- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 26
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 898
- تىزىملاتقان
- 2010-11-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-9
- UID
- 7445
- يازما
- 26
- تېما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 898
- تىزىملاتقان
- 2010-11-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-9
- توردا
- 6 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرئەھلى، مەن ئالدىنقى ئاينىڭ بېشىدا تاۋباۋدىن بىر دانە NOKIA C5-03 يانفون سېتىۋالغانىدىم. مالنى پۇل تاپشۇرۇپ ئالتىنچى كۈنى قولۇمغا ئالدىم. ئۈچ كۈندىن كېيىن يانفون تۇرۇپ- تۇرۇپ قايتا قوزغىلىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلسام، ئۇلار مالنى ئەۋەتىپ بېرىشىمنى،كۆرۈپ بېقىپ، راستىنلا مەسىلە بولسا ئالماشتۇرۇپ ياكى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى كۈندىن كېيىن مەن ناھىيىلىك پوچتىخانىدىن مالنى قايتۇرۇۋەتتىم. ئەپسۇس، پوچتىخانا خادىمى EMS تىن ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىچكىرىگە يوللىغىلى بولمايدۇدېگەنلىكى ئۈچۈن، 快递包裹 دىن سالغان ئىدىم(1- ئاينىڭ 18- كۈنى). يانفون 2- ئاينىڭ 1- كۈنى شېنجېن شەھەرلىك پوچتايوللانمىسىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىگە باردى، لېكىن، تا ھازىرغىچە ساتقۇچىنىڭ قولىغا تەگمىدى. مەن ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلاشسام، ئۇلار بۇ بىزنىڭ سەۋەنلىكىمىزئەمەس، پوچتىخانا خادىملىرى مالنى قولىمىزغا ئەكەپ بەرمىدى دەيدۇ. شۇ يەردىكىپوچتىخانا بىلەن ئالاقىلاشسام، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل پوچتا يوللانمىسىنى ئادەتتە مال تاپشۇرۇۋالغۇچى ئۆزى كېلىپ ئىمزا قويۇپ ئېلىپ كېتىدىكەن، پوچتىخاناخادىملىرى ئاپىرىپ بەرمەيدىكەن! بۇ گەپنى ساتقۇچى تەرەپكە قايتا- قايتا ئېيتساممۇئۇلار «ئەتە، ئەتە» دەپ ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇۋاتىدۇ.
توردىن مالسېتىۋېلىشتا تەجرىبىلىكلەر ياردەم قىلىپ يول كۆرسەتسەڭلار. |
|