ئاسمـانغـا ياققـان يامـغـۇر
(ئۇستاز ئەدىپ ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئاكىغا مەرسىيە)
دەرۋازىسى ئېـچىلـدى ئاسماننىـڭ،
كـۆزى يـورىــدى گـۈلـلــەرنىـــڭ.
سالغا تېشىدەك ئېتىلدى بىر ئەر،
ئـولـتـۇرۇپ ئـالـتــۇن تـەخـتـىـدە
ئاسـمـانـغـا ياققـان يامـغـۇرنىـڭ.
ھاجى ئىمىن تۇرسۇن
چىقىپ شېئىرنىڭ ئورمانلىقىدىن،
ئۇچـۇپ كەتتـى ئاسـمـانـغـا قـاراپ.
ئـالـقـانـلارغـا لـىـق تولـغـان دۇئـا،
ئـۇنىـڭ روھـىـدا تـۇرىـدۇ چاقناپ.
ئۇيغـۇر بىلـەن شېئىـر ئاھـاڭـداش،
مىسـرالاردىـن تۆكۈلـدى كـۆز ياش.
ئـادەم بـىـلـەن ئـۆلـۈم مـەنـىــداش،
دۇمۇلاپ چۈشتى ھاياتتىن بىر تاش
مۇسىـبـەتتـە ئېـگىـلـدى بـۇ بـاش.
نۇر تارىـدى توپا دېگـەن خەتتىـن،
شائىر ماڭـدى تۇپراق شەھـرىگـە.
ئۇ سـۆزلـەيتـى چۆلنىـڭ تىـلىـدا،
ئۆلـۈم يەتتـى ئۇنىـڭ ۋەسـلىـگـە.
يامـغـۇر ياغـدى ئاسمـانـغـا قاراپ،
سۆزلـەر ئۇچـتى ئاسمـانـغـا قاراپ.
ئۇخلاپ قالدى شېئىردىكى سۇدەك،
ئىمىـن تۇرسـۇن ئاسمـانـغـا قاراپ.
بىر قۇش كېلىپ ئىچى راھەتلىك،
ئېلىپ كەتتى سىزنى، خەير-خوش.
مېنىـڭ قۇشۇم كەلگۈچـە، شاختـا
ساقـلاپ تۇراي بولـۇپ تامچـە ياش!