 |
بەزىلەر،ئەي بەزىلەر
بەزىلەرنىڭ بىر سالام سالاسى بار ،
بەزىلەرنىڭ بىر دەۋە تالاسى بار .
بەزىلەرنىڭ كاتتا ئۆي .مەۋئەسى بار ،
بەزىلەرنىڭ بەستى بوي داۋاسى بار.
بەزىلەرنىڭ رومكا مەي ھاھاسى بار
بەزىلەر بار جىسمىدىن كۈچ تاشقىدەك ،
قىلدۇرۇپ روستەمنى بەيئەت ئاشقىدەك .
ئەمما ئاشماق يوق خىيالى باشقىدەك.
ۋاختى ئىسسىراپ يورغىلاپ ئات –قاشقىدەك ,
دىل يىرى ئاق مايسىز مەرئەسى بار .
بەزىلەردە يۇق بۈگۈندىن باشقا غەم ،
ئۇخلىيالماس ،قالسا بىر كۈن يەسلى كەم .
بەزىلەرنىڭ ئىنتىلىشچان پەيلى بار ،
ئىلمۇ ،ئىرپان مەرىپەتكە مەيلى بار .
روھىي قاششاقلىقتتا مىڭ غۇۋاسى بار .
بەزىلەرنىڭ ھالىغا داغ بويلىماس ،
رايى مەندىن باشقىسىنى ھېچ ئويلىماس.
قالسىمۇئۆرۈشكە تاغنى تاس –تاماس ,
لەۋزى كەلمەس پەزلئ ئەخلاققا ماس ,
كەلمىگەچ ماس بىزگە يات ئىغۋاسى بار .
بەزىلەرنىڭ پىكىرى دۇنيادا مالى بىلەن,
بەزىلەرنىڭ ئۇينا ،ئىچ، يەل، چال بىلەن .
بەزىلەر بەند بەرمە، ئالداپ ئال بىلەن ،
بەزىلەر شۈكرانە خورەك ،پال بىلەن.
ھەممە يۈرۈتنىڭ شۇ شۈپەت لەقۋاسى بار .
بەزىلەر ئەي بەزىلەر داۋانغا باق ,
بۇ جاھان پانىي ئەمەس ، باقىي ياتاق
ئۈنمىسە ئەجىرىڭدىن گۈل ھالىڭ چاتاق ،
قالغۇسى شەنىڭگە بىل ، لەنەت ئاتاق ،
بۇ ئاتاقنىڭ ھەر قاچان .ئاللاسى بار .
بەزىلەرنىڭ بىرى مەن شائىر بالا ،
بىلىمەن ،يازمام چالا ، ئازدىم تۇلا .
ئەمما ئازساممۇ ئەمەس كوڭلۈم ئالا ،
ئەل ۈچۈن بولماق مۇراد سۈتلۈك كالا ،
لەۋزى راسىتنىڭ ھالى كۆپ ،ھەمراھى بار .
مەنبەسى :رۈزى سايىت شىرلىرىدىن ئانا تىلىم –زەر تىلىم
|
 |