بەخىتلىك بول ساڭا تىلىگىم(پىنھانى)
تاڭ ئاتمىسا دىدىم بۇ كىچە،
ۋە ئەتىمۇ بولمىسا يورۇق.
قىيامەتتە ئايرىلار بەلكىم،
ھەم تەڭرىدۇر ھەممىدىن ئۇلۇق.
پۇلۇڭ يوق دەپ مىنى تاشلىدىڭ،
سۇندى قاناتىم قايرىلىپ.
پۇلى بارغا ئاتتىڭ ئۆزىڭنى،
بەخىتلىك بول مەندىن ئايرىلىپ.
تويۇڭ بولدى تېخى ئەمدىلا،
بۇ سەپەرنىڭ مەنزىلى ئۇزاق.
سەن كۆڭۈلنى پۇلغا تىگىشتىڭ،
ھەم قارىمىدىڭ ئۇچرىشىپ قالساق.
مۇھەببەتنىڭ ۋەزىنى نىمە؟،
ئۆلچىدىڭغۇ پۇل بىلەن مىنى.
كۆڭۈلسىز ھىچ ئاشماس ئەمەلگە،
ئىنسانلارنىڭ كۆوڭۈل ئارمىنى.
ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن ئەمما،
ئەقىدەمگە يىغلار يۈرۈگىم.
ۋاپاسىزنىڭ تەقدىرى نىمە؟،
بەخىتلىك بول ساڭا تىلىگىم!.
ئاپتۇر: قەشقەر يېڭشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاراپ يېزسىدىن(دىھقان)