كۆرۈش: 11482|ئىنكاس: 41

ئەلكۈيىدىكى دوستلارغا چاقچاق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

كىشى كىشىگە مۇھت

UID
4533
يازما
89
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
2909
تىزىملاتقان
2010-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-19
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 20:59:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ئەمىسە خاپا بولۇشماڭلا ھە... باشلىۋەتتىم:


                                                              بەلكىم ماشىنا سوقۇۋەتكەندۇ
   ئايتۇغ:-ئېرىم زادىلا كېچىكمەيتتى،بۈگۈن نىمە بولدىكىن،شۇ چاغقىچە كەلمىدى.كۆڭلۈم ئەنسىرەپلا  تۇرىدۇ،بىرەر شەيتان بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىمىكىن-يا؟گۈزەل:
    -بولدى قىلساڭچۇ تىلىڭنى ئۈششۈتمەي،ئېرىڭ ياۋاش،ساڭا سادىق ئادەم.بەلكىم ماشىنا سوقۇۋەتكەندۇ.
                                                          خوراز ئەيىپدارمۇ
    مۇختەرباينىڭ ئايالى دىدار ئەتىگەنلىك چايدا مۇختەربايغا دەپتۇ:
    -ئەتە بىزنىڭ تۇرمۇش قۇرغىنىمىزغا توپتوغرا 20يىل بولىدۇ،شۇڭا،ھېلىقى خورازنى ئۆلتۈرۈپ زىياپەت قىلىپ تەبرىكلىسەكمىكىن؟
  مۇختەرباي:
     -قىلغان گېپىڭنى قارا،ئەجەبا سېنىڭ تۇرمۇشقا چىقىشىڭغا خوراز ئەيىپدارمۇ؟
                                                             ئامىتى كېلىش
  يالغۇزنىڭ كۆكتات سودىگىرى بولۇپ يۈرگەن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، كۆكتات توشۇۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقىدىن بىر يولۇچىنى سوقۇپ يارىلاندۇرۇپ قويۇپ، بىر مۇنچە تۆلەم تۆلەپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بىرسىنى سوقۇپ قۇيۇپ،يەنە بىر مۇنچە تۆلەم تۆلەپتۇ،ئىككى قېتىملىق تۆلەم تۈپەيلى ۋەيران بولغىلى تاسلا قاپتۇ.بىر كۈنى ئوغلى تەمكىن ئالدىراش يۈگۈرەپ كىرىپ:
     -چاتاق بولدى دادا! ئاپامنى ماشىنا سوقۇۋەتتى،-دەپتۇ.يالغۇز دەرھال:
     -ئۇھ،خۇداغا مىڭ شۈكرى!مېنىڭمۇ ئاخىر ئامىتىم كەپتۇ.
                                                        قايسى تەرەپكە ئۆتىمىز
     كۈنقىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بولغان چاغلىرى،ئۇ ئىلغار سىنىپ مەسئۇلى بۇلۇپ سايلانغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلىرىنى مۇكاپاتلىماقچى بولۇپ،يوغان بىر تاۋۇزنى سىنىپقا ئەكىرىپ بولۇپ،ئۆزىنىڭ پىچاقنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى يادىغا كىلىپ تاۋۇزنى قوپقۇيۇپ چىقىپ كېتىپتۇ،پىچاقنى ئەكىرگەندىن كىيىن قارىسا تاۋۇز يوق،پەقەت ئۇرۇقلىرىلا قېلىپ قالغان،شۇنىڭ بىلەن كۈنقىز دەرغەزەپ بولۇپ:
     -تاۋۇزنى قايسىڭ يېيىشتىڭ؟يىگەنلىرىڭ ئوڭ تەرەپكە،يىمىگەنلىرىڭ سول تەرەپكە ئۆتۈشە!-دەپ بويرۇق قىپتۇ.بالىلار قورققىنىدىن دەرھال ئىككىگە ئايرىلىپتۇ،قارىسا سىنىپتىكى يۇۋاش بالا ئورخۇنلا ئوتتۇرىدا تۇرغىدەك،شۇنىڭ بىلەن كۈنقىز سوراپتۇ:
    -سەن نىمىشقا ئوتتۇرىدا تۇرىۋالىسەن؟
ئورخۇن تىترەپ تۇرۇپ:
   -مۇئەللىم،تاۋۇز يىتىشمەي شاپىقىنى يىگەنلەر قايسى تەرەپكە ئۆتىمىز؟
                                                          ماشىنا توسۇش
     ھاۋا ئىسسىشقا باشلىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئۆرۈكجان بىلەن مۇبارەك ئەر-ئايال ئىككىسى تاشيولدا ماشىنىلىق كېتىۋىتىپ،يىراقتىن قولىغا تاختاي ئېلىۋالغان بەرگىيەنىڭ ماشىنا توسماقچى بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇۋە تونۇش مۇنبەرداشلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېلىۋالماقچى بولۇپ،سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يېقىن كېلىپ قارىسا،تاختايغا يېزىلغىنى:<<ھاۋا تەڭشىگۈچى بار ماشىنا بولسا  توسىمەن >>دېگەن سۆزلەر ئىكەن.
                                                          تەھدىت سېلىش
       پوچتالىيۇن تېۋىپ قېيىق بىلەن ناھايىتى ئۇزاق يۈرۈپ،ئارالغا ئاران يېتىپ كەپتۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن بىر پارچە <شىنجاڭ ياشلىرى>ژورنىلىنى ئېلىپ جاسۇس007غا بەرگەچ،يەنە بىر تەرەپتىن ئارلىقنىڭ يىراقلىقىدىن ۋايساپ،غۇدۇراپ پەقەتلا ئاغزى بېسىلماپتۇ.بىر ھازادىن كېيىن جاسۇس007نىڭ تاقىتى تۈگەپ،ئاچچىق بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپتۇ:
     -ئەگەر يەنە ئاغزىڭنى يۇممايدىغان بولساڭ،مەن گېزىتكە مۇشتىرى بولىمەن.

  مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى

جەسسۇردىن سالام!
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
474
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15689
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 22:05:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى يۇمۇرىستىك چىقىپتۇ . مۇنبەر ئەھلى ئۇچۇن ، ئەجىر قىلغىنىڭىزغا تەشەككۇر .
  پوچتالىيۇن تىۋىپ بولغاچقا، سەييارە تۇمۇر تۇتۇپ كىسەل كۆرىمەن ، سىزنىڭكىنىمۇ تۇتۇپ كۆرەيمۇ يا   ،      

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم

دائىملىق ئەزا

ئۇنتۇپ كەت يۈرۈگ

UID
2561
يازما
621
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
20247
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 22:05:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستا ما چاخچاقنى بەك كۈلكىلىك يىزۋىتىپسىز ئەمەسمۇ  ھى ھى ھى  ماڭىمۇ باركەن چاخاچىغىمنى ئىلۋالدىم ئەمىسە .ئورخۇن ئۆلۈپ بىردىغان بولدۇڭدە ئەمدى ھى ھى ھى    

جاھاندا ئۆزۈڭدىن چوڭ كۆڭۈل يوق .

UID
9392
يازما
48
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1488
تىزىملاتقان
2011-2-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-16
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 22:13:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا بۇنى دىمەيدىغان گەپتى ئەمدى ما ئاياللار دادامنىڭ بويتاق قالغانلىقىنى بىلىۋالدى ئاۋارە قىلارمۇ ئەمدى . [s:2]

ھەممە ئىشنى ئاۋال ئۆزەڭدىن باشلا

كۆيۈمچان ئەزا

كىشى كىشىگە مۇھت

UID
4533
يازما
89
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
2909
تىزىملاتقان
2010-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-19
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 22:15:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 1قەۋەتتىكىtiwip يوللىغان 2011-02-20 22:05 غا قارتىلغان  :
  خىلى يۇمۇرىستىك چىقىپتۇ . مۇنبەر ئەھلى ئۇچۇن ، ئەجىر قىلغىنىڭىزغا تەشەككۇر .
  پوچتالىيۇن تىۋىپ بولغاچقا، سەييارە تۇمۇر تۇتۇپ كىسەل كۆرىمەن ، سىزنىڭكىنىمۇ تۇتۇپ كۆرەيمۇ يا   ،      
تۇتالاسىزمۇ،قاراپ باقسام تېخىچە ئۆگىنىۋېتىپسىز ئەمەسمۇ،ئۆگىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن تۇتقۇزامەن بولمىسا،ھازىرچە پوچتىكەشلىك قىپ تۇرۇڭ

جەسسۇردىن سالام!

UID
2865
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
896
تىزىملاتقان
2010-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-25
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 22:15:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەسۇر دوستۇم بەكلا كەلتۇرىۋېتىپسىزغۇ  

مىنى ياۋاش كۆرۈپ قاپسىزدە ھە ، ئۇ تاۋۈزنى ھەممىدىن كۆپ يىگىلى مەن ئىدىم ، كۈنقىزنى تىرىكتۈرۈش ئۈچۈن قەستەن شۇنداق قىلغان ئىدىم  [s:2]  

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
474
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15689
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 22:31:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 4قەۋەتتىكىjassur2 يوللىغان 2011-02-20 22:15 غا قارتىلغان  :

تۇتالاسىزمۇ،قاراپ باقسام تېخىچە ئۆگىنىۋېتىپسىز ئەمەسمۇ،ئۆگىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن تۇتقۇزامەن بولمىسا،ھازىرچە پوچتىكەشلىك قىپ تۇرۇڭ

تۇمۇر تۇتۇش دەپ قاپسىز  ،  قىنى قاراڭ ھە ، مۇنبەر يۇزىدىلا  تۇتۇپ بىرەي :
  قان بىسىمىڭىز 180 ئات كۇچىگە چىقىپ، يۇرىكىڭىزنىڭ سول تەرەپ، بىرىنچى ۋىنتىسىنى بوشىتىۋىتەي دەپ قاپتۇ .
تۇنۇگۇن بىغەرەزلىلك قىلىپ، كولادىن سەل كۆپ ئىچىۋاپسىز ، شۇڭا ، ئاشقازىنىڭىزنىڭ زەردابى ئۆرلەپ، ئەتىگەن يىگەن تاماقنى پاتۇرماي ، ئۇرۇشۇپ قالدى .....  يەنە ئۇ يەر بۇ يەرنىمۇ دەپ بىرەمدىم ، يا ئۆزلەنىڭ قۇلىقىغىلا پىچىرلاپ قويايمۇ .  ئەڭ ياخشىسى قۇلىقىڭىزغىلا دەي ، بولمىسا ، مۇنبەردىكىلەر سىزنى كىسەل كۆرپىسىكەن دەپ قالمىسۇن يەنە ....

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم

كۆيۈمچان ئەزا

كىشى كىشىگە مۇھت

UID
4533
يازما
89
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
2909
تىزىملاتقان
2010-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-19
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 22:51:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 6قەۋەتتىكىtiwip يوللىغان 2011-02-20 22:31 غا قارتىلغان  :


تۇمۇر تۇتۇش دەپ قاپسىز  ،  قىنى قاراڭ ھە ، مۇنبەر يۇزىدىلا  تۇتۇپ بىرەي :
  قان بىسىمىڭىز 180 ئات كۇچىگە چىقىپ، يۇرىكىڭىزنىڭ سول تەرەپ، بىرىنچى ۋىنتىسىنى بوشىتىۋىتەي دەپ قاپتۇ .
تۇنۇگۇن بىغەرەزلىلك قىلىپ، كولادىن سەل كۆپ ئىچىۋاپسىز ، شۇڭا ، ئاشقازىنىڭىزنىڭ زەردابى ئۆرلەپ، ئەتىگەن يىگەن تاماقنى پاتۇرماي ، ئۇرۇشۇپ قالدى .....  يەنە ئۇ يەر بۇ يەرنىمۇ دەپ بىرەمدىم ، يا ئۆزلەنىڭ قۇلىقىغىلا پىچىرلاپ قويايمۇ .  ئەڭ ياخشىسى قۇلىقىڭىزغىلا دەي ، بولمىسا ، مۇنبەردىكىلەر سىزنى كىسەل كۆرپىسىكەن دەپ قالمىسۇن يەنە ....
تېۋىپ دىگەنغۇ ساق ئادەمنىمۇ كىسەل چىقىرىپ،بولسا دورىلىرىمنى سېتىۋىلىپ پۇل قىلىۋاسام دەيدىغان خەق...[s:2]

جەسسۇردىن سالام!

UID
1264
يازما
408
تېما
64
نادىر
0
جۇغلانما
12615
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 23:02:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-قىسمى بارغۇ دەيمەن ، شۇڭا خاتىرجەم باشقا تېمىلارنى كۆرۈۋاتىمەن ~

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
474
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15689
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 23:04:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 7قەۋەتتىكىjassur2 يوللىغان 2011-02-20 22:51 غا قارتىلغان  :

تېۋىپ دىگەنغۇ ساق ئادەمنىمۇ كىسەل چىقىرىپ،بولسا دورىلىرىمنى سېتىۋىلىپ پۇل قىلىۋاسام دەيدىغان خەق...[s:2]

  مەن ئۇنداق ساتارمەن تىۋىپ ئەمەس ،    ئاغرىق -سىلاقتىن خۇدا ساقلىسۇن . ئەگەر مىزاجلىرى بۇزۇلۇپ قالسا ، مىنى ئىزدىسىلە،
ئوبدان مەسلىھەت بىرىمەن .

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش