تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1619|ئىنكاس: 15

ھەشەملەردە ھەسىرەت جىق ئىكەن(ساتىرا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
9674
يازما
16
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
160
تىزىملاتقان
2011-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 14:38:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەشەملەردە ھەسىرەت جىق ئىكەن

(ساتىرا)

تۇردى ئىسرائىل

 

تونۇشقانتىم بىر پەرى بىلەن،

 تۈگىگەندە يىگىتلىك تاقەت.

ئامەت قاچسا ئوغۇل بالىدىن،

ئۇچىرايدىكەن داق يەردە  ئاپەت.

 

كالتە چاپان بولساممۇ ئەسلى،

تىتىرەپ يۈرگەن تۆشۈم ئېچىلىپ.

پۇلى يوق مۈشۈك ئامىراقتەك بەزگە ،

يۈرۈپتىمەن ئايغا ئېسىلىپ.

 

راست گەپ ئىكەن :"قۇل ئاتقا مىنسە،

چىقمايدىغان دۆڭى يوق''دېگەن.

ھەشەمەتكە ھېرىس بوپ ئاخىر،

مەن بوپتىمەن دۆڭدە ئوق يېگەن.

 

"باي''نىڭ قىزى لېۋەن مەلىكە،

قۇل-مەھلىيا قىلدى مېنىمۇ.

باشتا ماختاپ "تۇلپارىم!''دېدى،

ئاخىرىدا مېندى مېنىمۇ!

 

تەۋەككۈلگە ئات سالدىم "چۇھ''دەپ،

باشلىۋەتتىم تويغا تەرەددۇت.

قۇرقماي ئالدىم قەرزنى ئەلدىن ،

قەرز پۇل دېەەن بولسىمۇ بىر ئوت.

 

تەبىركلىشىپ كەلدى دۇستلىرىم،

تويدىن ئاۋۋال چېلىندى دۇمباق.

چىللاپ تۇرغان بىر خوراز بولدۇم،

چىققان جايىم ئېگىز بىر قونداق.

 

يەرنى ئالدىم ،ئۆينىمۇ سالدىم،

تويدىن ئاۋۋال تەل بولدى ماكان.

ئۈستىۋاشقا كۆمۈلدى "پەرى''،

ئۆز ئۇچامدا ئەمما يوق چاپان.

 

ئۆتكۈزۈلدى ھەشەم بىلەن توي،

ھاڭ-تاڭ قالدى پۈتۈن بىر شەھەر.

گۇگۇمغىچە ئىچىلدى ھاراق،

ئىچىشۋازلىق باشلىنىپ سەھەر.

 

ئىككىمىزگە راسلىنىپ تازا،

ئەڭ ئالدىنقى پىكاپتىن ئورۇن.

ئوتتۇز پىكاپ ئايلاندى كوچا،

كۆرمىگەندەك شەھەرنى بۇرۇن.

 

بېشى تاتلىق ،ئاخىرى ئاچچىق ،

بولدى ئەپسۇس بۇ شېرىن توينىڭ .

ئىشەنمىدىم ،ئۇقۇپ سانىنى ،

ئىچكەن ھاراق،سويۇلغان قوينىڭ.

 

"تەزىم''لارغا كېتىپتۇ تۈمەن،

ئاز بولماپتۇ نىكاھ ھەققىمۇ.

بىلىپ قالدىم دەردىم ئىچىمدە،

ئېغىز ئېچىپ بولماس خەققىمۇ.

 

"شېرىن ئاي''لار ئۆتتى قايغۇدا،

قەرز ئويلاپ قالدىم گاڭگىراپ.

بولۇپ قالدىم ئاختا ئاتلاردەك،

يولدا ماڭسام بېشىم ساڭگىلاپ.

ئىلغىماي يەپ ،تويۇپ كېكىرىپ،

"پەرى''يۈرەر دۇنيادىن غەمسىز.

ئۇ ئېگىز شاخ كويىدا يۈرسە،

دەردلىرىمدىن غەم يەيدۇ دەمسىز؟!

 

غەيرەت قىلاي دېسەم غەملەرگە،

غەم ئۇلغۇيۇپ جېدەلنى تۇغدى.

سۈپۈرگىچى ئىكەن ئەۋلادى،

پۇلى بارلار گېلىمنى بوغدى.

 

بىرى كەلسە توۋلاپ سەھەردە،

كەچتە بىرى سۆرەپ تالاغا.

"پەرى''يۈرەر ،پەرۋايى پەلەك،

تىقىپ قويۇپ مېنى بالاغا.

 

بانكا كەلدى ،ئۆلچىدى ئۆينى،

تۇتۇۋالماق بولۇپ قەرزگە.

ئۆزۈم تۇرسام تەرگەن بالانى،

قولۇم بارسۇن قانداق ئەرزگە ؟

 

ۋېچىركىدا نەچچە يۈز قۇشقاچ،

ۋېچىرلىسا:دۇستلىرىڭ بىز !دەپ.

تۆگكەنلىرىم ئازمۇ ئۇلارغا،

كەلگىنى يوق بىرىمۇ ئىزلەپ.

 

ھەشەمەدكە "ھە-ھۇ!''دېگەنلەر،

بەدەر قاچتى جېندىن قاچقاندەك.

سورۇندىكى ساقىيلار قېنى ؟

ماراپ يۈرەر خۇددى چاشقاندەك.

 

بىلىپ يەتتىم ئەللەر ئېيتقاندەك،

ھەشەملەردە ھەسىرەت جىق ئىكەن.

قەرزنىڭمۇ ئۆسۈمى بىللە،

بىرى بېگىز ،بىرى مىق ئىكەن.

 

ئۆلۈۋالماق بولدۇم بىر كۈنى،

جاندىن كېچىپ،ئۆزۈمنى ئېسىپ.

قوتۇلدۇرۇپ ئالدى نەئېتەي،

ئۆسۈمخورلار ئارقاننى كېسىپ.

 

ياكى ئۆلمەي ،يا تېرىلمىدىم،

ئەجەل كەلمەس دېرىزەم قېقىپ.

ئەي خالايىق بىلىپ بىلىپ قېلىڭلار،

پۇت سۇنغۇلۇقكەن يوتقانغا بېقىپ!!

بۈگۈر ناھىيە باغۋەنچىلىك مەيدان باشلانغۇچ مەكتىبىدىن:

تۇردى ئىسرائىل

 

2010-يىل 31-دېكابىر بۈگۈر

 

تېلېفون:      4695125 -0996  (ئۆي).13345454541




ئىزاھات : «ئەلكۈيى نورۇزلۇق ئەسەر پائالىيىتى»گە تەييارلانغان ئەسەر.

تۇردى ئىسرائىل
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2272
يازما
299
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9539
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 15:45:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازا قاملاشتۇرۇپ يېزىپسىزغۇ ؟  جەمئىيتىمىزدىكى بەزىبىر كىشىلىرىمىزگە ماس كەلگۈدەك !

دۇنياغا ھەممىمىز  ئارتىس !

يېڭى يۇلتۇز

ئاللاھ  ھەممىەي

UID
9662
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2011-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 17:07:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇلاققا ياققۇدەك  ياخشى شېئىركەن .

يالغۇز بۆرە مۇنبىرى سىزنى قارشى ئالىدۇ

UID
9674
يازما
16
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
160
تىزىملاتقان
2011-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 17:20:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ساتىرادا كىشىلىك جەمىيىتىمىزدىكى  ئۆزىنى بىلمەي شىلتىڭ  ئېتىپ، ئەسكى كىگىزگە يۈگۈنۈپ  بەش كۈن ياتىدىغان ھورۇن ئىشەكلەر جايىدا قامچىلىپتۇ.ئاپتۇر تۇردىئىسرائىلنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ،ياشلىرىمىز ئارىسىدىكى بولمىغۇر ئىللەتلەرنى قامچىلايدىغان ،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نادىر ئەسەرلەرنى تېخىمۇ ككپ سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ھۆرمەت بىلەن:
ئەسىرىڭىزنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى

تۇردى ئىسرائىل

UID
2539
يازما
139
تېما
77
نادىر
0
جۇغلانما
7049
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 17:40:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ساتارادا ياشلار ئارىسىدىكى ھورۇنلۇق،تەييارتاپلىق قاتتىق قاچىلانغان.ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
477
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15689
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-19
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 19:26:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ قانداق ؟
بۇنى "ئەلكۇيى تورى نۇرۇز بايراملىق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر " پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىدىغاندەك قىلىسىز ، ئەمما (ئەلكۈيى تورى نۇرۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر مۇسابىقىسىگە)  دىگەن ئەسكەرتمىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇرىسىز ...

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم

UID
9674
يازما
16
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
160
تىزىملاتقان
2011-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 19:30:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدە بۇ شىئېرىمنى "ئەلكۈيى موكاپاتلىق ئەسەر'' پائالىيىتىگە  قاتناشتۇرماقچىدىم بىراق ،دېھققەتسىزلىكىمدىن تورغا ئەسەر يوللىغاندا "ئەلكۈيى موكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر'' دېگەن ئىزاھاتنى بېرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن چۇنكى مەن كومپىيۇتېرنى يېقىندىلا ئۈگۈنۈشكە باشلىغانمەن.ھۆرمەتلىك تەھرىرلەرنىڭ بۇ سەۋەنلىكىمنى كەچۈرىۋىتىپ ئەسىرىمنى باھالىنىدىغان ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغۇزۇپ،باھالاشقا قاتناشتۇرۇپ بېرىشىنى سەمىمىيىتىم بىلەن ئۈمىد قىلىمەن .ھۆرمەت بىلەن :كەمىنە ئاپتۇر -تۇردى ئىسرائىل .2011.2.24

تۇردى ئىسرائىل

كۆيۈمچان ئەزا

مۇھەببەت دۇنيان

UID
7973
يازما
98
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
3069
تىزىملاتقان
2010-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-26
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 20:43:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىما ئىگىسى(turdi)نىڭ يازمىسىغا قارىشىم

سەمىمىيلىكىڭىزنى ياقتۇردۇم

UID
5189
يازما
564
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18030
تىزىملاتقان
2010-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 21:30:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيەۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر ساتىراكەن ! جەمىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ناچار خائىشلارنى قامچىلاپسىز ؟ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتلىنىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن !

ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ!!!

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
477
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15689
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-19
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 21:45:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 6قەۋەتتىكىturdi يوللىغان 2011-02-24 19:30 غا قارتىلغان :
ئەسلىدە بۇ شىئېرىمنى "ئەلكۈيى موكاپاتلىق ئەسەر'' پائالىيىتىگە  قاتناشتۇرماقچىدىم بىراق ،دېھققەتسىزلىكىمدىن تورغا ئەسەر يوللىغاندا "ئەلكۈيى موكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر'' دېگەن ئىزاھاتنى بېرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن چۇنكى مەن كومپىيۇتېرنى يېقىندىلا ئۈگۈنۈشكە باشلىغانمەن.ھۆرمەتلىك تەھرىرلەرنىڭ بۇ سەۋەنلىكىمنى كەچۈرىۋىتىپ ئەسىرىمنى باھالىنىدىغان ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغۇزۇپ،باھالاشقا قاتناشتۇرۇپ بېرىشىنى سەمىمىيىتىم بىلەن ئۈمىد قىلىمەن .ھۆرمەت بىلەن :كەمىنە ئاپتۇر -تۇردى ئىسرائىل .2011.2.24



ئىسىل يازما ئىكەن ، تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ھەتتا تونۇشلىرىمغىمۇ تەۋسىيە قىلدىم .
"تەھرىرلەش"دىگەن خەتنى چىكىپ، ئاستىغا قىستۇرۇپ قويۇڭ ، پەقەت بولمىسا ،باشقۇرغۇچىلارغا قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە ئەسكەرتىپ قويسىڭىزمۇ بولارمىكىن . سىزمۇ قەستەن قىلمىغاندىكىن ، ئۇلارمۇ توغرا چۇشەنمەيدىغان يەردە ئەمەس .

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش