تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2320|ئىنكاس: 21

دېھقاننىڭ پۇشتىمەن، ئۆزەممۇ دېھقان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6832
يازما
17
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
240
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 02:23:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دېھقاننىڭ پۇشتىمەن، ئۆزەممۇ دېھقان



ئۇچقۇن؛

يۈزۈڭگە  قورۇقلار ئىزىنى سالغان،
بوۋاملار تاغلارنى تالقانمۇ قىلغان،
ئەجرىدىن بەركىتى دەستۇرخان تولغان،
تەماسىز مۇنبەرسىز ئىنئامسىز قالغان،
دېھقاننىڭ پۇشتىمەن، ئۆزەممۇ دېھقان.

جاپاكەش ئاتىلار- ئانىلارمۇ ھەم،
بېشىدا مىڭلارچە قايغۇ بىلەن غەم،
توققۇزى تەل بولماي بولسا بىرى كەم،
مۆرەيدۇ ماللىرى بەرمەي قالسا يەم،
دېھقاننىڭ پۇشتىمەن، ئۆزەممۇ دېھقان.

بالىلار نان دەيدۇ قولغا قارايدۇ،
كىيىملەر يېرتىلسا بەدەن مارايدۇ،
ئاچلىقتىن بەزىدە قوساق سارايدۇ،
قۇرۇق قاپ تاغارىڭ ئەسلا تۇرمايدۇ،
دېھقاننىڭ پۇشتىمەن، ئۆزەممۇ دېھقان.

ئەتىياز دېھقاننىڭ ئالدىراش ۋاختى،
ئىتىزغا سۇ كەلمەي داڭگالنى سوختى،
بۇنىڭسىز ئىشلارغا ۋاقىتمۇ يوختى،
مۇنچاقتەك تەرلىرى ئىتىزغا ئاختى،
دېھقاننىڭ پۇشتىمەن، ئۆزەممۇ دېھقان.

زىرائەت بىخ ئۇرۇپ چىققاندا ئالا،
كەلدى كاچ پىشانە بولدى ئىش چالا،
ئاغدۇرۇپ  تەرسىمۇ كەينىدە قالا،
بېشىنى قاتۇرۇپ بولۇپ بىر بالا،
دېھقاننىڭ پۇشتىمەن، ئۆزەممۇ دېھقان.

بىر يىللىق ھوسۇلى يەرگىلا باغلىق،
بولمىغان زىرائەت چىقىشى چاغلىق،
كىنىشكا يۈزىدە بولمىسا ياغلىق،
قوساقنىڭ غەملىرى يۈرۈكى داغلىق،
دېھقاننىڭ پۇشتىمەن، ئۆزەممۇ دېھقان.

تەر تۆكۈپ ئىشلەيدۇ تومۇز ئىسسىقتا،
قاپارغان قوللۇرى كۆڭلى سېلىقتا،
يۈزلىرى قارىداپ يازدا دىمىقتا،
ھۇۋۇلداپ تۇرۇدۇ ھەر بىر تىنىقتا،
دېھقاننىڭ پۇشتىمەن، ئۆزەممۇ دېھقان.

باغلانغان ئۈمۈدى كۈزدە خاماندا،
تەڭرىدىن تېلەيدۇ دۇئا ئارماندا،
بىر يىللىق ھوسۇلنى چەشلەپ  ساماندا،
تىڭىرقاپ خىيالى  ئىزىپ  تۇماندا،
دېھقاننىڭ پۇشتىمەن، ئۆزەممۇ دېھقان.

ئاشلىقنى قاچىلاپ سېتىپ پۇل قىلسا،
بىر ئۆينىڭ چىقىمى بېشىدا تۈرسا،
قىش قېرو زىمىستان كېلىپلا قالسا،
كۆمۇرنىڭ پۇلى دەپ ئىشىكنى ئۇرسا،
دېھقاننىڭ پۇشتىمەن، ئۆزەممۇ دېھقان.

قاراڭغۇ قىشلاردا تۇرمۇشنىڭ غىمى،
بىر يىلدا بىر قېتىم ئوزۇقلۇق يېمى
توپىدىن سوقۇلغان ئۆيىنىڭ تېمى،
سوغاقنىڭ دەستىدىن چۈشۈدۇ دېمى،
دېھقاننىڭ پۇشتىمەن، ئۆزەممۇ دېھقان.

ئەجرىڭدىن بەرىكەتلەر سۆيۈنچە بولسۇن،
كۈنلۈرىڭ شۇندىمۇ گۈللەرگە تولسۇن،
دەرتلىرىڭ ھەسرىتىڭ جايىدا قالسۇن،
شەنىڭگە توقۇلغان داستانلار كەلسۇن،
دېھقاننىڭ پۇشتىمەن، ئۆزەممۇ دېھقان.

يازغىنىم ئاددىلا بىر قاتار جەريان،
بۇ ئىشلار بەلكىم سىزگىمۇ ئايان،
دېھقاننى كۆرگەندە كەتمىگىن قايان،
قولىغا سۆيۇپ قوي ئەيلەپ بىر بايان،
دېھقاننىڭ پۇشتىمەن ئۆزەممۇ دېھقان.

دېھقاندۇر نەسلىمىز ئەسىرلەر ئاشقان،
دۇنياغا بىر ئۆلۈش ھەسسىنى قوشقان،
ئوغۇرلاپ قاچىسىمۇ ئاشلىقنى چاشقان،
كوڭلى بىر دېڭىزدۇر چايكىلار ئۇشقان،
دېھقاننىڭ پۇشتىمەن، ئۆزەممۇ دېھقان.

ئاق كۆڭۈل ئەمگەكچان ئۆزەڭ قاملاشقان،
كۈنلۈرىڭ-كۈنىگە قوشۇپ ئۇلاشقان،
مىليۇنلاپ قەلىبلەر ساڭا تۇتاشقان،
قەلبىمدە چىن مېھرىڭ ۋاپا بىخلاشقان،
دېھقاننىڭ پۇشتىمەن ،ئۆزەممۇ دېھقان.


2011-يىل 23- فىۋرال ئۈرۈمچى
مەنبە قەلەم



ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
9650
يازما
18
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
858
تىزىملاتقان
2011-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 17:02:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنى دېھقانلار تەشكىل قىلىدۇ،ئۇلار شۇنچە ئاقكۆڭۈل،جاپاكەش،نۇرغۇن ئېسىل ئەنئەنىمىز ئۇلار ئارقىلىق ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ......

كۆيۈمچان ئەزا

http://gulistan.cn/bbs

UID
2079
يازما
177
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1977
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-2
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 17:56:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقلىڭ بولمىغاندىكىن ئەمگەككە تايىنىسەندە. ئاقكۆڭۈللۈكىڭ بىلەن ساددىلىقىڭ بولمىسا ھايۋاندىن پەرقىڭ يوق. دېھقانلىقىغا كۆرەڭلەپ كەتكىنىگە نېمە دەي  بايقۇش.

http://gulistan.cn

كۆيۈمچان ئەزا

ئاسى-جاپى كۆيمىس

UID
7330
يازما
125
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
2370
تىزىملاتقان
2010-11-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-27
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 20:47:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىarislan يوللىغان 2011-02-25 17:56 غا قارتىلغان  :
ئەقلىڭ بولمىغاندىكىن ئەمگەككە تايىنىسەندە. ئاقكۆڭۈللۈكىڭ بىلەن ساددىلىقىڭ بولمىسا ھايۋاندىن پەرقىڭ يوق. دېھقانلىقىغا كۆرەڭلەپ كەتكىنىگە نېمە دەي  بايقۇش.
مۇشۇ گەپلىرىڭىزنى يېزىۋاتقاندا ئۆزىڭىزنىڭ ھىچبولمىغاندا ئاتا-بوۋىلىرىڭىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ھەر كۈنى سىز يەۋاتقان"بالايى- بەتەر"لەرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟تېخى باشقىلارنى "بايقۇش"دەيسىز،ئەمەلىيەتتە سىز ھەقىقىي بايقۇش.ئاشۇلارنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكى بىلەن ساددىلىقى بولمىغىنىدا سىز نېمىلەرنى يەر بولغىيتىڭىز؟

كۆيۈمچان ئەزا

سْـــــــــــــ

UID
7691
يازما
195
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6080
تىزىملاتقان
2010-12-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-17
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 21:29:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقانلارنى  ئەقلى بولمىغاندىكىن ئەمگەككە تايانغان  دىسەك  قاملاشماسمىكىن ، كونىلار "ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە " دەپتىكەن.

گۆھەر ياتدۇ سايدا،تونمسا نمەپايدا!!!

كۆيۈمچان ئەزا

http://gulistan.cn/bbs

UID
2079
يازما
177
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1977
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-2
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 22:32:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزقىر ئەپەندى سىز دېھقانما ؟ نېمىشقا دېھقان بولمىغان ؟ دېھقان بولغىڭىز بارما ؟ دېھقانلىققا قايتقۇدەك جۈرئېتىڭىز بارما ؟ مىنىڭچە يوق! چۈنكى سىز دېھقان بولۇشتىن جەمئىيەتنىڭ ئەقىلدارى بولۇپ ئەقىلسىزلەر ھېس قىلمىغاننى ھېس قىلدۇرۇشنى، ھەقنى تەجرىبە، خۇلاسە ۋە پاكىتلار ئارقىلىق يورۇتۇپ ئۇيغۇرلۇقنىڭ كەمتۈكلىكىنى يېپىشنى ئەۋزەل كۆرۈسىز.
"دېھقاننىڭ پۇشتىمەن، ئۆزەممۇ دېھقان" بۇ بىر جۈملە سۆزدىن نېمىنى ھېس قىلالىدىڭىز ؟ مەغلۇبىيەت ۋە تەسلىمىچىلىككە تولغان بۇ بىر جۈملە سۆز خىياللىرىڭىزنى يىراق تارىخ ۋە يېقىنقى زامانىمىزدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن سادالىرىغىچە ئاپىرىپ تاشلىيالمىدىمۇ ؟ ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ھەرخىل باھانە سەۋەبلەرنى تېپىپ كۆڭلىگە تەسەللىي بىرىپ، نومۇس قىلماي دەۋراڭ سېلىپ مەدەدانلىق چوقىسىغا يامىشىۋاتقان بۇنداق بەدبەخلەرنىڭ نومۇسسىزلىقى غورورىڭىزغا تەگمىدىمۇ ؟

http://gulistan.cn

كۆيۈمچان ئەزا

ئاسى-جاپى كۆيمىس

UID
7330
يازما
125
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
2370
تىزىملاتقان
2010-11-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-27
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-26 00:07:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 5قەۋەتتىكىarislan يوللىغان 2011-02-25 22:32 غا قارتىلغان  :
بوزقىر ئەپەندى سىز دېھقانما ؟ نېمىشقا دېھقان بولمىغان ؟ دېھقان بولغىڭىز بارما ؟ دېھقانلىققا قايتقۇدەك جۈرئېتىڭىز بارما ؟ مىنىڭچە يوق! چۈنكى سىز دېھقان بولۇشتىن جەمئىيەتنىڭ ئەقىلدارى بولۇپ ئەقىلسىزلەر ھېس قىلمىغاننى ھېس قىلدۇرۇشنى، ھەقنى تەجرىبە، خۇلاسە ۋە پاكىتلار ئارقىلىق يورۇتۇپ ئۇيغۇرلۇقنىڭ كەمتۈكلىكىنى يېپىشنى ئەۋزەل كۆرۈسىز.
"دېھقاننىڭ پۇشتىمەن، ئۆزەممۇ دېھقان" بۇ بىر جۈملە سۆزدىن نېمىنى ھېس قىلالىدىڭىز ؟ مەغلۇبىيەت ۋە تەسلىمىچىلىككە تولغان بۇ بىر جۈملە سۆز خىياللىرىڭىزنى يىراق تارىخ ۋە يېقىنقى زامانىمىزدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن سادالىرىغىچە ئاپىرىپ تاشلىيالمىدىمۇ ؟ ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ھەرخىل باھانە سەۋەبلەرنى تېپىپ كۆڭلىگە تەسەللىي بىرىپ، نومۇس قىلماي دەۋراڭ سېلىپ مەدەدانلىق چوقىسىغا يامىشىۋاتقان بۇنداق بەدبەخلەرنىڭ نومۇسسىزلىقى غورورىڭىزغا تەگمىدىمۇ ؟
سىز ئىنتايىن زور دەرىجىدە خاتالىشىۋاتىسىز .
بىرىنجىدىن،سىز مەن توغرىلىق ھىچنىمە بىلمەيسىز.مەن دېھقان ،ئۆز كەسپىنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان دېھقان.ھازىر ئوقۇۋاتقان كەسپىممۇ مۇشۇ،كەلگۈسىدە قىلىدىغان ئىشىممۇ ھەم شۇ.
ئىككىنجىدىن،سىز نىڭ دېھقان ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىز بەكلا ئاز ئىكەن(بۇنى قىلغان سۆزلىرىڭىز ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ).
ئۈچىنچىدىن ،سىز پەقەت ماۋزۇغىلا ئېسىلىۋاپسىز،ھەتتا بۇ جۈملىنى پۈتۈنلەي خاتا چۈشىنىۋاپسىز.سىز ئالدى بىلەن بۇ شىئېرنى تەپسىلىي ئوقۇڭ،ھەزىم قىلىڭ،پەقەت ھېس قىلالمىغىنىڭىزدا شۇ سەھراغا بېرىپ ،ئاشۇ جاپاكەشلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈڭ،ئۇلار بىلەن سىردىشىڭ .
سىز ئۇلارنى  "ئەقىلسىز "دەيسىز ،ئەمما سىز مۇشۇ سۆزنى يېزىۋاتقان چاغدا<< شۇلارنىڭ مۇشۇ ھالىتىنى كىملەر كەلتۈرۈپ چىقارغاندۇ؟>>دەپ ئۆزىڭىزگە سۇئال قويۇپ باقتىڭىزمۇ؟سىز ئۇلارنى زاڭلىق قىلىۋاتقان چاغدا <<يىقىن تارىخىمىزدىكى ئىككى قېتىملىق يېزىق ئۆزگەرتىش>>نى ئەسكە ئەپ باقتىڭىزمۇ؟

UID
4398
يازما
91
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
2291
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-7
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-26 11:39:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ <شېئىر>ىڭىزدا ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنىڭىز بولىدۇ. بىراق شېئىرىيەت نوقتىسىدىن قارىغاندا تېمىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك چىقماپتۇ،كۆپ تۈزىتىش ئېلىپ بارسىڭىز بولغۇدەك.
مەسلەن:
بېشىدا مىڭلارچە قايغۇ بىلەن غەم،

بۇ يەردىكى قايغۇ بىلەن غەم ئەسلىدىنلا بىر گەپ،يەنى قايغۇ دىمەك غەم دىمەك،غەم دىمەك قايغۇ دىمەك،ايرىپ ئىككى سۆز قىلىپ ئىشلىتىپ قويۇپسىز،

توققۇزى تەل بولماي بولسا بىرى كەم،
بۇ نىمە دىگەن مەنىنى بىلدىرىدۇ چۈشىنىكسىز مىسرا بولۇپ قاپتۇ،چۇنكى شۇ <9>نىڭ ئىچىدە شۇ كام بىرىمۇ بولىشى مۇمكىن.قارىغاندا قاپىيە يۈزىسىدىن يېزىلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.
بۇ مېنىڭ سەمىمى تەكلىپ -پىكىرىم،قۇبۇل قىلامسىز ،قىلمامسىز بىلمىدىم،كەچۇرۇڭ.


باغلانغان ئۈمىدى كۈزدە خاماندا،
تىلەيدۇ تەڭرىدىن دۇئا ئارماندا،

ئەسلى دىھقان بولغان ئىكەن چوقۇم تەر تۆكۈپ ئىشلىشى كېرەك،چۈنكى تەڭرىمۇ شۇ كىشىنىڭ ئەجىرىگە قاراپ نىممىتىنى ئاتا قىلىدۇ.

ئەمما شۇنىمۇ ئويلاپ يىتىش كېرەككى ،دېھقاندىمۇ ئەيىپ يوق ئەمەس،تىرىشماستىن لاغايلاپ يۇرگەن دېھقانلارمۇ كۈرمىڭ،چۈنكى مەنمۇ يېزىدا چوڭ بولغان دېھقان ئوغلىمەن ئۇنداقلارنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن، <دېھقاندا ھەرگەزمۇ ئەيىپ يوق ئەمەس>دىگەن تېمامنى مۇنبەرگە يوللاپ باقاي تەستىقلىنىپ قالسا نىمىشقا شۇنداق دىگىنىمنى شۇ يەردىن بىلىپ قالارسىز.

كۆيۈمچان ئەزا

كىشى كىشىگە مۇھت

UID
4533
يازما
89
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
2909
تىزىملاتقان
2010-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-26 19:10:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 7قەۋەتتىكىboraogli يوللىغان 2011-02-26 11:39 غا قارتىلغان  :
بۇ <شېئىر>ىڭىزدا ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنىڭىز بولىدۇ. بىراق شېئىرىيەت نوقتىسىدىن قارىغاندا تېمىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك چىقماپتۇ،كۆپ تۈزىتىش ئېلىپ بارسىڭىز بولغۇدەك.
مەسلەن:
بېشىدا مىڭلارچە قايغۇ بىلەن غەم،

بۇ يەردىكى قايغۇ بىلەن غەم ئەسلىدىنلا بىر گەپ،يەنى قايغۇ دىمەك غەم دىمەك،غەم دىمەك قايغۇ دىمەك،ايرىپ ئىككى سۆز قىلىپ ئىشلىتىپ قويۇپسىز،
.......
مېنىڭچە،غەم-قايغۇ دىگەن سۆز مەنا جەھەتتىن يېقىن سۆز بولسىمۇ،بىر مەنىنى ئىپادىلىمەيدۇ.مەسىلەن:غەم دىگەن سۆز سىزنىڭ ھەل قىلالمىغان،كاللىڭىزغا كارىۋالغان ئۇقۇمنى كۆرسىتىدۇ،قايغۇ بولسا ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا،ئازاپ دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئۇقۇم،ئەگەر بىرەر يېقىنىڭز تۈگەپ كىتىپ قالسا سىزدە قايغۇرۇش ئالامىتى كۆرىنىدۇ،ھەرگىزمۇ غەم ئالامىتى كۆرۈنمەيدۇ.شۇڭا سىز خاتالاشتىڭىز.

جەسسۇردىن سالام!

UID
9547
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
680
تىزىملاتقان
2011-2-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-26 21:06:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىممۇ   ئۆزىنى  دېھقاننىڭ  ئەۋلادى  ئەمەس   دىيەلەيدۇ؟  ياخشى   يېزپسز      دېھقان  بولماي  نان  نەدە؟[s:3][s:3][s:3]

مۇزات
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش