كۆرۈش: 7036|ئىنكاس: 12

ھەقىقى ئايال بولۇشقا تىرىشىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2091
يازما
1528
تېما
50
نادىر
0
جۇغلانما
50482
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-27 23:02:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مېھرى ئاتەش ، باغرى ئىللىق  قەدىردان ئانىلار ! قەلبى گۈزەل ،چېھرىدىن نۇرلار چاچىدىغان  خانىم -قىزلار  بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
      ئانىلارنى تەرىپلەپ ، تىللاردا داستان قىلىمىز شۇ جاپاكەش ئانىلارنىڭ ئەجرىدە ئالىم ،ئىنژىنېرلىرىمىز چىقىۋاتىدۇ ، ئەنە شۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ۋەتىنىمىز جۈملىدىن بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىمىز دۇنياغا تونىلىۋاتىدۇ ، پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ مەۋجوتلىقىنى تونۇپ يېتىۋاتىدۇ ،ئانىلىرىمىز قايسى بىر كەسىپتە نەتىجە قازانمىغان دەيسىز ! بىز مانا مۇشۇنداق ئانىلاردىن، خانىم قىزلاردىن پەخىرلىنىمىز  .بەش قول ئوخشاش كەلمىگىنىدەك  شانلىق نەتىجىلەرگە ئەگىشىپ جەمىيەت ۋە ئائىلىلەردە تۇرمۇش بېسىمى ،تۈۋەن ساپا تۈپەيلى بىر قىسىم  خانىم- قىزلىرىمىز  ئۆزلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلالماي نۇرغۇن نەرسىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا مەجبور بولماقتا . بۇنىڭ سەۋەبى زادى قەيەردە ؟  ئاياللار قانداق قىلىشى كېرەك ؟ مانا بۇ  ،ھەر بىر ئايال ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە ، مەن بۇ ھەقتە خانىم قىزلىرىمىزغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن بۇ تېمىنى سۇندۇم .
      تاشقى قىياپەت چىرايلىق بولسىلا ، جەلىپكار ئايال بولۇپ كېتەلىشى ناتايىن. بىراق ھەقىقىي مەنىدىكى ئاياللارلا ئەڭ  گۈزەلدۇر . چۈنكى ، ئۇلار ' چىمەنلەرنىڭ ئىچىدە نازۇك چىمەن بار " پىرىنسىپىنى بىلىدىغان بولغاچقا ، ئاز بىلەن كۆپنى ئىگىلىيەلەيدۇ   ، ھەر بىر ئىش-ھەركىتى  ،ھەر بىر سۆزىدە  ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاياللىق نازاكىتىنى نامايەن قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ .
      ئاياللىق نازاكىتىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەندۈرۈشكە  ، ئېھتىمال ، نۇرغۇن ئادەم ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەسلىكى مۇمكىن . بىراق ، ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەسلىكتىن ئىبارەت بۇ نوقتا دەل ئاياللاردىكى نازاكەتتۇر .
       ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى نازاكەتلىك ئاياللار قانداق بولىدۇ ؟
      ئۇنداقتا سىزگە بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىمنى دەپ باقاي، بەلكىم بۇ ماھارەتلەرنى ئۆگۈنۈپ قويسىڭىز سىزگە نۇرغۇن ياردەم قىلىشى مۇمكىن .
       بەدىنىڭىزدىكى جىنسىي ئىستەكنى قوزغايدىغان جايلارغا بېزەك ئېسىۋېلىڭ .
       ئاياللارنىڭ بەدىنىدە  جىنسىي ھېسسىياتنى قوزغايدىغان  ( ھېسسىيات زوقىنى ) نۇرغۇن جايلار بولىدۇ  . مەسىلەن : ئوشۇق ، قۇلاق ، مۈرە ، بويۇن ، بېغىش قاتارلىقلار ،شۇڭا ئاياللار زەنجىر ، قۇلاققا ھالقا ، بېغىشلىرىغا بىلەيزۈك قاتارلىقلارنى تاقىسا جەلىپكارلىقىنى ھەم ھېسسىياتچانلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ .
      ئۈستىبېشىڭىزدا قىزىل رەڭ بولسۇن
       قارا رەڭ بىر خىل سىرلىق جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلسىمۇ ، مۇۋاپىق ھالدا ئازراق قىزىل رەڭنى قوشقاندا ، ئادەمنى تەۋەككۈلگە ئامراق ، رىقابەت ئېلان قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ، قىزغىنلىقى تولۇپ- تاشقان  ئايال قىلىپ كۆرسىتىدۇ . دەل يازغۇچى شائىرلار تەرىپلىگەندەك  : گۈزەل ئاياللار  قىزىل لەۋ سۇرۇخ ئىشلىتىدۇ ، ئەرلەرنى مەست قىلىۋېتىدۇ .
       ھىدى يەڭگىل ئەتىر چېچىڭ ، بەزى ئاياللار ئەرلەرنىلا ئەمەس ئاياللارنىمۇ سەسكەندۈرىدىغان ئەتىرلەرنى ئىشلىتىدۇ .
      تارتىنچاقلىقىڭىزنى نامايەن قىلىڭ
      تارتىنچاقلىق ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى جەلىپ قىلىدىغان ھەم كەيپىياتنى كۆتۈرىدىغان مەخپىي قورالى. تارتىنچاقلىق مۇۋاپىق پەيتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپالىسا ، ئۇ بىر خىل گۈزەللىكتۇر . قىزنىڭ يۈزىگە توساتتىن ۋىللىدە قىزىللىق يۈگۈرىشىدىن قايسىبىر يىگىت ھاياجانلانماي قالمايدۇ . بىراق ، بۇنى "كۆپ ئىشلىتىش "  تىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك . ئۇنداق بولمايدىكەن ، تېتىقسىزلىق بولۇپ قالىدۇ- دە باشقىلارغا .ەكىس تەسىر بېرىپ قويىدۇ .
     نازۇك ھەركەتلەر جەلىپكارلىقنى تېخىمۇ نامايەن قىلىدۇ
     قايناق ھېسسىياتلارغا چۆمۈلگەن كۆزلەر ، ئاسان ئەستىن چىقمايدىغان سۇمبۇل چاچلار ، ئىللىق كۈلۈمسىرەش ، خىلمۇ -خىل ناز كەرەشمىلەر ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان چىراي بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرقانداق سۆزنى بېسىپ چۈشىدۇ .
    " ئاجىز "لىقىنى نامايەن قىلىش ئاياللىق نازاكىتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرىدۇ
       ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى قوغداشتىن ئىبارەت تۇغما ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ، ئاجىزلىقنىڭ زۆرۆرلىكىنى مۇۋاپىق نامايەن قىلىش كېرەك . بۇنداق ئاجىزلىق فىزئولوگىيە جەھەتتىكى ئاجىزلىقنى نامايەن قىلىپلا قالماي، يەنە روھى جەھەتتىكى  " ئاجىزلىق " نى نامايەن قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . كىنو كۆرگەندە ئاسانلا ھاياجانلىنىش ، چاقماق سوقۇشتىن قورقۇش ، باشقىلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن جانۋارلارنى بېقىۋېلىش، قاراڭغۇ جايلاردىن قورقۇش قاتارلىقلار   سىزنىڭ ھەقىقەتەن ئەرلەردىن ئاجىز ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلايدۇ .
      بىر قىسىم ئاياللار باركى ، يا ئۆي ئىشلىرىنى جايىدا قىلىپ ، ئۆزىنى سىپتا ھەم رەتلىك قىلىپ كۆرسەتمەيدۇ ، يولدىشى ئىشتىن كەلگۈچە تاماققا تۇتۇش قىلماستىن يېيىلىپ ئولتۇرىدۇ ،ياكى بولمىسا يولدىشى ھېرىپ ئېچىپ كەلگەندە چىرايلىق ئىككى ئېغىز سۆز قىلىپ كۆڭلىنى ۋىللىدە يورۇتماۇدۇ ، مانا مۇشۇنداق ئاياللىرىمىز ئائىلىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى ياخشى پەرۋىش قىلىشى ، ئاياللىق ،ئانىلىق رولىنى ياخشى ئېلىپ ئىناق بولغان  ئائىلىسى ئۈچۈن چوقۇم كۈچ چىقىرىشى كېرەك ، ھەر ۋاقىت سەزگۈر بولۇڭ ، ھەممە ئىش ۋاقتىدىن ئۆتۈپ بولغاندا سىز ھەر قانچە كۈچىسىڭىزمۇ ئورنىغا كەلمايدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقمىسۇن . ھەممىمىز ئۆز پەرزەنتلىرىمىزنى ئۆز قولىمىز بىلەن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرەيلى!
      ئېسىڭىزدە بولسۇنكى : مودا بولۇش نازاكەتلىك ئايال بولۇشقا باراۋەر ئەمەس ، ھەررەڭ- سەررەڭ كىيىۋېلىش بىلەن نازاكىتىمنى نامايەن قىلىمەن دەپمۇ خىيال قىلماڭ . بەزىدە بۇ سىزدە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن .
     پۇلدار ئاياللارنىڭ مۇقەررەر نازاكەتلىك ئايال بولىشى ناتايىن ، بۇنداق ئاياللار پۇلى بولغىنى بىلەن ، " كۆڭلى " بولمىغاچقا كىشىنى جەلىپ قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، بەلكى كىشىنى سەسكەندۈرىدۇ . شۇڭا سىز  ، ئائىلە ئايالى بولسىڭىزمۇ  ئۆزىڭىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى ئۆگۈنىڭ .

            مەنبە : قەلەم
           2011-يىل 27- فىۋرال  
]

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

كىشى كىشىگە مۇھت

UID
4533
يازما
90
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
2910
تىزىملاتقان
2010-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-28 00:52:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي مەن ئاستا چىقىپ كەتسەم بولغىدەك،بولمىسا مەخپىيەتلىكنى بىلىپ قالغىدەكمەن.

جەسسۇردىن سالام!

كۆيۈمچان ئەزا

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

UID
2391
يازما
218
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
7029
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-28 12:40:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاكىرە خانىم قىزلار ئۈچۈن يوللىغان ئەھمىيەتلىك تېمىڭىزدىن بەكمۇ سۈيۈندۈم ، ھەقىقى ئايال بولۇش يەنى ئىچكى گۈزەللىك بىلەن تاشقى گـۈزەللىكى بىرلەشكەن  ھەقىقى نازاكەتلىك ئاياللاردن بولۇش ھەممىلا ئاياللارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ ، ئاشۇنداق ھەممە جەھەتتىن يىتىلگەن ئايال بولۇش ئۈچۈن ئاياللىق سەنئىتىنى ، ھەقىقى ئاياللىقنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم ..............
ئەھمىيەتلىك تېمىلىرڭىز ئۈزۈلمىسۇن ، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ................

كىتاپنى دوست  بىل

UID
6284
يازما
261
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7663
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
68 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-28 13:33:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاكىرە خانىمنىڭ  تىمىسىنى قايتا كۆرگىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.
زاكىرە يىقىندىن بۇيان يوقاپ كەتتىڭىز، سىزگە دىققەت قىلىۋاتقانلار بار جۇمۇ (چاخچاق) [s:2]
مۇنبەردىكى بارلىق  چىھرى ئايدەك خانىم - قىزلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

UID
2091
يازما
1528
تېما
50
نادىر
0
جۇغلانما
50482
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-28 15:43:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 3قەۋەتتىكى0998bahar يوللىغان 2011-02-28 13:33 غا قارتىلغان  :
زاكىرە خانىمنىڭ  تىمىسىنى قايتا كۆرگىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.
زاكىرە يىقىندىن بۇيان يوقاپ كەتتىڭىز، سىزگە دىققەت قىلىۋاتقانلار بار جۇمۇ (چاخچاق) [s:2]
مۇنبەردىكى بارلىق  چىھرى ئايدەك خانىم - قىزلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!
  ۋاي گۈلۈم مەنمۇ سىلەرنى سېغىندىم ،بالام ئاغرىپ قاپ ۋاقىتلىق دوسلاردىن ئايرىلغانتىم ، مانا قايتىپ كەلدىم .

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

تىرىشچان ئەزا

كەڭ  قۇرساق،ئەپ

UID
9305
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
528
تىزىملاتقان
2011-2-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-28 17:16:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ،ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ، ئاز بولمىغان تەجىربىلەرگە ئىگە بولدۇم،مەنمۇ چۇقۇم لاياقەتلىك ،نازاكەتلىك ئاياللاردىن بولۇشقا تىرىشىمەن.

UID
6619
يازما
21
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2010-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-28 21:14:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاكىرە مۇئەاللىم  سىزنىڭ مۇنبەردىكى پىسىىكىغا ، مائارىپقا ،خانىم -قىزلارغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلىرىڭىزدىن بەكلا ھوزورلىنىمەن . بۇ  يازمىڭىزنىمۇ  قايتا- قايتا  ئوقۇپ چىقتىم ، سىز دېگەندەك ھەقىقىي نازاكەتلىك بىر ئايال بولۇش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس .بىزنىڭ ۋەزىپىلىرىمىز بەكمۇ كۆپ ئىكەن ،خىزمەت قىلمىساق بولمىغان ،بالا باقمىساق بولمىغان ،ئەرلىرىمىزگە نازاكەتلىك بولۇپ كۆرۈنمىسەك .....ۋاي -ۋۇي ..مۇشۇ ئەرلەرمۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى نوقسانسىز ئەر بولۇشنى ئويلامدىغاندۇ دەيمەن ..........بولسا شۇنداقراق بىرە تېمىنى يوللاپ باققان بولسىڭىز  

سۈكۈت قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر غەلىبە !

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 01:03:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاكىرە خانىم بۇ ئەسىرىدە بىر ئانىدا بولۇشقا تىگىشلىك پەزىلەت ۋە لاتاپەتنى تەپسىلى ئوترىغا قۇيۇپ،ئۈزىنىڭ بىر ئانا بۇلۇشتىكى تەجىربىلىرىنى يەكۈنلەپ،ئۇيغۇر خۇتۇن-قىزلىرىغا بىر جانلىق دەر ئۈتۈپ،ئۇلارنىڭ قانداق ياشىشى كېرەكلىك توغرىسىدا بىر يۇرۇق يولىنى كورسىتىپ بىرىپتۇ،ئانىلىرىمىز ۋە خۇتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ شەرمى-ھايالىق بۇلۇپ،ئۆز پەرزەنتىلىرىنى ياراملىق تەربىلەپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن.
بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنبەردىكى بارلىق ئانىلارغا ئالى ئېتىراملار بولسۇن.
ئەجرىڭىزگە رەھمەت،تېخمۇ ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرارسىز

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
136
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4396
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 13:13:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تىمىڭىزنى ئەمدى كۆ رۇپتىمەن ، بىز ئاياللار نازاكەتلىك ، سالاپەتلىك ، جەلىپكار بۇلۇشنى خالايمىز ، مەن بۇ تىمىڭىزنى كۆ رۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلۋالدىم رەھمەت سىزگە. ئەجرىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن .

ەەر قانداق ظشتا ظأ زەڭگە ظىشەن .

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1341
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
43075
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 18:33:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم  زەكىرە  ،،، ھەقىقى ئايال بولۇشقا تىرشىپ كەپتۇق ،،ھەم يەنە تىرشىپ كېتىپ بارىمىز

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش