تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 30597|ئىنكاس: 89

توۋۋا، مەنمۇ ئاجراشماقچى(ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

تۆكمىگىن ياش ئەس

UID
9498
يازما
50
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1613
تىزىملاتقان
2011-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 06:04:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                                
      بۇگۈن كەچ يەنە ئۇخلىيالمىدىم..كاللامدا نۇرغۇن خياللار ... بالامنىڭ يىنىك-يىنىك پۇشۇلدىغان ئاۋازى گەرچە مىڭەمگە ئازراق  ئارامچىلىق بەرگەن بولسىمۇ،ئىلگىرىكىدەك خاتىرجەم ،تاتلىق ئۇخلىشىمغا سەۋەپ بولالمىدى.قۇلاقلىرىم ئىنتايىن سەزگۈر كىچىككىنە ئاۋازدىمۇ<< ئۇنى كەلدىمىكىن>> دەپ قالىمەن.بىراق بۇخياللىرىم بىردەمدىلا غايىپ بولىدۇ.يۈرىكىمنىڭ سىقىلىشىنى دىمەيلا قوياي،نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئۇيقۇسىزلىق پۇت-قوللىرىمنى ماغدۇرسىزلاشتۇرۇپ مادارىم قالمىدى.ئىچىمدىكى ئاچچىقلارچۇ تىخى....مەن نىمە گۇناھ ئۆتكۈزگۈنىمگە بۇنچە ئازاپ ئىچىدە ياشىغۇدەكمەن....


      ئالى مەكتەپ ھاياتى نىمىدىگەن كۆڭۈللىك ،غەمسىز چاغلار ھە؟....ئۇنى تۇنجى قىتىم دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرىشىدا ئۇچراتقان ئىدىم.ئولتۇرۇش ئاياغلىشىپ قىزلار ياتاققا قايتىپ كەلگەندە ئۇ توغرىسىدا بىرمۇنچە ەەپ سۆزلەر بولۇنغان.ئەزەلدىن قاملاشقان يگىىتلەرنى ئۇچراتقاندا ئاغزى بىسىقمايدىغان قىزلار بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا چۇڭۇلدىشىپ كەتتى،يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ ئەمدىلا ياتاي دەپ تۇرۇشۇمغا،دوستۇم ئايگۈل:
-ھەي ئاداش ئۇ بالىچۇ سەن بىلەن بىر يۇرتلىقكەن،ساڭا پۇرسەت بار،بۈگۈن خىلى ئوبدان تونۇشىۋالغانسىلەر؟ قارىسام ئۇمۇ ساڭا قىزىقىپ قالغاندەك قىلىدۇ.،دىدى،
ئۇنىڭ ئارقىدىن ئۇلاپ باشقا قىزلارمۇ بەس-بەستە چۇڭۇلداشىلى تۇردى.بۇلارنىڭ گپىگە شۇنداقلا كۈلۈپ قويۇپ كۆزۈمنى يۇمۇپ،ئۇنى ئەسلەپ باقتىم.دىگەندەك ئاپئاق چىرايىغا قاملاشقان بۇرۇن.كۆز،ئىغىزلىرى شۇنچىلىك خوپ كەلگەن ،كىيىنىشلىرىچۇ تىخى،ئاق مايكا ،قارا شىم قاراشتىنلا تەربىيە كۆرگەن پاكىز يىگىتلىكى بىلىنىپ تۇراتتى....بىراق بىز ئالى مەكتەپ ھاياتىنى باشلىغىلى تىخى بىر يىلمۇ بولمىغان تۇرسا قانداقمۇ بۇنداق بالدۇر مۇھەببەتلەشكۈدەكمەن. ۋاي -ۋوي نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم،ئۇماڭا قانداق قارىدى بۇنى بىلمەي تۇرۇپ نىمە خىياللار بۇ ؟بىر كۆرۇپلا ئاشىق بوپقالىدىغانلاردىن ئەمەستە مەن؟ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ باشقىلار ئاسانلا ئاشىق بولۇپ قالىدىغان ئۇنچە گۈزەللەردىن ئەمەس،...  دىگەندەك خياللار بىلەن ئۇخلاپ قاپتىمەن.
ئەتىدىن تارتىپ ئوقۇشىمىز نورمال،تۇرمۇشىمىز شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆ تىۋەردى.ئۇ بالىنى پات-پات ئوقۇتۇش بىناسى،ياتاق بىناسى ئالدىدا ئۇچىرتىدىغان بوپ قالدىم،شۇنداق ئۇچىرشىپ قالغان كۈنلەردەبىر-بىرىمىزگە قارىشىپ قوياتتۇق.ھەتتا بىرقانچە قىتىم ئۆتۈپ كىتىپ بولۇپ ئارقىمىزغا قارىغان بولدۇق.
     شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوستۇم ئىككىمىز كەچلىك مۇزاكىرىدىن يىنىپ مەكتەپ سىرتىغا نەرسە كىرەك سىتىۋالغىلى مىڭىۋاتاتتۇق،تۇيۇقسىز كەينى تەرىپىمىزدىن،
-رەشىدە...دەپ توۋلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى،
ئىتتىك كەينىمىزگە ئۆرۇلدۇق،ئۇ راستىنلا بىزنى توۋلاپتۇ،
-ياخشىمۇ سىلەر؟دىدى ئۇ دەسلىپىدىلا يىنىمىزغا چاققانلىق بىلەن يىتىپ كىلىپ،
-ياخشى،ئۆزىڭىزچۇ؟
-ياخشى،قانچە قىتىم كۆرۈشەي دەپ ئويلىغان بولساممۇ،،بىراق......ئۇشۇنداق دەپ تەمتىرەپ بولغىچەمەن ئەسلىدىنلا شوخلۇق ،تەمكىنلىك ھالىتىم بويىچە ،-ھە ھىلىقى دوستىڭىز ئەسقەر ياخشى تۇرغاندۇ ؟كۆرۈنمەيلا كەتتى،دەپ ئارىدىكى ئوڭايسىزلىقنى تىزلا يوق قىلدىم.
-بۇ مىنىڭ تىلفون نۇمۇرۇم..مۇمكىن بولسا سىزمۇ دەپ بەرگەن بولسىڭىز بىر يۇرتلىق بولغاندىكىن ئىزدىشىپ ئۆتسەك...
تونۇشۇش ئەنە شۇنداق باشلانغان.
پات-پات كۆرۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ ئىنتايىن ساددىلىق بىلەن،
-سىزنى پات-پات ئىزدىگۈم،كۆرۈشكۈم كىلىدىغان بوپ قالدىم ئويلاپ باقسام سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟-دىدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ منى كۈلكە قىستاپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىم،ئۇ بىر خىل ئوڭايسىزلانغان ھەم كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ،
-ئىشقىلىپ كۆڭلۈمدىكى گەپنى سىزگە دىۋالدىم، ئوبدانراق ئويلىشىپ جاۋابىنى بىرەرسىز.دىدى دە،كىتىپ قالدى.......
شۇنداق قىلىپ قانچە قىتىملاپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشى ،دوسلىرىمنىڭمۇ مىنى خىل ئوبدان قىزىقتۇرىشى تۈپەيلى ئىككىمىز يۈرۈپ قالدۇق،كۈنلىرىمىز شۇنداق مەنىلىك ئۆتەتتى.ئالى مەكتەپ ھاياتىمغا يەنە بىر يىڭىچە مەنا قوشۇلغاندەك تۇيغۇدا بولىۋاتاتتىم،ئۇ داۋاملىق مىنى ئركىلىتىپ تۇرۇپ؛
-رەشىدە سەن بەك ئوماق جۇمۇ؟مەن سىنىڭ شۇ ئويماقتەك ئىغىزلىرىڭغا  ئاشىق،دەپ چىڭ قۇچاقلىغىنىچە مىنى دەممۇ نەپەس ئالدۇرماي سۆيىۋالاتتى،ئۇنىڭ ئەشۇ ئوتلۇق سۆيشلىرىدىن مەستخۇش بولۇپ ئۇنىڭغا تىخىمۇ چىڭ چاپلىشاتتىم،مەن بارا-بارا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قىلىۋاتاتتىم،بىزنى كۆرگەن بىلگەنلەر بىزگە ھەۋەسلىنىپ قارايىتتى،ھەتتا بەزى قىزلار  ھەسەت ۋە ھەۋەس ئارلاشقان ھالدا:-يۈرۈۋاتامسىلەر؟يىگىتىڭىز بەك قاملاشقان جۇمۇ؟دەپ كىتەتتى، بۇنداق چاغلاردا مەن سۆزمەن چۈرۈك تىللىرىم ئارقىلىق:- ۋوي مەن سەت ئوخشىمامدىم،دەپ چاخچاق قىلاتتىم.
باشقىلارنىڭ ھەۋەسلىك سۆزلىرى بىلەن مەن ئۇنىڭغا تىخىمۇ چىڭ يىپىشتىم،مۇھەببىتىمىز شۇنچە شىرىن،لەززەتلىك ئۆتىۋاتىدۇ،بۇ جەرياندا بىرەر قىتىممۇ ئۇرۇشۇپ قالمىدۇق،بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئالدىراپ ئازار بەرمەيتۇق،بولۇپمۇ ئۇ كۆپ ئىشلاردا ماڭا يول قوياتتى.مۇھەببەت تارىخىمىزدا قانداقتۇر ئۇقۇشماسلىق،باشقىلارنىڭ ئارىغا كىرىۋىلىشى قاتارلىق ئىشلار يۈز بەرمىدى،خۇددى بىر-بىرىمىز ئۈچۈنلا يارالغاندەكلا..

داۋامى ئىنكاس شەكلىدە مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللىنىدۇ.

ۋىنىرا
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

نادانغا نەسھەت ق

UID
3368
يازما
86
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
870
تىزىملاتقان
2010-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 11:32:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق رۇمانتىك تارىخ تۇرۇپ نىمىشقىمۇ بۇنداق خىيالغا  كەلگەنسىز... شۇ چاغلارنى ئەسلەپ ئۆتسىڭىزمۇ بىر ئۆمۈر يەتكۈدەك. ئاخىرغا تەقەززامەن.

UID
9850
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2011-3-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 12:30:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ زادى نىمە  ،ئەسەر ياخشى يېزلىپتۇ ، بىراق تېمىسى بىلەن ئانچە ماس كەلمەپتۇ ،

UID
9850
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2011-3-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 12:31:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى قېنى بۇنىڭ ،  قىززىقىپ ئوقۇۋاتاتتىم.

UID
7975
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2010-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 12:47:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىز بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، داۋاملىق تىرىشىڭ، ھارمىغايسىز!

يېڭى يۇلتۇز

ھاياتتىن گۈزەل خ

UID
9702
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
150
تىزىملاتقان
2011-2-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 16:08:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانىم..بۇلدى قىلغىن...مەن بۇ ھىكايەڭنىڭ كەينىنى دىمىسەڭمۇ  ھىس قىلدىم..خۇددى سەنمۇ مەندەك   شۇ ئويلاردا بۇلىۋېتىپسەن.شۇنداق قىلىپ ئۇ چاغلاردا سىنى تاتلىق گەپلەر بىلەن ئۈزىگە مەپتۇن قىلدى.ئەلۋەتتە،سەن توي قىلىشتىن ئىلگىرى بىر گۈل ئىدىڭ،ھەممە ساڭا ھەۋەس قىلاتتى،ئارقاڭدىن نۇرغۇن-يىگىتلەر تەلمۈرىشەتتى.كىمنىڭ ئەزىزلىرى كىمگە خار بولدى دىگەندەك،ئۇنى-بۇنى دەپ سەن مىھرىڭنى ئۈزەلمەي،باشقا تاللىشىڭ يوق ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىڭ.......كۈنلەر ئۈتۈپ...ئاراڭلاردا بالا بولدى......بەلكىم بالاڭ 1ياشتىن ئاشقاندۇ؟؟؟چۈشۈنىمەن جانىم  چۈشۈنىمەن...سىنىڭ   پەقەت سىنىڭلا ئەمەس   مەن ۋە ساڭا ئوخشاش  نۇرغۇن بىزدەك ئاجىزەلەرنىڭ كىچىلىرىلا ئەمەس   كۈنلەپ ئايلاپ ھەسرەت چىكىۋاتقىنىنى،شۇ ھەسرەتلىرىنى ئىچىدە سىغدۇرۋاتقانلىقىنى بىلىمەن....مەنمۇ مانا 30نىڭ قارىسىنى ئىپ قالدىم.....بالام 2 بولدى.....،باشقىلار بالا ئىككى بولغاندا ئاجراشماق تەس دەيدىكەن...سەنمۇ شۇنداق ئويلىغانسەن بەلكىم.......مەن بالام 1لا ۋاقتىدىمۇ،بالامغا 5ئايلىق ھەتتا بالام تۇغۇلۇپلا   ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كىتەي دىگەن......ئەمما  سەنمۇ ھىس قىلدىڭمىكىن......قورقىدىكەنسەن......بىرىنچى بۇلۇپ كۆز ئالدىڭدىكىسى ئۈزۈڭنىڭ بىچارە ھالىتى..يەنە بىرسى  بالاڭ.......ئۇنىڭدىن قالسا    سەن   سەۋدايىلەرچە ئاشىق بولغان شۇ يولدۇشۇڭ.....شۇنداق ئەمەسمۇ؟؟؟؟     خۇددى سەن بۇ سەھىپىلەرگە ھالىڭنى تۈككىنىڭدەك مىنىڭمۇ تورداشلارغا ھال ئېيتقۇم كەلگەن ئىدى.....ئەمما   ....................................     ساڭا دوستانە مەسلىھىتىم   سەن يەنىلا بۇ    ئويلىرىڭدىن كەچ...سەن  مەيلى يامانلاپ ئاتا-ئاناڭنىڭ قېشىغا كەتكەن بول....مەيلى ئۇ ساڭا يۈز كىلەلمىگۈدەك ئىش قىلغان بولسۇن....مەيلى سالىۋات.....سەن يەنىلا مەيلى دىگىن.......مۇمكىن بولسا   سەن  خوتەنلىك "ھايات نۇپۇس مۇھەممەت"يازغان "قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرىگىچە"،نەزىرە مۇھەممەت سالىھ يازغان "شەرق يۇلتۇزىنى ئىزلەپ"ناملىق كىتاپنى تېپىپ بىر قىتىم ئۇقۇپ كۆرگىن......ساڭا ئالەمچە خۇشاللىق تىلەيمەن...كۈنلىرىنڭنى مەنىلىك ئۆتكۈزگىن...ئاللاھتىن ئۇنىڭغا ئىنساپ تىلە..........................

UID
3392
يازما
54
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1674
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 18:13:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىڭىزنىڭ داۋامى قانداق ئاخىرلىشىدۇ،سىز زاداى نىمىە ئۈچۈن ئاجىراشماقچى،بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ،لىكىن مىنىڭ سىزگە دوستانە نەسىھىتىم،ئامالنىڭ بارىچە ئاجىراشماڭ،كەچۈرۈشكە تىگىشلىك بولسا كەچۈرۋىتىڭ،

UID
5097
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1406
تىزىملاتقان
2010-8-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 23:36:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىنىم ھىكايىڭىزنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغىننى بىلمىدىم ، لېكىن ئايال كىشى بۇلۇپمۇ بالا بۇلۇپ قالغاندا سەۋىر چان ، ئەپۇچان ، كەڭ قورساق بۇلۇشى كېرەككەن. كىچىك بىرنەرسىنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سالغىلى بولماس. ئالدىراڭغۇلۇق پۇشايماندىن باشقىسى ئەمەس.

كۆيۈمچان ئەزا

تۆكمىگىن ياش ئەس

UID
9498
يازما
50
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1613
تىزىملاتقان
2011-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-4 00:49:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈپ قىزغىن مۇھەببەتكە تولغان ئالى مەكتەپ ھاياتىمىز ئاخىرلاشتى.مەكتىۋىمىزدىكى  باشقا ئاشىق-مەشۇقلاردەك باشقا-باشقا يۇرىتتىن بولۇش سەۋەپلىك ئازاپلىق ياش تۆكۈشلەردىن،ھىجرانغا تولغان ئايرىلىشلاردىن  بىز خالى ئىدۇق.مەن تولىمۇ خۇشال ئىدىم.ئەمدى ياخشى خىزمەت تىپىپ توي قىلساق،ئۇنىڭ ئايالى بولسام،بالىمىز بولسا....،نىمىدىگەن شىرىن خىياللار بۇ،ھە.......كىيىنكى كۆنلەرنى ئويلاپ شىرىن سىزىملارغا تولاتتىم.
ئىككىمىز نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلارنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ ئالى مەكتەپ ھاياتى بىلەن خوشلاشتۇق.خىزمەت تىپىش ئىشىمىز ئۆزىمىز ئويلىغاندىنمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى.ھەر ئىككىمىز ئىمتىھانغا قاتنىشىپ خىزمەت ئىھتىياجى تۈپەيلى شەھرىمىزدىن 200كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ناھىيگە تەقسىم قىلىندۇق. بۇيەرگە كەلگەندىن كىيىنمۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بىر مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغىنىمىز مىنى ئالەمچە خوشاللىققا چۆمدۈرگەن ئىدى .
مەكتىۋىمىزمۇ گەرچە ناھىيە بازىرىدىن 30كىلومىتىر يىراقلىقتا بولسىمۇ،شارائىتى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ،مىنىڭ يىنىمدا ئۇ بار ،ئۇنىڭ يىنىدا مەن بولغاچقا،جاپالىق تۇرمۇش شارائىتى بىزگـە بەك بىلىنىپ كەتمىدى..........خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ بىر يىل بولغاندا توي قىلدۇق....

       تاراق -تۇرۇق قىلغان ئاۋازدىن يەنە ئۇنى كەلدىمىكىن دەپ چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىك تۈۋىگە كەلسەم يەنىلا ئەمەس ئىكەن.سائەتكە قارىسام سەھەر سائەت تۆت بوپتۇ.ئەتە يەنە ئىشقا بىرىشىم ،بالامنى يەسلىگە ئاپىرشىم كىرەك دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۇيقۇ دورىسىدىن بىر تال يەپ تىزلا ئۇيقۇغا كەتتىم.


  تىلفونۇمنىڭ قاتتىق چىرقىرىغان  ئاۋازىدىن چۆچۈپ  ئويغىنىپ سا ئەتكە قارىسام ئىشقا بىرىشقا ئازراقلا ۋاقىت قاپتۇ،چالا-پۇلا جاپتۇنۇپ،بالامغا ناشتىلىق بىرىپ ئۆزۇم ناشتىسىز ھالدا ئۆيدىن چىقتىم.نەچچە كۈندىن بىرى ئۇيقۇم ۋە تامىقىم جايىدا بولمىغاچقا بىشىم قىيىپلا تۇراتتى.قورودىن ئەمدى چىقىشىمغا تۈنۈگۈن كەچ يولدۇشۇمنى ئىزدەپ كەلگەن ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچىسى بىلەن دوقۇرشۇپ قالدىم.ئۇلارنى كۆرۈپ خۇددى ئەرۋاھقا يولۇقۇپ قالغاندەك ھۇدۇقۇپ ئۆزۈمنى چەتكە ئالاي دەپ قايرىلىشىمغا:
-رەشىدە مۇئەللىم! دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ئورنۇمدا تۇرۇپلا قالدىم.
-رەشىدە مۇئەللىم،ياخشىمۇسىز،خالمۇرات مۇئەللىمنى يەنە ئىزدەپ كەلگەن ئىدۇق،
-ئاخشام ئۇ ئۆيگە كىرمىگەن ئىدى،ئالاقىلىشاي دىسەم  ئۇنىڭ يىنىدا تىلفۇنمۇ يوق،سىلە خاپا بولماي ئۇنى مەكتەپتىن ئىزدەڭلار،بۈگۈن مەكتەپكە بارارمىكىن،
ئۇلار گىپىمنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خجىلچانلىق بىلەن تەسلىكتە:
-بىزمۇ تۈنۈگۈن ئىزدەپ مەكتەپكە چىققان ئىدۇق،بىراق خىزمەتكە چىقمىغىلى ئىككى كۈن بوپتۇ،بىزگە بۇ پۇل بەك لازىم بوپكەتكەن ئىدى،بولمىسا بىزمۇ سىزنى خجىل قىلمىغان بولاتتۇق،مۇمكىن بولسا سىز بىرىۋەتكەن بولسىڭىز.
بۇ گەپ نىرۋامغا تەگدى،نىمىدەپ ئۇنىڭ قەرىزىنى يەنە مەن تۆلىگۈدەكمەن.نەچچەيىلدىن بىرى قەرىزىنى ئاز تۆلىدىممۇ؟ نەچچە كۈندىن بىرى قەرىز سۈيلەپ تولا تىلفون كىلىپ بىشىمنى ئاغرىتقىنى ئاز كەلگەندەك مونۇ ئۇششاق شۇمتەكلەرنىڭمۇ مىنى بوزەك قىلىۋاتقىنىنى دىگەن خىياللارنى قىلغاچ ئۇلارغا:
-ماڭا قاراڭلا ئۇكىلىرىم مەندە بولغان بولسا بىرەتتىم، بىراق ھازىر مەندىمۇ ئۇنچىلىك پۇل يوق،ئەڭ ياخشىسى مىنى ئىزدىمەي ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىزدەڭلار،دەپلا خوشلىشىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي كىتىپ قالدىم.يولدا كىتىۋاتقاچ  بىرى يۈرۈكۈمنى ئامبۇر بىلەن قىسىۋاتقاندەك بەكلا بىئارام بولدۇم.ھەر ئايدا تاپقان ئىككى تۆت تال مۇئاشىمنى يەتكۈزەلمەي ئاران تۇرغاندا ،بۇ ماڭا نىمە كۈن ئەمدى.

ۋىنىرا

كۆيۈمچان ئەزا

تۆكمىگىن ياش ئەس

UID
9498
يازما
50
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1613
تىزىملاتقان
2011-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-4 00:56:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىددى ئىشىم چىقىپ قالغاچقا ئازراقلا يوللاپ سالدىم.تولىمۇ خىجلىمەن.

ۋىنىرا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش