بۇ 4قەۋەتتىكىbarkatjan يوللىغان 2011-02-26 18:30 غا قارتىلغان :
بەك ياخشى يىزىپسىز ...........شىئىرڭىزنى....ئوقۇپ........كۇڭلۇم ئىچىلىپ قالدى.........مىنىڭ ......دەيدىغىنىم....سىزنىڭ...مۇھەببەت ئەمەس ....بەلكى باشقا تۇردىكى شىئىرلىرىڭىز يوقمۇ............ 
بار قېرىندىشىم ،ئەمما شېىرنى چۈشەنمەي ئوقۇپ ئۆكتە قوپىدىغانلار بەك كۆپ ئىكەن،ھە نىمە بولسا ئۆچۈرۈلىپتۇ،بولمىسا.....................
ئەسلى مۇنداق يازىدىغان گەپكەن:
ئىشلىمە ئېتىزغا قۇرۇق تاشلىۋەت،
ئوت باسسۇن ۋەياكى كۈندە ئاشلىۋەت،
ئويۇنغا يېتەمدۇ سەھەر باشلىۋەت،
قوپ ئىشلە دىگەننى ئۇرۇپ دەسسىۋەت،
يەنىلا ھەممىدىن سەن ئۇلۇغ <دېھقان>.
تەر تۆكۈپ ئىشلىسەڭ نىمە پايدا بار،
جاپادا پۇل تاپقان قېنى قايدا بار،
<قۇتقۇزۇش> يېزىدىن ساڭا ئايدا بار،
ئويناپلا جان باققان ھەممە جايدا بار،
يەنىلا ھەممىدىن سەن ئۇلۇغ <دېھقان>.
كۈندىزى ئوينا يا ئۇخلاپ يېتىۋەر،
كېچىسى يان يېتىپ نىشە چېكىۋەر،
<ئاق > چېكىپ ۋەياكى جاندىن كېچىۋەر،
قاۋاقتا چىلىشىپ قوپماي ئېچىۋەر،
يەنىلا ھەممىدىن سەن ئۇلۇغ <دېھقان>.
سەن ئىشلەپ تەر تۆكسەڭ نىمە پايدىسى،
لاغايلاپ يۈرمەكلىك ھايات قايدىسى،
ئۈن قاتقىن تاماقتىن ياخشى چاي دىسى،
ئۇنىما پۇل تېپىپ بولغىن باي دىسى،
يەنىلا ھەممىدىن سەن ئۇلۇغ <دېھقان>.
.................................................
...............................................
<دېھقاندا ھەرگىزمۇ ئەيىپ يوق ئەمەس> دىگەن تېمىنى مانا مۇشۇنداق يازغان بولسام بوپتىكەن،ئاتالمىش <شان-شەرەپ><ئالقىشلارغا> كۆمۈلۈپ كېتىدىكەنمەن.