تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1943|ئىنكاس: 18

يىللارغا جاۋاب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1982
يازما
84
تېما
21
نادىر
0
جۇغلانما
4399
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 22:43:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىللارغا جاۋاب

لۇتپۇللا مۇتەللىپ





ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،

يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.

ئاققان سۇلار ،ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،

يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.



ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،

بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.

ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،

يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.



ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،

تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.

يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،

ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق.



يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ...

يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە بولىدۇ قاقشال.

يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ، ئەكىلىپ بېرىدۇ،

قىزلار قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.



بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،

مەيلى ئۆتىۋەرسۇن ئۆزىنىڭ يولى.

ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،

چۆلنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.



يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،

تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.

قاراپ باق، ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،

تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ ،ھە ... بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.



كۈرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،

كۈرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.

ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،

قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.



مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،

مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.

ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،

ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا.



قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،

شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.

ئۆلۈم پەستە قېلىش كۈرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،

چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەردەم يادىمدا.



ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا.

يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.

كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،

كۈرەش بىلەن كېلىپ چىقىمىز كەڭ غالىپ يولغا.



يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،

ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.

قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،

ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى.



يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،

ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.

يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،

ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ، دەپ بېرىمىز جاۋاب.




1944-يىل، ئاقسۇ



مەنبە: "لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى" --- شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1982-يىل 10-ئاي، بىرىنچى نەشرى

كۆكلەي دىسەڭ ئويغۇرۇم، سۇ بولايمۇ،يىلتىزمۇ؟
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
9438
يازما
283
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4993
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-20
توردا
232 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 22:51:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت ياخشى شېئىر-دە. ئۆلمەس ئەسەر دىسە مانا مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى دىسە بولىدۇ.

UID
5189
يازما
564
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18030
تىزىملاتقان
2010-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 22:52:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوت يۈرەك شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ چوڭقۇر مەنالارغا تولغان بۇ شېئىرنى ئۇچراتقىنىمدىن تولىمۇ خوشالمەن ! ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا  بۇ شېئىرلارنى خاتىرەمنىڭ باش بېتىگە قالدۇرۇپ قوياتتىم ،،،،يوللانمىڭىزغا تەشەككۈر !

ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ!!!

كۆيۈمچان ئەزا

دوستلۇق دائىما ئ

UID
8110
يازما
139
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3949
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 23:20:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر

كۆيۈمچان ئەزا

تەپەككۇر قىرغاق

UID
8598
يازما
126
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
4418
تىزىملاتقان
2011-1-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 23:22:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقت –
دەبدەبىسىز ئۇزىتىلماقتا،
ياش يالتىراپ تۇرغان كۆزۈمدىن .
مەن بىرەلمەي ئاڭا ھېچنىمە ،
ئۇ يىراقلار ئاستا مېنىڭدىن

پاتتى قۇياش،قىسقاردى ئەجەل

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
796
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25563
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-24
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 00:45:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنى بىلمەيلا قالىدىكەن ئادەم، تۆنۈگۈنلا پىئونىر بولدۇم دەپ ئۆينى بېشىمغا كىيگەندەك قىلاتتىم، مەنە ئەمدى ئىڭەككە چىققان ساقالنى تۇيماي قاپتىمەن...

UID
9438
يازما
283
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4993
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-20
توردا
232 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 00:56:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،

ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ، دەپ بېرىمىز جاۋاب.

                         -  بۇ مىسرالاردا بىر روماننىڭ كۈچى بار.

كۆيۈمچان ئەزا

ياش تۆك لىكىن دۈشمەنلىرىڭ كۈرۈ

UID
9076
يازما
257
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7708
تىزىملاتقان
2011-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-13
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 01:33:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇس ئوتيۇرەك شائىرىمىز نىڭ بىز ئۈچۈن ۋە كىيىنكىلەر ئۈچۈن ئىجادىيەت قىلغان ۋاقتى تۇلىمۇ قىسقا  ئەگەر ئۇنداق بولمىغىنىدا ئىدى يەنە مۇشۇنداق قانچىلىغان نادىر ئەسەرلە مەيدانغا كەلگەن بۇلاتتى ......لەنىتى شىڭشىسەي ....

UID
2042
يازما
155
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
5586
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-1
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 01:48:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا.

يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.

كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،

كۈرەش بىلەن كېلىپ چىقىمىز كەڭ غالىپ يولغا.







مۇشۇنداق يازىدىغان يازغۇچىدىن يەنە بىرسى چىقمىدى دىسە...

ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئاشتى ياشاش قىيىلاشتى.

UID
9657
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2011-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 10:34:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەنمۇ بەك ئامىراق بۇ  شېرىغا


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش