تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1501|ئىنكاس: 7

جەننەتنى تىلىگەچ دەيمىز ئەلۋىدا! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
5883
يازما
61
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
2441
تىزىملاتقان
2010-9-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-27 14:58:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جەننەتنى تىلىگەچ دەيمىز ئەلۋىدا!

(مەرسىيە)

ئالىم ئىمىن تۇرسۇننىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلايمەن

 

پەلەكنىڭ قەھرىدىن چېقىلىپ چاقماق،

ساقىدى ئاسماندىن يەنە بىر چولپان.

قاپلىدى ئەتىراپنى يۈرەك مۇڭلىرى،

جۇدالىق دەردىگە چىدىماي سوققان.

 

" ھەۋەس "تىن يول ئېچىپ قەلەملىرىڭىز،

ئىجادنىڭ كۆكىدە قىلغانتى پەرۋاز.

" سەپەر سەزگۈلىرى "بەرگەندە ئىلھام،

تارالغان يۈرەككە يېقىملىق ئاۋاز.

 

تەشنا بوپ تۇرغاندا ئىلىم-بىلىمگە،

" تارىمدىن تامچە "لار چىققانتى ئوخچۇپ،

" بۇلاقتىن بىر ئوتلام "سۇنغاندا بولسا،

قانغانتى تەشنالىق مىننەتدار بولۇپ.

 

" بالدۇرقىغا ئوخشىماس " ھېكمەت.

" تىل بىلەن دىللارغا كىلىت سېلىنغاچ "

" نۇرۇزنامە "دىن ئېچىلدى چېچەك.

"نەۋايى ھەققىدە"ئۈنچە تىزىلىغاچ.

 

" قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى "دىن،

ئۇرۇلدى دىماققا مىللىيچە پۇراق.

تەرجىمە-تەھرىرلىك سېپىدىمۇ ھەم،

ماڭدىڭىز ئالدىدا كۆتۈرۈپ بايراق.

 

چېھرىڭىزدىن بالقىتىپ كۈلكە،

كەمتەرلىكتىن بولغاندا ئۈلگە.

نۇرغۇنلىغان سەبىي-بوغۇنلار،

ھۆرمەت بىلەن تىكىلگەن سىزگە.

 

مۇسىبەت خەۋىرى كەلگەندە يىتىپ،

قەلبىمنىڭ قۇياشى كەتتىغۇ پېتىپ.

يىغلىغۇم كەلدىكى شۇنچىلىك ئۈنلۈك،

نامىڭىنى ھەسرەتلىك قوشاققا قېتىپ.

 

ئۈلۈمگە ئامال يوق بىلىمەن ئەمما،

بىلىدۇ بۇنى ھەم نادان ۋە دانا.

بۇلارنىڭ پەرقىدۇر قەدرىنى بىلىش،

ئۆلۈمدە ساقلاقلىق تۈمەنمىڭ مەنا.

 

ھاياتتا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىزىڭىز،

بىز ئۈچۈن ساناقسىز بايلىق بىباھا،

دۇئاغا كۆتۈرۈپ ئۇشبۇ قوللارنى ،

جەننەتنى تىلىگەچ دەيمىز ئەلۋىدا!



قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغانلىرى ئالىمنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

 

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى


 بۇ ماقالە لوپنۇرى بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://lopnuri.blogbus.com/logs/106979800.html


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
gvzal3.8 + 50 ئىجادىيىتىڭ ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 50   باھا خاتىرىسى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

دائىملىق ئەزا

ئۇنتۇپ كەت يۈرۈگ

UID
2561
يازما
621
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
20247
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-27 17:16:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللە ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن .

جاھاندا ئۆزۈڭدىن چوڭ كۆڭۈل يوق .

UID
5189
يازما
564
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18030
تىزىملاتقان
2010-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-27 23:24:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلىدىكەن يىراق كەتكەنلەر،، كەلمەيدىكەن كەتمەنلەنگەنلەر ،،،ئاللا ئۇ دۇنيالىقىنى بەرگەي !

ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ!!!

UID
6620
يازما
90
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
920
تىزىملاتقان
2010-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 08:47:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قەدرىنى ھاياتلىقىداھەم ۋاپاتىدىن كىيىنمۇ بىلىش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. بىلىپ تۇرۇپمۇ بىلمەسكە سىلش ياخشى ئىنساننىڭ ئىشى ئەمەس.
ئاخىرەتلىكى خەيرىلىك بولسۇن!

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
151
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4411
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-5
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 15:35:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمەنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي ، بەك ياخشى تەرىپلەپسىز .ئەسىرڭىزنىڭ  تىلى بەك جانلىق چىقىپتۇ .

ەەر قانداق ظشتا ظأ زەڭگە ظىشەن .

تىرىشچان ئەزا

بۇ كۈنلەرمۇ ئۇتۈ

UID
2467
يازما
46
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1098
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-23
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 12:30:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن،تىلشۇناس ئالىم  ئىمىن تۇرسۇن ئاكا ھاياتلىقىدا ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپ تۆھپە قوشقان .

ئۈمۈت بىلەن ياشا

كۆيۈمچان ئەزا

!vq  adam  bar  yarda 

UID
6664
يازما
192
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5314
تىزىملاتقان
2010-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-31
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 11:08:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 4قەۋەتتىكىhuxrui يوللىغان 2011-03-01 15:35 غا قارتىلغان  :
مەرھۇمەنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي ، بەك ياخشى تەرىپلەپسىز .ئەسىرڭىزنىڭ  تىلى بەك جانلىق چىقىپتۇ .

<<مەرھۇمە>>ئەمەس،مەرھۇم  دەڭ!

UID
9866
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2011-3-3
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 22:52:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىلىق يولىدا باسقان قەدىمىڭىزگە ئاللا  كۇپ ئەجىر بەرگەي .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش