مەن ئۆلۈۋاتىمەن..
تۇيغۇلارنىڭ ئاراچلىرىدا
باھار تەنتەنىسىگە چۆمۈلگەن
قىشنىڭ ئاخىرقى ئەگىز سۈيىدە.
ئالدىمدىن بىر كىشى ئۆتۈپ كەتتى
قولىدىكى قەپەزگە سولىۋىلىپ چىرايلىق قۇشنى.
قۇشنىڭ كۆزلىرى
مېنىڭ كۆزلىرىمگە سىڭىپ كەتتى.
ئۆلۈپ كېتىۋاتىمەن
خۇشپۇراق ئەتىرگۈلنىڭ باغرىدا تۇرۇپمۇ
بەرگىلەرگە قونغان شەبنەم ھەسرىتى
شوراپ كەتتى ھاياتلىغىمنى.
ئۆلۈپ كېتىپ سۆزلەپ بەرسەمتى
باغرىمغا پىچاق ئۇرغان قاتىلنى
ئىھتىمال
تاغۇ-تاشلار يېرىلار ئىدى
باغرىمدىن ئوچۇملاپ ئېلىنغان قاندا
دۇنيا كۆيۈپ كېتەتتى
قوياش كۈلۈپ كېتەتتى
يىغلاڭغۇ باھارنىڭ باغرىدا بىر گۈل
قىپ-قىزىل ئېچىلىپ تۇراتتى.
تاشتەك ئېغىر ھەقىقەت ئاستا
گۈل بەرگىنى سۆيۈپ قوياتتى.
شۇ دەمنى كۈتكىنىمچە..
مەن ئۆلۈپ كېتىۋاتىمەن.
ئەلكۈيى مۇنبىرىگىلا تەئەللۇق.كۆچۈرمەڭ!!