تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 725|ئىنكاس: 3

ئوغلۇمغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
5883
يازما
61
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
2441
تىزىملاتقان
2010-9-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 01:54:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

'

ئوغلۇمغا

 

(بۇ شېئىرىمنى ئوغلۇمنىڭ تۆت ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنىگە ئىپتىخارلىق بىلەن بېغىشلايمەن)

 

ئالەمچە خۇشاللىق ئېپ كەلدىڭ بىزگە،

جامائەت جۈمەدىن يانغان شۇ پەيتتە.

ئاللاھقا مىڭ مەرتە ئېيتتىم تەسەننا،

ئېرىشتىم ئۇ بولغاچ ئۇشبۇ پۇرسەتكە.

 

ھاياجان ئىلكىدە تىكىلدىم ساڭا،

چۆمۈلدى ۋۇجۇدۇم بەخت نۇرىغا.

ئاپاڭمۇ توختىدى ئېغىر تولغاقتىن،

قوزغالغان يۈرەكلەر كەلدى ئورنىغا.

 

قاپقارا سېھىرلىك شۇ بىر جۈپ كۈزۈڭ،

تىكىلدى تۇنجى رەت مېنىڭ كۆزۈمگە.

ئۇرۇلدى ئىپاردەك خۇشبۇي تىنىقىڭ،

بەختنىڭ تەپتىدە كۈلگەن يۈزۈمگە.

 

ھاياجان ئىلكىدە دېدىم ئاپاڭغا:

"ئاجايىپ چىرايلىق ئىكەن بالىمىز".

ئىچىمدە نەچچە رەت دېدىم ئۈزۈمگە:

"سەن ئۈچۈن ۋولقان بوپ مەڭگۈ يانىمىز".

 

سۆيگۈمىز بېغىدا ئاچقان چېچەكتىن،

تۈجۈپلەپ يىغىلغان شىرىن ھەسەلسەن.

ئۇزۇن يىل ئارزۇلاپ تەلمۈرۈپ كۈتكەن،

تەڭداشسىز ئاجايىپ خۇش خەۋەرسەن.

 

ئىسىمدا خاسىيەت بار دەپ بىلگەچكە،

يەتتە كۈن توختىماي ئويلاندۇق ئۇزاق.

بولغاندا "ئاتېللا"مۇبارەك نامىڭ،

شادلىقتىن يۈرەكتە ئوخچىدى بۇلاق.

 

دۇنياغا سالامەت كۆز ئاچتىڭ ئوغلۇم،

مەن ئۈچۈن مۇشۇنىڭ ئۆزى زور بەخت.

كەچكەيمەن ئۆمرۈمدە شەكسىز ۋە شەرتسىز،

بەرگىنى سەن بولماي بولسا بىر تەخت.

 

ۋە لىكىن ئاپاڭنىڭ ھالسىز چىرايى،

شۇ ھامان ئېسىمگە سالدى ئاپامنى.

تۇغۇلغان چېغىمدا مەنمۇ ئېھتىمال،

قايغۇغا مۇپتىلا قىلغان دادامنى.

 

تۇغۇلدى كاللامدا تۈمەنمىڭ سۇئال،

تەقدىرىڭ كەلگۈسۈڭ قانداق بولار دەپ؟

تەسەللىي بەردىممەن يەنە ئۆزۈمگە،

نە قىلاي مۇنچىلا بالدۇر غېمىڭ يەپ.

 

ھاياتلىق ئېھتىمال ئاشۇ رەۋىشتە،

ئىنسانغا بېرەركەن ئاجايىپ ئىبرەت.

تەپەككۇر كۆزىدە قارىساق ئاڭا،

ئۇنىڭدىن چاقنايدۇ تۈمەنمىڭ ھېكمەت.

 

تۇغۇلدۇق ،ياشىدۇق ئۆلىمىز بىر كۈن،

ئۆلمەسكە ھېچكىمنىڭ ئامالى يوقتۇر.

ۋە لىكىن پەقەتلا مەنىلىك ياشاپ،

كەتكەنلەر يۈرىكى مەڭگۈلۈك توقتۇر.

 

ئەڭ ئاۋال سالامەت چوڭ بولغىن ئوغلۇم،

تىلەيمەن ئالاھدىن ئېسەن-ئامانلىق.

ئىنساپلىق ۋاپادار ياخشى ئادەم بول،

خەلقىڭنىڭ قەلبىدە يەنە ياراملىق.

 

كۈتىمىز سېنىڭدىن ئالەمچە ئۈمىد،

سەن بىلەن بېغىمىز گۈللەرگە تولسۇن.

داداڭنىڭ ھەجىلەپ يازغان بۇ شېئىرى،

كەلگۈسى ئۆمرۈڭگە يادنامە بولسۇن.

 

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى كورلا شەھرىدە يېزىلدى

 بۇ ماقالە لوپنۇرى بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://lopnuri.blogbus.com/logs/107218990.html


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
5189
يازما
564
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18030
تىزىملاتقان
2010-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 22:45:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈتىمىز سېنىڭدىن ئالەمچە ئۈمىد،
سەن بىلەن بېغىمىز گۈللەرگە تولسۇن.
داداڭنىڭ ھەجىلەپ يازغان بۇ شېئىرى،
كەلگۈسى ئۆمرۈڭگە يادنامە بولسۇن.

شېئىرلىرىڭىزنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ كەتتىم ، ئوغلىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بۇلۇپ چىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن !

ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ!!!

يېڭى يۇلتۇز

ئاللاھنىڭ بۇيرۇ

UID
9445
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 23:05:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. شېئىرنى بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز.تەپەككۇر دۇلدۇلىڭىز ھارمىغاي.خۇددى مىنىڭ ئۇغۇللىرىمغا ئاتاپ يازماقچى بولغان كۈڭۈل سىرلىرىمدەكلا بەكمۇ ياقتى. ئائىلىڭىزگە بەخىت ئامەت يار بولغاي.ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

ھەرقانداق سۆزنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمدىن باشلاڭ.

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1365
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43100
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 17:17:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ بارلىق نارىسىدە ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ تېنىنى سالامەت قىلسۇن  ،،،

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش