كۆرۈش: 6418|ئىنكاس: 16

ئامېرىكىداغۇلغۇلا قوزغىغان«يولۋاس ئانا»ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يېڭى يۇلتۇز

Let’s face it

UID
9666
يازما
9
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2011-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 12:57:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقىچە ئىزاھات:«يولۋاس ئانا»دېگەن بۇگەپ يېقىندىن بۇيان تېلېۋىزىيەۋە خەنزۇچە توربېكەتلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. «يولۋاس ئانا» زادى كىم ؟
ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى Amy Chua بولۇپ، ئامېرىكا يالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگۇلۇق پۇشتىدىن بولغان قانۇن پەنلىرى پىرافىسسۇرى، ئۇ يىقىندا«يولۋاس ئانىنىڭ جەڭنامىسى»ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ ئامېرىكىنى زىلزىلىگە سالدى.بۇ كىتابتا ئۇنىڭ ئىككى قىزىنى جۇڭگوچە تەربىيىلەش ئۇسۇلى بىلەن قانداق تەربىيىلەپ چىققانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۇنىڭ كىتابىدا دېيىشىچە:« ئۇ قىزلىرىنى ئەخلەت دەپ تىللىغان، ئۇلارنىڭ بارلىق پەنلەردىكى نەتىجىسىنىڭ«ئا» بولۇشىنى تەلەپ قىلغان، قىزلىرىنىڭ تېلېۋىزۇر كۆرۇشىنى چەكلىگەن، پىئانىنو مەشىقىنى ياخشى قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن قىزلىرىغا تاماق بەرمىگەن..ۋاھاكازالار».يولۋاس ئانىنىڭ بالاتەربىيىلەش ئۇسۇلى ئامېرىكا مائارىپ ساھەسىنى ھەيران قالدۇرغان ۋە نۇرغۇن مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان. يېقىندا ئۇنىڭ سۈرىتى داڭلىق «دەۋر»ژورنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا بىرىلىپ، بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنى يۇقۇرى بالداققا كۆتۇرگەن.



يولۋاس ئانا ھەققىدە ئويلار ۋە شەرھىلەر



يېقىندىن بېرى، بىر نەپەر ئامىرىكىدىكى «يولۋاس ئانا» قىززىق تېمىغا ئايلىنىپ، ئامىرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارەت ئوبېكتىغا ئايلاندى.غەرىپلىكلەر ئارىسىدا يولۋاس ئانا ھەققىدە مۇنازىرىلەر قىززىپ كەتتى: غەرىپتىكى داڭلىق ئونۋېرىستىتنى پۈتتۈرگەن ئايال پىروفېسسور ، جوڭگولۇق ئانا بىلەن شالغۇت پەرزەنت، قاتتىق باشقۇرۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى.يولۋاس ئانىنىڭ ئامىرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىدە زىيارەت قىلىنىش نىسبىتى ئېشىۋاتىدۇ،ھەتتا دەۋىر ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا سۈرىتى بېسىلدى. «ۋال سىتېرىت كۈندىلىك گېزىتى» دە« جوڭگولۇق ئانىلار نېمە ئۈچۈن غەلبە قىلدى؟»دىگەن تېمىدىكى ماقالە ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئاز بولمىغان كىشىلەر يولۋاس ئانىغا ‹ياق› دىگەن بولسمۇ، لېكىن غەرىپ ئاخپارات ۋاستىلىرى بۇ تېمىغا قايتما ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى .
مۇقەررەركى ،يولۋاس ئانا غەرىىپتە دەۋىر سۈرگەن،چۈنكى بۇنداق ئانا ئامرىكىدا ناھايتى ئەتىۋار شەخىس،قارىماققا ناھايتى يېڭىچە.جوڭگودا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان يولۋاس ئانا ۋە يولۋاس ئاتىلار بار،كۆپچىلىك ئاللىقاچان بۇنىڭغا كۆنۇك،ئەجەپلىنىپمۇ كەتمەيدۇ. جوڭگودا ‹ كالتەك ئاستىدىن ۋاپادار پەرزەنت چىقىدۇ›،‹ بالىسىنىڭ ياراملىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىش›،ۋە ‹چېچىندىن لىمغا ئېسىپ قويۇپ ،مىق ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش› تەك مەدەنىيەت موھېتىدا بالىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدىغان،بالىغا ئەركىنلىك بېرىدىغان ئاتا-ئانىلارنى تاپماق ھەقىقەتەن تەس،بىراق بالىنى قاتتىق باشقۇرىدىغان ئاتا-ئانىلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
ئامىرىكىلىق يولۋاس ئانا دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى جوڭگوچە قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى نامايەن قىلدى،بۇ دولقۇن ئامىرىكىلىقلارغا غەم-ئەندىشە ئېلىپ كەلگەن بولسا جوڭگولۇقلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.بۇلتۇر 12-ئايدا ئېلان قىلغان ‹خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى ئېقتىدارىنى سىناش تۈرى (PISA:Programfor International Student Assessment) نىڭ نەتىجىسىدىن ئامىرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئوتتۇرا ھال بولغان،كۆرۈپ ئوقۇش ئېقتىدارى 17-ئورۇندا ،ئىلىم-پەن نەتىجىسى 23-ئورۇندا، ماتىماتېكا نەتىجىسى 31-ئورۇندا بولۇپ،ئومۇمى نەتىجىسى 17-ئورۇندا تۇرغان.شاڭخەيدىن كەلگەن ئوقۇغۇچلارنىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە يۇقۇرى بولۇپ ،ئۈچتىن يۇقۇرى باھالاش تۈرىنىڭ ھەممىسىدىلا نەتىجىسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. بۇ چاغدا كۆپچلىكنىڭ ھەممىسى جوڭگونىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلىق دەلىل ۋە ئاساسنى تاپقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى. بىزنىڭ جوڭگو مائارىپى نېمە بولدى ، ھەتتا ئامىرىكىلىقلارمۇ بىزگە ھەۋەس قىلشىۋاتىدىغۇ؟ مەيلى قىچىر بولسۇن ياكى ئات بولسۇن ،ھامان سوۋۇتۇش كېرەكمۇ؟ جوڭگو مائارىپىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا قارىتا، بەك مۇرەككەپلەشتۈرىۋىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.ئەكسىچە ئامىرىكىلىقلار ساراسىمىگە چۈشۈپ قالدى.ھەتتا زوڭتوڭمۇ نۆۋەتتىكى ئامىرىكا باشلانغۇچ مائارىپىنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن ئەينى يىلىدىكى روسىيىلىكلەرنىڭ ئالدى بىلەن سۈنئى ھەمراھنى قويۇپ بېرىپ ئامىرىكىنى ھەيرەتتە قالدۇرغىنىنى باغلاپ مۇلاھىزە قىلىۋاتىدۇ.ئامىرىكىلىقلارنىڭ ئازاپ تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان،ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلارغا بولغان تەسەۋۋۇرى نورماللىقتن ھالقىپ كەتكەن.غەرىپلىكلەر ‹ئۇيقۇدىكى شەرىق يولۋىسى ئويغىنىشى كېرەك› دەۋاتقىلى نەچچە يۈز يىل بولدى ،نەتىجىدە بىز يەنىلا ئىزچىل تەنبىھ ئىشتىپ كەلدۇق.شۇڭا بىز ئامىرىكىلىقلارنىڭ بۇ ھەيرانلىقىنى راست دەپ قالماسلىقىمىز كېرەك ،مەغرۇرلىنىپ كېتىشىمىزنىڭ تېخىمۇ ئورنى يوق. بەلكى ھەقىقي سەگەكلىك بىلەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولغىنى : نېمە ئۈچۈن جوڭگودىن ئاز بولمىغان تالانىت ئېگىلىرى چىقىدىيۇ،لېكىن ئالدىنقى قاتاردىكىلەرنى بېسىپ چۈشىدىغان تالانىت ئېگىلىرى چىقمايدۇ؟ ئامىرىكىدا ،نۇرغۇن ئىنېستۇتلاردىكى فاكۇلتېت مۇدىر پىروفېسسورلىرىنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك جوڭگو تەربىيلەپ چىققان،لېكىن ئومۇمى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ئۇلار يەنىلا دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ پەللىسىدە تۇرۇشقا ئامالسىز.بۇنداق كىشىلەرنى تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن بەلكىم جوڭگو ۋاقىتقا ئېھتىياجلىقتۇ.لېكىن بەزى ئىچكى ئامىللار پەۋقۇلاددە تالانىتلىقلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى چەكلەپ قويۇۋاتقانلىقى ئېھتىماللىققا ئەڭ يېقىن بولۇشى مۈمكۈن.كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى غەرىپ بالىلىرىنىڭ يۈرەكلىك ،مۇستەقىللىقى كۈچلۈك، ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى بولۇپمۇ ئۆزگىچىلىككە ئېگە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنىڭ جوڭگولۇق بالىلاردىن روشەن ھالدا يۇقۇرى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدى. نۇرغۇن بالىلار ئىلىم –پەنگە قىزىققانلىقتىن ئىلىم –پەن ئۈگىنىدۇ،ئىلىم –پەننى سۆيگەنلىكتىن ئىلىم-پەن ئۈگىنىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ مەقسىدى ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجە ئېلىش ئەمەس،بەلكى قانداقتۇر بىرەر يېڭىلىققا ئىنتىلىش.ياكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىرەر ئىلگىرلەشنى بايقاش ئۇچۈن.شۇڭا، ئەگەر مۇشۇنداق نوتىلار ھازىر ئىمتىھاندا ئوتتۇرا ئېقىمدا تۇرالىسا،كەلگۈسىدە ئەلۋەتتە ياراملىق بۇلۇپ چىقالايدۇ.غەرىپ ئىلىم –پەن ساھەسىدە،بولۇپمۇ ئۇل ئىلىم –پەن ساھەسىدە ،پۇلنىڭ ھېچقانچە ھەركەتلەندۈرگۈچىلىك رولى بولمىغاچقا، نۇرغۇن ئالىملار پۇل ئۇچۈن ئەمەس بەلكى بۇ خىزمەتنى ھەقىقي سۆيگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ خىزمەتنى ئىشلەۋاتىدۇ.قىزىقىش ۋە سۆيۈش مۇۋاپىقىيەتنىڭ ھالقىلىق ئامىلى. دۆلەت ئىچىدىكى ئەھۋالغا نىسبەتەن ، ئىمتىھان مائارىپىنى سۆكۈشمۇ ياخشى ئىش،ساپا مائارىپىنى قوللاشمۇ ياخشى ئىش،پۈتكۈل جەمىيەت سېستىمىسى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى تالانىتلىقلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشغا تەقەززا بولماقتا.شۇڭا جوڭگو تېخىمۇ غەم قىلىشى كېرەك ،بىر نەچچە پالۋاننىڭ مۇسابىقىدىكى ئازغىنە نەتىجىسىدىن خۇدىمىزنى بىلمەي قالساق بولمايدۇ.
مەيلى قانداقلا بولسۇن، نۆۋەتتە غەرىپ ۋە شەرىقتن ئىبارەت ئىككى تەرەپ مائارىپ ساھەسى قارشى تەرەپنىڭ ئۇسلۇبىغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ ھەم ئۆگىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىدىكى مەسلىلىلەرئۈستىدە ئويلىنىۋاتىدۇ.بۇ شەك-شۈبىھىسىزكى بىر ياخشى ئىش.ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، غەرىپ مائارىپىمۇ ئۇنچە مۇكەممەل ئەمەس.ھەر ئىككى تەرەپتە ئورتاقلىق ۋە پەرىق مەۋجۈت.جوڭگولۇق بالىلارنىڭ پەقەتلا دەرستىن سىرت پائالىيىتى يوقمۇ ئەمەس،ئامىرىكىلىق بالىلارمۇ كۈنبويى ئويناپلا يۈرمەيدۇ.مەسىلىنىڭ نېگىزى شۇكى: قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش روھىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى ۋە ئىجادىيلىق روھىنى قانداق قوزغىتىش كېرەك؟ قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلادا مەغلۇبىيەتتىن قۇرۇقمايدىغان ئاكتېپ ئىزدىنىش روھىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟
مېنىڭچە، بۇ بىز غەرىپلىكلەردىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نوقتىلار. بۇ ئۆگىنىش پەقەت مائارىپ ساھەسىنىڭلا ئىشى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئىشى بولۇشى كېرەك.ھەتتا تۈزۈم قاتلىمىنىڭ ئىشى بولۇشى كېرەك ،چۈنكى جەمىيەتتىن ئايرىلغان ئەھۋال ئاستىدا مەكتەپ مائارىپى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

________
ۋەتەن بلوگىدىن ئېلىندى

http://weten.me ۋەتەن بلوگىدا....
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
9657
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2011-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 15:56:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ راسىت ئەمەسمۇ،پەقەت باشقۇرۇش قاتتىق بولسىلا ئاندىن نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ

UID
1381
يازما
505
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
15904
تىزىملاتقان
2009-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 17:43:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرقى ئابزاستىكى سۆزلەر ياخشى ئېيتىلىپتۇ.باش چۆكۈرۈپ ئۆگىنىشلا ئەمەس،بالىلارنىڭ ئىجاتچانلىقىنى،مۇستەققىل پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش،قىيىنچىلىق،ئوڭۇشسىزلىققا توغرا مۇئامىلە قىلايدىغان خارەكتىر يېتىلدۈرۈش،ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش،تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ھەممىدىن مۇھىم.

سەمىمىلىك بىباھا گۆھەردۇر!

UID
8668
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
100
تىزىملاتقان
2011-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 20:42:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە نۇرمال بولغىنى ياخشى

يغلاپ تۇغۇلدۇم كۇلۇپ ياشايماەن

UID
5189
يازما
570
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18035
تىزىملاتقان
2010-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 22:25:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا بالىنىڭ بىرىنچى ئۇستازى ! قاتتىق قول ئۇستازنىڭ قولىدىن ياراملىق شاگىرت تەربىيلەپ چىققىلى بولىدۇ !

ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ!!!

كۆيۈمچان ئەزا

مۇھەببەت دۇنيان

UID
7973
يازما
98
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
3069
تىزىملاتقان
2010-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 22:47:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا بالىنىڭ بىرىنچى ئۇستازى ! قاتتىق قول ئۇستازنىڭ قولىدىن ياراملىق شاگىرت تەربىيلەپ چىققىلى بولىدۇ !

تولىمۇ توغرا ئېيىتتىڭىز

UID
9374
يازما
82
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
850
تىزىملاتقان
2011-2-13
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 23:38:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتالمىش قاتتىق باشقۇرۇلغان بالىلاردىن نىمىشقا بوبىل مۇكاپاتى سورۇندارى چىقمايدۇ...

كۆيۈمچان ئەزا

مۇھەببەت دۇنيان

UID
7973
يازما
98
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
3069
تىزىملاتقان
2010-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 23:46:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 6 قەۋەتتىكى   (motidil) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

نوبىل مۇكاپاتى بىر ئادەمنىڭ تىلى بىلەن دىلى بىر بولۇشنى  تەلەپ قىلىدۇ.
ساختىلىقنى ھىچكىم ياقتۇرمايدۇ.

لىۋ تولىستوي ۋە چىڭغىز ئايىتماتوف(ئۇلار نوبىل ماكاپاتىغا ئىرىشەلمىگەن) توغۇرلۇق ماقالە كۆرسىڭىز نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيتىنى ھىس قىلىسىز...

كۆيۈمچان ئەزا

سْـــــــــــــ

UID
7691
يازما
196
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6080
تىزىملاتقان
2010-12-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 23:47:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە  ئىش نورمال بولغىنى ياخشى ، بەك چەكتىن ئېشىپ كەتسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك  نەتىجە چىقماسلىقى مۇمكىن.

گۆھەر ياتدۇ سايدا،تونمسا نمەپايدا!!!

كۆيۈمچان ئەزا

كىشى كىشىگە مۇھت

UID
4533
يازما
90
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
2910
تىزىملاتقان
2010-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 00:04:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ گۈلۈم بىلەن قاسىمجاننىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن،ھەر قانداق ئىش چەكتىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇشى كىرەك.سىز قولۇڭىزغا بىر چاڭگال لاينى ئېلىپ ئۇنى بوشراق سىقسىڭىز قۇلىڭىزدا تۇرىدۇ،ئەمما چىڭ سىقسىڭىز قولىڭىزنىڭ ئارلىقلىرىدىن چىقىپ كىتىدۇ.

جەسسۇردىن سالام!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش