەك بازار چارەك كەنتىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇيمەن.
2009-يىلى 3-ئاي، بىر قېتىملىق ئۇزۇنغا سوزۇلغان قىزىتما تۈپەيلىدىن قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىندىم ، دوختۇرخانىنىڭ دىئاگىنوز نەتىجىسىنى ئاڭلىغىنىدا، پۇتۇن ئائىلىدىكىلەر قايغۇغا چۆمدى، ئاخىرى ئاتا-ئانام بىر خىل ئۈمىدنىڭ تۈرتكىسىدە مېنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋىرستېتى بىرىنچى تارماق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىپ قايتا تەكشۈرتتى. ئەپسۇس، دىئاگنوز نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش «جىددىي خاراكتىرلىك ئاق قان كېسىلى»بولۇپ چىقتى. داۋالىنىشقا پۇل بولمىغاچقا يۇرتقا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. كېيىن كېسىلىم ئېغىرلىشىۋىلىپ قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىدا ئىككى يىلغا يېقىن خېمىيىلىك داۋالاشلارنى بېشىمدىن كەچۈردۈم ، كېسىلىم ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىغا شەندۇڭدىن ياردەم بىرىشكە كەلگەن مۇتەخەسىسلەرپۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يىلىك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. يېڭى ئۈمىد تۇغۇلدى. ھەممەيلەن شادلاندى. ئاتا-ئانام ئوي بىساتىمىزنى سېتىپ، خوشنا-خۇلۇملاردىن قەرز ئېلىپ، 150مىڭ يۈەن تەييارلاپ 2010 -يىلى9-ئايدا مېنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋىرستېتى بىرىنچى تارماق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەلدى. 4ئاي كۈچەيتىلگەن خېمىيەلىك داۋالاشنى بېشىمدىن كەچۈردۈم، 2011-يىل 1-ئاينىڭ 23 -كۈنى دوختۇرلار يىلىك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىمنى، مېنىڭ يىلىك تىپىم بىلەن دادامنىڭ 50%ماس كېلىدىغانلىقىنى، ئاتا-ئانامنىڭ 300 مىڭ يۈەن پۇل تەييارلىشىنى ئۇقتۇردى. ئاخىرى ئاتا-ئانامنىڭ قەرز ئېلىشى ھەم جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ياردىمىدە 2011-يىل 1-ئاينىڭ 25-چىسلا دوختۇرلار ماڭا يىلىك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى ئېلىپ باردى. ھازىر ئوپراتسىيەدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىم ياخشى، ئەمما ئوپراتسىيەدىن كېيىنكى داۋالاش ھەققى بەك يۇقۇرى بولغاچقا تەيىيارلىغان پۇل تۈگىدى، دوختۇرلار پۇل تاپشۇرمىساڭ داۋالاشنى توختۇتىمىز دەيدۇ ، دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە مېنىڭ ھازىر ئايرىم داۋالاش ئۆيىدىن چىقىشىمغا يەنە 20 كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدىكەن، مېنىڭ دادام باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ،ئاپام بولسا يەرسىز دېھقان، 4ياشقا كىرگەن بىر ئىنىم بار، 2ئائىلىدىكى ھەممىمىز دادامنىڭ مۇئاشىغا تايىنىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدايمىز ،2يىلدىن بۇيان مېنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئاتا-ئانام ئۆي بىساتىمىزنى ساتقاننىڭ سىرتىدا 100نەچچە مىڭ يۈەن قەرز بوپ قالدى. نەچچە كۈندىن بۇيان ئاتا-ئانام تۆت تەرەپكە قاتراپ پۇلنىڭ ئامالىنى قىلالمىدى، ھازىر دوختۇرخانا داۋالاشنى توختاتماقچى بولىۋاتىدۇ، ئەمدىلا پەيدا بولغان ھاياتلىق شامىم ئۆچۈپ قېلىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ،مېنىڭ بۇنداقلا ئۆلۈپ كەتكۈم يوق، مېنىڭ ئاشۇ مەكتەپكە ، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئارىسىغا قايتقۇم بار. ئاتا-ئانامدىن،ساۋاقداشلىرىمدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق...
ھۆرمەتلىك تاغا-ھەدىلەر، ماڭا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇپ قويۇڭلا،مەندىن قايتمىسا ئۇلۇغ ئاللا ئىگەمدىن قايتا!
ھۆرمەت بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋىرستېتى 1- تارماق دوختۇرخانىسى ئىچكى بۆلۈم بىناسى 5-قەۋەت قان كېسەللىكى يىلىك كۆچۈرۈش بۆلۈمى ئىلىيار ھەسەن
ئاپام پاتىگۈلنىڭ ئالاقىلىشش تېلېفۇن نومۇرى(ئۈرۈمچى):15199021091
دادام ھەسەنجان مەمەتنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى(يەكەن): 13579064264
13999857056 مەسۇل دوختۇرۇم
ھېساب ئاچقان بانكا: يەكەن ناھىيىلىك سودا-سانائەت بانكىسى 行莎车县工商银
كارتا ئىگىسى: ھەسەنجان مەمەت 艾散江.麦麦提
账号:9558 8030 1210 0127 259 (ھېساب نومۇرى)
ھېساب ئاچقان بانكا: جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئۈرۈمچى بۆلۈمى 中国农业银行乌鲁木齐营业部
كارتا ئىگىسى:ئىليار ھەسەن 依力亚尔.艾散 (قىزىل كىرىست جەمئىيىتىگە بېجىرگەن)
帐号:3070 5500 4600 21360 (ھېساب نومۇرى)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلا ياخشىمۇ سىلەر!سىلەرنىڭ ياردىمىڭلا بىلەن بۇبالا 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئوڭۇشلۇق ھالدا دوختۇرخانىدىن چىقتى،ھازىر ئوپراتسىيەدىن كىيىنكى ئەسلىگە كېلىشى ياخشى ئىكەن،ئەمما بىر يىلغىچە ئۈرۇمچىدىن كەتمەي ھەر ئايدا بىر قېتىم دوختۇرخانىغا كېلىپ تەكشۈرتىشى كىرەككەن،ھەر قېتىمقى تەكشۇرۇشكە1000يۈەن ئەتراپىدا پۇل كېتىدىكەن،ھازىر بۇ بالا بىلەن ئاپىسى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋىرستېتى 1- تارماق دوختۇرخانىسى ئەتراپىدا ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرىۋاتىدۇ، شارائتى بار قېرىنداشلارنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇپ قويۇشىنى ئۈمۈت قېلىمەن.
. 
[/quote] |
|