- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 111
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2311
- تىزىملاتقان
- 2010-8-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-24
- UID
- 4398
- يازما
- 111
- تېما
- 25
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2311
- تىزىملاتقان
- 2010-8-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-24
- توردا
- 47 سائەت
|
ئىشخانىغا ئەمدى كىرىپ كومپىيوتۇرنى ئېچىپ ياخشى ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىناي دەپ تۇرىتىم باشلىق كىرىپ قالدى -دە بىر دەم پاراڭلىشىپ قالدۇق.
_تۆۋەنگە چۈشىمىز تەييارلىق قىل.
_يۇقىرغا چىقالماي تۇرىۋاتقاندا تۆۋەندە نىمە قىلارمەن باشلىق؟
_گېپىڭمۇ تولا نىمە ئىكەنسەن؟لەغمەن بىلەن خوشۇڭ بولمىسا مەن بىلەن نىمە مۇناسىۋېتى؟
_ئۇغۇ شۇ،تۈنۈگۈن خوتۇن تونۇرغا مانتا يېقىپتىكەن،قېينى ئاتامغا تېلفۇن قىلسام،تېلىفۇنى گاچا بولۇپ قاپتۇ.
_سەن گۇيمۇ شۇ قىزىنى بەرگەندىن كېيىن،سەتىراشقا 20 كوي بېرىپ قويساڭ،قاسساپ تۆلەپ قويىتى ئەمەسمۇ؟
_نىمە بولۇپ كەتتى بۇ جاھان،ئالدىنقى كۈنى سەيپۇڭدىن ئىككى كېلو گۆش ئالاي دىسەم ھەر سانتىسىنى 40 يۈەن دەۋاتىدۇ؟ يەنىلا گۆشنى ناۋاينىڭ ساتقىنى ياخشىمۇ نىمە؟
_3كۈندىن كېيىن تەكشۈرۈش كېلىدىكەن،بۇگۈن يېتەرلىك ماتىرىيال توپلاپ كېلەيلى.
_نىمە دەيدىغانسىز باشلىق،ئالدىنقى قېتىم بىر مۇنچە ماتىرىيالنى يەپ كەتتى ،يەنە قوسقى تويماپتىمۇ ئۇ گۇيلارنىڭ؟
_تويمىغىنى بىر گەپ ھالۋاڭ تۇزسىز بولۇپ بولۇپ قاپتۇ دەپ كايىپ كەتتى .
_بۇ ئاداشلارمۇ قىززىق ئىكەن،قېينى ئاتىسى توي قىلسا بىز بىلەن نىمە مۇناسىۋېتى؟ قارىغاندا قېرى قوشقار يالغۇز يەمگە كۆنەلمەپتۇ -دە.
_سەن گۇيمۇ ھەددىڭدىن ئېشىپ كەتتىڭ؟ئېتىزغا سۇ تۇتىمەن دەپ مېنىڭ كاستىيومۇمنى كىيىپ كېتىپسەن؟
ۋاي-ۋۇي باشلىق سىزدە موزايلىق كالا ئازمۇ؟ئەسكى ئۆتۈككىمۇ شۇنچىلامۇ قىلامسىز ئەمدى؟
_بولدى قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ بالدۇر چۈش پەستە ساقلايمەن.
چۇقەينى كىيىپ پەسكە چۈشسەم باشلىق ئايرىپىلان بىلىتنى ئېلىپ تەييار قىلىپ قويۇپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇچتۇق يېزىغا قاراپ . يېرىم يولغا كەلگەندە باشلىق تۇيىقسىز ۋاقىراپ كەتتى:
-ئاپلا!
-نىمە بولدى باشلىق؟
- ھۆججەت سومكامنى ئۇنتۇپ قاپتىمەنۋا ئاداش سېنى ماڭدەپ ئالدىرىتىپ.
-نىمە قىلغىنى بۇ ئايالىڭىزنىڭ،ھەممە ئىشنى جايىدا قىپتۇ،شۇ ئىشتاننىڭ ياقىسىغا دەزمال سالماي قويۇپتۇ،تۈنۈگۈن بىر نىمە دىيىشىپ قاپسىزدە؟
-بىلىپ قالدىڭ ھە،ئاخشام چۈچىرىنى دۈملەپ پىشۇرىمەن دەيدۇ،مەنمۇ شۇ دۈملىگىچە زىخقا ئۆتكۈزۈپ پىشۇر تەملىك بولىدۇ دىسەم ئۇنىماي تەگىشىپ قالغان.
-سەتىراشقا كالتە ئىشتان تىككۈزگەنگە تويۇپسىزدە؟
-قويە ئۇ كالۋا گۇينى،شۇنچە تاپلىساممۇ ئېغىنى ئوچۇق تىكىپ قويۇپتۇ.
-مەنمۇ شۇ ناۋايغا 4 كۈن بۇرۇن پايپاق تىكىپ بەر دەپ بېرىپ قويسام ،تۈنۈگۈن خەۋەر قىلدى سېرىتما ئەككەلمىسىڭىز بىزدە قالمىدى ۋاقتىدا پۈتتۈرۈپ بېرەلمەيمىز دەپ.
-سەمەت تورغاينى بىلىسىز،ئايالىنى ئۆيدە يالغۇز قويۇشتىن قورقۇپ كۈندە كۆتۈرۈپ يۈرۈيدۇ دەپ ئاڭلايمەن.
- شۇنداقمۇ ئۇ خوتۇنمۇ مۇشۇ چاققىچە مېڭىشنى ئۈگەنمەي نىمە قىلغان بولغىتى.
ھازىرقى مۈشۈك ياپىلاقلارمۇ چاشقاندىن زېرىككەن چېغى.
-بۇلبۇل خورەك تارتىپ ئۇخلىسا كېپىنەككە بايرام بولىدۇ-
-قاسساپتىن موما ئالسام بىر سومغا ئىككى دەيدۇ،تېزەكنىڭمۇ باھاسى ئۆسكەن چېغى؟
-نىمە ئامال ھەممە كالا سۇغا تېزەكلاۋاتسا باشلىق.
-تۈنۈگۈن تېلفۇنغا پۇل ئۇرۇپ قوي دىسەم خوتۇنغا،دوختۇرخانىنىڭ رېتسىپىنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ مۇشۇ تالۇننى كېسىپ بەردى دەپ.
-تايىنلىق سىزگە مۇكاپات چىقتى دەپ يېزىپ بەرگەندۇ؟
-ئاشقازىنىڭىزدا يارا باركەن،ئوپىراتسىيە قېلىپ ئېغىزىڭىزنى تىكىپ قويىمىز دەپ يېزىپتۇ.
-مانا كارامەت سۈتنى ئازىراق ئېچىڭ چىرايىڭىز قارداپ كېتىدۇ دىسەم ئۇنىمايسىز؟موزاينىڭ ئۇۋالىغا قاپسىز ئەمدى؟ ھە راست تېلىۋىزوردىن كۆردىڭىزمۇ؟ئوباما ھېلارىڭكىگە ئەتكەن چاي ئىچكۈلى بارسا،كېلىنتون خوتنۇغا:كەچكىچە لەغمەننى تۇزسىز قېلىپ قويامسەن گۇي؟دەپ ۋاقىراۋاتقۇدەك.
-بولدى ئەسلى سەن گۇينىڭ ئاغزىنى تىكىپ قويسا بوپتىكەن،ماڭا چۈشۈپ ھوججەت سومكامنى ئېلىپ چىق؟
شۇنىڭ بىلەن ھارۋىكەشكە ئايرۇپىلاننى توختات دىسەم شۇنداق تورمۇز قېلىپ توختۇتۇپ سەكرە دەيدۇ،قارىسام پاراشوت يوق ،سەپ سېلىپ قارىسام بىر ئەسكى پالاس تۇرىدۇ تۆت بۇلۇڭىدىن تۇتۇپلا سەكرەپ چۈشسەم يېنىمغا باشقىلار ئولۇشۇپ كەتتى<قانداق نىمە دىسەك پاراشوت دىگەن مۇشۇمۇ؟> دەپ،بولدىلا چۈشەندۇرگەنگە ۋاقىت يوق دەپلا ئىشخانىغا يۈگەردىم،مانا مۇشۇ تاپتا ئىشخانىدا ئولتۇرۇپتىمەن. |
|